Ìәһáóñ مەھبۇس  

Áó êèòàïíè êîíà óéғóð éåçèқèғà àéëàíäóðóï èøëәï ÷èққàí Һәìðàҗàí - Àìðàқ

بۇ رومانىمنى ئۈچ ئوغۇل، ئالتە قىزنى بېقىپ- ئۆستۈرۈپ قاتارغا قوشقان پېشقەدەم مائارىپچى، مەرھۇم ئاتام مۆھىدىن ئەپەندى سەيدۇللا ئوغلى، مەرھۇم ئانام رۇقىيەم يولداش قىزىنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلايمەن.

مۇەللىپتىن.

تالانتلىق يازغۇچى ئالمىژان باۋدىنوۋنىڭ «مەھبۇس» سەياسىي رومانىدا بۈگۈنكى ژىددىي ھايات ھەقىقەتلىرى قويۇق، كەسكىن ۋاقىەلەر قاينىمىدا ئەكس ئېتىلىدۇ.

مۇەللىپ قەيسەر ئوبرازى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى، سەرسان- سەرگەندانلىقتىكى ئېغىر قىسمەت- كەچۈرمىشلىرى، يۈز بېرىۋاتقان پاژىەلىك ھايات- مامات، ئېغىر تۇرمۇشى، تۈگىمەس- پۈتمەس غەم- تەشۋىشلىرى بەدىىي ۋاسىتىلەر بىلەن تەسۋىرلەڭەن.

ئىرادىلىك قەيسەرنىڭ ھەرىكەت- پائالىيەتلىرى ئۇنىڭ ئازادلىققا، ئەركىنلىككە ئىنتىلىشى، ئارزۇ- مەخسەتلىرى روشەن ئىپادىلەڭەن.

ئالىمژان باۋدىنوۋ

مەھبۇس

/ رومان /

50

ئالمۇتا 2008

1 قىسىم

ئۈچىنچى باغلاقتا

ئۆيدىن ھويلىغا چىقىشىمغىلا، گۈرلا قىلىپ ئىشىك ئالدىغا ماشىنا كېلىپ توختىدى. ھەيەل قىلماي، ئەسكى دەرۋازىنىڭ ئانچە چوڭ بولمىغان قاپقىغى شانىرىدىن ئاژىراپ كەتكۈدەك دەرىژىدە شىددەت بىلەن غارسىلداپ ئېچىلدىدە، قوراللىق ئۈچ ساقچى ھويلىغا باستۇرۇپ كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىككىسى خىتاي، بىرسى ئۇيغۇر ئىدى. ساقچىلار ئەتراپقا ئالاق- ژۇلۇق قاراشتى. ئاندىن مېنىڭ ئالدىمغا ھۆرپۈيۈپ كېلىشتىدە، غەزەپكە تولغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى.

مەن نېمە ۋاقىە بولغانلىقىنى بىلەلمەي، تاڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.

- قەيسەر ئابلىمىت دېگەن سەنغۇ؟- قوپاللىق بىلەن ئۈن قاتتى ئۇيغۇر ساقچى.

- ھە، مەن. نېمە بولدى؟- دېدىم ئۆزۈمنى قولغا ئېلىپ، مەغرۇرلۇق بىلەن.

- مانا، سېنى قولغا ئېلىش بۇيرۇغى!- دېدى، ئۇ ئاستىغا قىزىل تامغا بېسىلغان بىر پارچە خىتايچە يېزىلغان قەغەزنى كۆزىمگە تىققىدەك قىلىپ دېۋەيلەپ ئالدىمغا كەلدى.

- مەن نېمە ژىنايەت قىپتىمەن؟- دېدىم ئاۋازىمنى بەلەنت چىقىرىپ.

- نېمە ژىنايەت قىپتىمەن، دەيسانا تېخى؟!- دەپ ۋارقىراپ سۆزلىدى ئۇ مۇغامبىرلىك بىلەن. ئاندىن يېنىدىكى ئۆزىدىن بىر ئىككى دەرىژە ئۈستۈن خىتاي ساقچىغا قاراپ قويدى-دە، - سەن فېۋرال ۋاقىەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مىللىي بۆلگۈنچى، ئەشەددىي ئۇنسۇرلارنىڭ قۇيرۇغىسەن؟!. .

- ماڭا مۇنداق تۆھمەت چاپلىما، مېنى مۇنداق ھاقارەت قىلما؟!- غەزىۋىم بىردىن قايناپ كەتتى. ئەۋۇ ئىككىسى چۈشەنسۇن، بىلسۇن دەپ خىتايچە سۆزلەشكە ئۆتتۈم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ساقچىمۇ خىتايچە سۆزلەشكە باشلىدى.

- بىزدە يېتەرلىك فاكت بار. مانا بۈگۈن سەن نەق مەيداندا قولغا چۈشتۈڭ؟! ئەمدى ھېچ ياققا قېچىپ قۇتۇلالمايسەن؟!

- نېمە قىلغان نەق مەيدان؟ مەن ئۇنسۇر ئەمەس.

- سەن ھازىر چەت ئەل رادىوسىنى ئاڭلىدىڭ!

- مەن رادىئو ئاڭلىسام، چەت ئەل رادىوسىنى ئەمەس، مەركىزىي رادىئو ستانسىياسىنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلىدىم. ئىشەنمىسەڭ رادىوپرېمنىكنى تەكشۈرۈپ كۆر؟

- ئالدىرىما، ئۇنىمۇ تەكشۈرىمىز، سېنىمۇ ژىپ- ژىڭنىسىغىچە تەكشۈرىمىز!

- سىلەر تەكشۈرىمەيدىغان ھېچ نەرسە قالمىدىغۇ؟- دېدىم غەزىۋىم قايناپ.

- تولا كۆكەملىك قىلما!...

بۇ ۋاراڭ- چۇرۇڭنى ئاڭلاپ، كالچىنىڭ سوڭىنى دەسسىگىنىچە ئىچكىرى ئۆيدىن پايپاسلاپ چىقىپ كەلگەن ئانام ھويلىدىكى قوراللىق ساقچىلارنى كۆرۈشى بىلەن «ۋايژان، بۇ نېمە ئىش؟!»دېگىنىچە ماڭا يېپىشتى.

- ئانا، قورىقماڭ، قورىقماڭ. بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق ئىش بولۇۋاتقان ئوخشايدۇ؟- دەپ ئانامنى خاتىرژەم قىلىشقا تىرىشتىم.

- ۋاي، ژېنىم بالام، سەن يالغۇزۇمدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغان ئوخشىمامدىم ئەمدى؟!- ئانام زارلىنىشقا باشلىدى.

ئانامنىڭ «سەن يالغۇزۇمدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئوخشىمامدىم ئەمدى؟»دەپ مېنى باغرىغا مەككەم بېسىۋېلىپ زارلىنىشى بىكار ئەمەس ئىدى. شۇ كۈنلەردە غۇلژا شەھىرىدە، ئىلى ۋىلايىتىدە «ئەشەددىي ئۇنسۇر، مىللىي بۆلگۈنچى، دىنىي ئەسەبىي»دېگەڭە ئوخشاش بەتنام يالا- تۆھمەتلەر بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى كېچە- كۈندۈزلەپ قولغا ئېلىش ئىشلىرى ئادەتتىكى نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. «سېنىڭ بالاڭ فېۋرال ۋاقىەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ بىرسى!... سېنىڭ بالاڭ فېۋرال ۋاقىەسىگە قاتناشقان، ژەمىيەتتە قالايمىقانچىلىق چىقارغان بۇزۇق ئۇنسۇر!»دېگەڭە ئوخشاش ئەيىبلەر بىلەن ساقچىلار ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ، «گۇمانلىق»دەپ تېپىلغان ياشلارنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ، تۈرمىلەرگە ئېلىپ كېتەتتى. بالىلىرىنىڭ، يېڭىدىن توي قىلىشقان ئەرلىرىنىڭ بۇ خىل ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالغان ياكى ئارىلاشمىغانلىغىنى، گۇناھكار ياكى گۇناھسىز، بىرەر ژىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى ئۆتكۈزمىگەنلىگىنى، ئۇلارنىڭ قايسى تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىغىنى، ئۆلۈك ياكى تىرىك ئېكەنلىگىنى بىلەلمەي زار قاقشاپ ژۈرگەن ئاتا- ئانىلارنىڭ، ياش ژۇگانلارنىڭ ئاھۇ- زارىنىڭ چېكى يوق ئىدى. ساقچى ماشىنىسى ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىسا، چوڭ- كىچىك ھەممىسى تەشۋىشلىنەتتى ۋە ژۈرىگى سۇ بولاتتى.

- ھاي ساقچى، مېنىڭ بالام فېۋرال ۋاقەسىگە قاتناشقىنى يوق!ئۇ چاغدا بىز غۇلژىدا يوق ئېدۇق. ئانام ئۆلۈپ، بالام ئىككىمىز خوتەڭە كەتكەن ئېدۇق. مېنىڭ بالامدا ھېچ قانداق گۇناھ يوق؟!. . - ئانامنىڭ قاقشاپ زارلىنىشلىرىغا، يالۋۇرۇپ- يېلىنىشلىرىغا قۇلاق سېلىۋاتقان ساقچىلار يوق ئىدى.

ئۇيغۇر ساقچى خىتاي باشلىغىنىڭ ئىشارىتى بىلەن يەنە بىر ساقچىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئىككى قولۇمنى ئارقىغا قايرىدىدە، كويزا سالدى.

- ھاي، ژېنىم بالام، سەن ئۇيغۇر ئېكەنسەنغۇ، مۇسۇلمان ئېكەنسەنغۇ، ئەۋۇلىرىڭغا ئېيتساڭچۇ، مېنىڭ بالام گۇناسىز، قويۇۋەتسۇن؟... سېنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش ئاق باش ئاناڭ باردۇ؟ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن. مېنىڭ بۇ يالغۇزۇمدىن باشقا ھېچ كىمىم يوق!بالامنى تۈرمىگە ئېلىپ كەتسەڭلار ماڭا كىم قارايدۇ؟- ئانام بېچارە ئۇيغۇر ساقچىنىڭ قولىغا ئېسىلىۋېلىپ توختىماي يالۋۇرۇشقا باشلىدى. ساقچى بولسا «تۇتمىسىلا مېنى، تۇتمىسىلا. نېرى تۇرسىلا؟»دەپ، ئۆزىنى ئانامدىن قاچۇرۇشقا ھەرىكەت قىلاتتى.

كۆزۈم خىتاي ساقچىغا چۈشۈپ قالدى. قولىنى ئارقىسىغا قىلىۋالغان ئۇ مەغرۇر قىياپەتتە قىزىق بىر ئويۇننى كۆرۈۋاتقان تاماشىبىندەك مېيىغىدا كۈلۈپ تۇراتتى.

- ئانا، يالۋۇرماڭ ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ؟!- دېدىم ئانامغا ئىچىم ئاغرىپ.

ئۇيغۇر ساقچى ماڭا ئالىيىپ بىر قارىدىيۇ، بىراق ئېغىز ئاچقىنى يوق.

شۇ ئارىدا ئىشىك ئالدىغا قولۇم- قوشنىلار توپلىنىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ ھويلا ئىچىگە، بىزگە قارىشاتتى.

بىر چاغدا ساقچى باشلىقى قوپاللىق بىلەن «زو!- /ماڭ!/»دەپ ۋاقىردى.

ساقچىلار كەينىگە قايرىپ كويزا سېلىنغان ئىككى قولۇمنىڭ بىلىكىدىن قاتتىق تۇتتى-دە، «زو، زو!»دېيىشتى. ماڭا ئۇلارنىڭ بۇيرۇغىغا ئىتائەت قىلىشتىن باشقا ئامال قالمىغان ئىدى.

- قورىقماڭ، ئانا، ژىغىلماڭ. مەن قايتىپ كېلىمەن، مېنىڭدە ھېچ قانداق مەسىلە يوق!- دېدىم ئىشەشلىك تۈردە، مېنى تۈرمىگە ئالغىدەك ژىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىگىمدىن.

- ۋاي بالام، قانداق قىلارمەن، قانداق قىلارمەن؟!- ئانام ئىككى يامپىشىغا ئۇرۇپ زارلانغىنىچە، بىزنى ئەگىشىپ كوچىغا چىقتى.

- ئانا، بولدى ژىغىلماڭ؟ مېنىڭدە ھېچ قانداق مەسىلە يوق. بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق ئىش. مەن قايتىپ كېلىمەن!- دەتتىم ئانامنى خاتىرژەم قىلىشقا تىرىشىپ.

مېنى دۈشكەللەپ، بىقىنلىرىمغا ئۇرۇپ- نوقۇپ ھويلىدىن ئېلىپ چىققان ئىككى ساقچىنىڭ بىرسى ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى-دە، ئاندىن ھەر ئىككىلىسى بىردىنلا گەژگەمدىن تۇتۇپ، ئىچكىرىگە ئىتتەردى. ماشىنىدىن چۈشمەي ئولتارغان ساقچى ماتورنى ئوت ئالدۇردى. ماشىنا ئىشىكلىرى كەينى- كەينىدىن ژاق- ژۇق قىلىپ يېپىلدى.

ئانامغا قارىدىم. ئانام قوللىرىنى ئاسمانغا پۇلاڭلىتىپ، بىر نەرسىلەرنى دەپ، نالە قىلىۋاتاتتى. ئىككى بىلىكىدىن تۇتۇۋالغان قوشنا ئاياللار بولمىغىنىدا، شۇندا ئانام ئۆزىنى ماشىنىنىڭ ئاستىغا ئېتىشى تۇرغان گەپ ئىدى.

ساقچى ماشىنىسى ئورنىدىن قوزغىلىشىغا، ئانامنىڭ باياتىن ئاسمانغا كۆتۈرگەن قوللىرى تىترەپ لاسسىدە تۆۋەڭە چۈشتى... يېنىدىكى ئاياللار تۇتۇپ تۇرمىغان بولسا، ئانام شۇ يەرگىلا ژىقىلغان بولار ئىدى...

بۇ دۇنىيادا ئانىنىڭ ژۈرىگىدەك سەزگۈر نەرسە بولمىسا كېرەك؟ بېچارە ئانامنىڭ مەسۇم ژۈرىگى شۇ تاپتا ھەممىنى... سەزگەن ئېكەندە! يالغۇز مېنىڭلا ئانامنىڭ ئەمەس، شۇ كۈنلەردە ھەممىلا ئانىلارنىڭ ژۈرىگى تولىمۇ سەزگۈر بولۇپ كېتىشكەن ئىدى.

ساقچى ماشىنىسى كېلىپ، ساقچىلار قولىڭنى كەينىگە قايرىپ كويزا سېلىپ ئېلىپ كەتتىمۇ، بولدى، دېمەك سەن مەھبۇس! مەھبۇس بولغاندىمۇ «سىياسىي مەھبۇس»دېگەن قالپاق بېشىڭغا كىيىلىپ قېلىشىدىن ئاللانىڭ ئۆزى ساقلىسۇن؟! بۇ قالپاق بېشىڭغا كىيىلدىمۇ، دېمەك سەن بۇ دۇنىيادا بار ياكى يوق! بار دېگىنىم، ئۇزاق مۇددەتلىك ياكى مۇددەتسىز تۈرمە ژازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىسەن! يوق دېگىنىم، بىر پاي ئوقتا ئۇ دۇنىيالىق باقىيلىق بولىسەن!...

سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچىدىكى «گۇناسىغا ئىخرار كەلمىگەن ئەشەددىي ژاھىل، تەتۈرلىرى ئاتالساڭ»، بولدى، ئاناڭدىن تۇغۇلغىنىڭغا ۋاي دات دېگۈزىدىغان قىيناپ- ئازابلاشلاردىن، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان تۈگىمەس سوال- سوراقلاردىن كېيىن، تۈرمە ئازابىدىن ئازاد بولغىنىڭ بىلەن، بۇ يورۇق دۇنىيادا بار- يوقنىڭ ئارىسىدىكى ئادەم بولۇپ قالىسەن!... بۇ دۇنىيادا بار بولغىنىڭ، يەيسەن، ئىچىسەن، ماڭىسەن، تۇرىسەن، ياتىسەن. لېكىن، ئويلاش، پىكىر قىلىش، ئىنكاس قايتۇرۇش، تەپەككۇر قىلىش، ھاياتقا نېمە ئۈچۈن كەلدىڭ، نېمە ئۈچۈن ياشايسەن، بۇلارنىڭ بەرسىمۇ كاللاڭدا يوق. تۇرغان تۇرۇشىڭلا ئادەم. ئەقىل- پاراسەتتىن ئايرىلغان، مەھرۇم بولغان مەخلۇق سەن، بەەينى تاش ھەيكەلسەن! سېنىڭدىن ھېچ كىمگە زىيانمۇ كەلمەيدۇ، پايدىمۇ كەلمەيدۇ. سېنى مىڭ بىر ماشاقەتلەر، ئارزۇ- ئارمانلار بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا- ئاناڭغا سەن مىسقال پايدا ئەمەس، بەلكى سەرلەپ زىيان ئېلىپ كېلىسەن!... ساڭا قارىغاندا، ئېغىلدىكى كالا، ئېشەكتىن پايدا كۆپرەك كېلىدۇ. كالا سۈت بېرىدۇ. ئېشەك ھارۋۇ سۆرەيدۇ. ئۈستىگە مىنىۋالساڭ، دېگەن يېرىڭگە ئاپىرىدۇ. لېكىن سەن ھېچ نەرسە قىلالمايسەن، ھېچ نەرسىگە يارىمايسەن!... ئۆيگە كىرىسەن، تەييار ئاش- تاماقنى يەيسەن، ئىچىسەن. تالاغا چىقىسەن، ئاپتاپقا قاخلىنىپ، ئەسكى تامنى يۆلەپ كۈن بويى ئولتىرىسەن؟!. .

بۇ دۇنىيادا يوق بولغىنىڭ، سەن تېخى بەرگىدىن ئۈزۈلمىگەن، پىشىپ، گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان سېرىق قوغۇن. لېكىن، بۇ چىرايلىق قوغۇن ئىچىدىن سېسىپ، ئاداپ كەتكەن. ئۇنىڭغا قول تەگدىمۇ، تامام، شاقلا يېرىلىدىدە، ئاداپ بولۇپ كەتكەن سۇيۇقلۇق ئۈستى- بېشىڭغا چېچىرايدۇ. ئەتراپنى بىقسىغان سېسىق پۇراق ئېگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوغۇننى ئادەم ئەمەس، شاپىغىنى كالا، ئېشەكمۇ يېمەيدۇ. دېمەك، سېنىڭ سىرتىڭ پۈتۈن، بېژىرىم بولغىنى بىلەن ئىچى- قارىنىڭ ئاشۇ قوغۇندەك سېسىپ، چىرىپ تامام بولغان... بىر كۈنى تارسلا قىلىپ بەرگىڭ ئۈزۈلىدىدە، ئۇ دۇنياغا كېتىسەن، كۆز ژۇمۇسەن! ئاتا- ئاناڭ، قومى- قېرىنداشلىرىڭ زار قاقشاپ قالىدۇ. «ئاللانىڭ تەقدىرى... بۇ دۇنىيادىكى كۆرىدىغان كۈنى، يەيدىغان رىزقى تۈگىگەن ئېكەن، قانداق قىلىمىز، ئۆلۈمگە نە چارە! ياتقان يېرى ژەننەتتە بولغاي! قالغانلار ئامان بولسۇن. سەۋر قىلىڭلار؟!» ژىنازا نامىزىغا كەلگەنلەر شۇنداق دېيىشىپ تەساللا بېرىشىدۇ. ئاللھاتاالا ساڭا بۇنچىلىك قىسقا ئۆمۈر بەرمىگەنلىكىنى، ئاللاھ بەرگەن تولۇق رىسقا- نەسىبەڭ تۈرمە- زىندانلاردا قىسقارتىلىۋەتكەنلىگىنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ. بىلگەنلىرى ئوچۇق ئېيتىشتىن بەك قورقىشىدۇ. ئاشۇنداق قارا كۈنلەرنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشىشىدىن بەك ئەنسىرىشىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ بۇ دۇنىيادىن نېمە ئۈچۈن مۇنچىلىك تېزلىك بىلەن كەتكەنلىكىڭ پەقەت ئۆزۈڭگىلا مەلۇم. ھەتتا بەزى ئاتا- ئانىلار بەقۇۋەت، ساغلام، ھېچ قاچاندا كېسەل بولۇپ كۆرمىگەن، ئون گۈلىنىڭ بىرسى ئېچىلمىغان پالۋان قامەتلىك، ئىرادىلىك، ژاسارەتلىك ئوغۇللىرىنىڭ تۈرمىدىن چىقىپلا ئاز ئۆتمەي ، ئۇ دۇنىيالىق بولۇپ كېتىشلىرىنى «ئاللاھ ئۆزى بەردى، ئۆزى ئالدى»دېيىش بىلەن ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى سەۋىرلىك، تەسەللە بېرىشىپ، ھەممە ئىشنى ئاللانىڭ يازمىشى، تەقدىر دەپ ژۈرۈشىدۇ، خالاس!

ئانام مانا مۇشۇ ئىشلارنى ياخشى بىلگەنلىكتىن ھەم مۇنداق ۋاقىەلەرنى كۆرۈپ، ئاڭلاپ ژۈرگەنلىكتىن بولسا كېرەك، مەن يالغۇزىنى مەڭگۈگە يوقىتىۋاتقانلىغىدىن ئۆزىنى قويار ژاي تاپالماي ئاھ ئۇرۇپ، چاچلىرىنى ژۇلۇپ، قاداق قوللىرىنى يامپاشلىرىغا ئۇرۇپ، زار- زار قاقشاپ قالغان ئىدى.

مېنى غۇلژا شەھەرلىك ساقچى بۆلۈمىگە ئېلىپ كەلدى. سىياسىي مەھبۇسلارنى سوراق قىلىدىغان يەر ئاستى ئۆيىگە ئەكىردى. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان يالغۇز ئورۇندۇققا ئولتارغۇزدى. ئىككى پۇتۇمغا ئېغىر كىشەن سالدى. ئىككى قولۇم تېخىچىلا ئارقىغا باغلاقلىق ئىدى. سوراقخانىدا مېنى كۈزۈتىپ تۇرغان ئىككى خىتاي ساقچى ئۇ يان- بۇ يان ماڭغاچ، خۇددى مەن ئۇلارنىڭ ئانىسى بىلەن ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەندەك، ماڭا نەپرەت، ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ قوياتتى. ئۇلارنىڭ بىرسى قولىدىكى رېزىنكە كالتەكنى پېقىرىتىپ ئوينىغاچ، تۇرۇپ- تۇرۇپلا ئالىقىنىغا يېنىك ئۇرۇپ قوياتتى. مەن ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىدىن «كۆردۈڭمۇ، مانا بۇ كالتەك مەن دېگەن ئوغۇل بالاڭنى قۇچقاچتەك ۋىچىرلىتىۋېتىدۇ!»دېگەندەك سۆزلەرنى ئۇققاندەك بولدۇم.

بىر چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ، ئۈچ ساقچى كىرىپ كېلىشتى. ژۇقۇرىدىكى ئورۇندۇقلارغا بېرىپ ئولتىرىشتى. قوللىرىدىكى پاپكا، قەغەزلىرىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويدى. «سوراق قىلىدىغانلىرى مۇشۇلار ئېكەندە؟»دەپ ئويلىدىم. ئۇ ئۈچىنىڭ ئىككىسى خىتاي، بىرسى ئۇيغۇر ئىدى. ھەر ئۈچىلىسىنىڭ چىرايلىرىدىن قار- مۇز يېغىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئەلپازىدىن ئادەم بالىسىغا نىسبەتەن رەھىم- شەپقەت ئالامەتلىرىنى بايقاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. «توۋا، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ماڭا نېمىگە بۇنچە ژىرىتقۇچ ھايۋانلاردەك ھۆرپىيىدۇ، خىرىس قىلىشىدۇ؟ مەن نېمە گۇناھ ئۆتكۈزگەندىمەن؟ قانداق ژىنايەت سادىر قىلغاندىمەن، ھە؟ ياق، ھېچ قانداق مەسىلە چىقارغىنىم يوق. مېنى ئۇقۇشماسلىق بىلەن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن؟»دېگەن بالىلارچە ئوي- خىياللارغا بېرىلدىم.

سوراق باشلاندى.

سوراقچىلارنىڭ سوئاللىرىغا ژاۋابەن مەن ئۆزۈمنىڭ غۇلژا شەھىرىدە تۇغۇلغانلىقىمنى، ئاتام بۇنىڭدىن ئىككى- ئۈچ ژىل ئىلگىرى يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغانلىقىنى، ھازىر ئاتمىشتىن ئاشقان ئانام بىلەن تۇرىدىغانلىغىمنى، ئوتتۇرا مەلۇماتلىق ئېكەنلىگىمنى، بازاردا ئۇششاق- چۈشەك نەرسىلەرنى ئېلىپ- سېتىپ، كۈنىمىزنى ئاران- ئاران كۆرۈۋاتقانلىغىمىزنى ئېيتتىم. مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ئۈستەلنىڭ بىر چېتىدە ئولتارغان خىتاي ساقچى يېزىپ ئولتىراتتى.

- بۇ يەرگە نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىڭنى بىلەمسەن؟- قوپاللىق بىلەن سورىدى ئوتتۇرىدا ئولتارغان تېلەتى سۆرۈن خىتاي ساقچى.

- ياق، بىلمەيمەن. مېنىڭدە ھېچ قانداق مەسىلە يوق تۇرسا، مېنى نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگىنىڭلارنىمۇ بىلمەيمەن!- دېدىم.

- مەسىلە يوق دەمسەن؟ ياق، سېنىڭدە مەسىلە كۆپ! ئەڭ ياخشىسى، ئىدېياڭنى ئۆزگەرتتە، مەسىلەڭنى تاپشۇر؟ شۇ چاغدا ساڭا كەچۈرۈم بولىدۇ!

- مېنىڭدە ھېچ قانداق مەسىلە بولمىسا، نېمىنى تاپشۇرىمەن؟- دېدىم.

- مەسىلە يوق دەپ بىزنى ئالدالمايسەن. سەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى بۇزۇشقا قارىتىلغان قۇتراتقۇلۇق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مىللىي بۆلگۈنچى، ئەشەددىي ئۇنسۇرلارنىڭ قۇيرۇغىسەن؟!- خىتاي ساقچى ئالدىدىكى قەغەزلەرنى ۋاراقلىغاچ، قاپىغىنى تۈرگەن ھالدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. - سېنىڭ مىللىي بۆلگۈنچى، ئەشەددىي ئۇنسۇرلارنىڭ قۇيرۇقى ئېكەنلىگىڭنى تەستىقلەيدىغان بىزدە فاكتلار يېتەرلىك. مانا، پولاتتەك بۇ فاكتلاردىن ھېچ ياققا قېچىپ قۇتۇلالمايسەن، ئۇختىڭمۇ؟!- دەپ ئۇ بىر نەچچە ۋاراق قەغەزنى قولىغا ئېلىپ ژۇقۇرى كۆتۈردى.

- ئۇنداق سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىدىغان مېنىڭدە ئالىي بىلىممۇ يوق، سەۋىيىمۇ يوق. سىلەر ئېيتىۋاتقان ئۇنداق بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ بىرسىنىمۇ تونۇمايمەن، بىلمەيمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆھمەت!- دېدىم قەتüئىيلىك بىلەن.

- ياق، سەن ئالىي مەكتەپ تۈتەرمىگىنىڭ بىلەن سېنىڭدە ئالىي مەكتەپ پۈتۈرگەنلەردىن كەم ئەمەس ئىقتىدار، بىلىم، ئاڭ- سەۋىيە بار. بىز بۇنى ياخشى بىلىمىز. سەۋەۋى، سەن ئاتاقلىق ئابلىمىت ئەپەندىمنىڭ ئوغۇلى بولغانلىقىڭدىن، ئاتىنىڭ ياخشى تەربىيىسىنى ئالغان ژىگەرلىك ژىگىتسەن، - سىلىقلىق بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى خىتاي ساقچى. - ساڭا ئوخشاش ژىگىتلەر ژەمىيەتكە كېرەك. ژەمىيەتنىڭ ئامانلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ساڭا ئوخشاش ژىگىتلەر بىلەن مۇستەھكەم!

- ھەي ئۇكام، ئاڭلىدىڭغۇ بۇ يولداشنىڭ ئېيتىۋاتقان سەمىمىي سۆزلىرىنى، - دەپ سۆزگە ئارىلاشتى ئۇيغۇر ساقچى ئۇيغۇرچە گەپ قىلىپ. - سېنىڭ بىلەن مەن بىر ئۇيغۇر، بىر قان. سېنىڭ ياش ھاياتىڭنىڭ نابۇت بولۇپ كېتىشىنى مەنمۇ خالىمايمەن. مېنىڭ سۆزۈمگە كىرسەڭ، ئەڭ ياخشىسى، ھەممىنى ئۆزۈڭنىڭ ئوچۇق ئېيتىپ بەرگىنىڭ ياخشى؟شۇ چاغدا ساڭا كەچۈرۈم بولىدۇ. ئەكسى ھالدا تەتۈرلۈك، ژاھىللىق قىلساڭ ئۆزۈڭگە ياخشى بولمايدۇ!

- مەن زادى نېمىنى ئېيتىشىم كېرەك؟ مەن سىلەرنى چۈشەنمەيۋاتىمەن؟ سىلەر مېنى باشقا بىرسى بىلەن چاتاشتۈرىۋاتقان بولساڭلار كېرەك؟- ئۇيغۇر ساقچىنىڭ ئۇيغۇرچە ئېيتقان سۆزلىرىگە مونۇ تۆرت خىتاي چۈشەنسۇن دەپ، خىتايچە ژاۋاپ بەردىم.

- سەن بىزنىڭ ئادىل قانۇنىمىزنى چۈشەنمەيدىغان، چۈشىنىشنى خالىمايدىغان تەتۈر، تەرسا ئېكەنسەن، - دەپ سۆزلىدى خىتاي ساقچى بىردىن جىددىي قىياپەتكە كىرىپ. ئۇنىڭ باياقى سىلىق- سىپايىلىغىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇ قاپىغىنى تۈرگەن ھالدا دوق- پوپۇزىغا ئۆتتى. – بىرىنچىدىن، سەن، - دېدى ئالدىدىكى قەغەزلەرنى ۋاراقلىغاچ، - غۇلجىدا مەشرەپ ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرسى بولۇشىڭ بىلەن دۆلەت قانۇنىغا قارشى ھەرىكەتلەرگە باردىڭ. ياشلارنىڭ ئىچىدە تەتۈر تەشۋىقات تارقىتىپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا زىيانكەشلىك پائالىيەتلەرنى ژۈرگۈزدۈڭ؟! ئىككىنچىدىن، غۇلژا فېۋرالü ۋاقىەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر توپ مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ قۇيرىغى بولۇشىڭ بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى بۇزۇشقا ئوخشاش ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندىڭ؟! ئۈچىنچىدىن، سەن دائىم چەت ئەل رادىولىرىنى داۋاملىق تىڭشاپ، چەت ئەل جاھاڭىرلىرىنىڭ ژۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىياسىگە قارشى تەشۋىقاتلىرىنى ئامما ئارىسىدا تەشۋىق قىلىپ، خەلقنى پارتىياگە، ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەردە قۇتراتقۇلۇق ئىشلارنى قىلىۋاتىسەن؟! بىز، سېنى خېلىدىن بېرى كۆزىتىپ ژۈرگەن ئېدۇق. مانا بۈگۈن نەق مەيداندا قولغا چۈشتۈڭ. بۈگۈن ئەتىگەن ئامېرىكا رادىوسىنى تىڭشىغانلىقىڭنى ماشىنا ئىچىگە ئورنىتىلغان مەخسۇس ئاپپاراتۇرىلار، يەنى رادار بىلەن بىلىپ ئولتاردۇق...

«ئابلا، بۇ كاساپەتلەر ئامېرىكا رادىوسىنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ كېلىۋاتقانلىغىمنى بىلىپ ژۈرگەن ئېكەندە؟» دېگەن سۆز چاقماق تېزلىكىدە كاللامدىن ئۆتتى. سىر بەرمەسكە، چاندۇرۇپ قويماسلىققا تىرىشىپ، بېپەرۋا ئولتىرىۋەردىم.

- خوش، پولاتتەك بۇ فاكتلار ئالدىدا نېمە دەيسەن؟ –ئالدىمغا دېۋەيلەپ كەلگەن ئۇيغۇر ساقچى شۇنداق دېدى.

- بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان، تۆھمەت!...

كاچىتىمغا تەككەن قاتتىق شاپىلاقتىن كۆزلىرىمدىن ئوت چىقىپ كەتكەندەك بولدى.

ئارقامدا تۇرغان خىتاي ساقچى رېزىنكە كالتەك بىلەن غولۇمغا، ئىككى تاغىغىمنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەينى- كەينىدىن ئىككى- ئۈچنى ئۇرۇۋەتتى. بېشىم يىڭنە سانژىغاندەك زىڭىلداپ، رېزىنكە كالتەك تەككەن ژاي چىدىغۇسىز دەرىژىدە ئاغرىپ كەتتى. چىشىمنى چىشىمغا باستىم.

- ھە، گۇناھىڭغا ئىخرار بولامسەن، يوق؟!- ژېنىنىڭ بارىچە ۋارقىرىدى ئۇيغۇر ساقچى ئەمدى خىتايچە سۆزلەپ.

- مېنىڭدە ھېچ قانداق گۇناھ يوق! مەشرەپتىن، فېۋرالü ۋاقىەسىدىن ھېچ قانداق ئالاقەم يوق. ئۇ ئىشلارغا ئارىلاشقان ئەمەسمەن. چەت ئەل رادىوسىنى ئاڭلىغىنىم يوق. ھەر كۈنى شىنژاڭ رادىوسىنى، مەركىزىي رادىوستانسىياسىنى ئاڭلايمەن. بۈگۈن ئەتىگەن رادىئو ئاڭلىغىنىم راست. بىراق، چەت ئەل رادىوسىنى ئەمەس، شىنژاڭ رادىوسى خەۋەرلىرىنى ئاڭلىدىم. ئىشەنمىسەڭلار ئۆيدىكى رادىونى بېرىپ تەكشۈرىڭلار؟ مېنىڭ چەت ئەل رادىوسى بىلەن نېمە ئىشىم بار ئىدى؟!- دېدىم. ئەسلىدە مەن چەت ئەل رادىولىرىنى يوشۇرۇن ھالدا ئاڭلاپ كېلىۋاتاتتىم. خەۋەرنى ئاڭلاپ بولۇشىم بىلەنلا رادىئو كاناللىرىنى دەررۇ ئۆزگەرتىپ، شىنژاڭ رادىوسى ياكى مەركىزى رادىئو ستانسىياسى كاناللىرىغا توغرىلاپ قوياتتىم. بۇ ھەقتە ئىشەشلىك سۆزلىگىنىمنىڭ سەۋەۋى شۇ ئىدى.

سوراق شۇ خىلدا ئۇزاق داۋام قىلدى. رېزىنكە كالتەك بىر نەچچە قېتىم غولۇمدا، دۈمبەمدە، بىقىنىمدا ئوينىدى. چىدىدىم، چىدىماي ئامال يوق. ۋاي ژان، دەپ ۋاقىرغىنىم، يېلىنىپ- يالۋۇرغىنىم يوق. بىرلا سۆزدە تۇرۇۋالدىم. «بىلمەيمەن! ئۇ ئىشلارغا ئارىلاشقىنىم يوق. مېنىڭدە ھېچ قانداق مەسىلە يوق. مەن تازا ئادەممەن!».

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار «بەرىبىر ئىخرار بولىسەن، ئىخرار بولماي ئامالىڭ يوق!... بۇ ژاھىل ئۇنسۇرنى بىرىنچى باغلاققا ئېسىپ قويۇڭلار، شۇنىڭدىن كېيىن كۆرىمىز قانداق سايرىغىنىنى؟!»دەپ قەغەز- پاپكىلىرىنى ژىغىشتۇرۇپ چىقىپ كېتىشتى.

باياقى ئىككى ساقچىنىڭ بىرسى «تۇر ئورنۇڭدىن، بۇ ياققا ماڭ؟!»دەپ رېزىنكە كالتەك بىلەن ئىككى تاغىغىمنىڭ ئوتتۇرىسىغا يەنە بىرنى ئۇردى.

ئورنۇمدىن تۇردۇم. پۇتۇمدا ئېغىر كىشەن. ئۇلار كۆرسەتكەن ژايغا باردىم. قولۇمدىكى كويزىنى بوشاتتىدە، قايتىدىن ئارغامچا بىلەن باغلىدى. كەينىگە قايرىلغان ئىككى قولۇمنى بېلىمدىن بىر غېرىچ ژۇقۇرىغا- دۈمبەمگە يەتكۈزۈپ باغلىدى. ئاندىن تورۇستا ساڭگىلاپ تۇرغان سىم ئارغامچىنىڭ ئىلغۇرىغا ئاستى.

تىك تۇرالمايمەن. تىك تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. دوك ئادەمدەك دۈمچۈيۈپ قالدىم. «بىرىنچى باغلاق دېگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك؟»- دەپ ئويلىدىم ئىككى قولۇمنى ئارقامغا قايرىپ، دۈمبەمگىچە يەتكۈزۈپ باغلىغان ژايدىن ئېسىپ قويغانلىقىنى كۆرگىنىمدىن كېيىن... ئىككى قولۇم، غولۇم، تاغىغىمغا شۇنچىلىك قاتتىق ئاغرىق كىردېكىن، زادى چىدىيالماي ئۈنلۈك ۋاقىراۋەتتىم.

- ھەي، سەن چىدىماس ئېكەنسەن! ئوغۇل بالا دېگەن مۇنداق ۋارقىرىمايدۇ!- دېدى ساقچىلارنىڭ بىرسى مېنى مازاق قىلغاندەك ھېژاراپ.

- قولۇم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ؟...

- ھا- ھا- ھا!- دەپ كۈلدى ساقچىلار. «چاشقانغا قىيىن، مۈشۈككە ئويۇن»نىڭ ئۆزى ئىدى بۇ.

- گۇناھىڭنى بوينۇڭغا ئالدە، ھەممىنى ئېيتىپ قۇتۇلمامسەن؟- دېدى ساقچىلاردىن بىرسى ھىيلە- نەيرىڭىنى ئىشلىتىپ.

- مېنىڭدە ھېچ گۇناھ بولمىسا، نېمىنى بوينۇمغا ئالاتتىم؟- دېدىم ئۇنىڭ سۆزىگە ژاۋابەن.

- ھەي، سەن ژاھىل، يامان ئادەم!

- توختا، مەن بۇ ژاھىلنىڭ ئىخرار بولمىغىنىنى كۆرەي!- دېدى ئىككىنچى ساقچى ۋە ئۈستەل ئۈستىدە تۇرغان قېلىن تاشلىق كىتابنى ئېلىپ كەلدى. دۈمبەمگە چاپلاپ دېگۈدەك باغلاقلىق قوللىرىمنى قايرىپ تۇرۇپ ئىككى قولۇمنىڭ ئاستىغا، دۈمبەم بىلەن قوللىرىم ئارىسىغا كىتابنى تىقتى. ئاغرىققا چىدىماي چىرقىراپ كەتتىم... شۇ ياشقا كېلىپ، ئاغرىق دېگەن نەرسىنىڭ بۇ دەرىژىدىكى ئازابىنى كۆرۈپ باقمىغان ئېكەنمەن. ئىككى قولۇمنىڭ دەھشەتلىك ئاغرىشىغا چىدىماي ۋارقىراۋاتىمەن، چېقىراۋاتىمەن. مېنى تىڭشاۋاتقان، ماڭا ئىچى ئاغىرىۋاتقان ئەۋۇ ئىككىسى يوق. ئۇلار دۇنىيادىن بېغەم، پاراڭنى دۆڭ سوقۇپ، قاقاخلاپ كۈلۈپ ئولتىرىشاتتى. بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكى، كۈندىلىك ئىش، ۋەزىپە ئىدى. ئۇلار بۇنىڭدىن راھەتلىنەتتى، ئارام، ھۆزۈر ئالاتتى.

ئارىدىن قانچە ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن. مەن شۇ ئېسىقلىق پېتىچە تۇرىمەن... مانا ئەمدى ئاغىرىقمۇ بىر ئاز پەسەيگەندەك بولدى. قوللىرىم مۇز بولۇپ، ئۇيۇپ قالغاندەك، ھېچ نەرسىنى سەزمەس ئىدى.

بىر سااتتىن ئارتۇق ئېسىقلىق تۇردۇم. «بىرىنچى باغلاق»نىڭ ۋاقتى تولغان بولسا كېرەك، قوللىرىمنى يەشتى. ھەر ئىككى قولۇم بەەينى بىلىكىدىن ئۈزۈلگەندەك، شالاققىدە قىلىپ تۆۋەڭە چۈشۈپ كەتتى... قوللىرىمنى مىدىرتالمايمەن، كۆتۈرەلمەيمەن.

شۇنىڭدىن كېيىن مېنى كىچىككىنە بىر ئۆيگە ئەكىرىپ سولاپ قويدى. ئۆي ئىچىدە ياغاچ كروۋاتتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. پۇتۇمدىكى ئېغىر كىشەننى شاراقلىتىپ مېڭىپ، ئۆزۈمنى قۇرۇق كروۋات ئۈستىگە تاشلىدىم...

شۇنىڭ بىلەن ھاياتىمدىكى دوزاخ كۈنلەر غۇلژا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ يەر ئاستى سوراق ئۆيىدە ئەينە شۇنداق باشلاندى.

ئەتىسى سوراق يەنە داۋام قىلدى.

تۈنۈگۈنكى ئۈچ ساقچى ژۇقۇردىكى ئۈستەلدە قاتار ئولتىرىشتى. سول تەرەپتىكىسى بىر نەرسىلەرنى يېزىپ ئولتىرىدۇ. ئوڭ تەرەپتە ئۇيغۇر ساقچى. ئوتتۇرىدا ئۇلارنىڭ باشلىقى خىتاي ساقچى. يېنىمدا ئۆرە تۇرۇشقان ئىككى ساقچىنىڭ بىرسىنىڭ قولىدا رېزىنكە كالتەك. مېنىڭ پۇتۇمدا كىشەن. ئىككى قولۇمنى ئارقىسىغا قايرىپ، پۇت- قوللىرىم بىلەن ئورۇندۇققا باغلاپ قويۇشقان.

بىرىنچى بولۇپ باشلىق ساقچى قاپىغىنى تۈرگەن ھالدا سۆز باشلىدى.

- بۈگۈن ياخشى ئويلانغانسەن؟

- نېمىنى ئويلىشىم مۇمكىن؟- دېدىم بېشىمنى تىك كۆتۈرۈپ.

- سەن ئويلىنىدىغان كۆپ نەرسىلەر بار. ئەڭ ياخشىسى، گۇناھىڭغا ئىخرار بول، توۋا قىل؟! توۋا قىلساڭ، توۋا قىلغانلارغا بىزنىڭ سىياسىتىمىزدا، قانۇنىمىزدا يېنىكچىلىك، كەڭچىلىكلەر يارىتىلغان. ئەگەر سەن موشۇنداقلا بىر خىل ژاۋاپ، بىر خىل زۇۋاندا بولساڭ گۇناھىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. شۇنى بىل؟!... سەن بىزدىن ئەمدى ھېچ ياققا قېچىپ قۇتۇلالمايسەن! بەرىبىر ئىخرار بولىسەن. ئەڭ ياخشىسى، ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭنى بوينىڭغا ئالدە، گۇناھىڭنى يېنىكلەت؟

- مېنىڭدە ھېچ قانداق گۇناھ يوق تۇرسا، نېمىنى بوينۇمغا ئېلىشىم كېرەك؟- دېدىم.

- ئاناڭنى... ياۋايى!- ئۇ شۇنداق دەپ ۋارقىرىغاچ، ئىككى يېنىمدا تۇرغان ساقچىلارغا ئىشارە قىلدى.

«تارس- تۇرس»قىلىپ، رېزىنكە كالتەك بىلەن بىر نەچچىنى ئۇرۇۋەتتى. ئورۇندۇق- پورۇندۇق بىلەن ئوڭدامغا چۈشتۈم.

- ئاناڭنى... !- ژەھلى چىقىپ، غەزەپ بىلەن ۋارقىرىغان ساقچىنىڭ بىرسى بىقىنىمغا بىر نەچچىنى تېپىۋەتتى. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، ئىچىمدىن بىر نەرسىلەر ئۈزۈلۈپ كەتكەندەك بولدى. رېزىنكە كالتەك تەككەن ژايلار يىڭنە سانژىغاندەك زىڭىلداپ، چىدىغۇسىز ھالدا ئاغرىپ كەتتى. چىشىمنى چىشىمغا بېسىپ، ئەيتەۋۈر چىدىدىم. چىدىماي ئامال يوق ئىدى.

- تۇرغۇزىڭلار؟!- دەپ ۋارقىرىدى مېنى سوراق قىلىۋاتقان ساقچى باشلىقى.

ئۇنىڭ بۇيرۇغى دەررۇ بەژا كەلتۈرىلدى. ئورۇندۇققا پۇت- قوللىرى بىلەن باغلانغان ھالدا ئوڭدىسىغا ياتقان مېنى ئىككى ساقچى ئىنژىقلىغان ھالدا يۆلەپ، ئورۇندۇق بىلەن قايتىدىن ئولتارغۇزدى. شۇندا پۇتلىرىمغا سېلىنغان ئېغىر كىشەنلەر شاراقلاپ، بۇ يەر ئاستى سوراقخانىسىدا ئەكس سادا بەرگەندەك بولدى.

ئۇيغۇر ساقچى ئالدىمغا كەلدى. ئۇ ماڭا ئىچى ئاغىرىۋاتقاندەك، ھېسداشلىق بىلدۈرۈۋاتقاندەك قىلىپ سۆزلىدى.

- ھەي، سەن نېمە دېگەن سۆز چۈشەنمەيدىغان، غەرەز ئۇقمايدىغان بالا، ھە؟! سەن ئويلىما، موشۇنداقلا قۇتۇلۇپ كېتىمەن دەپ! ياق، بەرىبىر بىز سېنى شۇنداق سايرىتىمىزكېن، ئۇ چاغدا ئۆزۈڭگە ياخشى ئەمەس. ئەڭ ياخشىسى، «مەن خاتالىشىپتىمەن. بىر تۈركۈم ئۇنسۇرلارنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، پارتىياگە، ھۆكۈمەتكە قارىشى ھەرىكەتلەرگە ئارىلىشىپ قاپتىمەن. بۇندىن كېيىن ئۇنداق ئىشلارغا ئارىلاشمايمەن»دەپ گۇناھىڭغا ئىخرار بولساڭ، بىزنىڭ سواللىرىمىزغا توغرا ژاۋاپ بەرسەڭ، ساڭا كەچۈرۈم، كەڭچىلىك بولىدۇ! ئەمدى چۈشەڭەنسەن؟

- مەن ھېچ قانداق ھەرىكەتكە ئارىلاشمىسام، ئۆتكۈزمىگەن ژىنايەتكە قانداق ئىخرار بولىمەن؟ سىلەر ماڭا دوق قىلىۋاتىسىلەر. مېنىڭ ئوچۇق گېپىم شۇ، مەن ھېچ نەرسىنى بىلمەيمەن، ھېچ قانداق ئىشلارغا، ھەرىكەتلەرگە ئارىلاشقىنىم يوق!- دېيىشىمگىلا؛

- ۋۇي ئاناڭنى... سۆز ئۇقمايدىغان ئىپلاس!- ئۇيغۇر ساقچىنىڭ تۇيۇقسىز بېشىمغا تەككەن قاتتىق مۇشتۇمىنىڭ زەربىسىدىن گۈپلا قىلىپ ئوڭدامغا يەنە چۈشتۈم. ئۇيغۇر ساقچى بىقىنىمغا كەينى- كەينىدىن بىر نەچچىنى قاتتىق تېپىۋەتتى. ژۇقۇرىدىكى ئۈستەلدە تاماشىبىن مىسالى ئولتارغان باشلىققا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇ تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلىگەن ھالدا مېنىڭ بېچارە، مۈشكۈل ھالىمغا مېيىغىدا كۈلۈپ قاراپ ئولتىراتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن رېزىنكە كالتەك تۇتقان ساقچى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇشقا كىرىشتى. ئۇ ئېغىزغا ئېلىپ بولمايدىغان ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن مېنى تىللىغىنىچە، قولىدىكى رېزىنكە كالتەك بىلەن توغرا كەلگەن يېرىمگە ئۇرۇشقا باشلىدى.

بىر چاغدا ھوشۇمدىن كېتىپ قاپتىمەن...

ھوشسىز قانچە ۋاقىت ياتقىنىمنى بىلمەيمەن. «شارلا»قىلىپ ئۈزۈمگە چېچىلغان مۇزدەك سۇدىن كېيىن، ھوشۇمغا كەلدىم. كۆزىمنى ئېچىپ قارىسام، شۇ باياقى ژايىمدا—پۇت- قوللىرىم ئورۇندۇققا باغلاقلىق ھالدا ئولتىرىپتىمەن.

خىتاي ساقچى ئالدىمغا كېلىپ، ئېڭىشكەن ھالدا كۆزىمگە تىك قاراپ تۇرۇپ غەزەپلەڭەن ھالدا شۇنداق دېدى؛

- سەن، مىللىي بۆلگۈنچى، دىنىي ئەسەبىي، ئەشەددىي ئۇنسۇر خوتەنلىك ئابابەكرى ئابدۇمېژىتنىڭ بۇ يەردىكى قۇيرۇقلىرىنىڭ بېرىسەن! ئۇ ژەمىيەتتە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ، فېۋرالü ۋاقىەسىنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئەشەددىي ئۇنسۇرلارنىڭ بىرسى!. . ئۇ ھازىر تۈرمىدە!... سېنىڭ بىلەن دوست ئېكەنلىگىنى، بىر سەپتە بولغانلىقىنى ئىخرار قىلدى!...

بېشىمدمن بىر قاپاق سۇ قۇيۇلغاندەك بولدى-دە، سەسكىنىپ كەتتىم. دەررۇ تېتىكلەندىم. شۇ زامان ئۆزۈمنى قولغا ئالدىم. سىر بەرمەسكە تىرىشتىم. خىتاي ساقچىنىڭ ماڭا نەيزىدەك قادالغان كۆزلىرىدىن كۆزلىرىمنى ئېلىپ قاچقىنىم يوق. ئۆزۈمنى بېپەرۋا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا تىكلىنىپ قاراپ تۇرۇۋەردىم.

شۇندا كۆز ئالدىمدا تېلەتى سۆرۈن، بەت- بەشەرە خىتاي ساقچى ئەمەس، ئابابەكرى ئابدۇمېژىتنىڭ ئىللىق سېيماسى لاپ قىلىپ پەيدا بولدى-دە، قانچىلىك تېزلىكتە پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېزلىكتە ئۆچتى. ئاق سېرىق كەلگەن، كۆكۈچ كۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن ئوت چاقناپ تۇرغان، ئىككى مەڭزى قىپ- قىزىل، چىرايىنىڭ تېگى- تېگىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان خۇش تەبەسسۇم، ئېگىز بويلۇق، ژىگىرمە- ژىگىرمە ئىككى ياشلاردىكى قىران ژىگىت ئابابەكرى ئابدۇمېژىتنىڭ سېيماسى كۆز ئالدىمغا سۈرەت بولۇپ چۈشۈپ قالغان ئىدى.

«قۇۋ، ھىيلىگەر، ياۋۇز دۈشمەندىن رەھىم- شەپقەت كۈتۈش - ھاماقەتنىڭ ئىشى! دۈشمەڭە باش ئېگىش - نامەرتلىك! دۈشمەڭە يېلىنش- - بېچارىلىك! ساداقەتلىككە، ۋاپادارلىققا خىيانەت قىلىش –مۇناپىقلىق، خاىنلىق، ساتقۇنلۇق! دۈشمەندىن ئۆچ ئېلىش –مەرد- مەردانىلىكنىڭ بەلگۈسى!. . » غايىپتىن كېلىۋاتقان بۇ سۆزلەرنى ئابابەكرى ئابدۇمېژىت ئېيتىۋاتقاندەك ئاڭلاندى ماڭا. ئاشۇ سۆزلەر بىلەن پۈتۈن ۋۇژۇدىمغا قان- تومۇرلىرىم ئارقىلىق مىسلىسىز كۈچ- غەيرەت، ژاسارەت ئېقىپ كىرگەندەك بولۇپ، قەلب- ۋۇژۇدىمدىكى رەقىپلەرگە نىسبەتەن ئۆچمەنلىك، غەزەپ- نەپرەت، قىساسكارلىق ئوتلىرى نەچچە ھەسسە لاۋۇلداپ يانغاندەك بولدى.

قەددىمنى رۇسلاپ، بېشىمنى ئېگىز كۆتۈردۈم. خىتاي ساقچى ئالدىمدا تۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى قۇلىغىمغا كىرگىنى يوق. نېمىلەرنى دەۋەتتى، بىلمەيمەن. ئۇنىڭ ئۈنلىرى پۈتۈپ، كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى.

- مانا ئەمدى ئىخرار بولماي، ئامالىڭ يوق!. . - دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى خىتاي ساقچى چاپاق تولغان كۆز چاناقلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ.

- سىلەر ئېيتىۋاتقان ئابابەكرى ئابدۇمېژىت دېگەننى بىلمەيمەن، تونۇمايمەن، كۆرگەنمۇ ئەمەسمەن! سىلەر مېنى باشقا بىرسى بىلەن چاتاشتۇرىۋاتىسىلەر؟!- دېدىم ساقچىنىڭ كۆزلىرىگە تىك قاراپ.

- ئابابەكرىنىڭ ئۆزى سېنىڭ بىلەن دوست ئېكەنلىگىنى، بىر سەپتە بولغانلىقىنى ئىخرارنامىسىدا كۆرسەتكەن تۇرسا، سەن يەنە ژاھىللىق قىلىپ، پولاتتەك فاكتتىن كۆز ژۇمۇۋاتىسەن؟! ئەخمەق!

- ئابابەرى دېگىنىڭلار خوتەنلىك تۇرسا، مەن غۇلژىلىق تۇرسام، ئۇنى نەدىن تونۇيمەن، نەدىن بىلىمەن؟ قېنى شۇ ئابابەكرى دېگىنىڭلار بىلەن مېنى ئۈزلەشتۈرىڭلار؟ئۇ مېنى تونامدۇ ياكى تونۇمامدۇ، شۇ چاغدا بىلىسىلەر؟ راستىنى ئېيتسام، مەن ئۇنىڭ چىراي- شەكلىنىڭ قانداقلىقىنىمۇ بىلمەيمەن، كۆرگەن ئەمەسمەن!- دېدىم ئىشەشلىك سۆزلەپ.

- كۆپ خۇپسەنلىك قىلما. سەن ھەممە ئىشنى ياخشى بىلىسەن! ئۇنىڭ خوتەندىن غۇلژىغا قاچان كەلگەنلىكىنى، بۇ يەردە نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى، خوتەڭە قاچان كەتكەنلىكىنىمۇ ياخشى بىلىسەن؟!

- ياق، بۇ دېگىنىڭلارنىڭ ھەممىسى تۆھمەت! مەن يەنە قايتىلاپ ئېيتىمەن، ئۇ ئابابەكرى دېگىنىڭلارنى بىلمەيمەن، تونۇمايمەن! مەن ھېچ قانداق سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشقىنىم يوق. سىلەر ئېيتىۋاتقان فېۋرالü ۋاقىەسىگىمۇ قاتناشقىنىم يوق. ئۇ چاغدا مەن خوتەندە ئىدىم.

- خوتەڭە نېمە ئۈچۈن بارغانلىغىڭنىمۇ بىز بىلىمىز؟!

- چوڭ ئانام ئۆلۈپ، ئانامنى ئېلىپ بارغان ئىدىم. - دېدىم.

- خوتەندە قانچە ۋاقىت تۇردۇڭ؟

- ژىگىرمە كۈنچە تۇردۇق.

- شۇ ژىگىرمە كۈننىڭ ئىچىدە ئابابەكرى بىلەن قانچە قېتىم كۆرۈشتىڭ؟- دەپ ۋارقىرىدى ژەھلى چىقىپ.

- ئابابەرى دېگەننى بىلمىسەم، تونۇمىسام، كۆرمىسەم، ئۇنىڭ بىلەن نېمە ئۈچۈن كۆرۈشەتتىم؟ كۆرۈشكىدەك مەن كىم ئۇنىڭ ئۈچۈن؟ مەن بازاردا خوتۇن- قىزلارنىڭ پايپىغى بىلەن ئىشتىنىنى سېتىپ، تاپقان بەش- ئون يۇۋەن بىلەن كېسەلچان ئانامنى ئاران بېقىپ كېلىۋاتقان بىر بېچارىمەن، خالاس!- دېدىم مەنمۇ قوشۇمامنى تۈرۈپ.

- يالغان ئېيتىۋاتىسەن! ئاناڭنى...

رېزىنكە كالتەك «تارس- تۇرس»قىلىپ ئىككى غولۇمدا ئويناشقا باشلىدى... بىلمەيمەن، قاياقتىن كەلگەن چىداملىق ياكى ئىككى كۈندىن بېرى ئۇرۇۋېرىپ، تاياق تەككەن ژايلارنىڭ گۆش- ئۇستىخانلىرى سېزىمىنى يوقاتتىمۇ يە ئۆگىنىپ قالغانمۇ، ھەر ھالدا، بۇ قېتىم ئىلگەركىدەك قاتتىق شېقىراپ، يىڭنە سانژىغاندەك چىدىغۇسىز ئاغرىپ كەتكىنى يوق.

- قېنى ئېيتە، ئابابەرى بىلەن كۆرۈشكەندە، نېمە توغرىسىدا سۆزلەشتىڭلار؟- سوراق قايتىدىن باشلاندى.

- مەن ئېيتىۋاتىمەنغۇ سىلەرگە، ئۇنى تونۇمايمەن، بىلمەيمەن دەپ. سىلەر مېنى باشقا بىرسى بىلەن چاتاشتۈرىۋاتىسىلەر!

- ياق، سەن ھەممىنى بىلىسەن. بىراق، ئېيتقىڭ كەلمەيۋاتىدۇ!

- مەن سىلەرگە ئېيتىۋاتىمەنغۇ، ھېچ قانداق سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشقىنىم يوق. ئۇنداق ئىشلارغا ئارىلىشىدىغان ئادەم ئەمەسمەن. مېنىڭ قېرى ئانامدىن باشقا ھېچ كىمىم يوق. مەن ئاشۇ يالغۇز، كېسەلچان ئانام ئۈچۈنلا ياشاپ ژۈرگەن ئادەممەن.

- قېرى ئانام دەيسەن، - دەپ سوراققا ئارىلاشتى ئۇيغۇر ساقچى. - ئاشۇ قېرى ئاناڭنى نېمىشقا ئويلىمايسەن، ھە؟ سېنىڭدىن ئايرىلسا ، ئاناڭنىڭ كۈنى نېمە بولىدۇ، شۇنى بىلەمسەن؟!

- بىلىمەن. بېچارە ئانام مېنىڭدىن ئايرىلسا كۈنى بەك تەس بولىدۇ. ئانامنىڭ مېنىڭدىن باشقا بۇ دۇنىيادا ژان كۆيەر ھېچ كىمى يوق. - دېدىم ھەق گەپنى ئېيتىپ.

- ھە بەللى، دېمەك، سەن ئاناڭنى ئايىشىڭ، ئاناڭ ئۈچۈن ياشىشىڭ كېرەك. شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ھەممىنى ئوچۇق ئېيتقىندە، گۇناھىڭغا ئىخرار بول، توۋا قىل. توۋا قىلساڭ، ساڭا كەچۈرىم بولىدۇ!...

مەن ياخشى بىلەتتىم. كۆپ ئاڭلىغانمەن. سىياسىي ژىنايەتچى دەپ، قولغا ئېلىندىڭمۇ، بولدى، سەن ئارىلاشمىغان، قىلمىغان، بىلمىگەن، كۆرمىگەن، ھەتتا سەۋىيەرىڭ، ئىقتىدار- قابىلىيىتىڭ يەتمەيدىغان بەزىبىر سىياسىي ھەرىكەتلەر، پاالىيەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئويدۇرمىلار ئۈستىڭدىن توقۇپ چىقىرىلىدىدە، تۈگمىدەك مەسىلە تۆگىدەك يوغىرىپ، كۆپتىرىلىپ، سەن «مىللىي بۆلگۈنچى، دىنىي ئەسەبىي، ئەشەددىي ئۇنسۇر» ئاتىلىسەن. «ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان، ئامما ئارىسىدا قۇتراتقۇلۇق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان» دېگەڭە ئوخشاش سەن ئۇخلىساڭ چۈشىڭگە كىرمەيدىغان مەسىلىلەردىن ژىناىي ئىش قوزغۇلىدىدە، تۈرمە- زىندانلاردىكى قىيناپ- ئازابلاشلارغا چىدىماي، بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاشۇ «گۇناھ، ئەيىب، ژىنايەتلىرىڭدىن» بىرەرسىگە ئىخرارمۇسەن، كۇپايە، ئىشىڭنىڭ تۈگىگىنى شۇ!... شۇڭا مەن، قانچە ئۇرۇپ- قىينىسىمۇ بىرلا سۆزدە- - ماڭا توقۇلغان ئەيىب- گۇناھلارغا، ژىنايەتلەرگە قەتüئىي ئىخرار بولماسقا، ئۇلارنى بوينۇمغا ئالماسقا تىرىشتىم. بۇنىڭسىز ھېچ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. نېمە بولسا شۇ بولسۇن، باشقا كەلگەننى، پېشانىگە يازغاننى كۆرمەي ئىلاژە يوق ئىدى. ئۇنىڭدىن ھېچ ياققا قېچىپمۇ قۇتۇلالمايسەن. قانچە قاچساڭ، ئارقاڭدىن قوغلاپ تۇتىدۇ...

سوراق ئىككى- ئۈچ ساات داۋام قىلدى. بۇ ۋاقىت ئىچىدە مەن قاتتىق تاياقتىن ئىككى- ئۈچ قېتىم ھوشۇمدىن كەتتىم. سۇ چېچىپ ھوشۇمغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، سوراقنى يەنە داۋام قىلاتتى.

بىر چاغدا سوراقچىلارنىڭ باشلىقى خىتاي ساقچى سااتىغا قارىدى-دە؛

- چۈشلۈك تاماق، دەم ئېلىش ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ. سوراقنى چۈشتىن كېيىن داۋاملاشتۇرايلى. بۇ ژاھىل ياۋايىنى ئىككىنچى باغلاققا ئېسىپ قويۇڭلار. شۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭ گۇناھىنى، ئەيىۋىنى بوينىغا ئالمىغىنىنى كۆرەيلى؟!- دەپ ئالچاڭ- ئالچاڭ بېسىپ، چىقىپ كېتىشتى.

پۇت- قوللىرىمنى يېشىپ، ئورۇندۇقتىن بوشاتتى.

- تۇر ئورنۇڭدىن!- دەپ ۋارقىرىدى ساقچىلاردىن بىرسى. ئورنۇمدىن زورغا تۇردىم.

- زو- زو!- /ماڭ/- دەپ رېزىنكە كالتەك بىلەن بىقىنىمغا نوقىدى. ئۇنىڭ ئىشارىتى بىلەن تورۇسقا باغلانغان سىم ئارغامچا ساڭگىلاپ تۇرغان تەرەپكە ماڭدىم. ئاياغلىرىمغا سېلىنغان ئېغىر كىشەنلەر بىر- بىرسىگە ئۇرۇرۇپ، شاراقلىغان ئاۋاز چىقاتتى. «تۈنۈگۈنكىدەك ئاسىدىغان ئوخشايدۇ؟ بۇ ئىككىنچى باغلاق دېگىنى تۈنۈگۈنكىدىن ئېغىر بولسا كېرەك؟ چىداش كېرەك، ئامال يوق! چىدايمەن، چىدايمەن!»- دېدىم ئۆزۈمگە ئۆزۈم غەيرەت بېرىپ.

مېنىڭ پەرەزىم توغرا چىقتى. ئىككى قولۇمنى بىر- بىرسىگە ژۈپلەپ ئارقىغا قايرىپ، تۈنۈگۈنكىدەك باغلىدى. بېلىمدىن ژۇقۇرى دۈمبەمگە چاپلاپ دېگۈدەك باغلىغان ئىككى بىلىكىم بىلەن دۈمبەمنىڭ ئارىسىنى قايرىپ ئاچتى-دە، ئىككى ئارىلىققا بۈگۈن كىتاب ئەمەس، قىزىل خىشنى بەەينى يېرىلمايۋاتقان چىگىش كۆتەكنىڭ ژىرىغىغا پانا قاققاندەك كۈچ بىلەن ئىشتىرىپ كىرگۈزدى... قانچە غەيرەت قىلساممۇ چىدىمىدىم، ئاغرىققا چىدىماي ۋارقىراپ كەتتىم. قانچە چىرقىراپ، ۋاقىرغىنىم بىلەن ئاۋازىم بۇ يەر ئاستى بېتۇنلۇق cئوغاق سوراقخانىدىن سىرتقا ئاڭلانماس ئىدى.

پېقىراپ دۈمبەمگە چىقىپ قالغان ئىككى قولۇمنىڭ ئاغرىغىنىنى سۆز بىلەن ئېيتىپ يەتكۈزەلمەيمەن. بەەينى تۆمۈرچى سەندالنىڭ ئۈستىگە قويۇۋېلىپ، ئىككى قولۇمنى گۆش- ئۇستىخىنى بىلەن بازغاندا سوقۇپ، كۇكۇم تالقان قىلىۋاتقاندەك، قاقشاپ ئاغىراتتى. ھەر قانچە غەيرەتلىك ئادەم بولسىمۇ، بۇ ئازابلارغا چىدىماي ۋارقىراپ، چىرقىراپ كېتىشى تۇرغان گەپ ئىدى.

سۆز بىلەن ئېيتىپ يەتكۈزگۈسىز بۇ ئازابلىق دەقىقىلەر قانچە داۋام قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن. بىر چاغدا قولۇمنىڭ ئاغرىغى سەل پەسەيگەندەك بولدى. ئامما كۆزلىرىمنىڭ يېپىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، باياتىن دەھشەتلىك ئاغرىۋاتقان قوللىرىمنىڭ كۈيۈشۈپ، مۇزغا ئوخشاش قېتىۋاتقانلىغىنى، ئۆزۈمنىڭ بارغانسېرى ھالسىزلىنىۋاتقانلىغىمنى، بېشىم ئېغىرلىشىپ، تۆۋەڭە چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىۋاتىمەن. بىراق، قانچە غەيرەت قىلساممۇ، كۈچ- مادارىم يەتمەتتى. كۆزلىرىمنى زورغا ئېچىپ قارايمەن. مېنى باغلاپ ئاسقان ئىككى خىتاي ساقچىمۇ كۆرۈنمەيدۇ. ئۇلارمۇ چۈشلۈك تاماققا چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ.

«بىرىنچى باغلاق، ئىككىنچى باغلاق»دەپ ئاتلغان بۇ دەھشەتلىك قىيناش ئۇسۇللىرىدىن قانچىلىك قىينىلىپ، ئازابلىنىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈۋاتقان، مېنىڭ ۋارقىراپ- چېقىراشلىرىمنى، زارلىنىشلىرىمنى، ئىڭراشلىرىمنى ئاڭلاۋاتقان ھېچ كىم يوق. مەن يېرىم تىرىك، يېرىم ئۆلۈك ھالەتتە تورۇسقا ئېسىقلىق تۇرىمەن...

يېرىم ژان تېنىمگە شاررىدە قۇيۇلغان بىر چېلەك سوغ سۇدىن كېيىن ھوشۇمغا كەلدىم. قارىسام، يەردە ياتىمەن. قانچىلىك ۋاقىت ئېسىقلىق تۇردىم، ساقچىلار قاچان كىرىشتى، قاچان باغلاقنى يېشىپ يەرگە چۈشۈردى، بىلمەيمەن. كۆزىمنى ئاچتىم.

- ئۆلمەپتۇ. تىرىك ئېكەن!- دېدى ساقچىلاردىن بىرسى.

- ياخشى. - دېدى يەنە بىرسى. - ۋاقتىدىن سەل ئۆتكۈزۈپ قويغان ئوخشايسىلەر؟

- شۇنداق. تاماق ئىچىپ چىققۇچە سەل ئۇزاق تۇرۇپ قاپتۇ. نېمە بولسا ئۆلمەپتىغۇ؟!- دېدى ئۇلاردىن بىرسى بېپەرۋالىق بىلەن.

- ھازىرچە بىزنىڭ قولۇمىزدا ئۆلمىگىنى ياخشى. تۈرمىگە بارغاندىن كېيىن نېمە بولسا بولمامدۇ!

- بۇ ياۋايىنىڭ ژېنى مىقتا ئېكەن؟- دېدى ساقچىلاردىن بىرسى.

- كۆرىمىز تېخى قانچىلىك مىقتىلىغىنى!

- ئورۇندۇقتا ئولتارغۇزدە، ئازراق سۇ بەر؟- دېدى سوراقچىلارنىڭ باشلىقى.

ئىككى ساقچى بىلىكىمدىن تۇتۇپ تۇرغۇزۇشىغا، ئىككى قولۇمغا شۇنچىلىك ئاغرىق كىرىپ كەتتىكېن، چىدىماي ۋارقىراپ كەتتىم. ئۇلار مېنىڭ ۋارقىرىشىمغا، زارلىنىشىمغا پەرۋامۇ قىلماي، سۆرەپ ئاپىرىپ ئورۇندۇققا ئولتارغۇزدى. ئىككى قولۇم ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. كۆتۈرەلمەيمەن. سەللا مىدىرلىسا، ئاغرىقتىن پۈتۈن تېنىمغا يىڭنە سانژىلغاندەك بولۇپ، بېشىمدىن، كۆزلىرىمدىن، ئېغزى- بۇرۇنىمدىن ئوت چىقىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىپ، ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي ۋارقىراپ كېتەتتىم.

- بولدى، قولىنى باغلىما؟!- دېدى سوراقچى ساقچى يېنىمدا تۇرغان ئىككىسىگە قاراپ. ئۇلار قولۇمنى باغلىمىغىنى بىلەن پۇتۇمدىكى ئېغىر زەنژىر كىشەننى ئېلىۋەتكىنى يوق.

- سۇ بەرگىن!- دەپ بۇيرۇق قىلدى...

يېرىم كرۇژكا سۇنى ئىككى قوللاپمۇ تۇتالمايمەن. قوللىرىم مېنىڭ ئەمەستەك. ماڭا بېقىنمايدۇ. كۆتۈرەلمەيمەن. تىترەپ تۇرىدۇ. مىدىرلىسا ژېنىم شېقىراپ، ئاغرىق مېيەمدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندەك قاقشايدۇ. تەشنالىق يامان ئېكەن. چىشىمنى چىشىمغا باستىمدە، كرۇژكىنى زورغا ئاغزىمغا ئاپاردىم. يېرىم كرۇژكا سۇنى دەم ئالماي گۈپۈلدەپ ئىچىۋەتتىم. تەشنالىقىم ئازراق بولسىمۇ بېسىلغاندەك بولدى. يەنە ئىچكۈم كەلدى. سورىدىم... يەنە يېرىم كرۇژكا ئىچتىم. شۇنىڭدىن كېيىن سەل ئۆزۈمگە كەلگەندەك بولدۇم.

سوراق يەنە داۋام قىلدى.

- ئەمدى ياخشى ئويلانغانسەن، ئەقلىڭگە كەلگەنسەن؟- چۈشتىن كېيىنكى سوراقنى ئۇيغۇر ساقچى باشلىدى. - سەن تولىمۇ تەرسا، ژاھىل بالا ئېكەنسەن. ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئېيتقۇڭ كەلمەيۋاتىدۇ. بىزدە سەن توغرىلىق يېتەرلىك مەلۇماتلار بار. بىز سېنى كۆپتىن بېرى كۆزەتكەن ئېدۇق. سەن ئابدۇسالام قارى، ئابدۇخېلىل ئابدۇمېژىت، تۇرسۇن سەلەي، ئىبراھىم ئىسماىل، ئابابەكرى ئابدۇمېژىت، زىياۋدۇن، ئابدۇۋەلى ئوخشاش بىر تۈركۈم مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ، ئەشەددىي بۇزۇق ئۇنسۇرلارنىڭ قۇيرىغىسەن؟! سېنىڭ ئاشۇ ئاكىلىرىڭنىڭ ھەممىسى ھازىر تۈرمىدە!... سەن ئەشۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىلى ياشلار مەشرىۋىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياشلارنى يولدىن چىقىرىپ، ژەمىيىتىمىزگە زىيانلىق پاالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندىڭ! ئىككىنچىدىن، فۇتبول ئويۇنىنى ئۆتكۈزىمىز دەپ، ژەمىيەتتە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشقا قاتناشتىڭ! ئۈچىنچىدىن، فېۋرالü ۋاقىەسىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ سېپىدە بولدۇڭ! تۆرتىنچىدىن، چەت ئەل رادىولىرىنى تىڭشاپ، يېقىنلىرىڭ ئارىسىدا دۆلىتىمىزگە قارىشى تەتۈر تەشۋىقات ئىشلىرىنى ژۈرگۈزۈپ كەلدىڭ! خوش، بۇلارغا نېمە دەيسەن؟ بىزدە، بۇ ژىنايەتلىرىڭنى تەستىقلەيدىغان دەلىل، فاكتلار يېتەرلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ھەممىنى ئوچۇق ئېيت؟ شۇ چاغدا سېنىڭ ژىنايىتىڭ يېنىكلەيدۇ، ساڭا كەچۈرۈم بولىدۇ!

- مەن سىلەرگە ئىككى كۈندىن بېرى دەۋاتىمەنغۇ، مەن بۇ ئىشلاردىن تامامەن خەۋەرسىز. ئۇلارنىڭ بىرسىگىمۇ ئارىلاشقىنىم يوق. سىلەر ئېيتىۋاتقان ئۇ ئادەملەرنىڭ بىرسىنىمۇ بىلمەيمەن، تونۇمايمەن!- دېدىم باياقى بىر سۆزدىلا تۇرۇۋېلىپ.

- ياق، سەن ھەممىگە ئارىلاشقان!- دېدى ئۇ كۆزلىرىنى چەكچەرىتىپ.

- بۇ ئېيتىۋاتقىنىڭلارنىڭ ھەممىسى تۆھمەت!- دېدىم بېشىمنى تىك كۆتۈرۈپ.

- ۋۇي ئاناڭنى... ، - تۇيۇقسىزدىن كاچىتىمغا زەربە بىلەن تەككەن شاپىلاقتىن ئىككى كۆزىمدىن ئوت چىقىپ كەتكەندەك بولدى.

بۇ شاپىلاقنى مەن ئۇيغۇر ساقچىدىن يېگەن ئىدىم.

«خەپ، - دەيمەن ئىچىمدە. - مونۇ مۇناپىقنى قارا! بۆكىنى ئال دېسە، بېشىنى كېسىدىغان، مۇشۇنداق چالا قۇيرۇق مۇناپىقلارنىڭ دەردىنى قاچانغىچە تارتىدېكىن بۇ خەلق؟! توختا، سەن ئەبلەختىن ئۆچ ئالىدىغان كۈنلەرمۇ كېلەر، تېخى!... »

سوراق شۇ خىلدا خېلى ئۇزاق داۋام قىلدى. تاياقتىنمۇ خېلى يېتەرلىك يېدىم. لېكىن، يالۋۇرغىنىم، ۋايژان دەپ، نالە قىلغىنىم يوق. دەردىم ئىچىمدە بولدى. ئامال يوق. چىداش كېرەك، چىدىدىم. ئاللاھ ئۇيغۇرنى چىداملىق ياراتقان ئېكەن. شۇنىڭغىمۇ شۈكرى...

غۇلژا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدىكى سوراقخانىدا ئېلىپ بېرىلغان «گۇناسىغا ئىخرار قىلدۇرۇش» سورىغى تۆرت كۈن داۋام قىلدى. ھېچ قانداق ژاۋاپ ئالالمىغان ساقچىلار مېنى تىللاپ- ھاقارەتلەپمۇ تېرىكتى، ئۇرۇپمۇ زېرىكتى، قىيناپ- ئازابلاپمۇ تويدى. ئاخىرقى كۈنى «ئۈچىنچى باغلاقتا» ئازابلاپمۇ كۆردى. لېكىن، ئۇلارنىڭ شۇنچە ھەرىكەتلىرىدىن ھېچ نەتىژە چىقمىدى. «ژاھىل، تەتۈر، ياۋايى» مېنىڭدىن ھېچ قانداق سۆز ئالالمىدى. ئوچۇغى «ئۆتكۈزگەن گۇناھىمغا ئىخرار، توۋا» قىلدۇرالمىدى.

بارماق كويزىسى

شۇ كۈنى كېچىسى ساات ئون ئىككىلەر چامىسىدا مېنى شەھەردىكى «يېڭى ھايات» تۈرمىسىگە ئېلىپ كېلىپ سولاشتى.

بۇ تۈرمىگە مېنى پۇتۇمغا ئېغىر زەنژىر كىشەن، ئىككى قولۇمغا سالغان كويزىنى ئاز كۆرگەندەك، ئىككى بارمىغىمغىمۇ بارماق كويزىسىنى سالغان ھالدا، ئىككى قوراللىق ساقچىنىڭ ھەمرالىغىدا ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. كىچىككىنە بارماق كويزىسى شۇ قەدەر دەھشەتلىك ئېدىكى، بارماقلىرىڭنى مىدىرلاتتىڭمۇ، بولدى، شۇ زامانلا قاتتىق قىسىشقا باشلايدۇ. قانچە مىدىرلاتساڭ، شۇنچىلىك دەھشەتلىك قىسقىنى قىسقان. بارماقلىرىڭنى ئۈزۈپ، ئېزىپ تاشلىۋەتكىدەك ئاغىرتىدۇ. ئۇنىڭ ئاغىرتىشى شۇنچىلىك ئېدىكى، ھەر قانداق ئوغۇل بالىنى ئىككى پۈكلىتىۋېتىدۇ...

«يېڭى ھايات» تۈرمىسىنىڭ چوڭ قارا دەرۋازىسى ئېچىلىشى بىلەن مېنى ئېلىپ كەلگەن ساقچى ماشىنىسى تۈرمە ھويلىسىغا كىرىپ توختىدى. ئۇلار مېنى ماشىنىدىن چۈشەردىدە؛

- زو!- دەپ ۋارقىرىدى قوراللىرىنى تەڭلىشىپ.

ئۇلارنىڭ ئىشارىتى بىلەن سول تەرەپتىكى ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. تۆرت كۈندىن بۇيان تويۇپ ئىسسىق تاماق ئىچمەي، قايناق سۇ بىلەن قاتتىق- قۇرۇق، پارچە- پۇرات نانلارنى غاژىلاپ كۈن ئۆتكۈزگەنلىكىمدىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆرت كۈندىن بۇيانقى ئۇرۇپ- سوقۇشلاردىن، «بىرىنچى باغلاق، ئىككىنچى باغلاق، ئۈچىنچى باغلاق» دېگەڭە ئوخشاش ژازالاش- قىيناش ئۇسۇللىرىدىن كېيىن تامامەن ھالسىزلىنىپ كەتكەن ئىدىم. پۇت- قوللىرىمنىڭ ئىلىكلىرى قۇرۇپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ، ژان، ماغدىر يوق. ماڭسام ئاياغلىرىم دىر- دىر تىتىرەتتى. بۇنى ئاز دېگەندەك، ئايىغىمدىكى ئون ئىككى كىلوگرامم ئېغىرلىقتىكى كىشەننى ئاران كۆتۈرۈپ، ئاياق باساتتىم.

ئىككى خىتاي ساقچىسى مېنى قوراللىرىنىڭ پاينەكلىرى بىلەن ئىشتىرىپ، نوقۇپ، دۈشكەللەپ مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىش بۆلۈمىگە ئېلىپ كىرىشتى.

چوڭ بۆلمە. ئوتتۇرىدا چوڭ ئۈستەل. بىر چەتتە دىۋان، كروۋات. بىر بۇلۇڭدا تېلېۋىزور. ھەربىي كىيىمدىكى ئۈچ خىتاي ئولتىرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرسى چەتتىكى ئۈستەلدە بىر نەرسىلەرنى يېزىپ ئولتىرىدۇ. قالغان ئىككىسى تېلېۋىزور كۆرگەچ، پۇتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئولتارغىنىچە تاماكىسىنى پۇقۇرىتىپ چېكىپ، قاقاقلاپ كۈلۈشكىنىچە پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئۇلار تۈرمە گۇندىپايلىرى ئىدى. بۆلمە ئىچى تاماكا ئىسىغا تولغان. خەت يېزىپ ئولتارغان گۇندىپاي بېشىنى كۆتۈرۈپ ، بىز تەرەپكە قارىدى-دە؛

- ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ؟- دەپ سورىدى ۋە. - ياخشى، ياخشى. ئۇ ياققا ئەكىر!- دېدى. ئۇنىڭ سۆزىدىن كېيىن تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتارغان ئىككىسى ماڭا ئالىيىپ قاراپ قويدى-دە، ئاندىن نەزىرىنى تېلېۋىزور ئېكرانىغا قاراتقاچ، پارىڭىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى.

مېنى ئىچكىركى ئۆيگە ئېلىپ كىرىشتى. بۇ تۈرمە باشلىغىنىڭ بۆلۈمى ئىدى.

- ئىسمىڭ كىم؟- دەپ سورىدى تۈرمە باشلىقى خىتاي.

- قەيسەر ئابلىمىت!- دېدىم.

- قەيسەر ئابلىمىت؟!- دەپ ئۇ ئايىغىمدمن بېشىمغىچە بىر قاراۋېلىپ. - سىياسىي ژىنايەتچى، ياۋايى، تەتۈر قەيسەر ئابلىمىت دېگەن ئۇنسۇر سەن ئېكەنسەندە؟- دەپ ئۆچمەنلىك نەزىرىدە تىكلەندى ئۇ ماڭا.

«مەن ھېچ قانداق سىياسىي ژىنايەتچى ئەمەسمەن!» بۇ سۆزنى ئېيتىش بۇ يەردە ئورۇنسىز ئىدى. شۇڭا گەپ قىلماي ئۈنسىز تۇرۇۋەردىم. ئۇ ئۈستەل ئۈستىدىكى قەغەز پاپكىنى قولىغا ئالدى-دە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى قەغەزلەرگە كۆز ژۈگەرتكەندەك بولدى.

- مانا، سېنىڭ ژىنايى ئىشىڭ ئەمدى بىزگە كەلدى!- دېدى ئۇ تېلەتىنى تۈرۈپ. - سەن يامان ئادەم ئېكەنسەن؟!. .

تۈرمە باشلىغىنىڭ ئاشۇ سۆزىدىن كېيىن، «كۆرىدىغىنىم ئەمدى ئالدىمدا ئوخشايدۇ؟. . ئېھ ئاللاھ، بۇ دوزاقتىن ئەمدى قانداقمۇ قۇتۇلۇپ، ساق چىقارمەن!- دەيمەن ئۆزۈمگە- ئۆزۈم خىيالەن. - خەير، باشقا كەلگەننى كۆرەرمەن. ئاتام مېنى ئوغۇل دەپ تاپقان، ئانام مېنى ئوغۇل دەپ تۇغقان! بۇنداق كۈنلەر يالغۇز مېنىڭلا بېشىمغا كېلىۋاتقىنى يوق... سوراقخانىلاردا، تۈرمە- زىندانلاردا ئازابلىنىۋاتقان، ئېتىپ ئۆلتۈرىلىۋاتقان، مۇددەتسىز تۈرمە ژازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان، ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كېتىۋاتقان يۈزلىگەن، مىڭلىغان ۋەتەنداشلىرىمدىن، دوست- بۇرادەرلىرىمدىن مېنىڭ ژېنىم ئەزىز ئەمەس! مەنمۇ ئاشۇ قانداش- قېرىنداشلىرىمغا ئوخشاشلا مۇشۇ ۋەتەننىڭ بىر بالىسى... شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئۆلۈپ كەتسەم ئۆلۈپ كېتىمەنكېن، سەن لومودا گۇيلار مېنى ھېچ قاچاندا تىز پۈكتۈرەلمەيسەن، ئىخرار قىلدۇرالمايسەن! قانچە ئۇرۇپ- قىيناپ، ئازابلىساڭمۇ مەندىن سۆز ئالالمايسەن! مەن سەنلەرگە باش ئەگمەيمەن، ئەگدۈرەلمەيسەن! سەنلەرگە سەژىدە قىلمايمەن، قىلدۇرالمايسەن!...

بېشىمنى تىك كۆتۈرۈپ تۇردۇم. تۈرمە باشلىقى قول ئاستىدىكى گۇندىپايلارنى چاقىردى.

- مونۇنى خوزىغا /كامېرىغا/ ئەكىرىۋېتىڭلار!- دېدى.

مېنى تاشقارقى بۆلۈمگە ئېلىپ چىقىشتى. پۇت- قوللىرىمنى كىشەن، كويزىلاردىن بوشاتتى. كىيىملىرىمنى تولۇق يەشتۈردى. يانچۇقلىرىمدىكى ئۇششاق- چۈشەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، ئۈستەل ئۈستىگە قويدى. كىيىملىرىمنى يەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش ژەرىيانىدا ئانا تۇغمىدەك يالىڭاچ بەدىنىمنىڭ ھەممە يېرىنى قاراپ چىقتى-دە، ئاندىن ئاغزىمنى ئاچتۇرۇپ، ئېغىز ئىچىلىرىگىمۇ قارىدى. شۇنىڭدىن كېيىن كىيىنىشىمنى بۇيرۇدى. ئىشتىنىمنىڭ بەلۋېغىنى چىقىرىۋالدى. پايپىغىمنى كىيگىنىم بىلەن تۇفلىيىمنىڭ ئورنىغا رېزىنكە كەشە كىيگۈزدى. ئېغىر زەنژىر كىشەننى پۇتلىرىمغا قايتىدىن سالدى.

مېنى خوزىغا ئېلىپ كىرىشنىڭ ئالدىدا گۇندىپاي شۇنداق دېدى؛

- بۇ يەرنىڭ قانۇن- قاىدىسىنى بىلەمسەن؟- سوزۇپ سورىدى.

- ياق، تۈرمە دېگەننى ئۆمرىمدە بىرىنچى قېتىم كۆرۈۋاتسام، مەن نەدىن بىلەي؟- دېدىم.

- بىلمىسەڭ، بىلىپ قوي. مەن ساڭا ئېيتاي، ھازىر مەن سېنى خوزىغا ئېلىپ چىقىمەن. خوزىلاردىكى مەھبۇسلارغا قارايدىغان ھەربىي يولداشقا قاراپ «ۋوگو بەنژاڭ، ۋا لەيلا!»- /باشلىق، مەن كەلدىم/ دەپ دوكلات قىلىسەن. ئۇقتىڭمۇ؟- دەپ ماڭا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىدى. مەن ئۇقتۇم دېگەندەك، باش لىڭشىتتىم.

شۇنىڭدىن كېيىن مېنى قاتارسىغا كامېرىلار ژايلاشقان ئۇزۇن كورىدورغا ئېلىپ كىردى. ئالدىمىزغا چىققان گۇندىپايغا قاراپ؛

- ۋوگو بەنژاڭ، ۋا لەيلا!- دەپ چاست بەردىم. ئۇ ماڭا ئالىيىپ بىر قارىدى-دە، ھېچ نەرسە دېگىنى يوق. ئالتىنچى كامېرىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، «كىرە!»- دەپ بۇيرۇق قىلدى. بوسۇغىدىن ئاتلىشىمغا، تۆمۈر ئىشىك شاراقلاپ يېپىلدى.

كامېرا ئىچى گىرىمسەن يورۇق ئىدى. ئانچە چوڭ بولمىغان كامېرىغا بەنژاڭ /بۈگۈلۈك/ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە قىسىلىشىپ، بىر- بىرسىگە چاپلىشىپ دېگۈدەك ئون نەچچە مەھبۇس ياتاتتى. ئۇلاردىن بەزىلىرى پۇشۇلداپ، بەزىلىرى خورەك تارتىپ ئۇخلىشىۋېتىپتۇ. بىر نەچچىسى پاراڭلىشىپ ئولتىرىپتۇ. بۈگلۈكنىڭ ئاستى كۆپ- كۆك سېمېنت. ئىشىكتىن كىرگەندىكى سول تەرەپتە تاھارەت قىلىدىغان ژاي. ئۇنىڭ يېنىدا ئۈز ژۇيىدىغان ئورۇن. كامېرا ئىچىدە بۇنىڭدىن باشقا كۆزگە چېلىققىدەك ھېچ نەرسە يوق ئىدى. كامېرا ئىچىدىكى ھاۋا تولىمۇ ئېغىر، سېسىقچىلىق. ھاۋا كىرگىدەك دېرىزە ياكى مۇشتۇمچىلىك بولسىمۇ تۆشۈك يوق ئىدى.

كامېرا ئىچىدە پاراڭلىشىپ ئولتارغانلار مېنىڭ پۇتۇمدىكى كىشەننى كۆرگەچ، مېنىڭ سىياسىي مەھبۇس ئېكەنلىگىمنى بىردىن بىلىشتى. ئۇلارغا سەپ- سېلىپ قاراۋاتىمەن. مەن تونۇيدىغان بىر نەچچە ژىگىتلەرگە كۆزۈم چۈشتى. ئۆزۈمنى كىچىككىنە بولسىمۇ يېنىك ھېس قىلغاندەك بولدۇم.

- ھوي، قەيسەرمۇسەن؟!- دېدى مەن تونۇيدىغان بالىلاردىن بىرسى. - كېلە، بۇ ياققا ئۆتە!

ئۇ كۆرسەتكەن ئورۇنغا بېرىپ ژايلاشتىم. تىنچلىق- ئامانلىق سوراشتۇق.

- سېنى نېمە ئۈچۈن قولغا ئالدى؟- سورىدى يەنە بىر تونۇشۇم.

- سىياسىي ژىنايەتچى دەپ. - قىسقىلا ژاۋاپ بەردىم.

- نېمە، بىرەر چوڭ مەسىلە چىقارغانمېدىڭ؟

- مېنىڭدە نېمە قىلغان مەسىلە بولسۇن. مەن ئوقۇمىغان، ئالىي مەكتەپ پۈتۈرمىگەن تۇرسام، سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشقىدەك مېنىڭدە بىلىم- سەۋىيە نەدە دەيسەن؟ كۈنىگە بەش- ئون كوينى ئاران تېپىپ ژان بېقىپ ژۈرگەن ئېلىپ- ساتار تۇرسام. - دېگەن سۆزنى قىلدىم.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن «تۈرمە- زىندانلاردىمۇ شىپىونلار كۆپ. ئۇلاردىن ساق بولمىساڭ بولمايدۇ. كۆرۈنۈشتە ئۇلار ژىنايەتچى، ئەمەلىياتتا بولسا، مەھبۇسلارنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزۈپ، قوشۇپ قويغان چوڭ ساتقۇنلار، مۇناپىق، خاىنلار. ئەڭ دەھشەتلىكى ئەشۇلار... » دېگەڭە ئوخشاش سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىغانمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئارتۇق سۆزلىمەس كېرەك. ئارتۇق بىر ئېغىز سۆزۈڭ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن. بېشىڭغا تۈگىمەس بالا- قازا ئېلىپ كېلىشى تۇرغان گەپ.

- ئۇنچىلىك دەپ كەتمە ئەمدى. سەنمۇ مۇشۇ غۇلژىنىڭ مەن دەپ ژۈرگەن ئوغۇل بالىلىرىنىڭ بىرسى! گەپ ئالىي مەكتەپ پۈتۈرگەندىلا ئەمەس؟

- كۆپ ماختاۋەتتىڭ. مەن ئۇنچىلىك ماختاشقا ئەرزىمەيمەن. - دېدىم.

- خوش، شۇنىڭ بىلەن، نېمە مەسىلە بويىچە تۈرمىگە چۈشتىڭ؟- دېدى ئۇ.

تۆرت كۈن ئىلگىرى، ئەتىگەندە ساقچىلار ئۆيىمىزگە كېلىپ «سەن چەت ئەل رادىوسىنى ئاڭلايسەن. چەت ئەل ژاھاڭىرلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزگە قارىشى تەشۋىقاتلىرىنى ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە خەلىققە تەشۋىق قىلىۋاتىسەن! بىز سېنى كۆپتىن بېرى كۆزەتكەن ئېدۇق. سەن ھازىر رادىئو ئاڭلاپ چىقتىڭ. بىز ماشىنىغا ئورنىتىلغان رادار ئارقىلىق ھەممىنى بىلدۇق» دەپ قولۇمغا كويزا سالدى. ئەمەلىياتتا مەن چەت ئەل رادىوسىنى ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ شىنژاڭ رادىوسىنى، مەركىزىي خەلق رادىئو ستانسىياسى خەۋەرلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە «فېۋرالü ۋاقىەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مىللىي بۆلگۈنچى، ئەشەددىي ئۇنسۇرلارنىڭ قۇيرىغىسەن!»دېگەڭە ئوخشاش ئەيىبلەر بىلەن ئەيىبلەۋاتىدۇ!...

كامېرىدىكى ژىنايەتچى مەھبۇسلارنىڭ ھەر خىل سوئاللىرىغا شۇ تېرىقىدە ژاۋاپ قايتۇردۇم، خالاس!

شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تۈرمە ھاياتىم مۇشۇ كامېرىدىن باشلاندى.

مەن سىياسىي مەھبۇس بولغانلىقىم ئۈچۈن پۇتۇمدا كىشەن. سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پۇتىغا كىشەن سېلىنىدۇ. سەككىز كىلوگرامملىق، ئون كىلوگرامملىق، ئون ئىككى كىلوگرامملىق زەنژىر كىشەنلەر. شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدە مېنىڭ پۇتۇمغا سېلىنغان ئون ئىككى كىلوگرامملىق كىشەن ئۆزگەرتىلگىنى يوق، ئېلىنغىنى يوق. ھەر ئىككى ئايىغىمنىڭ ئوشۇقلىرىنى قاتتىق تۆمۈر غاژاپ قانىتىپ، يارا قىلىۋەتكەن ئىدى.

تۈرمىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىغاندا، ئوغرىلىق قىلىپ، ئۇرۇش- ژېدەل چىقىرىپ، خوتۇن- قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ياكى باشقا ژىنايەتلەر بىلەن سولانغانلارغا بىر ئاز يېنىكچىلىكلەر بار. ئۇلارنىڭ پۇتىغا كىشەن سېلىنمايدۇ. ئۇلارنى ۋاقتى قەرەلىدە ئاتا- ئانىسى، تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېلىپ كەلگەن يېمەك- ئىچمەك، ئازدۇ- تولا ئاقچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئەكىرىپ بېرىشىدۇ. ئاقچا بولغاندا، ژەمىيەتتە قوللىنىۋاتقان دۆلەت پۇلى ئەمەس، تۈرمە ئۆزىنىڭ قەغەز ئاقچىسى. سىرتتىن كىرگەن پۇلنى تۈرمىنىڭ قەغەز ئاقچىسىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭغا تۈرمە ئىچىدىكى مەخسۇس ناۋايخانىدىن نان سېتىۋېلىشقا، كىچىككىنە دۇكاندىن تاماكا- سەرەڭگە ۋە ئۇششاق- چۈشەك نەرسىلەرنى ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان. ئەمدى سىياسىي مەھبۇسلار بولسا، بۇلاردىن تامامەن مەھرۇم. سىياسىي مەھبۇسلارنى ھېچ كىم بىلەن كۆرۈشتۈرمەيدۇ. دېمەك، سەن سىياسىي مەھبۇس ئاتالدىڭمۇ، تۈرمىدە سېنىڭ دوست- ئاغىنەڭمۇ، ئىچ- سىر ئېيتىشىدىغان، ھال- مۇڭىڭغا يېتىدىغان سىردىشىڭمۇ، سۆھبەتدىشىڭمۇ بولمايدۇ. سېنىڭ بىلەن تۈرمىدىكى ژىنايەتچىلەرنىڭ بىرەرسىنىڭ سۆزلىشىپ، يېقىن ژۈرۈپ قالغىنىنى كۆرۈپ، بايقاپ قالىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا، ئۇ ژىنايەتچىنى سوراققا ئەكىرىۋېلىپ «ئەۋۇ سىياسىي مەھبۇس بىلەن قانداق مۇناسىۋېتىڭ بار؟ ئۇنى قاچاندىن بېرى تونۇيسەن؟ سەن ئۇنى تونۇغاندىن كېيىن، دېمەك، سېنىڭمۇ ئۇ ئەشەددىي ئۇنسۇر بىلەن باغلىنىشىڭ بار دېگەن سۆز!... سىلەرنىڭ مەخسىتىڭلار نېمە؟ نېمە توغرىلىق سۆزلەشتىڭ؟ ئۇ نېمە دېدى؟... »دېگەڭە ئوخشاش تۈگىمەس سواللار بىلەن ئۇرۇپ، قىيناپ ئازابلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى ژىنايەتچىلەر سىياسىي مەھبۇسلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە تارتىدۇ، سۆزلەشمەيدۇ، سۆزلىشىشتىن، يېقىن ژۈرۈشتىن قورقىشىدۇ. دېمەك، سىياسىي مەھبۇسنىڭ تۈرمىدە بىرەر يېقىنى، ئاغىنىسى بولمايدۇ. ئۇ يالغۇز، تەنھا!

ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ، بىر كۈنى يېرىم كېچىدە كامېرىنىڭ تۆمۈر ئىشىكى شاراقلاپ ئېچىلدىدە، ئىككى گۇندىپاي كىرىپ كەلدى.

- قەيسەر ئابلىمىت! تۇر ئورنۇڭدىن، ماڭ بۇ ياققا؟!- دەپ بۇيرۇق قىلدى.

ئورنۇمدىن تۇردىمدە، گۇندىپاينىڭ ئالدىغا چۈشتۈم.

كامېرىدىن ئېلىپ چىقىشى بىلەن گۇندىپايلار ئىككى قولۇمغا كويزا سالدىدە؛

- زو!- دېدى قوپاللىق بىلەن.

گۇندىپايلارنىڭ بىرسى ئالدىمدا، بىرسى كەينىمدە. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تاشقارقى ئىشىك تەرەپكە قاراپ ئۇزۇن كورىدوردا ئاستا كېلىۋاتىمەن. ئىككى پۇتۇمدىكى ئېغىر كىشەندىن قەدەملىرىمنى تېز يۆتكەلمەتتىم. ئاياغلىرىمنى ھەر قېتىم كۆتۈرۈپ باسقىنىمدا، تۆمۈر زەنژىرلەر بىر- بىرسىگە ئۇرۇلۇپ، «شاراق- شۇرۇق، شاراق- شۇرۇق» ئاۋاز چىقىرىپ، تۈن ژىم- ژىتلىغىنى بۇزۇپ تۇرغاندەك ئىدى.

گۇندىپايلار مېنى ھويلىغا ئېلىپ چىقىشتى. تۈرمە ھويلىسى ئېلېكتر چىراغلىرىنىڭ نۇرىدا يوپ- يورۇق ئېكەن. بىر ھەپتىگە يېقىن سېسىق كامېرىنىڭ ئىچىدە يېتىپ، تازا ھاۋانى ژۇتۇشقا زار بولغانلىقىمدىن، غۇلژىنىڭ كېچىلىك تازا ھاۋاسىنى تەشنالىق بىلەن قېنىپ- قېنىپ ژۇتتۇم. بىلىنە- بىلىنمەس چىقىۋاتقان كېچىلىك سالقىن مەيىن شامالنىڭ ئۈزۈمگە ئۇرۇلۇشى بىلەن پۈتۈن تېنىم، ۋۇژۇدىم بىر راھەتلىنىپ قالغاندەك بولدى... ئاھ، نېمە دېگەن راھەت! مۇشۇنداق تازا ھاۋانى ژۇتۇپ، نەپەس ئېلىشتىن ئارتۇق راھەت بولمىسا كېرەك؟. . ئاسمانغا قارىدىم. سانسىز يۇلتۇزلار كۆك توگا ئۈستىگە چېچىلغان ئۈنچە- مارژانلاردەك چاقناپ تۇراتتى. نېمە دېگەن گۆزەللىك؟!...

بالىلىق دەۋرلىرىم لاپ قىلىپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.

ئېسىمنى بىلگىنىمدىن باشلاپ مەن يۇلتۇزلارنى ياخشى كۆرەتتىم. مۇشۇنداق يۇلتۇزلۇق كېچىلەردە يالغۇزدىن- يالغۇز، ئۇزاقتىن- ئۇزاق ئاسماندىن كۆز ئالماي، كۆكتىكى سانسىز يۇلتۇزلارنىڭ بەس- بەس بىلەن چاقناشلىرىنى تاماشە قىلىپ تويماتتىم. ئانامنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي «ھاي بالام، يالغۇز يېتىشتىن قورىقمامسەن؟... قار بېسىپ قالىدۇ. ئۇيقۇلۇقتا ژىقىلىپ چۈشۈپ كەتسەڭ، نېمە بولىدۇ؟. . خۇدايىم ساقلىسۇن، قوي بالام، بولمايدۇ!» دېگىنىگە كۆنمەي، ئۇنىماي، ئورۇن- يوتقىنىمنى ئېلىپ، ئۆگۈزگە چىقىۋېلىپ، قوي- كالا ئېغىلىنىڭ ئۈستىدىكى بېدىدە يېتىپ، ئۇخلاتتىم.

«بوپتۇ، مەيلى. بۇ تىنژىقتا ئۆيدە ياتقاندىن، تازا ھاۋادا ئۇخلىغىنى ياخشى. ھېچ زىيىنى يوق»دەتتى ئاتام.

شۇنىڭ بىلەن مەن ياز كۈنلىرى ئۆگۈزدە يېتىپ ئۇخلاشنى، كۆكتىكى سانسىز يۇلتۇزلارنى، تولۇن ئاينى تاماشە قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان ئىدىم. ئۆگۈزدە يېتىپ ئۇخلاشنىڭ پەيزى باشقىچە ئىدى. تاغدىن كېلىۋاتقان كېچىلىك سالقىن مەيىن شامال ئۈزلىرىڭنى، چاچلىرىڭنى ئاستا سىيپاپ، ساڭا ھۆزۈر- ھالاۋەت بېغىشلايدۇ. ئاستىڭدىكى، باش- ئايىغىڭدىكى، ئىككى يېنىڭدىكى بېدە- چۆپلەردىن گۈپۈلدەپ كېلىۋاتقان ئەژايىپ خۇش پۇراقلاردىن نەپەس ئېلىپ تويمايسەن. ئەتراپ تىپ- تىنچ. ھەممە تۈن ئۇيقۇسىغا چۆمگەن. قايسى بىر ھويلىلاردىن كېلىۋاتقان ئىشتلارنىڭ ئۇيقۇلۇق ھاۋۇشۇپ قويۇشلىرىنى ئاڭلىغاچ، ئوڭداڭغا يېتىۋېلىپ كۆكتىكى ئۆزۈڭ ياقتۇرغان، ياخشى كۆرگەن ئەڭ چوڭ، ئەڭ ژىلۋىدار يۇلتۇزلارغا مەھلىيا بولغان ھالدا ئۇلار بىلەن ئىچىڭدە، غايىۋانە گەپلىشىشنىڭ، سىردىشىشنىڭ ئۆزى بىر راھەت، ئەژايىپ! باشقىلارغا قانداق، بىلمەيمەن، ئامما سااتلاپ- سااتلاپ، ھەتتا ئۇخلاپ قالغۇچە يۇلتۇزلارغا قاراپ يېتىش مەن ئۈچۈن باشقىچىلا بىر دۇنيا ئىدى!...

يۇلتۇزلارنى نېمىگە بۇنچە ياخشى كۆرىمەن، بىلمەيمەن. بولۇپمۇ، يەتتە يۇلتۇز مەن ئۈچۈن بۆلەكچىلا ئىدى. ئاشۇ يەتتە يۇلتۇزنى مەن پەقەت يۇلتۇزلۇق كېچىدە، ئوچۇق ئاسماندىلا ئەمەس، كۈندىزلىرىمۇ، خالىغان ۋاقتىمدا چوڭ تاش ئەينەكتىكى ئۆز ئەكسىمدە كۆرۈپ تۇراتتىم...

- ئاپا، دادا، قاراڭلارا، ئاسماندىكى يەتتە يۇلتۇز مېنىڭ بوينۇمدا تۇرىدۇ؟!- دېدىم بىر كۈنى ھەم ئەركىلەش ھەم ماختىنىش بىلەن.

- نېمە دەيدىغانسەنۇ، بالام؟- دېدى ئانام ھەيران بولغان ھالدا.

- مانا، قاراڭلار!- دېدىم كۆينىگىمنىڭ ياقىسىنى كەڭ ئېچىپ، بوينۇمنىڭ ئوڭ تەرىپىنى قولۇم بىلەن كۆرسىتىپ.

- ھوي، ئانىسى، راست، كۆكتىكى يەتتە يۇلتۇز ئوغلۇمىزنىڭ بوينىدا تۇرمامدۇ؟!- دادام قىزىقىپ قاراشقا باشلىدى. - بىر، ئىككى، ئۈچ، . . يەتتە! توپ- توغرا يەتتە. يەتتە يۇلتۇز يەتتە قارا مەڭ بولۇپ، ئوغلۇمىزنىڭ بوينىدا ئۆز ئەكسى بويىچە تۇرىدۇ! سەن كۆرمىگەنمۇ بۇنى، ئانىسى؟

- نېمە دەيدىغانسىلەردۇ، - دەپ ئانام ئېرەڭسىزلىك بىلەن بوينۇمغا قارىدى. - ۋاي توۋا، ئاسماندىكى يەتتە يۇلتۇز!... مۇشۇ كەمگىچە قانداقلارچە بايقىمىدىم بۇنى؟

- بۇ بىر ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى، - دېدى ئاتام مەغرۇرلۇق تۇيغۇسى بىلەن. - دۇنيا يارالغاندىن بۇ يان يەتتە يۇلتۇز بىرلا ژايدا چاقناپ تۇرىدۇ. ئۇلار يە كۆچمەيدۇ، يە ئۆچمەيدۇ. يەتتە يۇلتۇزنى ئۈكەر دەپمۇ ئاتىشىدۇ. ئىلگەركى زامانلاردا يەتتە يۇلتۇز شىمالنى، ژەنۇپنى، غەرىپنى، شەرىقنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان قىبلەنامىنىڭ ئىشىنى ئاتقۇرغان. كارۋانلار بارىدىغان مەنزىلىنى ئاشۇ يەتتە يۇلتۇزغا قاراپ بەلگىلەر ئىدى...

ئاتامنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن مەن تېخىمۇ مەغرۇرلىنىپ كەتتىم.

- ئاسماندىكى يەتتە يۇلتۇزنىڭ ئۆز ئەكسى بويىچە ئوغلۇمىزنىڭ بوينىدا پەيدا بولۇشى، بۇ بىر ئىزگۈلىكنىڭ بېشارىتى. - دەپ ھاياژان بىلەن سۆزلەپ كەتتى ئاتام. - مېنىڭ بۇ ئەقىللىق بالام چوڭ بولغاندا، ئاللاھ بۇيرۇسا، ئادەملەر ھەۋەس قىلغىدەك چوڭ ئادەم بولىدۇ!

- ئىلاھىم، ئاغىزلىرىغا شېكەر، - دېدى ئانام باشلىرىمنى سىيپاپ، پېشانەمگە سۆيدى. - ياراتقان ئېگەم بۇ يالغۇز كۆز نۇرىمىزنىڭ ئۆمرىنى بەرسۇن، توغرا بالا- قازالاردىن ساقلىغاي! قەيسەرژېنىمنىڭ تەلىيىگە ئاللاھ بىزنىڭ ئۆمرىمىزنى ئۇزاق قىلغاي!

- ئاللاھ بۇيرۇسا، مەن ئوغلۇمنى ئوقۇتۇپ، ياخشى ئادەم قىلىمەن. مېنىڭ ئوغلۇم ئەدەپسىز بالىلاردىن ئەمەس، ئەقىللىق، زېرەك بالا. ئۇ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنداقمۇ، ئوغلۇم؟...

بۇ سۆزلەردىن كېيىن ئاتامنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ كەتتىم. ئەركىلەپ ، بوينىغا ئېسىلدىم. ئۈزلىرىگە چوكۇلداپ سۆيدۈم.

- مەن ياخشى ئوقۇيمەن. چوڭ بولغاندا چوڭ باشلىق بولىمەن!- دېدىم ئاتامنىڭ سۆزلىرىدىن روھلىنىپ.

- ئىلاھىم، ئاغزىڭغا شېكەر، ئوغلۇم، - دەپ ئانام مېنى باغرىغا مەككەم باستى...

ئاتامغا بەرگەن ۋەدە بويىچە ياخشى ئوقۇدىم. ئاتام زىيالىي كىشى بولغانلىقتىن، ھەر كۈنى كەچتە ئۆيدە قوشۇمچە دەرس ئۆتەتتى. نەلەردىن تېپىپ كېلەتتىكېن، بىلمەيمەن، «ئوقۇغىن، بۇ ياخشى كىتاب»دەپ، ماڭا تارىخىي، ئەدەبىي كىتابلارنى كۆپلەپ ئەكېلىپ بېرەتتى. بىر كىتابنى ئوقۇپ تاماملىشىم بىلەن ئاتام ئاشۇ كىتابتىن ئالغان تەسىراتلىرىمنى ئېيتىپ بېرىشىمنى سوراتتى. مەن باشتىن ئاخىر سۆزلەپ بېرەتتىم. بەزىدە ئاتا- بالا ئىككىمىز بەس- مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتەتتۇق.

- كىتاب ئوقۇش دېگەن ياخشى نەرسە، ئوغلۇم، - دەتتى ئاتام ھەر قاچان. - كىتابنى قانچە كۆپ ئوقۇساڭ، زېھنىڭ شۇنچە ئېچىلىدۇ. سەۋىيەرىڭ ئېشىپ، دۇنيا قارىشىڭ كېڭىيىدۇ. ھاياتقا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىڭنى، نېمە ئۈچۈن، كىم ئۈچۈن ياشىشىڭنى، قانداق ياشىشىڭنى بىلىۋېلىشىڭدا كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ، ئوغلۇم. - دەپ مېنى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، تارىخىي، سىياسىي كىتابلارنى كۆپلەپ ئوقۇشقا ئۈندەتتى.

ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى.

بىر كۈنى ئاتام بىلەن ئۆتمۈش تارىخىمىز ھەققىدە، بۈگۈنكى مۈشكۈل تەغدىرىمىز توغرىسىدا ئۇزاق سۆزلىشىپ، بەس- مۇنازىرىگە چۈشۈپ كەتتۇق. ئاتامنىڭ ھېچ كىمگە ئوخشىماس ئەژايىپ بىر ئالاھىدىلىكى، خۇسۇسىيىتى بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، چوڭ- چوڭ مەسىلىلەر بويىچە، ئالدىدىكى ئون بەش- ئون ئالتە ياشلىق ئوغلى بىلەن ئەمەس، چوڭ بىر تارىخچى، سىياسىيون، ئەدەبىياتچى، زىيالىي- كادىر بىلەن سۆزلەشكەندەك، مەن بىلەن بەس- مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتەتتى.

- ئاتا، مەن بىر نەرسىنى زادىلا چۈشىنەلمەيۋاتىمەن؟- دېدىم شۇ كۈنكى سۆھبەتتە، مېنى نەچچە ۋاقىتتىن بۇ يان ئويلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز باشلاپ.

- خوش، ئوغلۇم، سەن چۈشەنمەيۋاتقان، ئۇ قانداق مەسىلە؟- دېدى ئاتام مېنىڭدىكى قىزىقىشلارغا، بولۇپمۇ ئۆتمۈش تارىخىمىزغا ئاىت مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق بىلىشكە قىزىقىشىمدىن تولىمۇ رازى بولغان ھالدا. - قېنى ئېيتە، ئوغلۇم، قۇلۇغىم سېنىڭدە.

- ئاتا، سىز ماڭا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي بويىچە بەرگەن دەرسلىرىڭىز، ھەم شۇنداقلا تارىخىي كىتابلاردىن ئوقۇپ بىلگىنىم شۇ بولدىكى، بىز ئۇيغۇرلار موشۇنىڭدىن بەش مىڭ ژىل ئىلگىرى ئۇلۇغ ئوغۇز ئىمپېرىياسىنى قۇرغان ئېكەنمىز، - دەپ كىچىككىنە خاتىرە دەپتىرىمگە يېزىۋالغان تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئوقۇپ بەردىم. - «ئۇلۇغ ئوغۇز ئىمپېرىياسىدىن كېيىن بۈيۈك ھۇن ئىمپېرىياسىنى، بۈيۈك كۆك تۈرك ئىمپېرىياسىنى، ئۇلۇغ ئۇيغۇر- ئورخۇن دۆلىتىنى، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى، ئۇيغۇر قارىخانىيلار خاقانلىقىنى، سەىدىيە خانلىقىنى، بەدۆلەت دۆلىتىنى قۇرۇپ تۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىگە ئېگە بولالماي قېلىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى نېمىدە زادى؟».

- يارايسەن، ئوغلۇم. ئەقىل- پاراسىتىڭگە ئاپىرىن!- ئاتام بىردىن روھلىنىپ كەتتى. - مەن دېدىمغۇ، مېنىڭ بالام ئەقىللىق، زېرەك بالا دەپ؟!...

ئاتامنىڭ بۇ ماختىشىدىن بېشىم ئاسمانغا يەتكەندەك بولدى. تولىمۇ خۇشال بولۇپ كەتتىم. ياخشى نەرسىلەرنى سورىغان ئېكەنمەن.

- ناھايىتى توغرا گەپ قىلدىڭ، ئوغلۇم. بارىكاللا ساڭا!- رازىمەنلىك بىلەن سۆزلىدى ئاتام. - بىز ئۇيغۇرلار، بىزنىڭ قەھرىمان ئەژداتلىرىمىز مىلادىنىڭ ئالدى- كەينىدە سەن ئېيتىۋاتقان ئاشۇنداق قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنى، خانلىقلارنى قۇرۇپ، ئۆچمەس پارلاق مەدەنىيەت يارىتىپ، ئىنسانىيەت دۇنىياسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشقان خەلقمىز!

بىزنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىمىز تارىختىن بۇ يان ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كۆپ دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئىدى. دەسلىۋېدە بىزنىڭ ئەژداتلىرىمىز شامان دىنىغا، ئاندىن زارواستىر دىنىغا، ئاندىن مانى ۋە نىستورىيان دىنىغا، ئاندىن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئەڭ ئاخىرسىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغىنىمىزغا مانا مىڭ ژىلغا يېقىن ۋاقىت بولۇپ قالدى.

بىزنىڭ دۆلەتچىلىگىمىزدىن ئايرىلىشىمىز، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان دەۋردە يەنى سەىدىيە خانلىقى دەۋرىدىن باشلانغان، ئوغلۇم، - دەپ ئېيتقان ئاتام ئون ئالتىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئون يەتتىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە يەنى يۈز يەتمىش ژىلدەك ئۇيغۇرىستان زېمىنىدا ھۆكۈم سۈرگەن سەىدىيە ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا بىردىن- بىر سەۋەپكار ئاپئاق غوژا بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ «ئىشقىيە»، «ئىسھاقىيە»دەپ بىر دىندىكى بىر مىللەتنى، بىر ئۇيغۇرنى ئىككى مەزھەپكە بۆلۈپ، ئۇلارنى ئاق تاغلىق غوژىلار، قارا تاغلىق غوژىلار دەپ ئىككىگە بۆلۈپ، ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك ئۇرۇغىنى چاچقانلىقىنى، قانلىق قىرغىنلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، تەخت تالىشىپ، ۋەتىنىمىزگە ژۇڭغار قالماقلىرىنى باشلاپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مانا، يەنى ئون يەتتىنچى ئەسىردىن باشلاپ خەلقىمىز مانژۇر- خىتايلارغا مۇستەملىكە بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

- ئۇنداق بولسا، ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئاپئاق غوژىنى پىر تۇتۇپ، ئۇنىڭ مازارىغا تاۋاپ قىلىشىدۇ؟- دەپ سورىدىم.

- ھە، ياخشى سوال قويدۇڭ، ئوغلۇم، - دەپ تېخىمۇ قىزىپ سۆزلەپ كەتتى ئاتام. - بۇنىڭ ھەممىسى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نادان، قاراڭغۇ، ساۋاتسىز، ساددە، تېخىچىلا ژاھالەتتىن سائادەتكە چىقالماي ياشاپ كېلىۋاتقانلىغىمىزنىڭ ئاقىۋىتى! ئاللاھغا شۈكرى، ھازىر ياخشى تارىخچىلىرىمىز، تەتقىقاتچىلىرىمىز، يازغۇچىلىرىمىز يېتىشىپ چىقىپ، ئاپئاق غوژا دېگەننىڭ كىم بولغانلىقىنى ئوچۇق- ئاشكارا، دەلىل- ئىسپاتلار بىلەن يازماقتا. ئەندىگىنە خەلقىمىز ئاپئاق غوژا دېگەن نەرسىنى ئوبدان بىلىپ، چۈشىنىشكە باشلىدى. بىلگەنلەر، چۈشەڭەنلەر ئۇ خاىن، مۇناپىقنىڭ مازارىغا تاۋاپ قىلىپ، سىغىنىش ئەمەس، نەپرەت بىلدۈرۈۋاتىدۇ. ئۇ مۇناپىقنىڭ مازارىغا تۈكۈرىپ ئۆتۈش كېرەك!. .

شۇنىڭدىن كېيىن ئاتام بەدۆلەت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ، 1933- ژىلى قەشقەرىيىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ژۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە 1944- ژىلى غۇلژىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ژۇمھۇرىيىتى ھەققىدە ئۇزاق سۆزلەپ بەردى.

- دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۆلەتلىرىنى يوقاتقان خىتاي ئىمپېرىياسى بىلەن رۇس ئىمپېرىياسى ئېكەندە؟- سورىدىم ئاتامدىن.

- شۇنداق، ئوغلۇم. ژىگىرمىنچى ئەسىردە ئىككى قېتىم قۇرۇلغان مىللىي مۇستەقىل دۆلەتلىرىمىز مۇشۇ ئىككى ئىمپېرىيانىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى ئارقىسىدا يوقىتىلدى. - دېدى ئاتام مېنىڭ ئۆز تارىخىمىزغا بۇنچىلىك قىزىقىشىمغا ھەۋەسى كېلىپ. - سەن ھازىرچە كىچىك، ئوغلۇم. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپكە بارغىنىڭدىن كېيىن، بۇ سوئاللارغا ئۆزۈڭ تېخىمۇ تولۇق ژاۋاپ تاپىدىغان بولىسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوغلۇم، ياخشى ئوقۇغىن، تىل ئۈگەڭىن، يېزىق ئۈگەڭىن. قانچە كۆپ تىل بىسەڭ، قانچە كۆپ يېزىق بىلسەڭ، شۇنچە ياخشى... سېنىڭ كېلەچەكتە ئوقۇمۇشلۇق ئادەم بولۇشىڭغا ئىشەنچىم كامىل!

- ئاتا، مەن ياپونىياگە ياكى ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشنى خالايمەن؟

- بارىكاللا، ئوغلۇم، بارىكاللا! ئەلۋەتتە، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيسەن. چوڭ ئالىم بولۇپ كېلىسەن!...

ئاتام مېنى باغرىغا بېسىپ، چەكسىز ئاتىلىق مېھرى- مۇھەببىتى بىلەن پېشانەمگە سۆيۈپ قويدى. مەنمۇ ئەركىلەپ، ئاتامنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ، مەڭىزلىرىگە سۆيدۈم...

بىراق، مېنىڭ ئارمىنىم، ئاتامنىڭ ئۈمۈتلىرى ئەمەلگە ئاشمىدى. مەكتەپنى پۈتۈرىدىغان ژىلى ئاتام يۈرەك كېسىلىدىن تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى. مېنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرىم كۇمپەي- كۇم بولدى. مېنىڭ، ئاىلىمىزنىڭ چوڭ تۈۋرىگى ئۆرۈلدى. تېغىمىز غۇلاپ چۈشتى. مېنىڭ قاناتلىرىم قايرىلىپ سۇندى. قانىتى سۇنغان قۇشتەك ئۇچالماس بولۇپ قالدىم. چەت ئەل بۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرەرسىدە ئوقۇش، ئالىي بىلىملىك مۇتەخەسسىس بولۇش ئىمكانىيەتلىرىدىن تامامەن ئايرىلدىم. سەۋەب، مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىم ئۈچۈن ئاىلىمىزدە، يالغۇز ئانامدا ئىقتىساد يوق ئىدى...

مانا ئەمدى مەن، بالىلىقىمدىن ئاتا- ئانامغا ئەركىلەپ، ئۇلارنىڭ ئەركىلىتىشلىرىدىن ئۆزۈمنى دۇنىيادىكى ئەڭ بەختلىك بالا ھېسابلىغان ھالدا «مەن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيمەن، چەت ئەلدە ئوقۇيمەن، ئالىم بولىمەن، چوڭ باشلىق بولىمەن!» دېگەن ئارزۇ- ئارمانلار نەگە كەتتى؟!

مەن ھازىر پۇت- قوللىرىغا كىشەن، كويزا سېلىنغان بىر مەھبۇسقا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم!...

- بۇ ياققا ماڭ!- گۇندىپاينىڭ زەھەرخەندلىك ئاۋازى خىياللىرىم ژىپىنى ئۈزۈپ تاشلىغان ئىدى.

سەسكەڭەدەك بولدۇم. ئەتراپىمغا قارىدىم. شېرىن خىياللار بىلەن ھويلىدىكى تۈرمە ئىدارىسى بېناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغىنىمنى سەزمەي قاپتىمەن.

گۇندىپاينىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئايىغىمغا سېلىنغان زەنژىر كىشەنلەرنى شاراقلاتقان ھالدا قەدەملىرىمنى ئاستا باستىم. ئۇلار مېنى بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى پەلەمپەينى ئايلىنىپ ماڭغۇزۇپ، ئوڭ قول تەرەپتىكى يەر ئاستى ئۆيلىرىگە ئېلىپ كىردى. بۇ يەردە قاتارسىغا ئالتە- يەتتە ئىشىك تۇراتتى. ئىككىنچى ئىشىكنى ئېچىپ «كىر!»دېدى. ئىچكىرىگە قەدەم باستىم.

ئانچە چوڭ بولمىغان بۇ سوراقخانا قىپ- يالىڭاچ دېگۈدەك ئىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە بىر ئۈستەل، بىر نەچچە ئورۇندۇق تۇراتتى. ئىككى خىتاي بىلەن بىر ئۇيغۇر سوراقچى تاماكا چېكىشىپ ئولتىرىپتۇ.

- ھە، ئېلىپ كىردىڭلارمۇ؟- دېدى سوراقچىلاردىن بىرسى مېنى ئېلىپ كىرگەن ئىككى گۇندىپايغا قاراپ.

- ئېلىپ كىردۇق، - دېدى گۇندىپايلارنىڭ بىرسى.

- ئۇ ياققا ئۆت!- دېدى ئىككىنچى گۇندىپاي.

ئۇنىڭ ئىشارىتى بىلەن ژۇقۇرىغا—تامنىڭ تۈۋىگە بېرىپ تۇردىم. بۇ يەردە مېنى ئولتارغۇزىدىغان ئورۇندۇق يوق ئىدى. تىك تۇردىم. كۆزىم بىردىن ئوڭ تەرىپىمدىكى تامغا قاتار ئېسىپ قويغان ئۇزۇن تاسما قامچىغا، توك كالتىگىگە ۋە رېزىنكە كالتەكلەرگە چۈشتى. «بۇ يەردە مومامنىڭ مومىسىنى كۆرىدىغان ئوخشايمەن؟»- دەپ ئويلىدىم.

شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ يەر ئاستى سوراق ئۆيىدىكى ئۇرۇش، قىيناپ- ئازابلاشلارنى كۆرگۈنۈم ئۈچۈنمۇ ئانچە قورقۇپ، ۋاھىمىگە چۈشكىنىم يوق. ئۆزۈمنى بىچارىلەرچە ئەمەس، دادىل تۇتۇشقا تىرىشتىم. يامىنى كەتسە، ئۇرۇپ- سوقىسەن، بىراق ئۆلتۈرۈۋېتەلمەيسەن؟. . چىدايمەن! بەرىبىر ئۇرىسەن، راست گەپ قىلساممۇ ئۇرىسەن، يالغان گەپ قىلساممۇ ئۇرىسەن. ماڭا قويۇلۇۋاتقان گۇناھ- ئەيىبلەرنى بوينۇمغا ئالدىم، دېمەك، مەن مىللىي بۆلگۈنچى، ئەشەددىي ئۇنسۇر، سىياسىي ژىنايەتچى! ئۇ چاغدا ھالىمغا ۋاي... ھەر ھالدا، بۇ ئەبلەخلەرگە ژىپنىڭ ئۇچىنى كۆرسەتمەس كېرەك. ھازىرچە ژىپ ئۇچىنى تاپالمايۋاتىدۇ. بۇ ياخشى. تېپىپ، تۇتۇپلا ئالسا، ئۇ چاغدا ئىش چاتاق...

- خوش، نەچچە كۈندىن بېرى ياخشى ئويلانغانسەن؟- دېدى سوراقچىلارنىڭ باشلىقى كۆز ئەينەكلىك خىتاي قولىنى كەينىگە قىلغان ھالدا مېنىڭ ئالدىمدىن ئۇ ياق، بۇ ياققا مېڭىپ. - ئەڭ ياخشىسى، ھەممىنى ئوچۇق ئېيت؟ بىلگەنلىرىڭنى، كۆرگەنلىرىڭنى، ئاڭلىغانلىرىڭنى، ھەممىسىنى ئېيتساڭ، ساڭا يېنىكچىلىك بولىدۇ!

- شۇ چاغدا مەن نېمىنى ئېيتىشىم كېرەك؟- ئۆزەمنم خۇپسەنلىككە سالدىم.

- غۇلژىدا فېۋرالü ۋاقىەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئابدۇسالام قارى بىلەن ئابدۇخېلىل ئابدۇمېژىت، تۇرسۇن سەلەي بىلەن ئىبراھىم ئىسماىل ۋە ئابابەكرى ئابدۇمېژىت ئوخشاش مىللىي بۆلگۈنچى، ئەشەددىي ئۇنسۇرلار بىلەن قاچان، قەيەردە ئاكا- ئۇكا بولۇپ دوستلاشقان ئېدىڭ؟- دېدى قوشۇمىسىنى تۈرۈپ.

- مەن ئۇلارنىڭ بىرسىنىمۇ بىلمەيمەن، تونۇمايمەن! سىلەر مېنى باشقا بىرسى بىلەن چاتاشتۈرىۋاتقان بولساڭلار كېرەك؟- دېدىم ئىلگەركى سۆزىمنى قايتىلاپ.

- ئۇ ئۇنسۇرلارنىڭ ھەممىسى ھازىر قولغا چۈشتى. تۈرمىدە. سېنىڭمۇ ئۆزلىرى بىلەن بىر سەپتە ئېكەنلىگىنى ئېيتىشىۋاتىدۇ!...

- ياق، بۇ تۆھمەت! مەن ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسىنى بىلمەيمەن، تونۇمايمەن!- دېدىم ژىددىي قىياپەتتە.

- سەن مەشرەپ ئويۇنلىرىغا، فۇتبول ئويۇنلىرىغا قاتناشتىڭغۇ؟- دېدى ئۇ كۆزلىرىمگە مىقتەك قادىلىپ.

- قاتناشقىنىم راست. مەشرەپ دېگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قېدىمىدىن كېلىۋاتقان مىللىي ئويۇنلىرىنىڭ بىرسى. مەشرەپ دېگەن، ئۇ بىر مەكتەپ. ئادەملەرنى، بولۇپمۇ ياشلارنى يامان يوللاردىن ژىراق بولۇشقا، ھالال بولۇشقا، تازا بولۇشقا، ژەمىيەتكە لايىق بولۇشقا، ژەمىيەتكە خىزمەت قىلىشقا، ئىچىملىككە، چېكىملىككە، ھەر خىل يامان ئىلەتلەرگە قارىشى تۇرۇشقا چاقىرىدىغان، تەربىيىلەيدىغان ژاي. ئۇنىڭ نېمىسى يامان؟ شۇنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ نەچچە يۈزلىگەن ياشلار قاتارىدا مەشرەپ ئويۇنلىرىغا بىر نەچچە قېتىم قاتناشقىنىم، ئۇ راست!

فۇتبول ئويۇنىغىمۇ قاتناشتىم. فۇتبول دېگەن تەنتەربىيىنىڭ بىر تۈرى. مەكتەپلەردە بىرىنچى سىنىپتىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنى فۇتبول ئويۇنلىرى بىلەن چېنىقتۇرىدىغۇ؟ ھەممىمىز فۇتبول ئويۇنلىرىنى ئويناپ چوڭ بولدۇق. دۆلىتىمىز قانۇنىدا فۇتبول ئويناشقا رۇخسەت يوق، دېگەن كۆرسەتمە نەدە بار؟ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن فۇتبول ئويۇنلىرىغا قاتناشىنىم راست. مەن قىلغان ئىشنى قىلدىم دەيمەن، قىلمىغان ئىشنى قىلمىدىم دەيمەن. مەشرەپ ئوينىغىنىم، فۇتبول ئوينىغىنىم ئۈچۈن مېنى سوتلىساڭلار سوتلاۋېرىڭلار!- دەپ سۆزلىدىم ئۆزۈمنى مەغرۇر تۇتۇشقا تىرىشىپ.

- ھوي، سەن خېلىلا سايرايدىغان بولۇپ قاپسەنغۇ؟!- دەپ سوراقچى ئالدىمغا ھۆرپۈيۈپ كەلدى.

- مەن سىلەرنىڭ سوراقلىرىڭلارغا ژاۋاپ بېرىۋاتىمەن، - دېدىم.

- دېمەك، سەن، ئابدۇسالام قارى، ئابدۇخېلىل ئابدۇمېژىت بىلەن ئاكا- ئۇكا دوست ئەمەس، شۇنداقمۇ؟

- شۇنداق. مەن ئۇلارنى مەشرەپ، فۇتبول ئويۇنلىرى ۋاقتىدا كۆرۈپ قالاتتىم. بىراق، ئۇلار بىلەن بىرەر قېتىم سۆزلىشىپ كۆرگەن ئەمەسمەن!

- باشقا ژايلاردا كۆرمەتتىڭمۇ؟

- ياق!

- يالغان ئېيتىۋاتىسەن! سەن ئەشۇلارغا ئوخشاش بىر گۇرۇپپا مىللىي بۆلگۈنچىلەر، ئەشەددىي ئۇنسۇرلار بىلەن بىر سەپتە بولۇپ كەلگىنىڭنى، ئۇلارنىڭ مەخپىي مەژىلىسلىرىگە كۆپ قېتىم قاتناشقانلىقىڭنى بىلىمىز. بىزدە يېتەرلىك مەلۇمات، فاكتلار بار!

- بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان، تۆھمەت!

كۆز ئەينەكلىك بۇ سوراقچى خىتاي تېرىكىشكە باشلىدى.

- ئاناڭنى... ياۋايى! راست گەپ قىلمىغىنىڭنى مەن كۆرەي!- دەپ يېنىدىكىسىگە ئىشارە قىلدى.

ئۇ تامدا قاتارسىغا ئېسىپ قويغان ژازالاش قوراللىرىنىڭ ئىچىدىن توك كالتىگىنى ئالدى. ئالدىمغا دېۋەيلەپ كەلدىدە، توك كالتىگىنىڭ ئۇچىنى ئوڭ بىقىنىمغا تىرەپ تۇرۇپ؛

- راست گەپ قىلامسەن، يوق؟!- قۇلىغىم تۈۋىگە ۋارقىرىدى.

- مەن راست گەپ قىلىۋاتىمەنغۇ...

توك سىملىرى بىر- بىرسىگە تەگكەندە پەيدا بولىدىغان ئۇچقۇن كەبى كالتەكنىڭ ئۇچى پارس- پۇرسلا قىلدى-دە، پۈتۈن تېنىمگە توك مېڭىپ، سىلكىنىپ كەتتىم... ژىقىلىپ چۈشۈشكە ئازلا قالدىم. باش- كۆزۈم ئايلىنىپ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، ئۆزۈم بىر قىسمىلا بولۇپ كەتتىم... بىقىنىم لازا سەپكەندەك ئېچىشىپ كەتتى.

- خوش، ئەمدى راست گەپ قىلامسەن، يوق؟! گۇناھىڭنى، ئەيىۋېڭنى بوينىڭغا ئال، بولمىسا...

- مېنىڭدە ھېچ قانداق گۇناھ، ئەيىب يوق!

- ئەيىب يوق ئېمىش، گۇناھ يوق ئېمىش؟!- ئۇ مەسخىرىلىك بىلەن شۇنداق دېدى-دە، توك كالتىگىنىڭ ئۇچىنى پېشانەمگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى. - راست گەپ قىلامسەن، قىلمامسەن؟!

- مەن راست گەپ قىلىۋاتىمەنغۇ، - دەپ يالۋۇرغاندەك قىلدىم.

«پارس- پۇرس» قىلىپ كۆزلىرىمدىن، پېشانەمدىن ئوت- ئۇچقۇنلار چىقىپ كەتكەندەك بولدى.

بىلمەيمەن، ئوڭدامغا گۈپلا قىلىپ ژىقىلدىم. بېشىم باش ئەمەس، قاپاق بولۇپ قالغاندەك ئىدى. كۆيۈپ- ئېچىشىغا، يىڭنە سانژىغاندەك ئاغرىشىغا چىداش مۇمكىن ئەمەس ئىدى... باشلىرىمنى ھەر يان ئۇرۇپ، ئىڭراپ- تولغىنىپ ياتىمەن. قانچە ياتتىم، بىلمەيمەن.

- تۇر ئورنۇڭدىن!- ۋارقىرىدى ئۇ قولىدىكى توك كالتىگىنى كۆزلىرىمگە تىققىدەك يېقىن ئاپىرىپ.

ئورنۇمدىن تەسلىكتە تۇردۇم.

- ھەي، ئۇكا!- دېدى ئۇيغۇر ساقچى ماڭا ئىچى ئاغىرىۋاتقاندەك قىلىپ، - ھەممىنى ئېيتىپلا قۇتۇلمامسەن بۇلاردىن؟

- سەن ماڭا ئۇيغۇرچە سۆزلىمەي، خەنسۇچە سۆزلىسەڭمۇ بولىدۇ، بۇلار تولۇق چۈشىنىشى كېرەك؟!- دېدىم ئۇنىڭغا ۋە خىيالىمدىن شۇنداق سۆزلەر كەچتى؛ «سېنىڭ قولۇڭدىن نېمە ئىش كېلەتتى. سەن تۇرغان بىر قوچاق. بۇ «ئاكىلىرىڭ» قىل دېگەننى قىلىسەن، قىلما دېگەننى ھەرگىز قىلمايسەن. قىلالمايسەن. قىلىش قولىڭدىن كەلمەيدۇ، كۈچ- قۇدرىتىڭ يەتمەيدۇ، ھوقۇقۇڭ يوق! سەن بىر ژان باقار بېچارىسەن، بۇلارنىڭ قول چومىغىسەن!... مۇمكىن سەن ياخشى ئادەمسەندۇ. ئۆز قېرىنداشلىرىڭنىڭ تاياق- كالتەك ئاستىدا مۇشۇنداق قىينىلىپ- ئازابلىنىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغىنىڭدا يۈرەك- باغرىڭ ئېزىلار، ئاھ ئۇرارسەن، ھەسرەت چېكەرسەن؟ بۇ زومىگەرلەرنىڭ ۋەھشىلىكلىرىگە نەپرەتلىنەرسەن، غەزەپلىنەرسەن!... سېنىڭ قولىڭدىن بىزلەرگە ياردەم كېلىشى چامالىق، ئومۇمەن كەلمەيدۇ. بۇنى بىز بىلىمىز، سەنمۇ بىلىسەن. بىزگە ئوخشاش مەھبۇسلارنى سوراق قىلغاندا، ساڭا ئوخشاش ھوقۇقسىز بىر ئۇيغۇرنى ھوقۇقدار، خالىغىنىنى، خىيالىغا كەلگەننى قىلىدىغان ئەۋۇ ژۇمۇق كۆز ھوقۇقدارلارنىڭ ئارىسىغا قوشۇپ قويۇشى، بۇ بىر رەڭۋازلىق، ئالدامچىلىق، مەككارلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. كۆردۈڭمۇ بۇلار قانداق، ئۇيغۇرنى ئۇيغۇرغا ئۇرغۇزۇپ قويۇپ تاماشە كۆرۈشىدۇ! شۇنىڭدىن راھەتلىنىدۇ، ھۆزۈرلىنىدۇ! مەيلى، نېمە بولسا، شۇ بولسۇن، ئۆز قېرىنداشلىرىڭغا قاتتىق قوللۇق، مونۇلارغا ئوخشاش تاش ژۈرەكلىك قىلمىساڭلا، بىزلەرنى ژازالاشقا كەلگەندە، بۇلاردىن ئاشۇرىۋەتمىسەڭلا بولغىنى؟! سوراق ۋاقتىدا، مەيلى، ئۇرساڭ ئۇرىۋەرگىن، قىينىساڭ قىيناۋەرگىن، بۇ سېنىڭ ۋەزىپەڭ، خىزمىتىڭ. بۇنىڭدىن بىز ئۇنچىلىك خاپا بولۇپ كەتمەيمىز. ھەر ھالدا، بۇلاردىن ئاشۇرىۋەتمىسەڭلا بولغىنى، ۋىژدانىڭنى ساتمىساڭلا بولغىنى؟ سەۋەب، ھەر ئىشنىڭ سورىغى بولىدۇ. شۇنى ئۇنتۇمىساڭلا بولغىنى. زامان مۇنداقلا ئۆتمەيدۇ، شۇنى ئويلاپ قوي. بۇ ئۆتنە ئالەم!...

مېنىڭ «ئۇيغۇرچە سۆزلىمەي، خەنسۇچە سۆزلىسەڭمۇ بولىدۇ!»دېگەن سۆزۈم ئۇنىڭغا ئېغىر كەلگەن بولسا كېرەك، چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى. قوشۇمىلىرى تۈرۈلدى. ئۇنىڭ، باشلىقلىرىنىڭ ئالدىدا خىزمەت كۆرسەتكۈسى كەلدىمۇ، بىلمەيمەن، ژەھلى چىقىپ ۋارقىرىدى. خىتايچە سۆزلىدى.

- سەن ئاناڭنى... ، تىرەژەپ تۇرۇۋالىدىغان ئېشەكنىڭ ئۆزى ئېكەنسەن!...

سۆز قايتۇرماي ژىم- ژىت تۇرۇۋالدىم.

كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، سوراق ئىشلىرىدا ئۇلار مۇشۇنداق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بەك ئۇستا ئىدى. ژىسمانىي ژەھەتتىن ئاژىز مەھبۇسلار بەزى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ساقچى، سوراقچىلارنىڭ چىرايلىق سۆزلىرىگە، ئىچ ئاغرىتىپ ئېيتقان «مېھرىۋانلىقلىرىغا» ئالدىنىپ، قىلمىغان ژىنايەتلىرىگىمۇ ئىخرار بولۇپ قالاتتىدە، گۇناھ، ئەيىبلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ ئالاتتى. بۇنداق ئىشلار ماڭا مەلۇم بولغانلىقتىن، سوراقخانىلاردا خىتايلار بىلەن بىللە بولىدىغان ئۇيغۇر ساقچى، سوراقچىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىپ، ، ياردەم قىلماقچى بولۇپ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ بىرسىگىمۇ ئىشەنمەتتىم. ئىشەنمىگىنىم ئۈچۈن شۇ كۈنكى سوراق ۋاقتىدا باشلىغىنىڭ ئىشارىتى بىلەن ئۇيغۇر سوراقچى تامدا ئېسىقلىق تۇرغان ئۇزۇن ئۆرۈم قامچىنى قولىغا ئالدى. ئىككى گۇندىپاي مېنى تامغا يېقىن ئاپاردى. كىشەنلەڭەن پۇتلىرىمنى تېپىپ، ئىككى ئايىغىمنى كېرىپ تۇرغۇزدى. ئىككى قولۇمنى ئېگىز كۆتەرگۈزۈپ، ئىككى ياققا كېرىپ، ئالىقانلىرىمنى تامغا چاپلاپ تۇرغۇزدى.

ئۇزۇن ئۆرۈم قامچا «تارس- تۇرس»قىلىپ غول، دۈمبىلىرىمدە سويلاشقا، ئويناشقا باشلىدى...

ئاغرىققا چىدىماي ۋارقىراۋاتىمەن. باشمالتاقتەك ئۆرۈلگەن تاسما قامچا تەككەن ژايلار چىدىغۇسىز ئېچىشاتتى، كۆيۈپ ئاغىراتتى.

تارسىلداپ تېگىۋاتقان قامچا زەربىسىگە چىدىماي قېلىۋاتقان غول- دۈمبىلىرىم ئېغىرلىشىپ، ئۆزۈم دەرمانسىزلىنىپ، دىرىلداپ تىترەۋاتقان ئاياغلىرىم بەستىمنى كۆتۈرەلمەي، تامغا چاپلاشقىنىمچە، تۆۋەڭە سىرىلىپ چۈشۈپ كېتىۋاتىمەن...

بىر چاغدا تىزىمچە ئولتىرىپ قالدىم. مەڭزىم سوغ سېمېنت تامغا چاپلىشىپ قالغاندەك ئىدى. سوغ تامدىن يۈزىم ئارقىلىق پۈتۈن تېنىمغا كىچىككىنە بىر ئاراملىق كىرىۋاتقاندەك بولاتتى...

مېنى قامچا بىلەن ئۇرۇپ، غول- دۈمبىلىرىمنى چەك- چەك يېرىۋەتكەن ئۇيغۇر سوراقچى ئىدى.

سوراق يەنە داۋام قىلدى.

- خوتەنلىك ئابابەكرى ئابدۇمېژىت بىلەن قاچان، قەيەردە تونۇشقان ئېدىڭ؟- دېدى كۆز ئەينەكلىك خاتاي سوراقچى.

- ئۇنى تونۇمايمەن، بىلمەيمەن، - دېدىم ئارانلا.

- ياق، سەن بىلىسەن. ئۇنى ياخشى تونۇيسەن، ئۇنىڭ بىلەن كۆپ مەژىلىسلەردە بىللە بولغانسەن؟!- دەپ ۋارقىرىدى ئۇ.

- سىلەر مېنى باشقا بىرسى بىلەن چاتاشتۇرىۋاتقان بولساڭلار كېرەك؟

- ھەي ژاھىل، بىلگەندىن، تونۇغاندىن كېيىن بىلىمەن، تونۇيمەن دېمەمسەن؟!- دەپ ژەھلى چىقىپ ۋارقىرىدى ئۇيغۇر ساقچى...

سوراق شۇ خىلدا داۋام قىلدى. ئۇلار مېنى ئابدۇسالام قارى، ئابدۇخېلىل ئابدۇمېژىت، ئابابەكرى ئابدۇمېژىت، تۇرسۇن سەلەي، ئىبراھىم ئىسماىللار بىلەن بىرلىكتە ژەمىيەتتە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىپ، بىر مۇنچە قالايمىقانچىلىقلارنى چىقارغان مىللىي بۆلگۈنچى، دىنىي ئەسەبىي، ئەشەددىي ئۇنسۇرلارنىڭ قۇيرىغى بولغانلىقىمنى تەن ئالدۇرۇپ، ئىخرار قىلدۇرۇشقا، شۇ ئارقىلىق ماڭا سىياسىي قالپاقنى كىيگۈزۈشكە قانچە ھەرىكەت قىلمىسۇن، ئۇلارنىڭ قالپىغى مېنىڭ بېشىمغا توغرا كەلمەتتى. قالپاق بىردە چوڭ، بىردە كىچىك بولۇپ قالاتتى. ئومۇمەن، قالپاقنى كىيگۈزەلمەتتى. ئەگەر مەن سەللا ئاژىزلىق قىلسام، ئۇلارنىڭ ئۇرۇپ- قىيناشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالسام، دېمەك، ئۇ چاغدا قالپاق بېشىمغا توغرا كىيىلىپ قالىدۇ دېگەن سۆز. شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام!... بۇ دوزاقتىن ئۆلۈپ قۇتۇلمىسام، تىرىك قۇتۇلالمايمەن. تىرىك قالغاننىڭ ئۆزىدە پۈتۈن ھاياتىم تۈرمە- زىندانلاردا ئۆتۈشى چوقۇم. ئۇ چاغدا مېنى ئۇزاق مۇددەتلىك ياكى مۇددەتسىز تۈرمە ژازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى تۇرغان گەپ! شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىرلا سۆزدە تۇرۇۋالاتتىم. بىلمەيمەن، تونۇمايمەن! تېرىكىپ ژەھلى چىققان سوراقچىلار مېنى ئايىماي ئۇراتتى. قىيناپ- ئازاپلاتتى. ئاناڭدىن تۇغۇلغىنىڭغا ۋايژان دېگۈزەتتى، چېقىرتىۋېتەتتى. بىراق، سېنىڭ قانچە ۋارقىراپ، چېقىرغىنىڭ بۇ يەر ئاستى سوراقخانىسىدىن يەر ئۈستىگە- - تاشقىرىغا ئاڭلانماتتى.

مېنى ئىخرار كەلتۈرۈپ، توۋا قىلدۇرالمىغان سوراقچىلار بىر چاغدا توك كالتىگىنى يەنە ئىشقا سالدى. توك كالتىگى بىلەن ژان يېرىمگە توك ئۇردى... ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي قاتتىق چىرقىراپ كەتتىم. ئۇ چاغدىكى ئاغرىقنى سۆز بىلەن يەتكۈزۈشكە تىلىم ئاژىزلىق قىلىدۇ. ئۇ دەھشەتنى ياراتقان ئېگەم ئەزىز بەندىسىگە كۆرسەتمىسۇن دەيمەن!

توك كالتىگى بىلەن ژان يېرىمگە ئىككىنچى قېتىم توك ئۇرغىنىدا ئوڭدامغا ئۇچۇپ چۈشتۈم... چالا بوغۇزلانغان كالىدەك تېپىرلايمەن. پۇتلىرىمدىكى زەنژىر كىشەنلەر شاراقلايدۇ.

بىر چاغدا بىر چېلەك سۇنى ئۈستۈمگە چاچتى. كىچىككىنە ئارام ئالغاندەك بولدۇم. مۇزدەك سېمېنت ئۈستىدە ئوڭدامغا ياتىمەن. كۆزلىرىم سوراقچىلارغا قادالدى. ئۇلار پۇتلىرىنى ئالماشتۇرغان ھالدا تاماكا چېكىشىپ، پاراڭنى دۆڭ سوقۇشۇپ ئولتىرىشاتتى. ئارىلاپ- ئارىلاپ مەن تەرەپكە قاراپ قويىدۇ. ئىككى گۇندىپاي ئىككى تەرىپىمدە قوللىرىنى كەينىگە قىلىپ تۇراتتى.

ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى. مېنى تۇرغۇزدى. سوراق يەنە باشلاندى.

ئىككى ئايىغىمدا ژان يوق، دىرىلداپ تىترەيدۇ. ئىككى پۇتۇمنىڭ تىماقلىرىدىن تارتىپ، بېشىمدىكى چاچلىرىمغىچە ئۆزۈمنىڭ ئەمەستەك ئىدى... ئۆزۈمنى بىر تۈرلۈك ھېس قىلاتتىم. تەن- تېنىمگە تارىغان بىر تۈرلۈك ئاغرىقتىن تۇرۇپ- تۇرۇپلا سەسكىنىپ، شۈركۈنۈپ تىترەپ كېتەتتىم. بارغانسېرى دەرمانسىزلىنىپ، كۆزلىرىم يېپىلىپ، ھېلىدىن- ھېلىغا بېشىم تۆۋەن چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۆزۈمنى ئوڭدامغا تاشلاپ، سوغ، مۇزدەك سېمېنت ئۈستىدە پۇت- قوللىرىمنى ئۇزۇن سۇنۇپ ياتقۇم كېلەتتى. شۇ چاغدا مەن ئۈچۈن ئەشۇنىڭدىن ئارتۇق راھەت يوقتەك ئىدى...

ئىككى غولۇم ئۈستىگە كەينى- كەينىدىن ۋاق- ۋۇق قىلىپ تەككەن رېزىنكە كالتەكتىن كېيىن دەررۇ ئۆزۈمگە كەلدىم.

- قېنى ئېيتە، چەت ئەل رادىولىرىنى تىڭشىغىنىڭغا ئىخرارمۇسەن؟- دەپ ۋارقىرىدى سوراقچى خىتاي.

- مەن پەقەت شىنژاڭ رادىوسىنى، مەركىزى خەلق رادىوستاسىياسى خەۋەرلىرىنى تىڭشايمەن!

- ئامېرىكا ژاھاڭىرلىرىنىڭ رادىولىرىنىمۇ تىڭشايسەنغۇ؟- دەپ ۋارقىرىدى.

- ياق، ئۇنى بىلمەيمەن!

- يالغان ئېيتىۋاتىسەن! سەن دائىم چەت ئەل رادىئو خەۋەرلىرىنى تىڭشاپ، ژاھاڭىر دۆلەتلەرنىڭ بىزگە قارىشى تەشۋىقاتلىرىنى ئاڭلاپ، ئاغىنىلىرىڭگە، تونۇش- بىلىشلىرىڭگە دائىم يەتكۈزۈپ تۇرىسەن. شۇ ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە قارىشى تەتۈر تەشۋىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىسەن!...

- ياق، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆھمەت!- دېدىم قەتüئىيلىك بىلەن.

كاچىتىمغا تەككەن شاپىلاقتىن كۆزلىرىمدىن ئوت چىقىپ كەتكەندەك بولدى...

سوراق شۇ خىلدا داۋام قىلىپ، بىرىنچى كۈنكى «ئىخرار قىلدۇرۇش» ژازاسى تۆرت سااتتىن ئارتۇق ۋاقىتقا سوزۇلدى. مېنىڭدىن ھېچ قانداق بىر ئېنىق ژاۋاپ ئالالمىغان، مېنى توۋا قىلدۇرۇپ، ئىخرارغا كەلتۈرەلمىگەن ئۇلار ھېرىپ- چارچىغان بولسا كېرەك، بىر چاغدا كۆز ئەينەكلىك سوراقچى خىتاي؛

- ۋاقىت خېلى بولۇپ قاپتۇ، بولدى قىلايلى، دەم ئالايلى، - دېدى ۋە گۇندىپايلارغا قاراپ. - مونۇ ژاھىل ئۇنسۇرنى ئەكىرىۋېتىڭلار!- دەپ چىقىپ كېتىشتى...

يەر ئاستى سوراقخانىسىدىن سىرتقا چىققۇچە بولغان ئۈچ ئايلانما پەلەمپەيدىن كۆتىرىلگىچە ھېچ ھالىم قالمىدى. بىر نەچچە قېتىم ژىقىلىپ چۈشۈشكە تاسلا قالدىم. گۇندىپايلارنىڭ بىرسى تۇتۇۋالمىغىنىدا، پەلەمپەيدىن دومىلاپ پەسكە چۈشۈپ كەتكەن بولار ئىدىم. ئۇلارنىڭ مەن بېچارىگە ئازراق بولسىمۇ ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ بىلمەيمەن، ئىككىسى ئىككى قولتۇغىمدىن يۆلەپ، ژۇقۇرىغا ئېلىپ چىقتى.

تۈرمە ھويلىسى يەنىلا يوپ- يورۇق ئىدى. سەھەرنىڭ سالقىن ھاۋاسىدىن قېنىپ- قېنىپ ژۇتتۇم. كىچىككىنە يېنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم...

گۇندۇپايلار مېنى يۆلەپ- يۆلەشتۈرۈپ دېگۈدەك كامېرىغا ئېلىپ كىرىشتى.

تۆمۈر ئىشىكنىڭ شاراقلاپ ئېچىلىشىدىن ئويغىنىپ كەتكەن مەھبۇسلاردىن بىر نەچچىسى باشلىرىنى كۆتۈرىپ، ئىشىك تەرەپكە قاراشتى. مەن يېڭىدىن مېڭىشقا باشلىغان بالىلاردەك تەمتىلەپ، ئاياغلىرىمنى ئاران- ئاران بېسىپ، بۈگلۈكنىڭ چېتىگە ئۆزۈمنى تاشلىدىم. ئاياغلىرىمنى ھەر بىر كۆتۈرىپ باسقىنىمدا، زەنژىرلەرنىڭ بىر- بىرسىگە ئۇرۇلۇشىدىن چىقىۋاتقان «شاراق- شۇرۇق، شاراق- شۇرۇق» ئاۋازلار كامېرىدىكى ئۆلۈم ژىم- ژىتلىغىنى بۇزۇپ تۇرغاندەك بىلىندى ماڭا.

- بۇ ياققا قىڭغاي، - دېدى مەھبۇسلاردىن بىرسى بېشىنى كۆتۈرىپ. - قاتتىق ئۇرۇۋەتكەن ئوخشايدۇدە؟

- ھە- ئە، - دېدىم ئارانلا. - خاپا بولماي، سۇ بەرگىنە ماڭا؟

- ھازىر، ھازىر. - ئۇ ئورنىدىن دەررۇ تۇردى-دە، گىرىمسەن يورۇق كامېرىنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى ئۈز- قول ژۇيۇدىغان ژايدىكى شۈمەكتىن كرۇژكىدا سۇ ئېلىپ كەلدى. مۇزدەك سۇنى گۈپۈلدەپ ئىچىۋەتتىم. تەشنالىقىم بېسىلىپ، كىچىككىنە راھەتلەڭەندەك بولدۇم.

- مەن ياتاي؟- دېدىم.

- يات، يات. ئارام ئال!- دېدى ئۇنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ.

٭ ٭ ٭

تاراق- تۇرۇق، ۋاڭ- چۇڭدىن ئويغىنىپ كەتتىم. ھەممە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقان ئېكەن.

- قانداق، ياخشىمۇسەن؟- ھالىمنى سوراشتى كامېرا ئىچىدىكىلەر نۆۋەتمۇ- نۆۋەت.

- ئاللاھغا شۈكرى. - بېشىمنى زورغا كۆتۈرىپ، ئورنۇمدىن تەسلىكتە تۇردۇم. قامچا تېگىپ چەك- چەك يېرىلغان ژايلاردىن چىققان قانلار قېتىپ، كۆينىگىمنىڭ ئارقىسى چاپلىشىپ قالغان ئېكەن. تېنىمنىڭ ھەرىكەتلىنىشى بىلەن كۆڭلەك چاپلاشقان ژايلار تۇز سەپكەندەك ئېچىشىپ كەتتى.

- خېلى قاتتىق ئۇرۇۋەتكەن ئوخشايدۇدە؟ بۇ گۇيلار شۇنداق، ئايىمايدۇ!- دېدى مەھبۇسلاردىن بىرسى ئىچ ئاغىرتقاندەك سۆزلەپ.

- شۇنداق. - دېدىمدە، باشقا گەپ قىلمىدىم. ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭمۇ ھاژىتى يوق ئىدى. ھالىڭنى ئېيتقىنىڭ بىلەن ئۇلار ساڭا نېمە قىلىپ بېرىدۇ، قولىدىن نېمە كېلەتتى. ئۇلارنىڭمۇ ھەممىسىلا ساڭا ئوخشاش مەھبۇس، ژىنايەتچى! بۈگۈن مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن كۈن، ئەتە موشۇلاردىن بىرسىنىڭ بېشىغا چوقۇم كېلىدۇ. كېلىۋاتىدۇ ھەم...

ئورنۇمدىن تۇردىمدە، كىشەنلىك ئاياغلىرىمنى زورغا كۆتۈرۈپ، «شاراق- شۇرۇق، شاراق- شۇرۇق» ئاۋاز بىلەن بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ بۇلۇڭدىكى تاھارەت قىلىدىغان ژايغا باردىم. ئۇزاق زەر تۆكۈپ، ئاراملاندىم. سۈيدۈگىم قىپ- قىزىل رەڭدە. «توك كالتەكنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك؟»دەپ ئويلىدىم. ئۈز- قوللىرىمنى ژۇيۇپ، ئورنىمغا بېرىپ ئولتاردىم.

بىر چاغدا تۆمۈر ئىشىكنىڭ ئانچە چوڭ بولمىغان تۆشۈكچىسى شاراقلاپ ئېچىلدى. «ساات سەككىز بوپتىدە؟»- دەپ ئويلىدىم. مەھبۇسلار كرۇژكا، ژاۋۇرلىرىنى كۆتىرىشىپ، ئاشۇ تۆشۈكچىگە نۆۋەتمۇ- نۆۋەت تۇرۇشتى. ئەتىگەنلىكى بېرىدىغان تامىقى—قاينىغان، بەزىدە چالا قاينىغان سۇ بىلەن بىر تال موما. مۇشتۇمدەك چوڭلۇقتىكى ئۇ مومىنى ئالىقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ سىقساڭ، چوڭىراق ياڭاقتەك بولۇپ قالاتتى، خالاس. چۈشتە، ساات ئىككىلەردە بېرىدىغان تامىقى—بەسەي، ئانچە- مۇنچە ياڭىيۇ ۋە چۆپ- كوكاتلار قوشۇپ قاينىتىلغان تۇزسىز بىر نەرسە. كەچلىك تامىغىمىز قۇرۇق نان بىلەن ترۇبا شۈمىگىدىن ئېقىۋاتقان خام سۇ. قۇرۇق نان دېمەكچى، پۇتىغا كىشەن سېلىنغان، ئېغىر ژىنايەت سادىر قىلغان يەنى ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىللار بىلەن ماڭا ئوخشاش سىياسىي مەھبۇسلاردىن باشقا ھەر خىل ژىناىي ئىشلار بىلەن تۈرمىگە چۈشكەن مەھبۇسلارغا ئاتا- ئانىسى، قېرىنداش- تۇغقانلىرىدىن كېلىپ تۇرىدىغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇلار كىرگۈزۈپ تۇرىدىغان ئازدۇ- تولا ئاخچىلىرىغا تۈرمە ناۋايخانىسىدىن سېتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان نانلار ئىدى. كەچلىك تامىغىمىز ئاشۇ قۇرۇق نان، خالاس.

تۇزسىز نەرسىلەرنى يەۋەرگەندىن كېيىن، ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەن ئۆگە- ئۆگىلىرىڭ بوشاپ، ئادەمدىن كۈچ- قۇۋۋەت كېتىدېكەن... ناۋايلار مەھبۇسلارنىڭ مەخپىي ئىلتىماسى بىلەن تونۇرنى قىزىتىپ تاۋلىغان ۋاقتىدا، تونۇر ئارقىسىغا شاكاراپ سۇنى ئايىماي چاچاتتى. ناننىڭ ئارقىسىغىمۇ شاكاراپنى بولۇشىچە چېچىپ سۈركەتتى. شۇڭا ناننىڭ ئارقىسىنى ئېغىزىمىزغا سېلىۋېلىپ، مەمپەز شورىغاندەك شورىشاتتۇق. تۇزغا دېگەن تەشنالىقىمىزنى كىچىككىنە بولسىمۇ باسقاندەك بولاتتۇق. بۇ ئىشى ئۈچۈن بىز تۈرمە ناۋايچىلىرىدىن تاغدەك رازى ئېدۇق.

چالا قاينىغان ئىلمان سۇ بىلەن بىر تال مومىنى يەپ، ناشتا قىلغىنىمدىن كېيىن، ئورنىمغا بېرىپ ياتتىم. كامېرىدىكى ئون نەچچە مەھبۇسنىڭ ئۆز ئارا پاراڭلىرى خۇددى قاپاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغان ھەرىلەرنىڭ ئاۋازىدەك غوڭۇلداپ ئاستا ئاڭلىناتتى قۇلۇغىمغا. مەن ياتقان بۇ كامېرىدا بىر تۇڭگان، بىر قازاقتىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىدى.

بىلمەيمەن، بۈگۈن ئورنۇمدىن ناھايىتى ئەسكى تۇردىم. ھېچ قاچان مۇنداق بولمىغان ئىدىم. كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ، ژىغلىغۇملا كېلىپ تۇرىدۇ. ئىچىمدمن ھۆپۈلدەپ چىقىۋاتقان قاتتىق بىر نەرسە تامىغىمغا كېلىپ تۈرۈلگەندەك بولاتتى. ئىچىم يېنىپ، ھۆپۈلدەپ تۇراتتى... شۇ تاپتا يېنىمدا ئانام بولسا ياكى مەرھۇم ئاتام بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ بوينىغا ئېسىلىۋېلىپ، ھۆكۈرەپ ژىغلاۋەتكەن بولار ئىدىم... ئامال قانچە، ئۇ ئەزىزلىرىم يېنىمدا يوق! مېنىڭ ئەژايىپ ئاتامنى، ھېچ كىمگە ئوخشىماسقەدىردانىمنى، تايانچىمنى، تېغىمنى، مەسلەكدىشىمنى، سۆھبەتدىشىمنى، ئەقىلدارىمنى، باش- پاناھىمنى قارا يەر ئۆزىنىڭ سوغ باغرىغا ئالغىنىغا بىر نەچچە ژىل بولۇپ قالغان ئىدى... يالغۇزىنىڭ، كۆز نۇرىنىڭ يولىغا قاراپ، دەرۋازىنىڭ غاچ قىلىپ ئېچىلىشىغا، مېنىڭ «ئانا، مەن كەلدىم!»دەپ كىرىپ كېلىشىمنى تۆرت كۆزلەپ كېچە- كۈندۈز كۈتۈپ ئولتارغان ئانامنى بەك سېغىنغانلىقىمنى، كۆرگۈم كېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ بەتتەر ھېس قىلىشقا باشلىدىم...

بېچرە ئانام! بۇ دۇنىيانىڭ قىزىغىدىن، راھىتىدىن كۆرە ژاپا- مۇشاقىتىنى، ھەسرەت- قايغۇسىنى ھېسابسىز تارتىپ كېلىۋاتقان كۆڭلى سۇنۇق، يۈرەك- باغرى ئېزىلگەن، يارىلانغان، ئاژىز، چارىسىز، مەسۇم ئانام!...

بىرسىگە كەڭ، بىرسىگە تار يارالغان بۇ دۇنيا مېنىڭ ئاتا- ئانام ئۈچۈن تولىمۇ تار يارالغان كەن!...

ئۇلار ياش ۋاقتىدا بىر- بىرسىنى سۆيۈپ، ياخشى كۆرۈشۈپ تۇرمۇش قۇرۇشىپتېكەن. شېرىن ئارزۇلار ئىلىكىدە بىر تەھىيگە باش قويغان كۈنىدىن تارتىپ، بىر ئېتەك ئوغۇل، قىز تېپىشنى ئارمان قىلىشقان ئېكەن. ئانام تۆرت قېتىم قورساق كۆتۈرۈپتۇ. بىرىنچى قېتىمدا بويىدىن ئاژىراپ كەتكەن ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تەل- تۆكۈس تۇغۇلغان ئوغۇل بىلەن قىز «ئاپا، دادا!»دەپ تىلى چىقىپ، تايتاڭلاپ مېڭىشقا باشلىغاندا، قىزىل چىقىپ، ئۇزاقمۇ ئاغرىماي ئۇ دۇنىيالىق بولۇپ كېتىپتۇ. مەن تۇغۇلۇپ، قىرقى سۈيىمنى قۇيۇپ، بۆشۈك توي قىلمىغۇچە ئانام «كۆزى ياماننىڭ كۆزى تەگمىسۇن، تىلى ياماننىڭ تىلى تەگمىسۇن!»دەپ، مېنى ئاتامدىن باشقا ھېچ كىمگە كۆرسەتمىگەن ئېكەن.

ئۇلار مېنى كۆز قارچۇغىدەك ئاسراپ، ئەزىزلەپ ئۆستۈردى. يەتتە ياشقا كىرىپ، مەكتەپكە بېرىشنىڭ ئالدىدا پۈتۈن ئۇرۇق- تۇغقان، يارۇ- بۇرادەر، قولۇم- قوشنىلارنى ژىغىپ، سۈننەت تويۇمنى چوڭ ئۆتكۈزۈشتى.

توي ئۆتۈپ، مەن ياخشى بولۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرسىدە، ئاتامنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىر نەچچىسى بىزنىڭ ئۆيدە مېھمان بولۇشقان ئىدى. شۇ كۈنى ئاتامنىڭ خۇش چاقچاق سازەندە ئاغىنىلىرىدىن بىرسىنىڭ ئېيتقان مونۇ سۆزلىرى قۇلۇغىمغا قوغۇشۇندەك قۇيۇلۇپ، تۇرۇپ قالغان ئېكەن.

- ھوي، ئاداش، سېنى ژۈرىگى ئاسانلىقچە ئېرىمايدىغان قاتتىق ئادەم دەپ ئويلىسام، سەن كۆڭلى تولىمۇ يۇمشاق، بىر ژىغلاڭغۇ ئېكەنسەنغۇ؟- دەپ سۆزلىدى ئۇ كىشى. - توي كۈنكى ئىشنى ھەممىڭلار كۆردىڭلار، قەيسەرژاننى ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان ئورۇنغا ياتقۇزۇپ، ئۇستام ئىشنى ئەندىلا باشلىشى بىلەن، ئوغلىنىڭ ۋارقىراپ ژىغلىشىنى كۆرۈپ، قارىسام بۇ ئاغىنىمىز بالىسى بىلەن تەڭلا ژىغلاۋاتىدۇ. تەكبىر ئېيتىشىمىز بىلەنلا تالاغا چىقىپ كەتتى. ئۇستام ئىشنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاغىنىمىزنى مۇبارەكلەي دەپ سىرتقا چىقسام، بۇ ئەر- خوتۇن ئىككىسى ئىشىك- دېرىزىنى ياقىلاپ ژىغلاپ تۇرۇشۇپتۇ...

ئاشۇ سۆزدىن كېيىن ئۆي ئىچىدىكىلەر قاقاخلاپ كۈلۈشتى.

- توغرا ئېيتىسەن، ئاداش، توغرا ئېيتىسەن. بىزدە ھەر قايسىڭلارغا ئوخشاش ئىككى- ئۈچتىن يوقتە، يالغۇز بىر تال!- دېدى ئاتام.

- گەپ ساندا ئەمەس، سۈپەتتە. - سۆزگە ئارىلاشتى ئولتارغانلاردىن بىرسى. - بىر تال بولسىمۇ ئەقىل- پاراسەتلىك، ئىنساپلىق بولۇپ ئۆسسە، ئونغا تېتىيدىغان بولىدۇ، ئاداش؟!

- ئاغزىڭغا شېكەر! ئانىسى ئىككىمىزنىڭ ئارزۇ- ئارمىنىمىزمۇ شۇ. - دېدى ئاتام. - ياراتقان ئېگەم بۇ كۆز نۇرۇمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزاق قىلغاي، بەختىنى بەرگەي! مېنىڭ ئىزىمنى يوقاتمايدىغان، ئۆيىمىزنىڭ چىرىغىنى ئۆچەرمەيدىغان مېنىڭ مۇشۇ قەيسىرىم!- دەپ ئاتام مېنى ئەركىلىتىپ، پېشانەمگە سۆيۈپ قويغان ئىدى...

تا شۇ كۈڭىچە ئېسىمدىن كەتمىگەن سۈننەت تويۇم ۋاقتىدىكى ئاتامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغىنىلىرىنىڭ ئېيتقان ئاشۇ سۆزلىرى خىيالىمغا كېلىشى بىلەن ئۆپكەم تېخىمۇ ئۆرلەپ كەتتى!...

يالغۇز ئانام مەن يالغۇزىدىن ئايرىلىپ، نېمە كۈنلەرنى كېچىۋاتىدېكىن؟

ئانامنى غايىۋانە كۆرۈۋاتقاندەك بولۇۋاتىمەن...

ئاق ياغلىغىنى بېشىغا يېيىپ سېلىۋالغان ئانام شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا ھەر كۈنى كېلىدۇ. ئىشىك ئالدىدا كۈزەتتە تۇرغان ساقچىلار ئانامنى ئىچكىرىگە كىرگۈزمەيدۇ. «مېنىڭ بالامنى ساقچىلار مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەتكەن... مېنىڭ بالام نەدە؟ مەن بالامنى بىر كۆرۈۋالاي! مېنى قويۇپ بېرىڭلار، باشلىقىڭلارغا ئېيتىدىغان گەپلىرىم بار ئىدى؟... »ئانامنىڭ يېلىنىپ- يالۋۇرۇشلىرىنى، زارلىنىشلىرىنى تىڭشاۋاتقان، بۇ بېچارە ئانىنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆرۈۋاتقان ھېچ كىم يوق.

بېچارە ئانام مېنىڭدىن ھېچ بىر خەۋەر ئالالماي، سااتلاپ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا ئولتىرىدۇ. ئىچكىرىگە كىرىپ چىقىۋاتقان ئادەملەرگە، ساقچىلارغا، ھەربىي كىيىمدىكى ھۆكۈمەت ئادەملىرىگە تەلمۈرۈپ قارايدۇ. لېكىن، دەرد- ھەسرىتى چېكىدىن ئاشقان بۇ ئاژىز، بېچارە ئانىغا نەزەر ئاغدۇرۇۋاتقان، ئۇنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن ئولتىرىۋاتقانلىغىنى، كىمنىدۇ كۈتۈۋاتقانلىغىنى بىلگۈسى كېلىۋاتقان، ئۇنىڭ دەرد- ھالىنى ئاڭلاپ كۆرمەكچى بولۇۋاتقان بىرەر ئادەمنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس.

ھەممىلا ساقچىلارنىڭ، ھەممىلا ھەربىيلەرنىڭ، ھەممىلا ھۆكۈمەت ئادەملىرىنىڭ، باشلىقلارنىڭ ژۈرىگى تاش ئەمەسقۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ ياخشى ئادەملەر بار، مېھرىبان ئادەملەر بار، ھەقنى ھەق دەيدىغان ئىنسانلار بار. ئاددىي پۇقرانىڭ ھال- مۇڭىغا يېتىدىغان، ياردەم قولىنى سۇنۇشنى ئىستەيدىغان، دۆلەتنىڭ بەزىبىر چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلىرىگە، سىياسەتلىرىگە ئىچىدىن نارازى، ئامما سىرتىغا ئوچۇق چىقىرالمايدىغان، پىكىر بىلدۈرەلمەيدىغان ئالىيژاناپ ئىنسانلارمۇ، ھەتتا خىتاي باشلىقلارمۇ بار.

بىر كۈنى ئانام ئەينە شۇنداق ئالىيژاناپ ئىنسانلاردىن بىرسىنىڭ نەزىرىگە چۈشۈپ قالدى. «سىلى كۆپ ئەندىشە قىلمىسىلا، ئوغۇللىرىنى ھازىر سوراق قىلىپ، مەسىلىنى ئېنىقلاۋېتىپتۇ. ئەگەر ئوغۇللىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارىشى بىرەر مەسىلە بولمىسا، ياكى چوڭ بىرەر ژىنايەت ئۆتكۈزمىگەن بولسا، ھېچ قانداق گۇناسى، ئەيىبى بولمىسا بوشىتىۋېتىدۇ... ئوغۇللىرى ھازىر بۇ يەردە يوق، «يېڭى ھايات» تۈرمىسىدە ئېكەن... سىلى ياشىنىپ قالغان ئادەم ئېكەنلا، ئۆزلىرىنى ئايىسىلا... »دېگەڭە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن ئۆيىگە قايتۇرۇۋېتىدۇ.

ئانام كىچىككىنە بولسىمۇ خاتىرژەم بولغاندەك بولىدۇ.

ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ، ئانامنىڭ خاتىرژەملىگى يەنە بۇزۇلدى. ئۆيدە ئولتىرالماي قالدى. نان- توغاچ، تاتلىق- تۇرۇمغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئالدى-دە، ياغلىقىغا چىگىپ، بوغۇچىنى قولتۇقىغا قىسىپ، مېنى كۆرۈش ئۈچۈن تۈرمىگە كەلدى. بىراق، دەرۋازا كۈزەتچىسى ئانامغا ژاۋاپ بەرمەي، قوغلاۋەتتى. ئەتىسى يەنە كەلدى... ئۆگۈنى يەنە كەلدى. دەرۋازا كۈزەتچىسى تۈرمە مەستüئۇللىرىدىن بىرسىگە خەۋەر قىلدى. بۇ قېتىم تۈرمە مەستüئۇلى ئانام بىلەن كۆرۈشتى.

- ھە، سېنىڭ بالاڭ مۇشۇ يەردە. ئۇنى ھازىر سوراق قىلىپ، مەسىلىنى ئېنىقلاۋاتىدۇ. - دېدى ئۇ.

- بالامنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ مەن ئۇنى بىر كۆرسەم دەيمەن؟

- بالاڭنىڭ ئەھۋالى ياخشى. بىراق، ھازىرچە، مەسىلە ئېنىقلانمىغىچە كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ!

- باشقىلار باللىرى بىلەن كۆرۈشىدېكەنغۇ؟

- ئۇلارنىڭ مەسىلىسى باشقا، سېنىڭ بالاڭنىڭ مەسىلىسى باشقا!

- مېنىڭ بالام ھۆكۈمەتكە قارىشى بىرەر ئىش قىپتىمۇ؟

- ھە، شۇ مەسىلىنى ئېنىقلاۋاتىدۇ.

- ۋاي، ژېنىم بالام، قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەتلەرگە قالمىساڭ بولاتتىغۇ؟!- دەپ ۋايسالاتتى ئانام.

- ھەي، ئايلاڭزا، سەن ئەمدى بۇ يەرگە باشقا كەلمە!

- بالامنى كۆرسەملا بولاتتى؟

- مەن ساڭا ئېيتتىغۇ، ھازىر كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ!

- قاچان كۆرۈشۈشكە بولىدۇ؟

- مەسىلە ئېنىقلىنىپ بولغاندىن كېيىن.

- قاچان ئېنىقلىنىپ بولىدۇ؟

- بىلمەيمەن. بولدى قىل، ئايلاڭزا، ئۆيىڭگە كەت، باشقا كەلمە؟!

- ماقۇل، - دەيدۇ ئانام كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ. - ئۇنداق بولسا، «ئاناڭ سېنى يوقلاپ كەپتۇ»دەپ، مونۇلارنى بالامغا ئەكىرىپ بەرسەڭ؟

- بۇ نېمە؟- سورايدۇ ئۇ ئانامنىڭ قولىدىكى تۈگۈچكە قاراپ.

- نان- توغاچ، ئازراق تاتلىق- تۇرۇم.

- ياق، بولمايدۇ، بۇنداق نەرسىلەرگە رۇخسەت يوق!

- ۋاي، بۇ نان- توغاچ، تاتلىق- تۇرۇمغۇ؟

- مەن ساڭا ئېيتتى، بولمايدۇ، رۇخسەت يوق!

- باشقىلار ئېلىپ كەلسە، ئەكىرىپ بېرىسىلەركەنغۇ؟

- ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن سېنىڭ بالاڭ ئوخشىمايدۇ.

- ۋاي، ژېنىم بالام، نېمە گۇناھ قىلىپ قويغانسەن؟- زارلىنىدۇ ئانام.

- ھەي، ئايلاڭزا، بولدى، ئۆيىڭگە كەت. باشقا كەلمە؟!. .

شۇنىڭدىن كېيىن بېچارە ئانام ئېلىپ كەلگەن تۈگۈچىنى قولتۇقىغا قىسقان ھالدا ئاھ ئۇرۇپ، ئامالسىزدىن ئۆيگە قايتىدۇ. خېلى يەرلەرگىچە تۇرۇپ- تۇرۇپلا ئارقىسىغا—تۈرمىنىڭ قارا دەرۋازىسىغا قايغۇ- ھەسرەتكە، مۇڭ- قايغۇغا تولغان كۆزلىرىنى تىككەن پېتى ئۇلۇغ- كىچىك تىنىپ، بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ، بۇ يەردىن كەتكۈسى كەلمەيۋاتقاندەك ئىلگىرىلەيدۇ...

قاياقتىن چىققىنىنى، كەلگىنىنى بىلمەيمەن، ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان قارا قۇيۇن ئانامنى، ئانامنىڭ باياتىن مەن كۆرۈۋاتقان سېيماسىنى ئۆز قاينىمى ئىچىگە ئالدى-دە، ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەندەك بولدى.

كۆز ئالدىمدىكى ئانامنىڭ غايىبانە سېيماسى بىردىن غايىب بولدى.

- ئاھ، ژېنىم ئانا، مەن سىزنى بەك سېغىندىم!...

يۈرەك- باغرىم كۆيۈپ- ئېچىشىپ، پۈتۈن ۋۇژۇدىم، تېنىم، ئۆزۈم بىر پەستىلا كۆيۈپ، كۈلگە ئايلانغاندەك بولدۇم... كۆزلىرىمنى مەككەم ژۇمۇۋېلىپ، ئىچىمدە ئېزىلىپ- ئېزىلىپ ژىغلىدىم...

خونەنلىك ژىگىت

ئارىدىن ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى.

بۇ ئارىلىقتا مېنى تۈرمىنىڭ يەر ئاستىدىكى سوراقخانىسىغا ئۈچ- تۆرت قېتىم ئېلىپ كىردى. شۇ باياقى سوراق، ئۇرۇپ- قىيناش، ئازابلاش... بۇ دوزاختا مېنى قانچە ئۇرۇپ- قىينىمىسۇن، ئازابلىمىسۇن، ئۇلار مېنى «گۇناھىمغا، ئەيىۋىمگە» ئىخرار قىلدۇرالمىدى. «بىلمەيمەن. تونۇمايمەن. ئاڭلىغىنىم يوق!» شۇنىڭدىن باشقا سۆز ئالالمىدى مەندىن. لېكىن، ئالدىمدا مېنى نېمىلەر كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلمەس ئىدىم.

بىر كۈنى كېچىلىك ساات ئون ئىككىلەر ئەتراپىدا كامېرىنىڭ تۆمۈر ئىشىكى شاراقلاپ ئېچىلدىدە، ئىككى گۇندىپاي كىرىپ كەلدى.

- قەيسەر ئابلىمىت، تۇر ئورنۇڭدىن، بۇ ياققا ماڭ!- دەپ بۇيرۇق قىلدى.

«بۈگۈن يەنە ئۇرىدىغان بولدى!»- دەپ ئويلىدىمدە، ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چۈشتۈم.

گۇندىپايلار مېنى ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ، يەر ئاستى سوراقخانىسىغا ئەمەس، قاتارسىغا سېلىنغان تۈرمە بېناسىنىڭ ئىككىنچى بىرسىگە ئېلىپ كىردى. ئۇزۇن كورىدور ئارقىلىق ھەر ئۈچ- تۆرت مېتىرغا بىردىن تۆمۈر ئىشىكلەر ئورنىتىلغان تۈرمە كامېرلىرىنىڭ ئۇ بېشىغا ئېلىپ ماڭدى. بۇ يەردە تەخمىنەن ئون يەتتە، ئون سەككىز كامېرا بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچ- تۆرتىدە خىتاي، شېۋە، موڭغۇلغا ئوخشاش باشقا مىللەت مەھبۇسلىرى ياتاتتى. قالغان كامېرىلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك مۇسۇلمان يەنى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرى سولانغان.

- توختا!- دېدى گۇندىپاي ئۇزۇن كورىدورنىڭ ئۇ بېشىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلگەندە.

بۇيرۇق بويىچە توختىدىم. تۆمۈر ئىشىك شاراقلاپ ئېچىلدى.

- كىر!- دېدى.

ئاياقلىرىمدىكى كىشەنلەرنى شاراقلىتىپ مېڭىپ، كامېرا ئىچىگە كىردىم. ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان بىر خىل بىقسىغان سېسىق پۇراق دىمىغىمغا گۈپلا ئۇرۇلدى...

گىرىمسەن يورۇپ تۇرغان بۇ كامېرىغا يەتتە- سەككىز خىتاي مەھبۇسلىرى سولانغان ئېكەن. «قارا، بۇلاردا قانداق كەڭچىلىك، ئۇيغۇرلاردا بولسا تىقىمچىلىق... ھەتتا تۈرمە كامېرىلىرىدىكى بۇ خىل پەرىقلەرگە نېمە دېگۈلۈك؟»- پىچىرلىدىم ئىچىمدە.

ئاشۇ يەتتە- سەككىزىنىڭ ئىككىسى ئوڭدا ياتىدۇ. ئىككى- ئۈچى ئىشتانلىرىنىڭ پاقالچەكلىرىنى تىزىغىچە كۆتۈرۈۋالغان ھالدا زوڭزىيىپ ئولتارغاچ، پارالىشىۋاتاتتى. ئىككىسى قولىنى ئارقىسىغا قىلىۋېلىپ، ئۇ ياقتىن، بۇ ياققا مېڭىپ ژۈرىدۇ. بىرسىنىڭ پۇتىدا كىشەن. «بۇ سىياسىي مەھبۇس ئوخشايدۇ؟»- دەپ ئويلىغاچ، ئۇنىڭ بەشەرىسىگە قارىدىم. سوزماق ئۈز، ياپما قاپاق، پىچاقنىڭ ئۇچى بىلەن تىلىپ قويغاندەك كىچىك، ژۇمۇق كۆز. بەستى ئانچىمۇ يوغان ئەمەس. بويى مەندىن بىر ئىككى غېرىچ پاكارەك. چىرايىدىن سوغۇقلۇق، قوپاللىق چىقىپ تۇرىدۇ. «بۇ ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولۇشى مۇمكىن؟»- دەپ ئويلىدىم.

مەن كامېرا ئىچىگە كىرىشىم بىلەنلا ئۇلار ماڭا لاپ قىلىپ قاراشتىدە، بىر نەچچە دەقىقە مەندىن كۆز ئالماي، ئالىيىپ قاراشقان ئىدى. ئىشىك يېپىلغاندىن كېيىن؛

- ھە، ئۇيغۇر، كەلدىڭمۇ؟!- دېدى ئولتارغانلاردىن بىرسى.

- ھە، كەلدىم!- دېدىم ئىشەشلىك سۆزلەپ ۋە ئاياقلىرىمدىكى كىشەنلەرنى شاراقلىتىپ ماڭغاچ، بۈگلۈكنىڭ چېتىگە كېلىپ ئولتاردىم.

- بۇ يەردە ئولتىرىشقا ھازىرچە ساڭا رۇخسەت يوق!- دېدى بىرىنچى بولۇپ سۆزلىگەن مەھبۇس.

- قەيەردە ئولتىرىشىم كېرەك؟

- قەيەردە ئولتىرىشىڭنى بىلمەيمەن. بىراق، بۇ يەردە ئەمەس!...

«گۇناھىنى، ئەيىۋىنى» بوينىغا ئالمىغان ماڭا ئوخشاش ژاھىل مەھبۇسلارنى خىتاي مەھبۇسلىرى يېتىۋاتقان كامېرىلارغا يېرىم كېچىلەردە يۆتكىدىمۇ، دېمەك بۇ، توۋا قىلدۇرۇشنىڭ بىر يولى، ئۇسۇلى ئىدى. ئامما، بۇ خىل ئۇسۇل خىتاي مەھبۇسلىرىغا ھېچ قاچاندا قوللىنىلماتتى.

بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. بۇلار بۈگۈن مېنى ئۇرىدۇ. «شۇنچە ئۇرۇپ- قىيناشلاردىن ئۆلۈپ قالغىنىم يوققۇ؟ بۇلارنىڭ ئۇرغىنى قانچىلىك بولار؟ ئۇرسا ئۇرسۇن، بىزگىمۇ ئۇرىدىغان، ئۆچ ئالىدىغان كۈنلەر كېلەر!»- دەپ ئويلىدىمدە، قەددىمنى تىك تۇتتۇم.

- ھەي، ئۇيغۇر، مەن ساڭا ئېيتتىمغۇ، بۇ يەردە ئولتارما دەپ!- ئۇ ئورنىدىن تۇردى-دە، بۈگلۈكنىڭ چېتىدە ئولتارغان مېنىڭ ئۈستۈمدە تىك تۇردى ۋە ئالدىمغا تۈكەردى.

- ئۇنداق بولسا قەيەردە ئولتىرىشىمنى، قەيەردە يېتىشىمنى سەن كۆرسىتىپ بەر ماڭا؟- دەپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم.

كۆرۈنۈشتە ئۇ مۇشۇ كامېرىنىڭ غورىزىدەك ئىدى. «ئەگەر بىرگە بىر چىقساڭ، سېنىڭ قانچىلىك غوراز ئېكەنلىگىڭنى بىر ئىككى پاشماندىن كېيىنلا كۆرسۈتىپ قوياتتىم. شۇ چاغدا كۆرەتتىم قۇيرىغىڭنى كۆتۈرۈپ قاچمىغىنىڭنى؟»- دەپ ئۆزۈمگە ئۆزۈم پىچىرلىدىم. بىراق، بۇ يەرنىڭ بىرگە بىر مۇشلىشىدىغان ژاي ئەمەس ئېكەنلىگىنى ئوبدان بىلەتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ئىككى پۇتۇمدا كىشەن. ئۆزۈم يالغۇز ئۇيغۇر، ئۇلار يەتتە- سەككىز. ھەممىسىلا بىر ئىخلىمدىن. قول كۆتۈرۈشكە بولمايدۇ. تۈرمىدىكى «قانۇن- قاىدىنى»بۇزسام، كىم بىلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىۋېلىپ، مەن يالغۇز ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ سوراق- سورىغىمۇ بولمايدۇ. «كېسەل ئېكەن، ئۆلدى»دەيدىدە، ئىشنى تامام قىلىدۇ... ياق، مېنىڭ بۇ دوزاقتىن ساق- سالامەت چىقىپ كېتىشىم كېرەك!... » مۇشۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدىمدە، ئۇرۇشنى قاچان باشلار ئېكىن، دەپ بېپەرۋا ئولتىرىۋەردىم. بىر چاغدا ئۇلارنىڭ غورىزى؛

- ئاناڭنى... ياۋايى!- دەپ ۋاقىرغىنىچە، بىقىنىمغا بىرنى تەپتى. بۈگلۈك ئۈستىدىن پالاققىدە قىلىپ يەرگە ژىقىلدىم.

- تۇرغۇزىڭلار ئۇنى؟!- دېدى ئۇ ئولتارغانلارغا. ئۇلار چاققانلىق بىلەن بۈگلۈك ئۈستىدىن سەكرىشىپ يەرگە چۈشتى. ئىككىسى ئىككى قولتۇغىمدىن تۇتۇپ تۇرغىزدىدە، بۇلۇڭغا ئاپاردى. ئىككى قولۇمنى ئارقامغا قايرىپ تۇتۇپ تۇرۇشتى...

شۇنىڭدىن كېيىن ئۈستى- بېشىمغا، توغرا كەلگەن ژايىمغا «ۋاق- ۋۇق، تارس- تۇرس»قىلىپ مۇشتلار تېگىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوللىرى ئاغىرغىچە بىر قۇردىن ئۇرۇپ، پۇخانىنى چىقارغاندەك بولۇشتى.

- ئۇيغۇرلارنىڭ تاياق ئۆتمەيدىغان گاڭگۇڭى ئوخشايدۇ بۇ؟!- دېدى ئۇلارنىڭ غورىزى. - بۇ باشقىلىرىغا ئوخشاش ۋايژان دەپ ۋاقىرغىنى، يېلىنىپ- يالۋۇرغىنىمۇ يوق!

- ۋارقىرىمىسا ھازىر ۋاقىرتىمىز، ۋايژان دېمىسە ھازىر ۋايژان دېگۈزىمىز!- دېدى ئىككىنچى بىرسى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سۇغا چىلانغان بىر تال قىزىل خىش بىلەن لۆڭگە ئېلىپ كەلدى. خىشنى لۆڭگىگە ئوراشقا باشلىدى.

«ئابلا، باياتىن ۋايژان دەپ ۋارقىراپ قويسام بوپتىكەن؟ تاياقنىڭ چوڭىنى ئەمدى يەيدىغان بولدۇم!»- دەپ ئويلىدىم.

بوي- تۇرقى پاكارەك، دۇمبۇلاق كەلگەن ھىڭگا چىشلىق، ئون سەككىز- ئون توققۇز ياشلار ئەتراپىدىكى ژۇمۇق كۆز مەھبۇس ماڭا قاراپ ھېژايغىنىچە، قولىدىكى لۆڭگىگە ئورالغان خىش بىلەن گۈپلا قىلىپ مەيدەمگە بىرنى ئۇردى. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، بېشىم زىڭىلداپ كەتتى...

ئۇلار نۆۋەتمۇ- نۆۋەت مەيدەمگە، قوسىغىمغا، بىقىنلىرىمغا بىر- ئىككىدىن ئۇرۇشتى. ئاغرىققا چىدىغىنىم بىلەن ئۆزۈم تامامەن ھالسىزلىنىپ كەتتىم. ئىككى قولۇمنى كەينىگە قارىغان ھالدا تۇتۇپ تۇرغان ئىككىسى بولمىسا، ئاللىقاچان ئالدىمغا دۈم چۈشكەن بولار ئىدىم.

- بولدى قىلىڭلار، يېتىدۇ؟!- دەپ ۋارقىرىدى ئاياغلىرىغا كىشەن سېلىنغان سىياسىي مەھبۇس.

ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتتى.

- يارايسەن، ئوغۇل بالا ئېكەنسەن!- دېدى سىياسىي مەھبۇس ئالدىمغا كېلىپ.

مەن ئۇنىڭدىن رازى بولغاچ، كۈلۈمسىرەپ بېشىمنى لىڭشىتتىم.

- بۇ يەردە ئەمدى ھېچ كىم ساڭا قول كۆتۈرمەيدۇ، - دېدى ئۇلارنىڭ غورىزى. - سەن بەك نوچى ئېكەنسەن؟ ساڭا ئوخشاش چىداملىق، غەيرەتلىكلىرى ئاز. ساڭا شۇ تاياقمۇ ئۆتمەيدېكەن. ئەمدى ژۇقۇرىغا چىقىپ يات، دەم ئال؟ بۇ ئورۇن سېنىڭكى!

- ماڭا سۇ بەرگىن، سۇ ئىچەي؟- دېدىم.

ئۇ قاقاخلاپ كۈلدى.

- سەن بولىدىغان ژىگىت ئېكەنسەن. باياتىن مېنىڭدىن تاياقنى راسا يەپ تۇرۇپ، يەنە ماڭا سۇ بەرگىن، دەپ بۇيرۇق قىلىۋاتىسەن. ئوغۇل بالا دېگەن ساڭا ئوخشاش بولۇش كېرەك. سەن ماڭا يېقىۋاتىسەن!- دەپ ھېژايدى ئۇ.

- شۇنداقمۇ؟- دەپ سورىدىم.

- ھە، شۇنداق!- دېدى ئۇ.

- مېنىڭ ساڭا ئوخشايدىغان بىر خەنسۇ ئاغىنەم بار. بالا ۋاقتىدا ئۇ ئىككىمىز كۆپ سوقۇشاتتۇق، مۇشلىشاتتۇق. كېيىن بىز ئايرىلماس دوستلاردىن بولۇپ كېتىشتۇق. سەن ئۇنىڭغا بەك ئوخشايدېكەنسەن؟ ئۇ ئاغىنەم نوچى، گاڭگۇڭ. ھېچ كىمدىن، ھېچ نەرسىدىن قورىقمايدۇ. ئۇ ئىككىمىز بىر بولساق، يەتتە- سەككىزىنى كۆز ژۇمۇپ- ئاچقىچە ئۇرۇپ ياتقۇزىۋېتەلەيمىز...

- دېمەك، سەنمۇ نوچى، گاڭگۇڭ ئېكەنسەندە؟

- تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن مەن سېنى ئۇ ئاغىنەم بىلەن تونۇشتۇرىمەن.

- سەن بايىلا شۇنداق دېسەڭ بولمامدۇ؟

- ھېچ گەپ ئەمەس. تۈرمىنىڭ بۇ «قانۇن- قاىدىسىنى» ئاڭلىغانمەن، بىلىمەن. سېنىڭدىن ھەرگىز خاپا بولمايمەن.

- ئېكە قولۇڭنى، بىز ئىككىمىز ئەمدى دوست بولىمىز، - دەپ ئۇ ئالدىمغا كەلدىدە، قولىنى سۇندى. مەن قولۇمنى بەردىم.

- ۋاڭ ژۇن!

- قەيسەر!

كامېرا ئىچىدىكىلەر ھەيرانلىقتا بىر- بىرسىگە قاراشقىنىچە، تۇرۇپ قېلىشتى.

- سەن خاپا بولما، قەيسەر؟

- خاپا ئەمەسمەن. سېنىڭدەك دوست تاپقىنىمغا خۇشالمەن!

- سېنى بىر ئاز ئۇچۇغداپ قويدۇق؟

- ھېچ گەپ ئەمەس.

- يارايسەن، ئوغۇل بالا. - دەپ ئۇ غولۇمغا قاقتى. - ژۈر ئاغىنە، ژۇقۇرىغا چىقايلى، دەم ئال؟

- سەن ۋەزىپەڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ، ماڭا سۇ بەرمەمسەن؟- چاقچاق ئارىلاش شۇنداق دېدىم كۈلۈپ.

- ياخشى، ياخشى. - ئۇمۇ كۈلدى ۋە ھىڭگا چىشلىق مەھبۇسقا قاراپ. - ئاكاڭغا سۇ ئېلىپ كەل!- دەپ بۇيرۇق قىلدى.

- ياق، سېنىڭ قولۇڭدىن ئىچكۈم كېلىدۇ؟ سۇنى ئۆزۈڭ ئېلىپ كېلىشىڭ كېرەك؟ شۇ چاغدا بىز ھەقىقىي دوست بولالايمىز!

- ياخشى، ياخشى، - دەپ ئۇ ئىككى مۈرەمدىن تۇتتى-دە، كۆزلىرىمگە تىكلىنىپ قاراپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى. - سېنىڭدە يۇلۋاستەك يۈرەك بار ئېكەن ژۇمۇ!...

مەن بىرىنچى سىنىپتىن تارتىپ خىتايچە تىل- يېزىقلارنىمۇ ياخشى ئوقۇغانلىقىمدىن، ئۇلارنىڭ تىلىنى ئانا تىلىمدەك مۇكەممەل بىلەتتىم.

- يۇلۋاستەك بولمىسىمۇ شىردەك بار. - دېدىم چاقچاق ئارىلاش. - بىز ئۇيغۇرلاردا «يامان يۇلۋاس يولدا ياتسا، شىرغا يول بەرمەس»دېگەن ماقال بار.

- ياخشى، ياخشى، - دەپ ئۇ كرۇژكىغا سۇ ئېلىپ كەلدى.

- رەمەت ساڭا، ۋاڭ ژۇن، - دەپ ئۇنىڭ قولىدىكى كرۇژكىنى ئالدىم ۋە مۇزدەك سۇنى گۈپۈلدەپ ئىچىۋەتتىم. مەيدە، قورساق، بىقىنلىرىمنىڭ سانژىپ ئاغىرىشلىرى كىچىككىنە بېسىلغاندەك قىلدى.

- سەن ھەقىقىي مەرد، نوچى، گاڭگۇڭ ئوغۇل بالا ئېكەنسەن؟ بۇنى مەن ھاياتتىنمۇ كۆرگەن، كىتابلاردىنمۇ كۆپ ئوقۇغانمەن!...

مېنىڭ بۇ سۆزلىرىم ئۇنىڭغا بەك يېقىپ كەتتى. ئۇ كۆكسىنى كېرىپ، بېشىنى غازدەك تىك قىلغان ھالدا ھەمراھلىرىغا «كۆردىڭلارمۇ، مونۇ باشقا مىللەتنىڭ مېنى ژۇقۇرى باھالاۋاتقىنىنى؟ مېنىڭ قەھرىممۇ بار، زەھرىممۇ بار، مېھرىممۇ بار! ئاكاڭ قارىغاينىڭ قانداقلىقىنى ياخشىراق بىلىپ قويۇش؟!»- دېگەندەك ئىپادە بىلدۈردى.

مېنىڭ «يېڭى ھايات» تۈرمىسىدىكى «ژازالاش» مەقسىتىدە خىتاي مەھبۇسلىرى سولانغان كامېرىغا يۆتكىگەندىن كېيىنكى بىرىنچى كۈنىم ئەينە شۇنداق باشلانغان ئىدى.

بۇ يەردە كەڭچىلىك، ئازادىلىك. بۈگلۈك ئۈستىدە قىسىلىشماي، ئارامخۇدا يېتىپ ئۇخلايمىز. بۇلارغا بېرىلىدىغان تامقلارمۇ باشقىچەرەك، مىللىيلارغا قارىغاندا خېلىلا ياخشى. تۇز- دېمىمۇ يامان ئەمەس... خېلىلا ئازادىلىككە چىقىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ كامېرىنىڭ غورىزى بىلەن ئاغىنە- دوست بولۇۋالدىم. مەنمۇ ئۆزۈمنى ۋاڭ ژۇنغا ئوخشاش غوراز ھېسابلاپ ژۈردۈم. ماڭا قاپاق تۈرۈپ قارايدىغان، دوق- پوپوزا قىلىدىغان ھېچ كىم يوق. بەزى مەھبۇسلارغا ئۆيىدىن كېلىپ تۇرىدىغان يېمەكلىكلىرىنى ئۇلار مېنىڭسىز يېمەيدۇ. بىراق، مەن ئۇلارنى «مېھمان» قىلالماتتىم. ئۇلار بۇنى ياخشى بىلىدۇ. بۇ كامېرىدا ئاياغلىرىغا كىشەن سېلىنغان ئىككى مەھبۇس بار. ئۇنىڭ بىرسى مەن، يەنە بىرسى، كەم گەپ قىلىدىغان، سۆز قىلساڭ ژاۋاپ بېرىدۇ، بولمىسا، ئۆزلۈكىدىن گەپ قىلماي ئەتىدىن كەچ كىرگىچە قوشۇمىسىنى تۈرۈۋېلىپ، تۈگىمەس ئوي- خىياللار ئىچىدە ژۈرىدىغان ژىگىرمە بەش ياشلار ئەتراپىدىكى خىتاي ژىگىتى. بۇ ئىككىمىزگە ئۆيدىن ھېچ نەرسە كەلمەتتى. كەلگەن تەقدىردىمۇ قوبۇل قىلىشماتتى. سەۋەب، بىز سىياسىي مەھبۇسلار ئېدۇق...

شۇنىڭ بىلەن كۈنلەرنى قوغلاپ ھەپتىلەر، ھەپتىلەرنى قوغلاپ ئايلار ئۆتۈشكە باشلىدى.

مەن تۈرمىگە، تۈرمە ھاياتىغا خېلىلا ئۆگىنىپ قالغان ئىدىم.

كېچە- كۈندۈز ئويلايدىغىنىم ئانام!

ئانامنى بەك سېغىناتتىم...

«بېچارە ئانام مېنىڭدىن ئايرىلىپ، يالغۇزچىلىقتا نېمە كۈنلەرنى تارتىۋاتىدېكىن؟»- يۈرەك- باغرىم كۆيۈپ كېتەتتى. كېچىلىرى ئۇيقۇم ئېچىلىپ كېتىدۇ. ئۇ ياققا ئۆرۈلىمەن، بۇ ياققا ئۆرۈلىمەن، كۆزلەرگە ئۇيقۇ كېلەر ئەمەس ئىدى. تاڭ ئاتماس بۇ كېچىلەرنىڭ ئۇزاقلىغىچۇ؟!. .

كامېرا ئىچىدىكىلەر تاتلىق ئۇيقىدا. بىرلىرى پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان، بىرلىرى خورەك تارتىپ، ژۆلىشىپ كېتىدۇ، بىرلىرى ئارىلاپ- ئارىلاپ «تارت- تارت»ئېتىپ قوياتتى. ئارزاڭدەك ئېچىپ كەتكەن سېسىق پۇراق ئەتراپقا تاراتتى. بۇ «ئاغىنىلەرنىڭ» ئاغزىدىن، تېنىدىن گۈپۈلدەپ چىقىپ تۇرىدىغان بىر خىل يېقىمسىز پۇراق بىلەن كەينى تۆشۈكىدىن چىقىۋاتقان پۇراقلار ئارىلىشىپ، كۆڭلىڭنى ئاينىتاتتى، قۇسقۇڭنى كەلتۈرەتتى. بىراق، ئۇنىڭغىمۇ ئۈگۈنىپ- كۆنۈپ قالىدېكەنسەن. دەسلەپكى كۈنلەردە بەك قىينالغان ئىدىم. كېيىن ئاستا- ئاستا ئۇ سېسىق پۇراقلاردىن سەسكەنمەي ژۈرىۋېرىدىغان بولدۇم. شۇڭا ئەۋۇ بىرلىرىنىڭ ئارقا قىسىلچىغىدىن «تارت- تارت»قىلىپ ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ئوقلىرىدىن تارىلىۋاتقان پۇراقلار ھېچ گەپ ئەمەستەك ئىدى.

ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئانام چۈشلىرىمگە بەك تولا كىرىدىغان بولۇپ قالدى.

ئانامنى ئويلاپ، ئانامنىڭ گۈل چىرايىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگەچ، خىيالەن ئۆزۈمگە- ئۆزۈم سۆزلەتتىم. «بېچارە ئانام شۇ كۈنلەردە مېنى ئويلاپ، ژىغلاپ، ئاھ ئۇرۇپ، ھەسرەت چېكىپ، ئاغرىپ- سىلاپ قالمىسىدى، ئىلاھىم؟. . ئېھ ئاللاھ، ئانامغا سالامەتلىك، ساغلاملىق، تېتىكلىك، ھوشىيارلىق، سەۋر- تاقەت، چىداملىق، قەيسەرلىك بەرگەيسەن، ئاتا قىلغايسەن؟! دۇنىيادا قەيسەرلىككە كەلگەندە، چىداملىققا كەلگەندە، كۆتىرىشلىككە كەلگەندە، سەۋر- تاقەتلىككە كەلگەندە ئانىلارغا تەڭ كېلىدىغىنى يوق! ۋاقتى كەلگەندە ئانىنىڭ كۆڭلى، قەلبى، ژۈرىگى پولاتتەك قاتتىق، شۇنىڭ بىلەن بىللە گۈل بەرگىدەك نازۇك! قايسى بىر يازغۇچى شۇنداق يازغان ئېكەن. بۇنى مەن قايسى بىر كىتابتىن ئوقۇغان. ئاشۇ قەيسەرلىكنى، ئاشۇ چىداملىقنى، ئاشۇ كۆتىرىشلىكنى، ئاشۇ سەۋر- تاقەتنى مېنىڭ ئانامدىن ئايرىمىغايسەن، ياراتقان ئېگەم؟!- دەپ ئاللاھغا ئىلتىژا قىلغاچ، ئانامنى ئويلىدىم.

شۇندا مەرھۇم ئاتام بىردىنلا كۆز ئالدىمغا ئېنىق، روشەن كەلدى...

ئاتامنىڭ مەزگىلسىز، تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ئانامغا تولىمۇ ئېغىر كەلگەن ئىدى!...

ئانام بۇ ژۇدالىققا چىدىدى. چىدىماي ئامال يوق! بىراق، ئىچىدىن كۆيۈپ كۈل بولدى.

مېنىڭ شوخ بالىلىق دەۋرلىرىم تۈگىدى.

ئوقۇشقا دېگەن قىزىقىش، ئىنتىلىشلىرىم، ھەۋەس- ئىشتىياقلىرىم بىردىن ئۆچتى.

شېرىن ئارزۇ- ئارمانلىرىم ئاتام بىلەن بىللىلا قارا يەرنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتتى!...

ئاتامنىڭ يەتتە نەزىرىدىن كېيىن ئاتىدىن ئايرىلىشنىڭ، ژۇدالىقنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئېكەنلىگىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغاندەك، بىلگەندەك بولدۇم.

ھەر كىمنىڭ ئۆز ئۆي- روزغارى، تىرىكچىلىكى بار ئەمەسمۇ؟ يەتتىسىگىچە ئانامغا ھەمراھ بولۇپ ئولتىرىشقان تۇغقانلار، كىرىپ- چىقىپ تۇرۇۋاتقان قولۇم- قوشنىلار نەزىر پۈتكەندىن كېيىن، ھەممىسى ئۆيلىرىگە كېتىشتى. ئانام ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق. تۆرت تام يەپ تۇرغاندەك ئىدى مېنى...

ئانام خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇزاقتىن- ئۇزاق دۇگا قىلدى.

ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا شۈمشەرەپ ئولتارغان مېنىڭ مىسكىن كۆڭلۈم بىردىن بۇزۇلۇپ، ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ كەتتى.

«ھە، ئوغلۇم!» دېگىنىچە كۈلۈمسىرەپ ئۆيگە كىرىپ كېلىدىغان ئاتام كۆز ئالدىمدا لاپ قىلىپ پەيدا بولدى.

«ئاتا، ژېنىم ئاتا!»- ژۈگۈرەپ بېرىپ ئاتامنىڭ بوينىغا ئېسىلغۇم كەلدى.

يۈرەك- باغرىم كۆيۈپ كەتتى.

قانچە قىلساممۇ چىدىمىدىم. ۋارقىراپ ژىغلاۋەتتىم.

- ۋاي بالام، نېمە بولدى؟

ئانامنىڭ بۇ سۆزى يۈرەك- باغرىمنى تېخىمۇ ئۆرتەپ تاشلىدى. ئۆزۈمنى ئانامنىڭ باغرىغا ئاتتىم.

- ئاتا، ژېنىم ئاتا! مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن؟... بىزنى نېمىشقا تاشلاپ كەتتىڭ؟- ئۆپكە- ئۆپكەمنى باسالماي قالدىم.

- قوي بالام، ژىغلىما، كەچتە ژىغلىغان يامان، - ئانام باشلىرىمنى، ئۈزلىرىمنى توختىماي سىلاتتى. قىرى بۇزۇلغان ئېرىقنىڭ سۈيىدەك ئىككى كۆزىمدىن ئېقىۋاتقان ياشلىرىمنى ئالىقانلىرى بىلەن سۈرتۈۋاتقان ئانام مېنىڭ زارىمغا چىدىماي قالدى... مېنى باغرىغا مەككەم بېسىۋالدى...

ئانام ئاۋاز چىقىرىپ ژىغىلمىغىنى بىلەن ئىچىدە ژىغلاۋاتاتتى، ژۈرىگىدە ژىغلاۋاتاتتى. بۇنى ئانامنىڭ ئىچ- ئىچىدىن ئۆپكىدەۋاتقىنىدىن، پۈتۈن ۋۇژۇدىنىڭ ئاچچىق ژۇدالىق ئوتىدىن تىترەۋاتقانلىغىدىن سېزىپ، بىلىپ تۇراتتىم...

مانا مۇشۇلار كۆز ئالدىمدىن بىر- بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى.

چىدىدىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. ژۈرىگىم كۆيۈپ، ئىچىشىپ كېتىۋاتاتتى... مۇزدەك سۇدىن بىر كرۇژكىنى دەم ئالماي ئىچىۋەتتىم. بۈگلۈكنىڭ چېتىدە پۇتۇمنى ساڭگىلىتىپ، تۈگىمەس ئازابلىق ئوي- خىياللارغا بېرىلگەن ھالدا ئولتاردىم.

كامېرا ئىچىدىكىلەر شۇ باياقىچە پۇشۇلدىشىپ، خورەك تارتىشىپ، ناۋان- ناۋاندا «تارت- تارت»ئېتىپ قويۇپ، دۇنىيادىن بېغەم راھەتلىنىپ ئۇخلىشىۋاتاتتى.

خىياللىرىم يەنە قايتىدىن ژىراقلارغا قاراپ قانات قاقتى...

باشقىسىنى بىلمەيمەنۇ، بىراق مەن ئۈچۈن ئاتامدىن ژۇدا بولۇش، مېنىڭ شېرىن ئارزۇ- ئارمانلىرىمنى كۇمپەي- كۇم قىلىپ تاشلىغان ئىدى. ھايات مەن ئۈچۈن مەنىسىزدەك، ھېچ بىر قىزىغى يوقتەك بىلىنەتتى. ھەممە نەرسىگە بېپەرۋا قارايدىغان بولۇپ قالدىم. ئوقۇشتىنمۇ سۇسلاشتىم. ئاتام ھايات ۋاقتىدا قولۇمدىن كىتاب چۈشەرمەتتىم. ئاتامدىن قانداق ئايرىلدىم، كىتابتىنمۇ شۇنداق ئايرىلدىم. زادىلا ئوقۇغۇم كەلمەيدۇ، دەرس قىلغۇممۇ كەلمەيدۇ.

بىر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئانام، بىردە ماڭا ئىچى ئاغرىپ، مېنى ئاياۋاتقاندەك، بىردە مېنىڭدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي، مېنىڭدىن رەنژىۋاتقاندەك سۆزلەپ، شۇنداق دېدى؛

- ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن سەن باشقىچىلا بالا بولۇپ قېلىۋاتىسەن؟ بۇرۇن سەن قانداق ئېدىڭ، ھازىر قانداق؟. . ئاتىسى ئۆلگەن يالغۇز سەن ئەمەس، بىز ئەمەس. ئاللانىڭ تەقدىرى، مەرھۇمنىڭ كۆرىدىغان كۈنى، يەيدىغان رىزقى شۇنچىلىك ئېكەن. ئاللاھغا مىڭ قەتلىك شۈكرى، ئاتاڭ خېلى ئۇزاق ئۆمۈر كۆردى. ئۇنچىلىك ياشقا يەتمەي ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلار قانچىلىك؟... بۇ دۇنىيادا ھېچ كىم قالمايدۇ، ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ. بىرسى ياش كېتىدۇ، بىرسى كەچ كېتىدۇ دېگىنىدەك، رىزقى پۈتكەندە ھەممە بۇ پانىيدىن باقىيغا كېتىدۇ... ياراتقان ئېگەم ئاتاڭنىڭ ياتقان يېرىنى ژەننەتتە قىلغاي؟!- دەپ ئانام كۆز چاناقلىرىدىكى ياشلىرىنى ياغلىغىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتكەندىن كېيىن، ئۇھ دەپ ئۇلۇغ- كىچىك نەپەس ئالدى-دە، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. - بىز سېنى قانچىلىك ئارزۇلاپ ئۆستۈرگەن ئېدۇق؟. . ئاتاڭ سېنىڭ ياخشى ئوقۇپ، چوڭ بولغاندا ئالىم بولۇشىڭنى، چوڭ ئادەم بولۇشىڭنى قانچىلىك ئارزۇ قىلاتتى. سەن ئۆزەڭمۇ «مەن ياخشى ئوقۇيمەن، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيمەن، ئالىم بولىمەن، چوڭ باشلىق بولىمەن!»دەپ كەلگەن ئېدىڭغۇ؟ ئاتاڭ ئۆلۈشى بىلەنلا، كېچىلەپ ئولتىرىپ دەرس قىلىشتىن، كىتاب ئوقۇشتىن قالدىڭ. سېنىڭ بۇ ئىشىڭدىن ئاتاڭنىڭ روھى قورۇنىدۇ، تىنچ ياتالمايدۇ. ھەممە نەرسىگە سەۋر قىلىش كېرەك، بالام!

سەن كىچىگىڭدىن ئەقىللىق، زېرەك بالا ئېدىڭغۇ؟ ئاتاڭ ساڭا قاراپ «مېنىڭ بۇ بىر تال يالغۇزۇم ئونغا بەرگۈسىز بالا بولىدۇ»دەپ ساڭا قانچىلىك چوڭ ئۈمىد باغلاتتى. ئەڭ بولمىغاندا، ئاتاڭنىڭ ئۈمۈتىنى ئاقلا، ياخشى ئوقى، ئوقۇشنى تاشلىما، ئوغلۇم؟...

ئانامنىڭ ئاشۇ سۆزلىرىدىن كېيىن مېنىڭدە ئوقۇشقا دېگەن قىزىقىش- ئىنتىلىش، ئىشتىياق ياڭلىۋاشتىن ئويغانغان ئىدى.

مەكتەپنى ئەلا باھادا تاماملىدىم.

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ماڭا نېسىپ بولمىدى!...

سەن قانچىلىك ئەقىللىق، ئىقتىدارلىق، تالانتلىق بولما، بەرىبىر، بىزنىڭ مەملىكەتتە ئالىي بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇش پۇلى تۆلەش كېرەك. ئۇنداق ئاقچا بىزدە يوق ئىدى.

ئاتام ھايات بولغىنىدا، مېنى چوقۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتاتتى. مېنىڭ ياپونىياگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇ- ئارمانلىرىم سۆزسىز ئەمەلگە ئاشقان بولار ئىدى.

ئاتام ئۇزاق ژىل مائارىپ ساھاسىدا خىزمەت ئىشلىگەن كىشى. پېنسىياگە چىققاندىن كېيىن، دۆلەت يامان ئەمەس پېنسىيا ئاقچىسى بېرەتتى. ئاتامنىڭ پېنسىياسى ئاىلىمىزگە پاڭ- شىڭ يېتىدىغان. ئاتام؛«ئوغلۇمىزنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن بىر ئاز ئاقچا كېرەك»دەپ، خېلى ژىللاردىن بېرى ئازدۇ- تولا ئاقچىمۇ ژىغىپ قويغان ئېكەن. مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشۇم ئۈچۈن ژىغىۋاتقان ئۇ ئاقچىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئاتامنىڭ ئۆلۈمىگە، يەتتە نەزىرى، قىرقى نەزىرى دېگەڭە ئوخشاش قايغۇلۇق مەراسىملارغا ئىشلەتتۇق.

ئاتام ۋاپات بولۇپ، ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئانام قاتتىق ئاغرىدى. ئاغرىغاندىمۇ بەك قاتتىق ئاغرىدى. مەن تولىمۇ قورقۇپ كەتتىم. ئەگەر ئۆيدە ئاقچا بولمىغىنىدا، ئاشۇ ئاغرىق ئانامنى ئۇ دۇنياغا—ئاتامنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېتەتتىمىكېن... ئانام بىر ئايدىن ئارتۇق ئاغرىقخانىدا يېتىپ، داۋالىنىپ، ئاللاھقا مىڭ قەتلى شۈكرى، ساقىيىپ چىقتى.

ئانامنى داۋالىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئاقچا كەتتى.

ئاتامنىڭ مېنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ژىغىپ ژۈرگەن ئاشۇ ئاقچىلىرىمۇ تۈگىدى.

مېنىڭ تەلىيىمگە ژان كۆيەر بىرەر باي تۇغقانلار بار بولغان بولسىچۇ كاشكى؟! ئۇنداق قېرىنداشلار بىزدە يوق ئىدى. بارلىرىنىڭ ئۆزى، يەنى دادامنىڭ بىر ئىنىسى بىلەن بىر سىڭلىسى ئاىلىسى بىلەن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئالتۆي يېزىسىدا تۇرىدۇ. دېخانلار. كۈنىنى ئاران- ئاران كۆرۈۋاتقان نامرات بېچارىلەر. شۇڭا «دېھقان دېگەن ھېچ قاچاندا باي بولمايدۇ، ئامما ئاچتىن ئۆلمەيدۇ»دېگەن گەپلەر بىكار ئېيتىلمىغان ئېكەن؟

ئانامنىڭ غۇلژىدا يېگانە ئىنىسى بار. ئۇ بىزدىن ئۈچ- تۆرت كوچا نېرىدا تۇراتتى. كىچىككىنە ئاشخانىسى بار. مانتىپەزلىك قىلىدۇ. كۆپ بالىلىق ئادەم. بالىلىرى كىچىك. ئايالى ئاغرىقچان. تاپقان پۇلى ئاغرىقچان ئايالىنى داۋالىتىش، بالا- ژاقىسىنى ئاسراشتىن ئاشمايدۇ. كۈنىنى ئاران- ئاران كۆرۈپ ژۈرگەن بىر كەمبەغەل كاسىپ ئادەم.

غۇلژىدىكى چوڭ- كىچىك ئەمەلدارلار بىلەن خىزمەتچى- كادىرلارنىڭ، شۇنداقلا سودىگەر بايلارنىڭ مېنىڭ بىلەن بىر مەكتەپتە ۋە شەھەرنىڭ باشقىمۇ مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان، مەن ياخشى تونۇيدىغان ئوغۇل- قىزلىرى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ماڭا قارىغاندا، تۆۋەن باھادا ئوقۇغان. ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ ئۆي تاپشۇرۇقلىرىنى دائىم مەن ئىشلەپ بېرەتتىم. ئاشۇ سىنىپداشلىرىمنىڭ كۆپچىلىكى ئۈرۈمچىگە، بىر نەچچىسى بېژىن، شاڭخەيلەرگە، ھەتتا مەن ئارزۇ قىلغان ياپونىياگە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشقا ماڭدى.

مېنىڭ پۈتۈن قەلبىم، ۋۇژۇدۇم ھەم ھەۋەس ھەم ھەسەت ئوتىدا كۆيدى.

ئاتام ھايات بولغىنىدا، بىلىمگە دېگەن چاڭقىغان تەشنالىقىمنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مەنمۇ ئاشۇ قىز- ئوغۇللارغا ئوخشاش چەكسىز بەختكە بۆلەڭەن بولاتتىم.

ئامال قانچە! مېنىڭ بۇ شور پېشانەمگە ئۇ بەختلەر يېزىلمىغان ئېكەن!...

شۇنىڭ بىلەن تىرىكچىلىكنىڭ كويىدا، يالغۇز ئانامنى ياخشى بېقىپ، رازىلىقىنى ئېلىش ئويىدا كىتاب- دەپتەرنى، قەغەز- قەلەمنى ژىغىشتۇرۇپ قويدۇمدە، ئاتاڭمۇ بازار، ئاناڭمۇ بازار دەپ، ئېلىپ- ساتارلىقنى ئۆزۈمگە كەسىپ قىلدىم. دەسمى بولمىغاندىن كېيىن، بازاردا ئۇششاق- چۈشەك نەرسىلەرنى ئېلىپ- سېتىپ تاپقان ئازدۇ- تولا ئاقچا بىلەن ئۇنى بۇنىڭغا، بۇنى ئۇنىڭغا ئۇلاپ دېگۈدەك، كۈنىمىز ئۆتۈشكە باشلىدى...

- ھوي، قەيسەر، ئۇخلىماي نېمىگە ئولتىرىسەن؟- ئۇيقىدىن ئويغانغان ۋاڭ ژۇن خىياللىرىم ژىپىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.

- ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ، - دېدىم قىسقىلا.

ئۇ باشقا گەپ قىلمىدى. بۈگلۈكتىن پەسكە چۈشتى. ئۇيقۇلۇق ئەسنىگەچ، بىر- ئىككى كېرىلدىدە، بۇلۇڭغا باردى. ژىرىلدىتىپ ئۇزاق سىيدى. ئاندىن كرانىكتىن سۇ ئېلىپ ئىچتى. يېنىمغا كېلىپ ئولتاردى.

- قەيسەر، بايقايمەن، سەن ناھايىتى كۆپ ئويلايسەن. نېمىنى ئويلايسەن؟- ئۇنىڭ ئۇيقىسى قانغان بولسا كېرەك، كامېرا ئىچىدىكىلەرنىڭ قاتتىق ئۇخلاۋاتقىنىدىن پايدىلىنىپ، مېنىڭ بىلەن ئوچۇق- يورۇق سۆزلەشكۈسى كېلىۋاتقانلىقىنى بىردىن سەزدىم.

- نېمىنى ئويلايدۇ دەيسەن، ئاغىنە. يالغۇز ئانامنى ئويلاۋاتىمەن.

- ئاتاڭ يوقمۇ؟

- ئۆلۈپ كەتكەن.

- ئاكىلىرىڭ، ئۇكىلىرىڭ، ھەدە- سىڭىللىرىڭ باردۇ؟

- يوق. ئۇلار كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئېكەن.

- سەن يالغۇزمۇ؟

- ھە، يالغۇز ئوغۇلمەن.

- ئاناڭ قانچە ياشتا؟

- ياشىنىپ قالغان. ئۆزى ئاغرىقچان. ئانامدىن كۆپ ئەنسىرەيمەن...

ئۇنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىغاندەك قىلدى. يېنىمغىراق سىلژىپ، يېقىن ئولتاردى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن سەمىمىيلىك، مېنىڭ دەرد- ھەسرەتلىرىمگە شېرىك بولغۇسى كېلىۋاتقاندەك بىر خىل ئىپادىلەرنى كۆردۈم.

- خاپا بولما، دوستۇم، - دەپ ئۇ مۈرەمگە قولىنى قويدى.

- رەھمەت ساڭا، ۋاڭ ژۇ!- دېدىم ئۇلۇغ- كىچىك نەپەس ئېلىپ.

- مېنىڭمۇ قېرى ئاتام بىلەن ئانام بار. ئۇلار ئىچكىرىدە، خونەندە...

- خونەندە؟

- ھە، خونەندە. مەن ئۆزۈممۇ خونەندە تۇغۇلۇپ، چوڭ بولغان. شىنژاڭغا چىققىنىمغا بىيىل بەش ژىل بولدى.

- شۇنداقمۇ؟ مەن بۇنى بىلمەپتىمەن؟

- مەن ئېيتمىسام، سەن نەدىن بىلىسەن!

- دېمەك، سەن خونەنلىك ئېكەنسەندە؟

- شۇنداق، - دەپ ئۇ بىر نەچچە دەقىقە ژىم- ژىت بولۇپ قالدى. دۇنىيادىن بېغەم پۇشۇلداپ، خورەك تارتىشىپ ئۇخلاۋاتقانلارغا بىر پەس زەن سېلىپ قاراۋالغاندىن كېيىن، سۆزىنى پەس ئاۋازدا داۋام قىلدى. - بىزنى غەربىي دىيارنى ئېچىش سىياسىتى بىلەن شىنژاڭغا ئېلىپ چىققان. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە «شىنژاڭ باي، كەڭ، گۈزەل، گۆھەر زېمىن» دەپ توختىماي تەشۋىق قىلىدۇ. راست، شۇنداق ئېكەن. بىراق، بەرىبىر، ئۆزۈم تۇغۇلۇپ ئۆسكەن خونەڭە يەتمەيدۇ!

- توغرا ئېيتىسەن، ھەر كىمنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ- ئۆسكەن ژايى ئەزىز، - دېدىم ئۇنىڭ سۆزىگە يارىشا.

- بۇ سۆزىڭگە مەن قوشۇلىمەن. - دېدى ئۇ.

- ئاتا- ئاناڭنىڭ سەندىن باشقا بالىلىرى باردۇ؟

- بىز ئىككى بالا ئېدۇق. ئاكام بىلەن مەن. ئۇ ھازىر يوق!

- نەگە كەتتى؟ چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەنمۇ؟

- چەت ئەلگە چىقىپ كەتسىغۇ تولىمۇ ياخشى بولاتتى. بىراق، چىقىپ كېتەلمىدى...

- نېمىشقا؟

- 1989- ژىلدىكى بېژىن تüيانüئەنمىن قانلىق ۋاقىەسىنى بىلىسەنغۇ؟

- ئانچە- مۇنچە ئاڭلىغانمەن.

- شۇ ژىلدىكى، بېژىندىكى ستۇدېنت- ياشلارنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيانىڭ سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرسى مېنىڭ ئاكام ئىدى. سىلەرنىڭ مىللەتنىڭ بالىسى ئۆركەشمۇ رەھبەرلەرنىڭ بىرسى بولغان. ئۇ ئىشلاردىن سېنىڭ خەۋىرىڭ بولۇشى كېرەك؟ مېنىڭ ئاكام ئاشۇ ئۆركەش بىلەن يېقىن دوست ئېكەن...

«بۇ راست ئېيتىۋاتامدۇ ياكى مېنىڭدىن سۆز ئېلىش ئۈچۈن گەپ ياساۋاتامدۇ؟»دېگەن ئوي بىلەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىك قارىدىم. ئۇ كۆزلىرىنى مېنىڭدىن ئېلىپ قاچقىنى يوق.

ئىككى ژۈپ كۆز بىر- بىرسىگە تىك قادالغىنىچە، بىر نەچچە دەقىقە قېتىپ قالدى.

بىرسىدە راست- ھەققانىيلىق، بىرسىدە گۇمانلىنىش، ئىشەنمەسلىك!

- ئاشۇ ئاكامنى تüيانüئەنمىن مەيدانىدا تانكىغا چەيلىتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى!... - ئۇ شۇنداق دەپ بىر نەچچە دەقىقە ژىم- ژىت ئولتىرىپ قالدى. بىر چاغدا قۇلۇغىمغا ئاستا پىچىرلىدى. - شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ تۈزۈمنى، كوممۇنىستىك تۈزۈمنى، كوممۇنىستىك پارتىيانى ژېنىمدەك ئۆچ كۆرىمەن!...

- ئۆزىنىڭ پۇخرالىرىنى تانكىنىڭ زەنژىر تاپانلىرىدا تىرىك چەيلىتىپ ئۆلتۈرۈشتىن ئارتۇق ۋەھشىيلىك بولماس؟!- دەپ مەن ئۇنىڭ تىزى ئۈستىدە بىلىنە- بىلىنمەس تىترەۋاتقان قولىنى ئالىقانلىرىم ئارىسىغا ئالدىم. ئۇ ماڭا ئەژايىپ بىر مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن ئۇزاق قارىدى-دە، شۇنداق دېدى؛

- مېنىڭ ئاكام ئۆركەش بىلەن ئاشۇ قانلىق نامايىشتا قول تۇتۇشۇپ، دەھشەتلىك ئۆلۈمدىن قورىقماي ئىرادە كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن مەن سىلەرنى، ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن. بولۇپمۇ ساڭا ئوخشاش تاياق- توقماقتىن قورىقمايدىغان ژاسۇر، گاڭگۇڭ، نوچىلارنى!

- مېنىڭ گاڭگۇڭ، نوچىلىقىمنى نەدىن بىلىسەن؟- دېدىم چاقچاق ئارىلاش.

- ئاشۇ بىرىنچى كۈنىلا مەن سېنىڭ بىزدىن قورىقماي، تىك تۇرغانلىقىڭدىن، شۇنچە تاياققا غىڭ قىلمىغانلىغىڭدىنلا، سېنىڭ گاڭگۇڭ، نوچى ئېكەنلىگىڭنى بىردىن بىلگەنمەن.

- شۇنداقمۇ تېخى؟

- ھە، شۇنداق!

- مەن ساڭا ئېيتسام، - دېدى ئۇ. - سېنى بىر كۆرۈپلا، سېنىڭ كۆزلىرىڭدىن سېنىڭ قانداق ئوغۇل بالا ئېكەنلىگىڭنى بىلگەنمەن. سەن كۆپنى بىلىسەن، ئەقىل- پاراسىتىڭ يېتەرلىك.

- نەدىن ئۇنداق بولسۇن. مەن ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇمىغان تۇرسام؟

- گەپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغاندا ئەمەس. ئالىي مەكتەپ پۈتۈرگەن گاچچىلار تولۇپ تۇرۇپتۇ.

- دېمەك، سەنمۇ ئالىي مەكتەپ كۆرمىگەن، ئوتتۇرا مەكتەپ بىلىمىگە ئېگە ماڭا ئوخشاش «ئەقىلدار» ئېكەنسەندە؟- سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى چاقچاققا ئۇلىدىم.

- توپ- توغرا ئېيتتىڭ، قەيسەر. ئاكام ئۆلگەندىن كېيىن، - دەپ ئۇلۇغ- كىچىك نەپەس ئالدى-دە، ئاندىن بىرسى ئاڭلاپ قالمىسۇن دېگەندەك ئاستا سۆزلەپ، شۇنداق دېدى. - ئوقۇغىم كەلمىدى. ھەممە نەرسىگە ئۆچ بولۇپ كەتتىم. بولۇپمۇ، ژۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيا دېگەن نەرسىگە!

- ئاكاڭ ئۆلگەندىن كېيىن، ئاتا- ئاناڭنى تاشلاپ، شىنژاڭغا نېمە دەپ چىقتىڭ؟

- مەن يامان كۆرىدىغان مۇشۇ كوممۇنىستىك پارتىيا بۇ ئۆلكىگە بەزىلەرنى ئالداپ، بەزىلەرنى مەژبۇرىي تۈردە ئېلىپ چىقىدۇ. موشۇنىڭدىن ئۆزۈڭ خۇلاسە چىقىرىۋال؟

- چۈشۈنۈشلىك. - دېدىم مەن ۋە ئۇنىڭدىن سورىدىم. - ئاتا- ئاناڭنىڭ ئەھۋالى قانداق ھازىر؟

- يامان ئەمەس، ياخشى. ھەر ئىككىسى پېنسىيادە. ئىلگىرى ئۇلار فابرىكىدا ئاددىي ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. پېنسىيا ئاقچىلىرى ئۆزلىرىگە يېتىپ ئاشىدۇ. سېنىڭ ئاناڭ پېنسىيا ئاقچىسى ئالىدىغاندۇ؟

- نېنىڭ پېنسىيا ئاقچىسى دەيسەن. ئاتام ئالاتتى. ئۆلگەندىن كېيىن بەرمەس بولدى. ئۇ كىشى ئۇزاق ژىل مائارىپ ساھاسىدا خىزمەت ئىشلىگەن. يامان ئەمەس پېنسىيا بېرەتتى.

- پېنسىيا ئالمىسا، ئاناڭنى ھازىر كىم بېقىۋاتىدۇ؟

- شۇنى ئويلاپ، ئانامنى ئويلاپ، بۇ ئۇزاق كېچىلەرنى مۇشۇنداق ئاھ ئۇرۇپ، ئۇيقۇسىزلىقتا ئۆتكۈزۈۋاتىمەن، ئاغىنە.

- يېقىن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىڭ باردۇ؟

- كۆپ ئەمەس، بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ژېنىنى ئاران- ئاران بېقىپ كېلىۋاتقان كەمبەغەل كىشىلەر.

- سېنىڭ ئەھۋالىڭ بەك ئېغىر ئېكەن، دوستۇم...

ئارىغا بىر نەچچە دەقىقە ژىم- ژىتلىق چۆمدى.

ھەر ئىككىمىز ئۆز خىياللىرىمىز بىلەن بەند ئېدۇق.

- ئاتا- ئاناڭنىڭ يېنىغا، ئۆز يۇرتىڭغا كەتكۈڭ كەلمەمدۇ؟- دەپ سورىدىم بىر چاغدا ئارىدىكى ژىم- ژىتلىقنى بۇزۇپ.

- سېنىڭ نېمە دېمەكچى بولۇۋاتقىنىڭنى چۈشىنىۋاتىمەن، - دەپ كۈلۈمسىرەپ قارىدى ماڭا.

- نېمىنى چۈشىنىۋاتىسەن؟- دەپ سورىدىم.

- ھەممىنى، - دېدى ئۇ ماڭا مەنالىق تىكلىنىپ. - شىنژاڭ باي، كەڭ، گۆھەر زېمىن! بۇ يەر ياخشى. ھەممە نەرسە بار. باياشەتچىلىك، كەڭچىلىك. نېمە قىلىمەن دېسەڭ، قانداق ياشايمەن دېسەڭ، ئەركىنچىلىك!

- ھەممىگە ئۇنداق ئەمەسقۇ؟ بىرسىگە باياشەتچىلىك، بىرسىگە قەھەتچىلىك. بىرسىگە كەڭ، بىرسىگە تار!

- ئۇ دېگىنىڭ توغرا. مەن سېنى چۈشىنىمەن. بىراق، سەن ئوچۇق ئېيتمايۋاتىسەن؟

- نېمىنى ئوچۇق ئېيتىشىم كېرەك؟

- مەيلى، ئېيتمىساڭ ئېيتما. چۈنكى سەن ماڭا ئىشەنمەيسەن؟ ئىشەنمىگەنمۇ بىر ھېسابتا ياخشى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ دىيار ئادەملىرىنىڭ بىر- بىرسىگە ئىشەنمەس، سىر ئېيتماس بولۇپ قالغانلىقىدىن مېنىڭ ياخشى خەۋىرىم بار، قەيسەر؟... سېنىڭ مىللىتىڭنىڭ ئۆزى بىر- بىرسىگە ئىشەنمەس بولۇپ قالغان بۇ زاماندا ماڭا ئوخشاش غەيرىي مىللەتكە ئىشەنمىگىنىڭمۇ بىر ھېسابتا توغرا. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرمە ئىچىدە...

مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرمىدىم. ئىچىمدە ئۆزۈمچە ئويلىدىم؛گەپ- سۆزلىرى توغرا، ژايىدا. بىراق، كىم بىلىدۇ، ئۇنىڭ ئويىدا نېمىلەر بار؟ بۇ، مۇمكىن ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇ يەردىكى ئۆز ئادىمىدۇ؟ ھېچ نەرسە دەپ بولمايدۇ. ھەر ھالدا ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ئويلاپ سۆزلەش كېرەك. بەزىدە بىر ئېغىز سۆز بېشىڭغا بالا بولىدۇ...

- مەن تارىخقا كۆپ قىزىقىمەن، - دېدى ۋاڭ ژۇن بىر چاغدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ. - تارىخ كىتابلارنى كۆپ ئوقۇيمەن. سېنىڭ ئەژدادلىرىڭ نەچچە مىڭ ژىللار بۇرۇن چوڭ خانلىقلارنى، دۆلەتلەرنى قۇرغان ئېكەن؟ شۇ دەۋرلەردىكى ئۇرۇشلاردا ئۇلار بىزنىڭ خانلارغا، پادىشاھلارغا كۆپ ياردەمەرنى قىلغان ئېكەن. خەن مىللىتىنىڭ خان، پادىشاھلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خان، پادىشاھلىرىغا چىرايلىق قىزلىرىنى سوغا قىلىپ، خوتۇنلۇققا بېرەتتىكەن. بۇلارنى مەن تارىخى كىتابلاردىن ئوقۇغانمەن.

چىڭگىزخان دەۋرىنى ئالىدىغان بولساق، چىڭگىزخان ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق ئۇرۇشلىرىنى ئاچمىغان ئېكەن. ئېچىش ئەمەس، ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پادىشاھى باۇرچۇق ئارت تېكىننى ئۆزىنىڭ بەشىنچى ئوغلى دەپ ئېلان قىلىپ، چىرايلىق قىزىنى توقاللىققا بەرگەن ئېكەن. خەت- يېزىقنى چىڭگىزخانغا—موڭغۇللارغا ئۆگەتكەنمۇ ئۇيغۇرلار ئېكەن. كۆردۈڭمۇ، سەن قانداق خەلقنىڭ ئەۋلادى؟!...

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ھەيران قالدىم. بۇ تارىخنى مەنمۇ ياخشى بىلىمەن. بىراق، خونەنلىك بىر خىتاينىڭ، تۈرمىدىكى بىر مەھبۇسنىڭ ئېغىزىدىن بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاش مەن ئۈچۈن ھەيران قالارلىق ئەھۋال ئىدى.

مەن ۋاڭ ژۇننى ياخشى كۆرۈشكە باشلىدىم.

- ھوي، ۋاڭ ژۇن، سەن ئەژايىپ ژىگىت ئېكەنسەنغۇ؟ مەن سېنى بىر گاڭگۇڭ، نوچى ئېكەن دەپلا ئويلىسام، ياق، سەن چوڭ بىر تارىخچى، چوڭ بىر فىلوسوف ئالىم ئېكەنسەنغۇ؟

- مەن ساڭا بايا ئېيتتىمغۇ، سېنىڭ بىلەن مەن ئالىي مەكتەپ كۆرمىگەن بولساقمۇ، ئاشۇ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتۈرگەن خېلى- خېلىسىدىن ئۈستۈن تۇرىمىز. سەنمۇ ئاسان ژىگىت ئەمەس. سەنمۇ كۆپ بىلىسەن، كۆزلىرىڭ ئېيتىپ تۇرىدۇ. بىراق، ئوچۇق سۆزلىمەيۋاتىسەن؟ مەيلى، ھازىرچە سۆزلىمەي قوي. ئىككىمىز ئوچۇق- يورۇق سۆزلىشىپ، بەس- مۇنازىرە قىلىدىغان ۋاقىتلار تېخى ئالدىمىزدا!

- ئىلاھىم، ئېيتقىنىڭ كەلسۇن، ئاغىنە!

بۇ كۈنكى سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىغا شۇ يەردە چېكىت قويۇلدى.

تۈرمىدىكى ئىسلاھەت

بىر كۈنى كېچىدە كامېرىنىڭ تۆمۈر ئىشىكى شاراقلاپ ئېچىلدىدە، گۇندىپايلار پۇتىغا كىشەن سېلىنغان مەھبۇسنى ئەكىرىپ قويۇپ چىقىپ كېتىشتى.

قارايمەن. ژىگىرمە ياشلار ئەتراپىدىكى جۇغى كىچىك، ئورۇق كەلگەن، قارا قۇمچاق ئۇيغۇر ژىگىتى. ساپلا خىتايلار ئارىسىدىكى يالغۇز ئۇيغۇر مېنى كۆرۈشى بىلەن ئۇنىڭ قورقۇش- تەشۋىشلىرى سەل تارقىغاندەك بولدى. ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشتى. بۇنى مەن، ئۇنىڭ ھە دېگەندىكى ئەتراپىغا ئالاق- ژۇلۇق قاراشلىرىدىن كېيىنكى خاتىرژەملىگىدىن بىردىن بايقىدىم.

- كەل ئۇكا، بۇ ياققا ئۆت؟- دەپ يېنىمدىن ژاي كۆرسەتتىم.

- ياق، ئۇ ئولتارمايدۇ!- دېدى مەھبۇسلاردىن بىرسى.

مەن لاپ ئېتىپ ۋاڭ ژۇنغا قارىدىم.

كۆزلەر بىر- بىرسى بىلەن بىر نەچچە دەقىقە ئۈزۈلمەي توقۇنۇشتى.

بىز كۆزلىرىمىز ئارقىلىق سۆزلەشتۇق.

مەن دېدىم ؛ «ۋاڭ ژۇن، قارىغىنا، بۇ ساڭا ئوخشاش، ماڭا ئوخشاش ژىسمانىي ژەھەتتىن چېنىققان، بەقۇۋەت، ئانچە- مۇنچە تاياققا غىڭ قىلمايدىغانلاردىن ئەمەس، كىچىكىنىلا، نازۇك بىر ژان كۆرۈنىدۇ. بۇلارنىڭ مۇشتۇمى ئېغىر كېلىدۇ، كۆتۈرەلمەيدۇ... مونۇلىرىڭغا ئېيت، قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزەيلى؟ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەرگە كىرگەن ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر، خەنسۇنى خەنسۇ ئۇرىدىغان بولسۇن؟!. . ».

ئۇ دېدى؛ «مەن سېنى چۈشەندىم. ئۇيغۇرىڭغا ئىچىڭ ئاغىرىۋاتىدۇ... ياشا دوستۇم، سېنىڭ بۇ ئىشىڭ ئۆز مىللىتىڭنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈدىغانلىغىڭنىڭ، سۆيۈدىغانلىغىڭنىڭ بىر بەلگۈسى! ئۆز مىللىتىڭگە، ئۆز خەلقىڭگە دېگەن سۆيگۈ- مۇھەببەت مانا مۇشۇنداق يەردىن باشلىنىدۇ. مەن ساڭا قايىل! سېنىڭ دېگىنىڭچە بولسۇن. قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسەك كىرگۈزەيلى!... ».

مەن دېدىم ؛ «رەھمەت ئاغىنە، مېنى چۈشەندىڭ، سۆزۈمنى يەردە قويمىدىڭ!».

ئۇ دېدى ؛ «قەيسەر، شۇنى ياخشى بىلگىنكى، «بۇزۇلمۇس قانۇنغا» ئۆزگەرتىشنىڭ كىرگۈزۈلۈشنى مېنىڭ ساڭا بولغان ئېقىدەم، ئىككىمىزنىڭ دوستلۇقىنىڭ، مەڭگۈ دوستلۇقىنىڭ بەلگۈسى دەپ چۈشەڭەيسەن؟!».

مەن دېدىم؛ «رەھمەت ساڭا، دوستۇم! مەن ئەمدى ساڭا ئىشەندىم. مەرھۇم ئاكاڭ ئۆركەش بىلەن قانداق دوست بولغان بولسا، بىز ئىكىمىز شۇنداق دوستلاردىن بولىمىز. ماڭا ئىشەن؟!».

ئۇ دېدى؛ «ھەر ھالدا چاندۇرۇپ قويمايلى؟ سەۋەب، بىزنىڭ ئىچىمىزدىمۇ شپىونلارنىڭ بولۇشى مۇمكىن؟ قايسى كامېرىدا نېمە گەپ- سۆزلەر، نېمە ئىشلار بولۇۋاتقىنىنى تۈرمە باشلىقى بىلىپ تۇرىدۇ!».

مەن دېدىم ؛ «ئۇنداق خەۋەرچى مۇناپىقلار ھەممە كامېرىدا بار! مەن ئويلايمەن، ئۇيغۇرنى ئۇيغۇرنىڭ ئۇرغانلىقىنى تۈرمە باشلىقى بىلسە، خۇشال بولىدۇ، ئەلۋەتتە؟!... ».

دىلىمىزدىكى بۇ سۆزلەرنى ھەر ئىككىمىز كۆزلىرىمىز ئارقىلىق ئۇققاندەك، بىلگەندەك، ھەتتا ئاڭلىغاندەك بولغان ئېدۇق.

ۋاڭ ژۇن ئورنىدىن لىككىدە تۇردى-دە، چاققانلىق بىلەن بۈگلۈكتىن سەكرەپ پەسكە چۈشتى. بۇيرۇق ئاھاڭدا شۇنداق دېدى ؛

- بۈگۈندىن باشلاپ كامېرىغا كىرگەن «مېھماننى كۈتۈۋېلىش» قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈمىز!...

كامېرا ئىچىدىكى ھەممىنىڭ ھەيرانلىقتا پارقىراپ قالغان كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكلەندى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شۇنداق دېدى؛

- ئەمدى بۇ كامېرىغا كىرگەن ھەر قانداق ئۇيغۇر «مېھماننى»ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كۈتۈۋالىدىغان، خەنسۇ «مېھماننى»خەنسۇلارنىڭ ئۆز كۈتۈۋالىدىغان بولسۇن!- دېدى ئۇ سوت ھۆكۈمىنى ئوقۇۋاتقان سۇدىيادەك ھۆكۈم چىقىرىپ.

كامېرا ئىچىدە بىر نەچچە دەقىقە ژىم- ژىتلىق ھۆكۈم سۈردى.

كامېرىنىڭ «گاڭگۇڭ، نوچىسىنىڭ»بۇ ئۆزگەرتىشىگە ھېچ كىم قارشىلىق بىلدۈرەلمىدى.

شۇنىڭ بىلەن يېڭى «مېھماننى» كۈتۈۋېلىش ماڭا تاپشۇرۇلدى.

ئۇنىڭ پۇتىدا كىشەن، مېنىڭ پۇتۇمدا كىشەن!

ئۇنى بۇلۇڭغا ئاپارغۇچە قۇلۇغىغا پىچىرلاۋالدىم؛ «بىلىپ قوي، سېنى قاتتىق ئۇرغاندەك قىلىمەن، بىراق ئاستا ئۇرىمەن. ۋاي ژان دەپ ۋارقىرىغىن؟».

بۈگلۈك ئۈستىدە ياتقان، ئولتىرىشقان مەھبۇسلار بەەينى تېاتر زالىدىكى تاماشىبىنلاردەك، سەھنە پەردىسىنىڭ ئېچىلىشىنى، سەھنىدە قىزىق بىر ئويۇننىڭ كۆرسۈتىلىشىنى كۈتۈۋاتقاندەك، بىزگە قاراپ تۇرۇشاتتى.

«توۋا، - دەيمەن ئۆزۈمگە- ئۆزۈم، - مونۇ تەتۈر زاماننى قارا!... ئۇيغۇرنى ئۇيغۇرغا ئۇرغۇزۇپ قويۇپ، مونۇ كەلگۈندىلەرنىڭ تاماشە كۆرۈپ ئولتارغىنىنى؟ خەپ، ئامال قانچە!. . ».

تۈرمە «قانۇن- قاىدىسى» بويىچە كۆرسۈتىلىدىغان، بىرسىگە ئازاب، باشقىلىرىغا ھۆزۈر بېغىشلايدىغان تۈرمە «سپېكتاكلى» بىر نەچچە مىنۇت داۋام قىلدى. مەن ئۇنىڭ توغرا كەلگەن يېرىگە ئۇرۇۋاتىمەن. ئۇ ۋارقىراۋاتىدۇ، زارلىنىپ، يېلىنىپ- يالۋۇرۇۋاتىدۇ...

- بولدى قىل؟!- دەپ ۋاڭ ژۇن مېنى ئۇرۇشتىن توختاتتى.

يېڭى «مېھماننى» كۈتۈۋېلىش مەراسىمى شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى.

- ئاپىرىپ ياتقۇزۇپ قوي، ئەمدى دەم ئالسۇن!- دېدى ۋاڭ ژۇن.

مەن ئۇنى يۆلەپ، بۈگلۈكنىڭ چېتىگە ئاپىرىپ ئولتارغۇزدىم.

- سۇ ئىچەمسەن، ئۇكا؟- سورىدىم.

- مەيلى. - دېدى ئۇ زەىپ ئاۋازدا.

كروژكىدا سۇ ئەكېلىپ بەردىم. ئۇ گۈپۈلدەپ ئىچىۋەتتى.

- رەھمەت، ئاكا، - دېدى ئۇ ئاستا ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەپ.

- خاپا بولما، ئۇكا. بۇ يەرنىڭ قانۇن- قاىدىسى شۇنداق ئېكەن، - دېدىم.

- بۇنى مەن ياخشى بىلىمەن. - دېدى ئۇ. - ساڭا رەھمەت. ئەگەر سەن بولمىغان بولساڭ، بۇلار مېنىڭ مومامنى كۆرسۈتەتتى. ھېلىمۇ تەلىيىمگە بۇ يەردە سەن بار ئېكەنسەن، مېنى چوڭ ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭ، ئاكا!...

ئۇنىڭغا يېنىمدىن ژاي بەردىم. ئىككىمىز قاتارلىشىپ ياتتۇق.

كامېرا ئىچىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن. يېنىمدا ياتقان بالا ئۇ يان- بۇ يان ئۆرۈلدى. ئۇ مېنىڭ ئويغاق ياتقانلىقىمنى سەزگەن بولۇشى كېرەك. بىر چاغدا؛

- ئاكا، سەن ئۇخلىمىدىڭمۇ؟- دەپ ئاستا پىچىرلىدى.

- ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ، - دېدىم مەنمۇ پىچىرلاپ.

- سەن نەلىك، ئاكا؟

- مۇشۇ غۇلژىلىق. ئۆزەڭچۇ؟

- تېكەسلىك.

- ئېتىڭ نېمە؟

- يۇسۈپژان!

- سىياسىي مەھبۇس ئوخشىمامسەن؟

- ھە، شۇنداق. سىياسىي مەھبۇس!

- چوڭ بىر مەسىلە چىقارغان ئېكەنسەندە؟

- پارتلىتىش بومبىسى ياسىغان، دەپ قولغا ئالدى. مۇددەتسىز تۈرمە ژازاسىغا ھۆكۈم قىلىندىم!...

ئۇ ئاستا پىچىرلاپ سۆزلەۋاتىدۇ. مەن «ھە، ھە»دەپ تىڭشاپ قويۇۋاتىمەن. «يامان بوپتۇ، ياخشى بوپتۇ»دېگىنىممۇ يوق. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشىغاچ، ژىم- ژىت ياتىۋەردىم. ئىنكاس بىلدۈرمىدىم. بىلدۈرۈشنىڭمۇ ھاژىتى يوق ئىدى. كىم بىلىدۇ دەيسەن، مېنىڭدىن سۆز ئېلىش ئۈچۈن كىرگۈزۈلگەن نەرسىمۇ بۇ، بىلىپ بولمايدۇ.

بۇ دېگەن تۈرمە. بۇ دوزاختا سېغىزخاندەك ساق بولمىساڭ، كۈنۈڭ تەس، ھالىڭغا ۋاي!...

تۈرمە بۇ ياقتا تۇرسۇن، شۇ كۈنلەردە ژەمىيەتتە ئادەملەرگە، ئەڭ يېقىن، ئىشەنچلىك دېگەن كىشىلەرگە ئىشىنىش، سىر ئېيتىش، ئوچۇق- ئاشكارا گەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئادەملەرنى ھازىر بىر- بىرسىنىڭ ئارقىسىغا پايلاقچى، تىڭ- تىڭلىغۇچى قىلىپ، سېلىپ قويۇشقان. ھۆكۈمەتنىڭ سەل- پەل نەزىرىگە چۈشۈپ قالدىڭمۇ، بولدى، نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇپ، نېمە گەپ- سۆز قىلىپ ژۈرگەنلىرىڭ دەررۇلا ئەنچۋەڭتۇڭغا يېتىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەملەر ھازىر بىر- بىرسىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان، بىر- بىرسىگە ئىشەنمەيدىغان، سىر ئېيتىشمايدىغان بولۇپ كېتىشكەن ئىدى.

- بولدى، ئۇكا، ئۇخلىغىن!- دېدىم ۋە ئۇنىڭغا دۈمبەمنى قىلىپ ياتتىم...

كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ كېلەر ئەمەس.

مەرھۇم ئاتامنىڭ قايسى بىر قېتىمدا ئېيتقان، قۇلىغىمغا قوغۇشۇندەك قۇيۇلۇپ قالغان ئاشۇ بىر سۆزلىرى خىيالىمغا بىردىن كەلدى؛

«ماۋزېدۇڭنىڭ ئازادلىق ئارمىياسى ۋەتىنىمىزگە بېسىپ كىرگەن ئاشۇ 1949- ژىلدىن بۇ يان تا بۈگۈنكى كۈڭىچە خەلقىمىز بۇلارغا ھەددى- ھېسابسىز بەدەللەر تۆلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئەللىك نەچىنچى ژىللىرى باشلانغان ئىدېولوگىيالىك كۈرەش، زىيالىيلارغا قارىشى تۇرۇش، ستىل تۈزىتىش، يەرلىك مىللەتچىلىككە قارىشى تۇرۇش، ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنى يوقىتىش، يەر ئىسلاھاتى، بەشكە قارىشى، ئۈچكە قارىشى دېگەڭە ئوخشاش ھەرىكەتلەردە ئەژايىپ ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، زىيالىي- كادىرلار، ۋەتەننىڭ، خەلقنىڭ غېمىنى قىلىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئادەملىرىمىز، يول باشلىغۇچىلىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى، تۈرمىلەردە ئازاب چەكتى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا سۈرگۈن قىلىندى، تەقىپلەرگە ئۇچرىدى. بىر قىسىملىرى ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتتى!...

ماۋزېدۇڭنىڭ بىۋاسىتە ئۆزى رەھبەرلىك قىلغان، ئون ژىلغا سوزۇلغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەپ ئاتالمىش ھەرىكەت ۋاقتىدا خەلقىمىزنىڭ بېشىغا ھەددى- ھېسابسىز كۈلپەتلەر كەلدى. مېنىڭ ئۆزۈم ئاشۇ ھەرىكەتنىڭ قۇربانىغا ئايلاندىم. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا پالاندىم...

بۈگۈنكى كۈندە بولسا، خەلقىمىز كوممۇنىستلارنىڭ زۇلۇمىدا ئازاب چەكمەكتە. ۋەتەننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلاردا ھېچ قانداق ھوقۇق قالمايۋاتىدۇ. بىزنى كەلگۈندى مىللەت باشقۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار بىزنى بىر- بىرسىمىزگە قارىشى قويۇپ، قىزىغىمىزنى، تاماشىمىزنى كۆرۈۋاتىدۇ. بىزنىڭ خەلقىمىز بېغەم، بېپەرۋا بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ماڭقۇرتلىشىۋاتىدۇ!...

ئاخىرقى ئىككى ئەسىردە خەلقىمىز تۆرت يۈز قېتىمغا يېقىن چوڭ- كىچىك كۆتۈرۈلۈش، غۇلغۇلا- قوزغىلاڭ، ئىنقىلابلارنى قىلىپ كەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى زۇلۇمغا قارىشى ئازادلىق ، ئەركىنلىك كۈرەشلىرى بولغان!...

ئوغلۇم، بۇ سۆزلەرنى ساڭا ئېيتىۋاتقىنىم، «بىر چاغلاردا ئاتام شۇنداق دېگەن ئىدى»دەپ ئەسلەپ تۇرساڭ، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. بىلىپ قويغاننىڭ پايدىسى كۆپ، مۇھىم، ئامما زىيىنى يوق. لېكىن، بۇ سۆزلەرنى ھازىرچە ئىچىڭدىلا ساقلاپ قويغىنىڭ ياخشى. كۆرۈڭەن ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ھەرگىز دېگۈچى بولما؟... ».

«ئاتام توغرا ئېيتقان ئېكەن، - دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. - ژەمىيەتتە ئەمەس، تۈرمىدىكى مونۇ كىچىككىنە بىر كامېرىنىڭ ئىچىدە تۇرغۇلۇق، بۇ ئاغىنىلەر ھەممىنى ئۆزىگە قاراتقۇسى، باشقۇرغۇسى، ھۆكۈمدارلىق قىلغۇسى كېلىدۇ... مانا ھازىرلا بىر ئۇيغۇرنى بىر ئۇيغۇرغا ئۇرغۇزۇپ، تاماشە كۆرۈشتى. بۇنىڭدىن ئارتۇق خورلۇق، بېچارىلىك بولمىسا كېرەك؟ ئامال قانچە، تەقدىرگە باش ئەگمەي ئامالىڭ يوق!

ھېلىمۇ بۇلارنىڭ گاڭگۇڭى، نوچىسى بىلەن ئاغىنە بولۇۋالدىم. ئەكسىچە بولغىنىدا، بۇ يەتتە- سەككىزى بىرىكىۋېلىپ، بۇ بېچارە بالىنى مېنى ئۇرغاندەك دۇمبالاپ ئۇرغان بولسا، چىداپ ئولتىرالماتتىم. گالاچ- گۇلۇچ باشلىناتتى... ئۇ چاغدا كىم پايدا كۆرىدۇ، كىم زىيان تارتىدۇ؟ ئەلۋەتتە، مەن زىيان تارتىمەن، مونۇ بالا زىيان تارتىدۇ. ژىنايىتىمىز تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ، دېگەن سۆز ئىدى...

ۋاڭ ژۇن دۇرۇس ژىگىت ئېكەن... ياخشى ئادەملەرنىڭ ئاشۇنداق گاڭگۇڭلاردىن چىقىدىغىنىغا كۆزۈم ئوبدان يەتتى. ئۇ ئەقىللىق ژىگىت ئېكەن. مېنىڭ كۆز قاراشلىرىمدىنلا مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى بىردىن چۈشەندى... مونۇ بالىنى قاتتىق تاياقتىن قۇتقۇزۇپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا يېقىپ قالغانغا ئوخشايمەن، مەن بىلەن ئوچۇق- يورۇق سۆزلىشىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى راست بولسا، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۈگۈنكى ژەمىيەتكە، كوممۇنىستىك تۈزۈمگە، كوممۇنىستىك پارتىياگە قارشى ئېكەن. ژۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىياسىنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى، ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى ئۆز ئېغىزىدىن ئېيتىۋاتىدۇ. ھە، بۇ مىللەتنىڭ ئىچىدىمۇ كوممۇنىستىك پارتىيانى، ئۇنىڭ سىياسىتىنى ياقتۇرمايدىغان، يامان كۆرىدىغانلىرىمۇ بار ئېكەن. ۋاڭ ژۇن ئەينە شۇنداقلارنىڭ بىرسى ئوخشايدۇ؟

ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، گۆھەر زېمىن ئاتالغان چەكسىز ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە ژايلىرىنى چۈمۈلىدەك بېسىپ كېتىۋاتقان بۇ ئاغىنىلەرنى ئاشۇ كوممۇنىستىك پارتىيا ئالداپ ۋە مەژبۇرىي تۈردە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئېلىپ چىقىۋېتىپتۇ. بۇنى مەن ئاڭلىغان، بىلەتتىم. ئامما، ئۇلارنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلىمىغان ئىدىم.

ئالدىنىپ چىقتىمۇ، مەژبۇرىي تۈردە چىقتىمۇ، بەرىبىر. بۇ گۆھەر زېمىنغا چىققانلار، چىقىۋاتقانلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھېچ قاچاندا ئۆز يۇرتىغا، ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىشمەيدۇ. سەۋەب، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، «بۇ يەر ياخشى. ھەممە نەرسە بار. باياشەتچىلىك، كەڭچىلىك... نېمە قىلىمەن دېسەڭ، قانداق ياشايمەن دېسەڭ، ساڭا ھېچ كىم توسالغۇلۇق قىلىشمايدۇ، يولىڭنى تورىمايدۇ. بارلىق شاراىتلار يارىتىلغان... بۇ يەردە ساڭا ئىش- خىزمەتمۇ بار، ئۆي- ماكانمۇ بار، يېمەك- ئىچمەكمۇ بار، ئاقچىمۇ بار!... ».

ژۈرەكلىرىمنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشىپ كەتكەندەك بولدى. كۆيگەن يۈرەك ئوتىنى سوغ سۇ بىلەن ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئورنۇمدىن ئاستا تۇردىمدە، كرانىكتىن سۇ ئېلىپ ئېچمەكچى بولدۇم...

٭ ٭ ٭

كۈنلەر بىر خىلدا ئۆتۈشكە باشلىدى.

ئېلېكتر لامپوچكىسى كامېرا ئىچىنى گىرىمسەن يورىتىپ تۇرىدۇ. ئۇ كامېرىدا دېرىزە يوق. دېرىزە ھېساۋىدىكى كىچىككىنە تۆشۈكتىن تاڭنىڭ ئاتقانلىقىنى، كەچنىڭ كىرگەنلىكىنى، ھاۋانىڭ ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق ئېكەنلىگىنىلا بىلىپ تۇرۇشقا بولاتتى، خالاس!

قۇياشنىڭ شەرق ئاسمىنىنى پەرەڭ ياغلىقتەك قىزارتىپ، ئۆز ياستۇغىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ كېلىشىنى، يەر- زېمىنغا ئۆز نۇرىنى تەكشى چېچىپ، قىزدۇرۇپ ژۇقۇرى كۆتۈرۈلۈشىنى، چاڭقا چۈش پەيتلىرىنى، قۇياشنىڭ ئۆز ياستۇغىغا باش قويۇش ئالدىدىكى غەرب ئاسمىنىنىڭ ئەژايىپ بىر گۆزەللىككە كىرىشىنى تاماشە قىلغاچ، يەر- ژاھانغا، ئىنسانلارغا، ژىمىكى تىرىكلىككە ھاياتلىق بەخش ئېتىۋاتقانلىغىنى بىر كۆرۈش ئىستىگى، خاھىشى ئۇلغايغان ھالدا قاراڭغۇ، زەي، سېسىقچىلىق قاپلىغان كامېرا ئىچىدە باش- ئاخىرى يوق ئوي- خىياللار ، ئازابلىق خاتىرىلەر، شېرىن ئارزۇ- ئارمانلار ئىلىكىدە ياتقىنىڭ ياتقان! قانچە ياتىدىغىنىڭنىمۇ بىلمەيسەن. سەندىكى بىرلا قورقۇش- ئەندىشە، ئۇ، يەر ئاستى سوراقخانىسىدىكى دايىملىق قايتىلىنىپ تۇرىدىغان بىر خىل سوال- سوراقلار، ئۇرۇپ- قىيناشلار، ئازپلاشلار... ئۇلاردىن قاچان قۇتۇلىدىغانلىغىڭنىمۇ بىلمەيسەن! ئەركىنلىككە، ئازادلىققا چىقىشىڭنى، بۇ دوزاقتىكى ئازابلاردىن تىنچ- ئامان قۇتۇلۇشىڭنى بىر ئاللاھدىن تاڭ ئاتماس ئۇزاق كېچىلەردە نالە قىلىپ سورايسەن! ئۇزۇن ۋە قىسقا مۇددەتلىك، مۇددەتسىز تۈرمە ژازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى ئاڭلىغىنىڭدا، ئاشۇ كۈنلەرنىڭ ئەتىمۇ- ئۆگۈنمۇ ئۆز بېشىڭغا كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيسەن، قورقىسەن!... ئەنسىرەشنىڭ، قورقۇشنىڭ ئەڭ دەھشەتلىكى، ئۇ، ئۆلۈم ژازاسى!... يااللا، ياراتقان ئېگىسىنىڭ ئۆزى ساقلىسۇن، ئۇ قارا كۈنلەردىن! ئۆلۈم ژازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغىنىڭدىن كېيىنكى دەھشەتنى ئېيتما. «ئەمدى قاچان ئەپچىقىپ ئاتىدېكىن؟ قەيەردە ئاتىدېكىن؟ قانداق ئاتىدېكىن؟ بۈگۈن ئاتمدېكىن، ئەتە ئاتامدېكىن، ئۆگۈنلۈككە ئاتامدېكىن؟... ژەسىتىمنى ئاتا- ئانامغا بېرەمدېكىن ياكى كېچىدە، يوشۇرۇن ھالدا قەيەرگە كۆمۈپ تاشلايدېكىن؟... ».

مانا مۇشۇ خىلدىكى ئوي- خىياللار بىلەن ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىشنىڭ نەقەدەر ئېغىر، ئازابلىغىنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ ئۆزى بىر دەھشەت! بۇ دەھشەتنى بېشىغا كەلگەن ئادەمنىڭ بىر ئۆزىلا بىلىدۇ، خالاس!

بىر كۈنى يېرىم كېچىدە بىزنىڭ كامېرىغا پەنژىملىك نۇرمەھەمەت ئىسىملىك بالىنى ئېلىپ كىردى. ئۇنىڭمۇ ئىككى پۇتىغا ئېغىر كىشەن سېلىنغان. دېمەك، ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش سىياسىي مەھبۇس ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن خىتاي مەھبۇسلىرى يېتىۋاتقان بۇ كامېرىدىكى بىز، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى ئۈچ بولدۇق.

ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، نۇرمەھەمەتكە ئۆلۈم ژازاسى ھۆكۈم قىلىندى!

بۇ شۇم خەۋەر بىزنىلا ئەمەس، بىر كامېرىدا بىللە يېتىۋاتقان خىتاي مەھبۇسلىرىنىمۇ «ئەي- ي- يا!» دېگۈزۈۋەتتى. ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان سىياسىي مەھبۇس نۇرمەھەمەتكە؛

- نەچچە ۋاقىتتىن بۇ يان بىزدىن خاتالىقلار ئۆتۈپ، سېنى رەنژىتكەن بولساق، بىزنى كەچۈرۈۋەت، بىزدىن خاپا بولمىغىن؟... ساڭا يامان بولدى، يامان بولدى!- دېيىشتى.

«ئۆلۈم ژازاسى ئەتە ئىژرا قىلىنىدۇ» دېگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن، كامېرىنىڭ تۆمۈر ئىشىكى شاراقلاپ ئېچىلدىدە، گۇندىپايلار نۇرمەھەمەتكە ؛ «ئاتا- ئاناڭ كەلدى. سېنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى!» دەپ ئېلىپ چىقىپ كېتىشتى...

مېنىڭ يۈرەك- باغرىم كۆيۈپ، ئېچىشىپ كېتىۋاتىدۇ. «بېچارە بالىغا تولا ئۇگال بولدى-دە؟- دەيمەن ئۆزۈمگە- ئۆزۈم. - ئون گۈلىنىڭ بىرسى ئېچىلمىغان شۇنداق بىر ژىگىتنى ئەتە ئېتىپ تاشلايدۇ!... خاڭ ئاستىدىن پارتلاتقۇچ دورىسىنى يوشۇرۇن ئېلىپ چىققىنى ئۈچۈنمۇ ئۆلۈم ژازاسىغا ھۆكۈم قىلىنامدۇ؟ ئاخىر ئۇ بىر يەرنى پارتلاتقىنى، ئادەم ئۆلتۈرگىنى يوق ئېكەنغۇ؟ بار گۇناھى پارتلاتقۇچ دورىسىنى ئوغرىلاپ چىققىنى، خالاس! بۇنىڭ ئۈچۈن بەش ژىلمۇ، ئون ژىلمۇ تۈرمە ژازاسىنى بەرسىمۇ يېتەر ئېدىغۇ... بۇ نېمە دېگەن قاتتىق قوللۇق سىياسەت، نېمە دېگەن قاتتىق قانۇن! بۇ مەملىكەتتە ئىنسان قەدىر- قىممىتىنىڭ شۇ دەرىژىدە تۈگۈگىنىمۇ؟ ئىنسان ھاياتىنىڭ بىر پۇل بولغىنىمۇ؟ شۇ تاپتا بۇ بېچارە بالىنىڭ ئاتا- ئانىسى، قوم- قېرىنداشلىرى نېمە بولۇپ كېتىۋاتقاندۇ؟... ئاھ، مۇنداق ئېغىر كۈنلەر، مۇنداق قارا كۈنلەر قاچانمۇ تۈگەر! بۇ نېمە دېگەن دەھشەت، پاژىە!».

نۇرمەھەمەتنىڭ ئاتا- ئانىسىنى تونۇمىسام، كۆرمىسەممۇ، ئۇلارنىڭ سېيماسى كۆز ئالدىمدا غايىۋانە پەيدا بولغاندەك بولدى...

يېزىدا ياشاپ كېلىۋاتقان ئادەتتىكى ژاپاكەش، دەردمەن، نامرات، ئاق كۆڭۈل، ساددە ئۇيغۇر دېخانلىرىنىڭ بىرسى!

ئۈزلىرىگە مەزگىلسىز قورۇقلار كىرگەن، چاچلىرى ئاقىرىشقا باشلىغان دەردمەن ئانا ئوغلىنى باغرىغا مەككەم بېسىۋېلىپ، تويماي ھىدلاتتى، ئاخىرقى قېتىم ھىدلاتتى!... ئوغلىنىڭ باش- كۆزلىرىنى سىيپاپ، تويمايۋاتقان ئانىنىڭ ئىچىگە ئولتىرىشقان نۇرسىز كۆزلىرىدىن توختىماي قۇيۇلۇۋاتقان ياشلىرى ئوغلىنىڭ مەڭىزلىرىنى، پېشانىلىرىنى ژۇياتتى ۋە ئانا ئۇنى تويماي، قانماي يېنىپ- يېنىپ سۆيەتتى...

ئانا- بالىنىڭ تېنى، ۋۇژۇدى بىر تەڭە، بىر ۋۇژۇتقا ئايلانغاندەك، دىر- دىر تىتىرمەكتە ئىدى!

ئانا- بالىنىڭ ژۈرىگى بىر ژۈرەككە ئايلىنىپ، ئۆز قېپىغا سىغمايۋاتقاندەك سوقاتتى، ھۆپۈلدەپ يېنىپ، كۆيۈپ- ئېچىشاتتى!

ئانىنىڭ بالىنى، بالىنىڭ ئانىنى ئاخىرقى قېتىم قۇچاقلىشى، بۇ ئۇلارنىڭ ژۇدالىق ئالدىدىكى ۋىدالىشىشى ئىدى.

ئاھ، بۇ نېمە دېگەن ئېغىر كۈن، قارا كۈن، دوزاخ كۈن!...

ئانا- بالىنىڭ يېنىدا تۇرغان ئاتا ئوغلىنى باغرىغا بېسىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتكەچ، ئىچىدىن ھۆپۈلدەپ چىقىۋاتقان ئاچچىق ئەلەمنى، دەرد- ھەسرەتنى ئىچىگە ژۇتۇپ، بىقىلداپ، ئۆپكىدەپ ژىغلاتتى...

ئاتىنىڭ ئىككى كۆزىدىن قۇيۇلۇۋاتقان ھەسرەتلىك ئاچچىق ياشلىرى ساقال باسقان ئۈزلىرىدىن ئېرىقلار ھاسىل قىلىپ، بوينىغا قۇيۇلاتتى.

قەددى پۈكۈلگەن ئاتىنىڭ پۈتۈن تېنى، ۋۇژۇدى توختىماي تىتىرەتتى!...

بۇ بېچارە ئاتا بىلەن ئانىنىڭ ئاشۇ ئوغلىنى ئەتە ئېتىپ تاشلايدۇ!... ئۇلار مىڭ بىر ژاپالار، ئارزۇ- ئارمانلار بىلەن ئۆستۈرۈپ، چوڭ قىلغان ئەزىزىدىن، كۆز نۇرىدىن، ژىگەرىدىن، بەختى- بايلىقىدىن، خۇشاللىق- شاتلىغىدىن مەڭگۈگە ئايرىلىدۇ، ژۇدا بولىدۇ!

بۇ نېمە دېگەن دەرد- ئەلەم!

بۇ دەرد- ئەلەمنى، بۇ ژۇدالىقنى بۇ بېچارىلەر ئەمدى قانداقمۇ كۆتۈرەر، قانداقمۇ بەرداشلىق بىرەر؟!...

بىر چاغدا تۆمۈر ئىشىك شاراقلاپ ئېچىلدى. زەنژىر- كىشەن سېلىنغان ئاياغلىرىنى ئېغىر كۆتۈرۈپ باسقان ھالدا نۇرمەھەمەت كىرىپ كەلدى. قاپاقلىرى ئېشىپ، كۆزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ.

- ئاتا- ئاناڭ كەلگەن ئوخشايدۇدە؟- دەپ سورىدىم، ئۇ بۈگلۈكنىڭ چېتىگە كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن.

- ئاپام، دادام، ئىنىم، سىڭلىم تۆرتىيلەن كەلگەن ئېكەن، - دېدى ئۇ مەيۈس، تىترەك ئاۋازدا. لېكىن، ئۇ ئۆزىنى ھېچ نەرسە بولمىغاندەك، ھېچ نەرسە بولمايدىغاندەك خاتىرژەم، كۆڭلى توق، خۇش كۆرسۈتۈشكە تىرىشاتتى. ئامما ژۈرىگىدە ژىغلاۋاتقانلىغى كۆزلىرىدىن ئاپ- ئاشكارا بىلىنىپ تۇراتتى. ئىچىدىن ھۆپۈلدەپ كېلىپ، ئېتىلىپ چىقاي دەپ تۇرغان ئاچچىق پۇخاننىڭ سىرتىغا چىقىشىغا يول قويماي، ئىچىگە ژۇتۇپ تۇراتتى.

- ئاداش. - دېدى ئۇ تىترەك ئاۋازدا. - بۈگۈن مەن ئۇخلىمايمەن. تۆۋبە نامىزىمنى ئوقۇۋالاي، ئاندىن قۇرüئان ئوقۇيمەن!

- مەيلى، شۇنداق قىلغىن. - دېدىم مەن بۈگۈن بار، ئەتە يوق. بىر پاي ئوق بىلەن ئۇ دۇنىيالىق بولۇپ، ژىسمى توپىغا، ئۆزى روھقا ئايلىنىپ كېتىدىغان نۇرمەھەمەتكە ئىچىم ئاغرىپ، ژۈرىگىم كۆيۈپ- ئېچىشىپ. - ئاتا- ئاناڭ، قېرىنداشلىرىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىمدا ئارامخۇدا سۆزلىشىۋېلىشقا، خوشلىشىۋېلىشقا توسقۇنلۇق قىلمىغاندۇ؟- دەپ سورىدىم.

ياق، ئەكسىچە. ساقچىلار بىلەن گۇندىپايلار بۈگۈن باشقىچە مۇناسىۋەت قىلىشتى. تولىمۇ خۇش- خويلۇق بىلەن پاراڭلاشتى. «قانداق پىكرىڭ بار» دەپ سوراشتى. مەن دېدىم؛ «ھېچ قانداق پىكرىم يوق. سەن خەققە مەن قانداق پىكىر قىلىمەن . مېنىڭ پىكرىمنى ئاڭلاشقان بولساڭ، مەن بۇ كۈڭە قالماس ئىدىم!» دېگەڭە ئوخشاش گەپلەرنى قىلدىم.

ئەڭ ياخشىسى ئاپام، دادام، ئىنىم، سىڭلىم بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈۋالدىم، سۆزلىشىۋالدىم. ئۇلارنى قېنىپ- قېنىپ سۆيۈۋالدىم، ئاداش. مەن شۇنىڭغا خۇشال!...

ئۆپكەم ئۆرلەپ كەتتى. كۆزلىرىمدىن ياشلار قۇيۇلدى.

- كۆڭلىڭنى بۇزما، ئاداش، - دەپ ئۇ مۈرەمگە قولىنى قويدى. - بۇ ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى... بۇ يالغۇز مېنىڭلا بېشىمغا كېلىۋاتقان كۈن ئەمەس، ئۇنى ئۆزۈڭ ياخشى بىلىسەن؟

- توغرا ئېيتىسەن، ئاغىنە. - دېدىم. مەن ئۇنىڭغا نېمە دەپ تەساللا بېرىشنى بىلمەس ئىدىم.

- قەيسەر، سېنىڭدىن ئاخىرقى ئىلتىماسىم، مەن ژۇيۇنۇپ، پاكىزلىنىۋالاي، ساقال- بۇرۇتلارنى ئېلىۋالاي. ئاندىن غۇسۇل قىلىۋالاي. يۇسۇپژان ئىككىڭلار مېنى سۇغا ئېلىپ قويۇڭلار؟ ئۇ دۇنياغا پاكىز- تازا، ئىسلام شەرىئەت قانۇنى بويىچە كەتكىنىم ياخشى!...

- ماقۇل ئاداش، ماقۇل، - دېدىم.

باشقا نېمە دېيىش مۇمكىن؟ «مېنى سۇغا ئېلىپ قويۇڭلار؟ ئۇ دۇنياغا پاكىز- تازا كېتەي!». بىر تۈرمىدە، بىر كامېرىدا بىللە يېتىۋاتقان، سىرداش- مۇڭداش بولۇپ قالغان، بىر ئىدېيا، بىر مەقسەت يولىدىكى كۈرەشكە ژاننى تىكىپ قويغان سەپدىشىڭدىن شۇنداق سۆزنى ئاڭلاپ ئولتىرىشتىن ئارتۇق بۇ پانىي دۇنىيادا ئېغىر نەرسە بولمىسا كېرەك؟ بۇنىڭ ئۆزى بىر دەھشەت ئېكەن!...

نۇرمەھەمەت بىلەن يۇسۈپژان يېزىدا تۇغۇلۇپ، چوڭ بولغانلىقى ھەم يېزىدا خىتايلار بىلەن كۆپ ئارىلاشماي ياشاۋاتقانلىغى ئۈچۈن خىتاي تىلىنى مۇكەممەل بىلىپ كەتمەتتى. مەن كىچىكىمدىن شەھەردە خىتاي بالىلىرى بىلەن بىللە ئويناپ، ئارىلىشىپ چوڭ بولغانلىقىمدىن، بۇلارنىڭ تىلىنىمۇ، يېزىغىنىمۇ، پسىخولوگىياسىنىمۇ ياخشى بىلەتتىم.

بۇ ئىقلىم شۇنداقكېن، قانچە يۇگاچ- يۇمشاق بولۇپ، قورقانچاقلىق كۆرسەتسەڭ، شۇنچە بوزەك قىلىشىدۇ. قانچە ژۈرەكلىك، قورىقماس بولساڭ، «تۇرۇش دېسە، ئۇرۇش»دەپ مەيدانغا چىقساڭ، سېنىڭدىن تەپ تارتىدۇ. سېنىڭ بىلەن ھېساپلىشىدۇ. سېنى ھۆرمەت قىلىشىدۇ... مەن بۇلارنىڭ گاڭگۇڭ، نوچىلىرى بىلەن قانداق سۆزلىشىشنى، ئۇلار بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئوبدان بىلگىنىم ئۈچۈن ئاسانلىقچە بوزەك بولماتتىم.

خىتاي كامېرىسىدا مەن يالغۇز ئۇيغۇر بولساممۇ، قورىقماتتىم. بىر كۈنى كۆرەڭلىك قىلغان بىرسىنى باش بىلەن بىرنى ئۇرۇۋېدىم، ئېغزى- بۇرنى قانغا بويالغان ئۇ، ئون- ئون بەش مىنۇت ئورنىدىن تۇرالماي ياتتى. يەنە بىرسىنىڭ كانىيىنى تۇتۇۋېلىپ، شۇنداق سىقىۋېدىم، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئالىيىپ، پۇت- قوللىرى دىرىلداپ تىترەپ كەتتى. «بۇ گۇي ئۆلۈپ قېلىپ، بالانىڭ يوغىنىغا قالماي»دېدىمدە، كانىيىدىن قولۇمنى ئېلىپ، بېشىغا مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇۋېدىم، «ئەي- ي- يا»دەپ ئوڭدىسىغا چۈشتى...

كېيىن بۇ كامېرىغا يۇسۈپژاننى ئېلىپ كىرىشتى. ئاندىن نۇرمەھەمەتنى ئەكىردى. مەن باشقىلارنىڭ ئۇلارغا گاڭگۇڭلۇق قىلىشىغا ، ئۇلارنى بوزەك قىلىشىغا يول قويمىدىم.

نۇرمەھەمەت ژىگەرلىك، ۋىجدانلىق ژىگىت ئىدى.

ئۇ زۇلۇمدا ياشاۋاتقان ژاپاكەش خەلقىنىڭ تەغدىرىگە بەك ئېچىناتتى.

ئۇ خورلۇققا، ھاقارەتكە، دەپسەندىلىككە، ئادالەتسىزلىككە قارشى ئىدى.

ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكتە، ئازاتلىقتا، ھۆرلۈكتە ياشىشىنى ئارمان قىلاتتى!...

بۇ كۈنى مەن ۋاڭ ژۇن باشلىق كامېرىدىكى مەھبۇسلارغا، نۇرمەھەمەتنىڭ ئاخىرقى سەپەرگە- - ئۇ دۇنياغا كېتىشنىڭ ئالدىدا ئىسلام شەرىىتى بويىچە پاكىز ژۇيۇنۇپ تازلىنىۋېلىنىشى، ئاندىن ناماز ئوقۇپ، تاڭ ئاتقىچە ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇسى كېلىدىغانلىقىنى، بىز ھەممىمز تاڭ ئاتقىچە كۆپ ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقىنىمدا، ئۇلار ئەتە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدىغان نۇرمەھەمەتكە ئىچى ئاغرىپ، رەھىمى كەلگەندەك ئىپادە بىلدۈردى. باياتىن قىلىۋاتقان پاراڭلىرىنى توختاتتىدە، «ياخشى، ياخشى»دېيىشىپ، ئولتارغان ئورۇنلىرىغا سوزۇلۇپ يېتىشىپ، ئۇيقۇغا كېتىشتى. مېنىڭ بۇ ئىشىمدىن نۇرمەھەمەت بەك رازى بولدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنىنى بۇلارنىڭ ۋارقىراپ- ژاقىراپ سۆزلەشلىرىنى، كۈلكىلىرى بىلەن ۋاراڭ- چۇرۇڭلىرىنى ئاڭلىماي، تىپ- تىنچ ھالدا تۆۋبە نامىزىنى ئارامخۇدا ئوقۇۋېلىپ، تاڭنى قۇرüئان ئايەتلىرىدىن سۈرىلەرنى ئوقۇش بىلەن ئاتقۇزۇش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولغانلىقىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغان ئىدى.

نۇرمەھەمەت يۇسۈپژان ئىككىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن پاكىز ژۇيۇنۇپ تازىلاندى. ساقاللىرىنى ئېلىپ، بۇرۇتىنى چىرايلىق چەكتى. ئاندىن تۆۋبە نامىزىنى ئوقۇشقا ئولتاردى. تۆرت رەكەت تۆۋبە نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۇزاقتىن- ئۇزاق دۇگا قىلدى.

- ئاغىنىلەر، سىلەرگە رەھمەت. مەن سىلەردىن رازى!- دېدى ئۇ بىردە ماڭا، بىردە يۇسۈپژانغا مىننەتدارلىق بىلەن ئۇزاقتىن- ئۇزاق تىكلىنىپ. - ئاللاھغا شۈكرى، سىلەرنىڭ بارىڭلاردا ژۇيۇنۇپ، تازىلىنىپ- پاكىزلىنىۋالدىم، - ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەك ئارىلاش چىقتى.

مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمەس ئىدىم. ئەگەر ئۇ ژىراق- يېقىن سەپەرگە ئاتلانغان بولسا، ئاق يول تىلەر ئىدىم. ئامما ئۇ، بېرىش بارۇ، قايتىش يوق مەڭگۈلۈك سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ساناقلىق سااتلاردىن كېيىن، تاڭ ئاتىدۇ. ھەيەل قىلماي، بۇ دوزاخنىڭ تۆمۈر ئىشىكى شاراقلاپ ئېچىلىدىدە، گۇندىپايلار ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ... شۇنىڭ بىلەن ئۇ، بۇ يورۇق دۇنىيادا يوق!

- تەغدىرنىڭ يازمىشى شۇنداق ئېكەن، قانداق قىلىمىز، ئامال يوق، - دەپ ئارىدىكى كۆڭۈلسىز ژىم- ژىتلىقنى بۇزۇپ ئۈن قاتتىم. - بىز سېنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز!

- سەن ۋەتەننىڭ ئازاتلىغى، خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى يولىدىكى كۈرەشتە شېھىت بولۇۋاتىسەن!- دېدى يۇسۈپژان.

- توغرا ئېيتىسىلەر، دوستلىرىم. ھەممىمىزنىڭ تەقدىر- كەچۈرمۈشلىرى بىر. بىز ھەممىمىز ئۇلۇغ مەخسەتلەر يولىدىكى كۈرەشكە ئاتلانغان ئېدۇق. مېنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىم تېخى نۇرغۇن ئىدى. ئەپسۇس، ئۈلگۈرەلمىدىم، قىلالمىدىم... ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئازادلىق، ئەركىنلىك كۈرىشىمىز ھېچ قاچاندا توختىمايدۇ. سىلەرگە ئوخشاش دوستلىرىم بار، ۋەتەن ئىشقىدا يېنىۋاتقان ئون مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان ژىگىت- قىزلىرىمىز بار، خەلقىمىز بار، شۇلار داۋاملاشتۇرىدۇ! مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن!- دەپ دوكلات ئوقۇۋاتقان ناتىقتەك سۆزلىدى. كېيىن شۇنداق دېدى. - سىلەرنىڭ بۇ دوزاقتىن ساق- سالامەت چىقىپ كېتىشىڭلارغا ئاللانىڭ ئۆزى يار- يۆلەك بولسۇن!

- ئېيتقىنىڭ كەلسۇن، ئاغىنە، - دېدىم مەن. - سەن ناھايىتى ياخشى گەپ قىلىۋاتىسەن، كۈرەش ھېچ قاچاندا توختىمايدۇ!

- ئاللاھ بۇ بىز، ئۇيغۇرلارنى نېمىگە بۇنچە بەختسىز ياراتقاندۇ؟- دەپ سۆزگە ئارىلاشتى يۇسۈپژان. - مانا يېقىندىلا كۆپلىگەن خەلقلەر ئازادلىققا، ئەركىنلىككە چىقتى. قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈرىكمەن، ئەزەربەيژان ئوخشاش تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ، بەختلىك ھايات كەچۈرۈۋاتىدۇ. بىز، ئۇيغۇرلار قاچانمۇ ئەشۇلارغا ئوخشاش ئۆز ۋەتىنىمىزگە ئۆزلىرىمىز ئېگە، غوژا بولۇپ ياشايدىغان بەختلىك كۈنلەرگە يېتەرمىز؟...

- ئاللاھ بۇيرۇسا، ئۇ كۈنلەرمۇ كېلىدۇ، - دېدى نۇرمەھەمەت. - ئازاتلىقنى، ئەركىنلىكنى، مۇستەقىللىقنى سوراپ، يالۋۇرۇپ ئالىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇنى كۈرەش يولى بىلەن قولغا كەلتۈرۈش كېرەك! ئۇ كۈرەشنى سىلەرگە ئوخشاش دوستلىرىم داۋاملاشتۇرىدۇ، دەپ ئىشەشلىك ئېيتالايمەن...

سۆھبىتىمىز شۇ ماۋزۇ ئۈستىدە ئۇزاق داۋام قىلدى.

سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا نۇرمەھەمەت شۇنداق دېدى؛

- ئاغىنىلەر، يەنە بىر نەچچە سااتلاردىن كېيىن مەن بۇ دۇنىيادىن يوق بولىمەن دېگەن سۆز. بۈگۈن مېنى ئېتىپ تاشلايدۇ!...

بۇنداق سۆزنى ئېيتىش ئەمەس، ئاڭلاشنىڭ ئۆزى قانچىلىك ئېغىر؟ دەھشەت!

بۈگۈن ئۇ ئۆزىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرىلىدىغانلىغىنى، ئارقىسىدىن، بېشىنىڭ ئارقىسىغا تەڭلەڭەن تاپانچىنىڭ گۈپ قىلىپ ئېتىلىشىدىن چىقىدىغان بىر پاي ئوق بىلەن بۇ ھاياتتىن يوق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتىرىدۇ. ئۆلۈمنى كۈتۈش قانچىلىك دەھشەت!

ئەگەر ئۇ قاتىل، ساتقۇن بولغان بولسا، ئۇنىڭ يولى باشقا ئىدى؟!...

ئۇ ئىنسانلارغا ئەمەس، ژانلىق مەۋژۇداتلارغا ئازار بېرىشنى، ھەتتا يولدىن يول ياساپ ئۆتۈۋاتقان چۆمۈلىلەرنى دەسسەپ ئۆتۈشنى ئىستىمەيدىغان بىر ژىگىت ئىدى!...

ئۇنىڭ بار گۇناسى پارتلاتقۇچ دورىسىنى ئوغىرلىغانلىغى، خالاس!

«ئاشۇ نەرسىلەر بىلەن بومبا ياساپ، ئەڭ بولمىغاندا رەقىپلىرىمدىن بىر نەچچىسىنىڭ ژېنىنى ژەھەننەمگە يوللىغان بولسام، ئۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئېتىۋەتكەن تەقدىردىمۇ مەيلى ئىدى؟! خەپ، خەپ، ئاشۇ ئىشنىمۇ قىلالمىدىم!». نۇرمەھەمەتنىڭ شۇ تاپتا ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان كۆزلىرىدىن مۇشۇ سۆزلەرنى ئۇقتۇم.

- يۇسۈپژان مۇددەتسىز تۈرمە ژازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، - دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى نۇرمەھەمەت. - ئاللاھ بۇ كۈنلەردىن سېنى ساقلىسۇن. بۇ دوزاقتىن سەن بولساڭمۇ ساق- سالامەت قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتەرسەن، دوستۇم؟- دېدى ماڭا قاراپ.

شۇ ئارىدا، كېچىدىن بېرى پۇشۇلداپ، خورەك تارتىشىپ ئۇخلىشىۋاتقان مەھبۇسلاردىن بىر ئىككىسى ئۇ يان- بۇ يان ئۆرۈلۈپ، ئويغاندى. بىرىنچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرغان ۋاڭ ژۇن بۈگلۈكتىن يەرگە چۈشتى-دە، بۇلۇڭغا بېرىپ سىيىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئورنىغا كېلىپ قايتىدىن ياتتى ۋە بىزگە قاراپ شۇنداق دېدى؛

- سىلەر ئۇخلىمىغان ئوخشىمامسىلەر؟

- قانداق ئۇخلايسەن!- دېدىم مەن.

- توغرا ئېيتىسەن، ئۇخلالمايسەن. مەن چۈشىنىمەن، ئاغىنىلەر. - دېدى ئۇ بىزنىڭ قايغۇمىزغا ھېسداشلىق بىلدۈرگەندەك.

- مەيلى ، ئاغىنىلەر، سىلەر ئازراق بولسىمۇ دەم ئېرىڭلار. تاڭ ئاتايمۇ دەپ قالغان بولسا كېرەك، مەن ئازراق قۇرüئان ئوقۇي، - دەپ نۇرمەھەمەت ئۆزىنى قىلۋىيگە قارىتىپ، ئايىغىدىكى كىشەن- زەنژىرنىڭ ئاۋازىنى ئانچە چىقارماي، قوللىرى بىلەن كۆتۈرۈپ، بەداشقاننى قۇرۇپ ئولتاردى.

- ئەۋزۇ بىللاھى مىنەش شەيتانىر رەژىم، بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم!...

ئۇ پەس ئاۋازدا قۇرüئان سۈرىلىرىدىن ئايەتلەر ئوقۇشقا باشلىدى.

كۆزىم ئىلىنىپ كەتكەن ئېكەن. بىر چاغدا تاراق- تۇرۇق، ۋاراڭ- چۇرۇڭدىن ئويغىنىپ كەتتىم. ساات سەككىز بوپتۇ. مەھبۇسلار ژاۋۇر، كروژكىلىرىنى تۇتقىنىچە، تۆمۈر ئىشىكنىڭ كىچىككىنە تۆشۈكىدىن ئەتىگەنلىك تاماقلىرىنى نۆۋەتمۇ- نۆۋەت ئېلىۋېتىپتۇ.

ئورنۇمدىن تۇردىمدە، ئۈز- قوللىرىمنى ژۇيۇۇپ كېلىپ، مەنمۇ ئۆز تامىغىمنى ئالدىم.

كامېرىدىكى بىز ئۈچ ئۇيغۇر «تامىغىمىزنى» ئايرىم قىلىۋالغان ئېدۇق. سىياسىي مەھبۇس ئاتالغان بۇ ئۈچىمىز ئايرىم دەستىخاندا ئولتىراتتۇق. بۇ ئاغىنىلەرنىڭ بەزىلىرى ئولتىرىپ تاماق يېسە، بەزىلىرى ئۆرە تۇرۇپ، بەزىلىرى مېڭىپ ژۈرۈپ تاماقلىناتتى...

ئۈچىمىز ئۈچ بۇژەك بولۇپ، ئادەتتىكىدەك «بىسمىللا»دەپ، ئەتىگەنلىك ناشتىغا ئولتاردۇق. ئەتىگەنلىك ناشتىمىز بەسەي ۋە ھەر خىل كۆكتات- كوكاتلاردىن قورۇلغان سەي بىلەن بىردىن موما /نان/ ۋە بىر كروژكىدىن قاينىتىلغان سۇ، خالاس.

- نېمە ئولتىرىسىلەر، يېمەمسىلەر؟- دېدى نۇرمەھەمەت بىزگە.

گەلدىن بىر نەرسە ئۆتەر ئەمەس. بىر- بىرسىمىزگە قاراپ ژىم- ژىت ئولتىرىمىز. ھەر كىم ئۆز خىياللىرى بىلەن بەند ئىدى.

- ئۇنداق قىلماڭلار، ئاغىنىلەر، قېنى ئېلىڭلار!- نۇرمەھەمەت بىرىنچى بولۇپ چوكىنى قولىغا ئالدى. - بۇ مېنىڭ سىلەر بىلەن بىر دەستىخاندىكى ئاخىرقى ئولتىرىشىمغۇ؟...

كۆڭلۈم بىردىن بۇزۇلۇپ كەتتى. ئىچىم ھۆپۈلدەپ يېنىپ، كۆزلىرىمگە لۆممىدە ياش كەلدى. نۇرمەھەمەت كۆرمىسۇن دەپ، يەرگە قاراۋالدىم. ژاۋۇرنى قولۇمغا ئالدىمدە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى چوكا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئولتىرىمەن.

- ئۆزەڭمۇ يېمەمسەن؟- دېدى يۇسۈپژان ئۇنىڭغا.

- مەن يېمىسەممۇ بولاتتى. مەيلى، سىلەر بىلەن بىللە يەي، - دېدى نۇرمەھەمەت ئاستا سۆزلەپ. - بىز ئۇيغۇرلاردىكى «بىر پارچە ناننى تەڭ بۆلۈشۈپ يېگەن »دېگەن دانا سۆزنى سىلەرمۇ ياخشى بىلىسىلەر؟- دەپ ئۇ ئۆزىگە تېگىشلىك بىر تال مومىنى تەڭ ئۈچكە بۆلدى. - قېنى ئاغىنىلەر، ئالدى بىلەن مېنىڭ نېنىمنى، ئاندىن سىلەرنىڭكىنى تەڭ بۆلۈشۈپ، بىللە يەيلى؟...

نۇرمەھەمەتنىڭ ئاخىرقى ئىلتىماسى بويىچە ھەر قايسىمىز ئۆزىمىزگە تېگىشلىك مومىنى ئۈچكە بۆلۈپ، تەڭ يېيىشتۇق.

ئارىدىن بىر ئىككى سااتقا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى.

بىر چاغدا تۆمۈر ئىشىك شاراقلاپ ئېچىلدى. ئىككى گۇندىپاي كىرىپ كەلدى. ئۇلار ئالدى بىلەن نۇرمەھەمەتكە، ئاندىن بىزگە قاراپ، ئادەتتىكىدەك قوپاللىقتا ئەمەس، سىلىق- سىپايىلىك بىلەن سۆزلەپ، مېھرىبانلىق ئىپادىسىنى بىلدۈردى...

شۇ چاغدىلا نۇرمەھەمەتنىڭ چىرايى ئاپئاق تاتىرىپ كەتتى. كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ئىچكى دۇنىياسىدىكى ئۆزگۈرىشلەرنى بىردىن بايقىدىم. نۇرمەھەمەتنىڭ ئاشۇ چاغدىكى كۆرۈنۈشىنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاژىزمەن.

ئۇنىڭ پۈتۈن تېنى، ۋۇژۇدى بىلىنەر- بىلىنمەس تىترەۋاتاتتى.

ئۇ ئۆزىنى تولىمۇ مەغرۇر تۇتاتتى.

ئۇنىڭ ئۆزى، كۆزلىرى قورقۇشنى ئۇنتۇغان، كۆزلىرىدە ئوت، غەزەپ- نەپرەت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى.

- خەير خوش، دوستلار!- دېدى ئۇ ئۇيغۇرچە، خىتايچە سۆزلەپ.

كامېرا ئىچىدىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىرمۇ- بىر قۇچاغلىشىپ خوشلاشتى.

- نۇرمەھەمەت، سەن بىزدىن رازى بول؟!- دېدى ئۇنى بىرىنچى بولۇپ باغرىغا باسقان ۋاڭ ژۇن.

- مەن رازى! سىلەر ئامان بولۇڭلار، بۇ دوزاقتىن ساق- سالامەت چىقىڭلار!- دېدى تىترەك ئاۋازدا. شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش كۆردۈم...

نۇرمەھەمەت يۇسۈپژان بىلەن قۇچاغلىشىپ، خوشلاشتى. ئاخىرىدا ئىككىمىز قاتتىق، ئۇزاق قۇچاغلاشتۇق.

- ئەلۋىدا، دوستۇم!- دېدىم ئۇنىڭ قۇلىغىغا پىچىرلاپ. - سەن ئارمان قىلغان ئۇلۇغ كۈنلەر ئەلۋەتتە، كېلىدۇ! خەلقىڭ سېنى، ساڭا ئوخشاش ئوغلانلىرىنى ھېچ قاچاندا ئۇنتۇمايدۇ! كۈرەش ھامان داۋام قىلىدۇ!...

- ئەلۋەتتە، دوستۇم. - دېدى ئۇمۇ قۇلىغىمغا پىچىرلاپ. - مەن سىلەرگە ئىشىنىمەن، خەلقىمگە ئىشىنىمەن! كۈرەش داۋام قىلىدۇ! مېنىڭ خەلقىم چوقۇم ھۆرلۈككە، ئەركىنلىككە، ئازادلىققا چىقىدۇ! بۇنىڭغا مەن ئىشىنىمەن. خوش دوستۇم، خوش، ئەلۋىدا!...

نۇرمەھەمەتنى گۇندىپايلار ئېلىپ چىقىپ كېتىشتى.

ئۆزۈمگە- ئۆزۈم ئېگە بولالمىغان ھالدا ئىشىكنىڭ تۈۋىگە بېرىپ، ئۇنىڭ يوچۇغىغا قۇلىغىمنى ياقتىم.

نۇرمەھەمەتنىڭ ئاياغلىرىغا سېلىنغان كىشەن- زەنژىرلەرنىڭ «شاراق- شۇرۇق، شاراق- شۇرۇق»قىلغان ئاۋازلىرى ئاستا- ئاستا ژىراقلاشقا باشلىدى.

ھەيەل ئۆتمەي تاشقىرىدىن يۈرەك- باغرىمنى ئېزىپ تاشلىغان داد- پەرىيات، قىيقاس- چۇقان ئاڭلاندى.

- ۋاي بالام، قوزام بالام!...

بۇ نۇرمەھەمەتنىڭ ئانىسىنىڭ زارى ئىدى.

- ۋاي بالام، ژېنىم بالام، تايانچىم بالام!...

بۇ بېچارە ئاتىنىڭ نالىسى ئىدى.

- ۋاي ئا- ك- كا- ئام! چىرايلىق ئاق- كا- ئام!...

بۇ ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ زارلىغان ئاۋازى ئىدى.

- ژېنىم ئاكام، ئالتۇن ئاكام!...

بۇ ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ زار قاخشىغان پەرىيادى ئىدى.

بۇ داد- پەرياد، ئاھۇ- زار پۈتۈن تۈرمە ئىچىنى زىل- زىلگە كەلتۈرۈۋەتكەندەك بولدى.

بۇ داد- پەرياد، ئاھۇ- زار غۇلژا ئاسمىنىدا چاقماق بولۇپ چېقىلغاندەك بولدى!...

نۇرمەھەمەت شەمشىدىڭە چىقىرىلغان ئۆلۈم ژازاسى ھۆكۈمى شۇ كۈنى ئىژرا قىلىندى.

بۇ 4- ئاينىڭ 27- كۈنى ئىدى.

ئاچچىق پۇغان

شۇنىڭ بىلەن ئارىدىن بىر نەچچە كۈنلەر ئۆتۈپ، مېنى ئوبلاستلىق تۈرمىگە ئېلىپ كېلىشتى. بۇ تۈرمىدە سوال- سوراقسىز ئۈچ كۈن ياتتىم. تۆرتىچى كۈنى ئەتىگەنلىكى ساات ئونلاردا سوراقخانىغا ئېلىپ چىقىشتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق ھەم غۇلژا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىلىرىدىن كەلگەن تۆرت خىتاي ساقچىسى بىلەن بىر ئۇيغۇر ساقچى مېنى سوراق قىلدى.

بۇ يەردە «يېڭى ھايات» تۈرمىسىدىكىدەك ئۇرۇپ- قىيناشلار، ئازابلاشلار بولغىنى يوق. بۇ يەردىكى ئەھۋالنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئۆزۈمنى باشقا بىر مەملىكەتتىكى، خىيالى بىر دۇنىيادىكى قانۇن ئورگانلىرى خادىملىرىنىڭ—ساقچىلىرىنىڭ ئالدىدا سوراق قىلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. تۆرت خىتاي ۋە بىر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ سىلىق- سىپايىلىغى، سەمىمىيلىكى، مېھرىۋانلىغى، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئىنسانىيلىغى ئالدىدا لال بولدۇم.

- قېنى، سامسىدىن يېگىن! سامسىنىمۇ سېغىنىپ قالغانسەن؟...

- مونۇ پېچېنە، كەمپۈتلەردىن ئالغىن؟

- قېنى، چاي ئىچكىن!

- ئۇسۇلۇق سۇنىڭ قايسىدىن ئىچكىڭ بار؟

- مانا، تاماكا چەككىن!...

سوراقخانا بۆلمىسىنىڭ بىر چېتىدىكى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇلغان ئاشۇ نەرسىلەرنى مېنىڭ يەپ- ئىچىشىمنى، ئۆزۈمنى ئەركىن تۇتۇپ، بەھۆزۈر ئولتىرىشىمنى كەينى- كەينىدىن تەلەپ قىلىشتى ئۇلار.

مەن ئۇلارنىڭ زورلىشى بىلەن ئىككى تال سامسىنى يەۋالدىم. بىر ئىككى پىيالە چاي ئىچتىم. ئاندىن رەھمىتىمنى ئېيتتىم.

- «يېڭى ھايات» تۈرمىسىدە كۆپ ئەزىيەت چەكمىگەنسەن؟ سوال- سوراق ۋاقتىدا ئۇرۇپ- سوقمىغاندۇ سېنى؟...

نېمە دېيىشىم مۇمكىن؟ ئۇردى، سوقتى، قىينىدى، ئازابلىدى دېيىشىم كېرەكمۇ؟ ياق، مۇمكىن ئەمەس!... قارغا قارىغىنىڭ كۆزىنى قاچان چوقۇغان؟ شۇڭا ھېچ قانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدىم.

- بۇ ھاياتتا، ياشلىقتا خاتالاشمايدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ھېچ كىم بولمايدۇ. سەنمۇ خاتالاشقان، تۈز يولدىن ئاداشقان بولساڭ كېرەك؟...

- بىزنىڭ قانۇنىمىزدا بىلىپ- بىلمەي قىلغان خاتالىقلىرىنى، ئۆتكۈزگەن كامچىلىقلىرىنى بوينىغا ئالغان، گۇناھىغا، ئەيىۋىگە ئىخرار بولغانلارغا كەڭچىلىكلەر بېرىلگەن!...

- سەن تېخى ياش، كېلەچىگىڭ ئالدىڭدا. بىزنىڭ ژەمىيىتىمىزگە ساڭا ئوخشاش ژىگىتلەر كېرەك! سىلەر ژەمىيەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىڭلار كېرەك!...

- ژەمىيەتنىڭ خاتىرژەملىگى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، خەلقنىڭ بېخەتەرلىگى ساڭا ئوخشاش ياشلارنىڭ ۋەتەڭە دېگەن ساداقەتلىكىدە كۆرۈنىدۇ!...

- سەن ژەمىيەتكە چىقىپ خىزمەت ئىشلىشىڭ كېرەك. بىز ساڭا بارلىق شاراىتلارنى يارىتىمىز، ياردەم قىلىمىز!...

«پاھ، پاھ، نېمە دېگەن چىرايلىق، ياخشى سۆزلەر بۇلار، ھە! ھەسەلدىنمۇ تاتلىقلىقىنى دېمەمسەن!... سىلەر قايسى ۋەتەننى ئېيتىۋاتىسىلەر؟ قايسى خەلقنى دەۋاتىسىلەر؟... ماڭا ئوخشاش ژىگىتلەر ژەمىيەتكە كېرەكمىش! بىزگە ئوخشاش ژىگىتلەر ژەمىيەتكە كېرەك بولسا، تۈرمە- زىندانلىرىڭدا گۇناسىز يېتىۋاتقان سان مىڭلىغان ياشلارنى قىيناپ- ئازابلىماي، ئېتىپ ئۆلتۈرمەي، مۇددەتسىز تۈرمە ژازالىرىغا ھۆكۈم قىلماي، كىچىككىنە بولسىمۇ ئىنسانىيلىق كۆرسەتمەمسىلەر؟... نېمىشقا يالغان گەپ قىلىشتىن ئۇيالمايسىلەر؟ سىلەرنىڭ، سىلەردىنمۇ ژۇقۇرىدىكىلەرنىڭ ژار سېلىپ ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىڭلار باشقا، ئەمەلىي ئىش- ھەرىكەتلىرىڭلار تامامەن باشقا... بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، كۆرۈۋاتىدۇ، بېشىدىن كەچۈرۈۋاتىدۇ!»دېگەڭە ئوخشاش سۆزلەر خىيالىمدىن ئۆتتى.

- سەن نېمە ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە يېتىۋاتقىنىڭنى بىلەمسەن؟...

مەن ئىلگەركى سوراقلاردا ئېيتقان سۆزلىرىمنى بىرمۇ- بىر ئۆز ئەينى بويىچە تەكرارلىدىم ۋە ئۆزۈمنىڭ گۇناسىز تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىغىمنى ئېيتتىم.

- سەن كۆپ خۇپسەنلىك قىلما. سېنىڭدە سىياسىي مەسىلە كۆپ. بۇنى ئىسپاتلايدىغان پولاتتەك فاكتلار بىزدە يېتەرلىك! شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى، سەن خاتالاشقانلىقىڭنى، خاتا يولدا ماڭغانلىقىڭنى، بىر ئوچۇم ئۇنسۇرلارنىڭ ئىغۋاسىغا ئالدىنىپ قالغانلىقىڭغا ئىخرار بولدە، گۇناھىڭنى يېنىكلەت؟ شۇ چاغدا ساڭا، بىزنىڭ قانۇنىمىز، سىياسىتىمىز بويىچە كەڭچىلىك، يېنىكچىلىكلەر بولىدۇ!

- مېنىڭدە ھېچ قانداق مەسىلە بولمىسا، گۇناھ- ئەيىب بولمىسا، نېمىنى بوينۇمغا ئېلىشىم كېرەك؟- دېدىم.

- سەن بۇنداق تەتۈرلۈك، ژاھىللىق قىلما. ئۆزۈڭگە ياخشى ئەمەس. سەن تېخى ياش، كېلەچىگىڭنى ئويلا؟

- مېنىڭدە نېمە قىلغان كېلەچەك بولسۇن! ھەممىسى كۇمپەي- كۇم بولغان، بەربات بولغان، ئاتام رەمىتى بىلەن قارا يەرنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن!- شۇندا ئاتام كۆز ئالدىمغا كەلدىدە، كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ كەتتى... ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇۋالدىم.

- ئاتىسى ئۆلمەيدىغان، ئانىسى ئۆلمەيدىغان ھېچ كىم بولمايدۇ. ھەممىنىڭ ئاتىسى ئۆلىدۇ، ئانىسى ئۆلىدۇ... سېنىڭ قېرى ئاناڭ بار، شۇ ئاناڭنى ئويلىشىڭ كېرەك؟ ئەگەر سەن بىزگە خىزمەت قىلساڭ، پارتىيا ساڭا ئاتا بولىدۇ، ساڭا غەمخور بولىدۇ، سېنى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتىدۇ. ئالدىڭغا قويغان مەخسەتلىرىڭگە، ئارزۇ- ئارمانلىرىڭغا شۇ چاغدا يېتىدىغان بولىسەن!...

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار غۇلژىدا مەشرەپ ئويۇنىنى تەشكىللىگەن، فۇتبول ئويۇنىنى ئۇيۇشتۇرغان، ئاخىرسىدا فېۋرالü ۋاقىەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئابدۇسالام قارى، ئابدۇخېلىل ئابدۇمېژىت بىلەن خوتەندىن كېلىپ، غۇلژا شەھىرىنىڭ تاشكۆرۈك مەھەللىسىدە بىر دەۋر ياش بالىلارغا دىنىي دەرس بېرىش بىلەن شۇغۇللانغان ئابابەكرى ئابدۇمېژىت ھەم ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاپ، مۇستەقىل شەرقىي تۇركستان دۆلىتىنى قۇرۇشقا ھەرىكەت قىلغان ئىبراھىم ئىسماىل، تۇرسۇن سەلەيلەر بىلەن قاچان، قەيەردە، قانداق شاراىتتا تونۇشۇپ، ئەشۇلارنىڭ يوشۇرۇن تەشكىلاتلىرىغا ئەزا بولغانلىقىمنى، ژىغىن- مەژىلىسلەردە قانداق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلەر بولىدىغانلىقىنى، يوشۇرۇن تەشكىلاتلارنىڭ مەقسەت، مۇددىئاسى نېمىلەردىن ئىبارەتلىگى، ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئەزالىرى بار ئېكەنلىگىنى ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇنسۇر كۈچلەر بىلەن ئالاقە- مۇناسىۋەتلىرىنى بىرمۇ- بىر، تەكرارمۇ- تەكرار سوراشتى. مەن ئىلگەركى ئېيتقانلىرىمدا؛ «ئۇلارنى تونۇمايمەن، بىلمەيمەن! سىلەر مېنى باشقا بىرسى بىلەن چاتاشتۇرىۋاتىسىلەر؟» دېگەندىن باشقا ئارتۇق بىر ئېغىز سۆز ئېيتقىنىم يوق.

- سەن ئۇلارنى « تونۇمايمەن، بىلمەيمەن»دېگىنىڭ بىلەن ئۇلار سېنى ئۆزلىرىنىڭ ئاكتىۋ ئەزالىرىنىڭ بىرسى ئېكەنلىگىنى ئېيتىشتى... ئاشۇ رەھبەرلىرىڭنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىندى! ئۇلار ھازىر تۈرمىدە... شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ياخشى ئويلان، ئۆزۈڭنى- ئۆزۈڭ نابۇت قىلما؟ بىزنىڭ ساڭا ژېنىمىز ئېچىيدۇ. سەۋەب، سەن تېخى ياش. يالغۇز ئاناڭ بار... بىزنىڭ سىياسىتىمىزنىڭ ئادىل سىياسەت، قانۇنىمىزنىڭ ئادىل قانۇن ئېكەنلىگىنى ئۇنتۇما. ھەر قانداق بىر ژىنايەت ئۆتكۈزگەن كىشى ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى چۈشىنىپ- بىلسە، ژىنايىتىنى- گۇناسىنى بوينىغا ئېلىپ، ئىخرار بولسا، تۆۋبە قىلسا، ئۇنداق ئادەمگە دائىم يېنىكچىلىك، كەڭچلىك بولىدۇ، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ...

ئوبلاستلىق تۈرمىنىڭ «ژىنايىتىگە ئىخرار قىلدۇرۇش»تىكى ئالداش ئۇسۇلى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل سوال- سوراقلار بىر ئاي داۋام قىلدى. لېكىن، ئۇلار مېنىڭدىن ئۆزلىرى كۈتكەن ژاۋاپلارنى ئالالمىغاندىن كېيىن، مەن «ژاھىل، تەتۈر ئۇنسۇرنى» غۇلژا شەھەرلىك تۆتىنچى دىۋىزىيا تۈرمىسىگە چۈشتىن كېيىن ساات بەشلەر چامىسىدا ئېلىپ كېلىپ سولاشتى.

تۆتىنچى دىۋىزىيا تۈرمىسىدىكى قىيناپ - ئازابلاشلار ۋەيلۇن دوزىغىدىنمۇ بەتتەر ئېكەنلىگىنى بۇ يەرگە كەلگەن كۈنىمدىن تارتىپ كۆرۈشكە باشلىدىم... ھە دېگەندە مېنى مەخسۇس ياسالغان كامېرىغا سولاشتى. بۇ كامېرىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن بىر مېتىر ئون، بىر مېتىر ژىگىرمە سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئاتمىش- يەتمىش سانتمېتر كېلەتتى. بۇ ژازا كامېرىدا قول- ئايىغىڭنى ئۇزۇن سۇنۇپ يېتىش ياكى ئولتىرىش مۇمكىن ئەمەس. زوڭزىيىپ ئولتىرىشتىن باشقا ئامال يوق.

بۇ كېچىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىم بىر ئۆزۈمگە، بىر ئاللاھغىلا مەلۇم. تىك تۇرالمايسەن، پۇتلىرىڭنى ئۇزۇن سۇنۇپ ئولتىرالمايسەن، ياتالمايسەن!... تەشنالىقتىن بىر ژۇتۇم سۇغا زارسەن. تاماقلىرىڭ چاك- چاك قۇرۇپ كېتىۋاتقان. پۇت- قوللىرىڭ قېتىپ، كۈيۈشۈپ كەتكەن. ئاغرىق- ئازابقا چىدىماي بىردەم تۇرىسەن، بىردەم زوڭزىيىپ ئولتىرىسەن. تۇرغاندىمۇ قەددىڭنى رۇسلاپ، تىك تۇرالمايسەن. بېشىڭنى، ئۆزۈڭنى دوقىدەك ئېگىپ تۇرىسەن، پۈكلىنىپ قالىسەن. ئۆزۈڭ بىلەن ئۆزۈڭ سۆزلىشىسەن؛ «بۇنداق تۈرمە- زىندانلار دۇنىيانىڭ ھېچ بىر مەملىكىتىدە بولمىسا كېرەك؟ ئادەمنىڭ ھايۋان قاتارلىق قەدىر- قىممىتى يوق بۇ دۆلەتتىكى مۇشۇ خىلدىكى قىيناپ- ئازابلاشلارنى دۇنيا بىلەرمۇ؟ ياق، بىلمەيدۇ! ھېچ كىمگە بىلدۈرمەيدۇ!... ئېھ ئاللاھ، بۇ دوزاقتىن ساق چىقارمەنمۇ ياكى ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ؟ ياراتقان ئېگەم، ئۆزۈڭ ساقلىغايسەن! سېنىڭ قۇدرەت- كارامىتىڭ چەكسىز!... ساقلايمەن دېسەڭ، ئوتنىڭ ئىچىدە پاختىنى ساقلايسەن... ئۆزۈڭ ئەزىز ياراتقان بەندەڭنى بۇلارغا خار قىلمىغايسەن؟!... »

بۇ ۋەيلۇن دوزىغىنىڭ ئىچىدىكى سېنىڭ مۈشكۈل ھالىڭنى كۆرۈۋاتقان پەقەت بىر ئاللانىڭ ئۆزى بولۇۋاتقانلىقتىن، ساڭا ئاللاھدىن مەدەت، كۈچ- قۇۋۋەت، چىداملىق، بەرداشلىق، ژاسارەت تىلىشىڭدىن باشقا ئامال يوق ۋە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

بۇ تاڭ ئاتماس كېچىنىڭ ئۇزۇنلىغىچۇ!... بۇ قاراڭغۇ كېچە نېمە دېگەن ئۇزۇن، ھە؟ بەلكىم، بېزىلەر ئۈچۈن بۇ ئۇزۇن كېچە ئادەتتىكىدىن قىسقا بىلىنىۋاتقاندۇ؟ ئۇلار دوست- بۇرادەرلىرى بىلەن سورۇن قۇرۇپ ئولتىرىۋاتقاندۇ؟... قىران ژىگىتلەر بىلەن گۈزەل قىزلار مۇھەببەتلىشىۋاتقاندۇ؟... ھېچ نەرسىدىن غەم- قايغۇسى يوق بەيۋەچچىلەر چىرايلىق خېنىم، چوكانلار بىلەن ئەيشى- ئىشرەت قىلىشىۋاتقاندۇ؟... پەقەت پۇل تېپىشنى، باي بولۇشنى، خىزمەتتە ئۆسۈشنى ئالدىغا مەقسەت قىلىپ قويغان ئايرىم ئەمەلدارلار ئۆز ئويىدا، ئۆز كويىدا بۇ ھاياتنىڭ لەززىتى بىلەن راھىتىدىن ھۆزۈرلىنىۋاتقاندۇ؟ مېنى بۇ يەرگە ئەكىرىپ سولىغانلار ئىشتانلىرىنىڭ پاقالچەكلىرىنى تۈرۈۋېلىپ، يەپ- ئىچىشىپ، «زامان بىزنىڭ، دۆلەت بىزنىڭ!»دەپ ۋارقىراپ سۆزلىشىپ، قاقاخلاپ كۈلۈشۈپ، كەيپە- ساپا سۈرىشىۋاتقاندۇ؟...

ئېھ، تەڭشەلمىگەن دۇنيا! بىرسىگە كەڭ، بىرسىگە تار يارالغان دۇنيا!

- ئېھ ئاللاھ، بۇ دوزاقتىن قۇتۇلىدىغان كۈنلەر كېلەرمۇ؟ قاچان كېلەر؟... مەن يالغۇزىدىن تىرىك ئايرىلغان بېچارە ئانام نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقاندۇ ھازىر!...

ئىچىمدىن ھۆپۈلدەپ چىققان ئاچچىق پۇغان تامىغىمغا تىرەلدىدە، بىر چاغدا ئېتىلىپ چىقتى. ھۆكۈرەپ ژىغلاۋەتتىم. ژىغىلغاندىمۇ راسا ژىغىلدىم. ژۈرىگىم بىلەن ژىغلىدىم. ئىچ- ئىچىمگە تولۇپ كەتكەن ئاچچىق پۇغان كۆز ياشلىرىم، داد- پەرياد، ئاھۇ- زارىم بىلەن قوشۇلۇپ چىقىۋاتقاندەك بولۇپ، بۇ دوزاقلاردا كۆرۈۋاتقان خورلۇقلار، ھاقارەتلەر، دەپسەندىلىكلەر، ئۇرۇپ- قىيناش، ئازابلاشلار كىچىككىنە بولسىمۇ بېسىلغاندەك بولدى.

ئانام كۆز ئالدىمدا غايىۋانە پەيدا بولدى...

ئاتامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى ئانامنىڭ قەددى تېخىمۇ بەتتەر پۈكلۈنۈپ كەتكەندەك ئىدى. بىر چاغلاردىكى ئانامنىڭ گۈزەل ھۆسنى ژامالىدىن—قان تامچىپ تۇرغان ئاپئاق، قىزغۇچ مەڭىزلىرىدىن، گلاستەك چىرايلىق لەۋلىرىدىن، ئوت چاقناپ، كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان. بېمەزگىل قېرىغان ئانام تولىمۇ ئورۇقلاپ، تولۇق ئۈزلىرى، مەڭز گۆشلىرى تارتىشىپ، ئۇستىخانلىرىغا چاپلىشىپ قالغاندەك ئىدى. چىرايلىق ئۈزلىرىنى چىغدەك قورۇقلار باسقان. ئارىلاپ ئاق ئارىلىغان قاپ- قارا قويۇق چاچلىرى شالاڭلاپ، سىمابتەك ئاق تۈسكە ئۆزگەرگەن. ئىچىگە ئولتىرىشقان كۆزلىرىنىڭ نۇرى ئۆچكەندەك، ياشاڭغىراپ تۇرىدۇ.

ئۈستىگە ئاق كۆڭلەك كىيىپ، بېشىغا ئاق رومالىنى يېيىپ سېلىۋالغان ئانام كۆز ئالدىمدا ئاشۇ قىياپىتى بىلەن پەيدا بولغان ئىدى.

ئانامنىڭ ئاۋازى ماڭا غايىپتىن كېلىۋاتقاندەك ئىدى. مەن ئانام بىلەن چۈشىمدە سۆزلىشىۋاتقاندەك ئىدىم.

- ئانا، نېمىگە بۇنچە ئورۇقلاپ كەتتىڭىز؟... تاماقتىن قىينىلىپ قالغان ئوخشىمامسىز؟- دەپ سورايمەن ئانامدىن.

- مەن قاچانمەتەم سېمىز ئىدىم، ئوغلۇم! ساڭا شۇنداق كۆرۈنۈۋاتقان بولسام كېرەك؟- دەپ ژاۋاپ بەردى ئانام.

- ياق، ئانا، سىز بۇنچىلىك ئورۇق ئەمەس ئېدىڭىزغۇ؟... ياكى ئىلگەركى كېسىلىڭىز قوزغىلىپ قالدىمۇ؟

- ئانچە- مۇنچە قوزغالغاندەك بولدى، ئوغلۇم!

- دوختۇرخانىدا داۋالانمىدىڭىزمۇ؟

- داۋالانغاندەكمۇ بولدۇم.

- دوختۇرلار نېمە دېيىشتى؟

- ياخشى بولۇپ كېتىسىز، دېيىشتى.

- ئىلاھىم، مېنىڭ تەلىيىمگە ياخشى بولۇپ كېتىڭ، ئانا؟- دەپ ھۆكۈرەپ ژىغلاۋەتتىم.

- ژىغلىما، ئوغلۇم، - ئانامنىڭ ئورۇق، قاتاڭغۇر، ئامما مەن ئۈچۈن پاختىدەك يۇمشاق، ئوتتەك ئىسسىق قوللىرى باشلىرىمنى، ئۈزلىرىمنى سىلىغاندەك بولدى. بۇنىڭدىن مەن شۇنچىلىك راھەتلەندىمكىن، تەن- تېنىم ھۆزۈرلىنىپ، ئاغرىق- ئازابلارنى تامامەن ئۇنتۇغاندەك بولدۇم.

- ئانا، ئاللاھ بۇيرۇسا مەن بۇ دوزاقتىن ساق- سالامەت چىقىمەن!

- ئاغزىڭغا شېكەر، ئوغلۇم!

- ئانا، مەن بۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن سىزگە كېلىن ئەكېلىپ بېرىمەن!... ئۇ سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلىدىغان بولىدۇ؟

- ياراتقان ئېگەم بۇ ياخشى نىيىتىڭگە يەتكۈزگەي، ئوغلۇم!

- ئانا، مەن ئوغۇل- قىزلىرىمنىڭ، سىزنىڭ نەۋىرلىرىڭىزنىڭ كۆپ بولۇشىنى خالايمەن. بالىنىڭ كۆپ بولغىنى تولىمۇ ياخشى ئېكەن؟... مەن مانا يالغۇزدىن يالغۇز. يە ئاكام يوق، يە ئىنىم يوق، يە ھەدەم يوق، يە سىڭلىم يوق، تىكەندەك يالغۇزمەن!

- سېنىڭ ئاكاڭمۇ بولغان، ھەدەڭمۇ بولغان... ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى كوتا قىلغان ئېكەن، - دەپ ئانام كۆز ياشلىرىنى ياغلىغىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتتى.

- كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ، ئانا؟- دەيمەن مەسۇم، كۆڭلى سۇنۇق، يېرىم ئانامغا بۇ سۆزنى ئېيتقىنىمغا پۇشايمان قىلىپ.

- سەن بىر تال بولساڭمۇ، ئونغا بەرگۈسىز بالا بولدۇڭ، ئوغلۇم! ئاللاھ ئۆمرىڭنى ئۇزۇن قىلغاي! بىر ئېتەك بالا تېپىشنى قايسى مۇسۇلمان ئويلىمايدۇ، ئارمان قىلمايدۇ دەيسەن. بىراق، بۇ ھۆكۈمەت ئىككىدىن ئارتۇق بالا تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىشمايدۇ. باشقا دۆلەتلەردە بولسا، ھۆكۈمەت كۆپ بالا تۇغقان ئانىلارنى مۇكاپاتلايدېكەن، ئاقچا بېرىدېكەن، مېدالü بېرىدېكەن؟... ھە، بىزنىڭ مەملىكەتتە بولسا، ئىككىدىن ئارتۇق بالا تۇغىمەن دېگەن ئانىلارنى ژازالايدۇ. قوساقتىكى تۆرەلمىلەرنى زورلۇق بىلەن ئوپېراسىيا قىلىپ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ!...

بىزنىڭ كوچىنىڭ ئاخىرىدىكى قاسىماخۇن تۆمۈرچىنىڭ ئوغلى ئاسىمژاننى بىلىسەنغۇ؟ ئاشۇ ئاسىمژاننىڭ ئايالى سانىيەم مېنىڭ دوستۇم سېلىمخاننىڭ يالغۇز قىزى ئىدى. سانىيەم تولىمۇ ئوبدان، خۇش چىراي، مېھماندوست، بەك چىرايلىق ئايال بولغان ئىدى...

- سانىيەم ھەدەم بىرەر پېشكەللىككە ئۇچرىمىغاندۇ؟- تاقەتسىزلىنىپ سورىدىم.

- بېچرا سانىيەمگە بەك ئۇۋال بوپتۇ، - دەپ ئانام ئېغىر خورسىندى. - سانىيەمنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ، تەشۋىش ئوتىدا كۆيدۈم. يوقلاپ قوياي دەپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارسام، ئانىسى سېلىمخان قىزىنىڭ بېشىدا ژىغلاپ ئولتىرىپتۇ. بېچارىلەرنىڭ دەرد- ھەسرىتىنى ئېيتسا ئېيتسا تۈگۈمەيدۇ.

- نېمىشقا، نېمە بوپتۇ؟

- ئاسىمژان بىلەن سانىيەمنىڭ ئىككى بالىسى بار ئېكەن. چوڭى سەككىز ياشتا، كىچىكى ئالتە ياشتا ئېكەن. ئۇلار يەنە بىر بالا تېپىش ئارزۇسىدا ژۈرۈپ، ئاللاھ بېرىپ، سانىيەم قورساق كۆتۈرۈپتۇ. قوساقتىكى تۆرەلمە بەش- ئالتە ئاي بولغۇچە، سانىيەم ئۆزىنىڭ ئېغىر بوي ئېكەنلىگىنى ئادەملەردىن يوشۇرۇپ ژۈرۈپتۇ. قانچە يوشۇرغىنىڭ بىلەن ئاشكارا بولىدىغان گەپ. ئەگەر ئۇنى مېلىدىكى تۇغۇت چەكلەش ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى ئاڭلاپ قېلىشسا، دەررۇ دوختۇرلارنى چاقىرتىپ، قوساقتىكى بالىنىڭ قانچە ئايلىق بولغىنىغا قارىماي، ئوپېراسىيا قىلىپ ئېلىپ تاشلىشىدۇ. بۇنىڭدىن قورقۇپ، ئەنسىرەپ- تەشۋىشلەڭەن ئەر- خوتۇن شۇنداق قارارغا كەپتۇ؛سانىيەم تۇرپاندىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تىنچ- ئامان بوشىنىۋېلىش ئۈچۈن شۇ ياققا يوشۇرۇن كېتىپتۇ.

- تۇرپاندىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە يوشۇرۇن ھالدا بوشىنىپتىمۇ؟- سورىلىم ئانامدىن.

- ھە، پاقلاندەك ئوغۇل تۇغۇۋاپتۇ!

- ياخشى بوپتىغۇ؟

- ياخشى بولغىنىغۇ ياخشى بولغان، - دېدى ئانام پەس ئاۋازدا. - ئاسىمژان ئايالىنى بوۋىغى بىلەن تۇرپاندىن ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن كۈنىلا بۇ خەۋەر يېتىدىغان يېرىگە يېتىپتۇ. تۇغۇت چەكلەش ئىدارىسىنىڭ چالا قۇيرۇق ئاكتىۋلىرى ئاسىمژاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، پلاندىن تاشقىرى بالا تاپقىنى ئۈچۈن ئەر- خوتۇن ئىككىسىگە خېلى نۇرغۇن ئاقچا ژەرىمانە ساپتۇ. ئاسىمژان بىر ئىدارىدە ئىشلەتتىكەن. «سەن دۆلەت كادرى تۇرغۇلۇق، پارتىيامىزنىڭ سىياسىتىگە خىلاپلىق ئىش قىلدىڭ. پارتىيامىزنىڭ تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىگە قارشى چىققان ساڭا ئوخشاش ئادەملەرگە ژەمىيەتتە خىزمەت يوق»دەپ ئىشتىن بوشىتىۋېتىپتۇ. بۇنى ئاز دېگەندەك، «ئەمدى يەنە تۇغمىسۇن»دېدىمۇ، بىلمەيمەن، دوختۇرلار سانىيەمنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي، «سېنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك»دەپ، بىر نەرسىلەرنى قىلغان ئوخشايدۇ. ياش تۇغۇتلۇق سانىيەم شۇنىڭدىن كېيىن ھە دېسىلا ئىچىدىن قان كېتىپ، ھالسىزلىنىپ، ئاخىرى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ...

- بېچارە ئايالغا بەك ئۇگال بوپتىدە، - دېدىم مەن.

- ئەۋۇ كۈنى قوشنىمىز ھېپىزىخان قورغاس ناھىيىسىگە چىقىپ، بۇنىڭدىنمۇ يامان بىر خەۋەرنى ئېلىپ كەلدى. - دېدى ئانام ئۇلۇغ- كىچىك تىنىپ. - ھېپىزىخاننىڭ ئۇ يەردىكى بىر تۇغقانى ۋاپات بولۇپ، ئۇ ئاشۇ ئۆلۈمگە چىققان ئېكەن. ژىنازا نامىزىغا كەلگەن ھەممىلا ئادەملەرنىڭ ئاغزىدا شۇ گەپ دەيدۇ.

- نېمە گەپ ئېكەن ئۇ؟- سورايمەن ئانامدىن.

- ئۇ يەردە بىر ياش كەمبەغەل دېھقان بار ئېكەن. ئايالى، ئىككى قىزى، سەكسەندىن ئاشقان قېرى ئاتىسى بىلەن ئانىسى بىللە ياشاتتىكەن. ئۆلچۈك يېرىگە ئۇ بۇ نەرسىلەرنى تېرىپ، كۈنىنى ئاران- ئاران ئۆتكۈزۈۋاتقان تولىمۇ نامرات ئاىلە ئېكەن ئۇلار. ئۇ ياش دېھقان؛ «بۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرسى ئوغۇل بولغىنىدا، تولىمۇ ئوبدان بولاتتى. ئەتە- ئۆگۈن بىز، خوتۇن ئىككىمىز ئاتا- ئانامغا ئوخشاش قېرىيمىز، كۈچ- قۇۋەتتىن، كەتمەن چېپىشتىن قالىمىز. ئوغلۇمىز بولغىنىدا، ئۇ بىزنى باقاتتى. ئۆيۈمىزنىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇپ، ياشاتتى... قىز بالا دېگەن سىرتنىڭ ئادىمى. ئەرگە تەككەندىن كېيىن، سەن ئۇنىڭغا ئېگە بولالمايسەن... ئاللاھ بىزگىمۇ بىر ئوغۇل بەرسە، بىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاش كېلىن ئالساق قانداق ياخشى بولاتتى، دېگەن ئارمان بىلەن ژۈرگىنىدە، ئايالى ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ. ئۇلار كېچە- كۈندۈز ياراتقان ئېگىسىدىن ئوغۇل بالا سوراپتۇ. لېكىن، بۇ دېخاننىڭ ئايالىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ قالغان پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىنىڭ ئادەملىرى ئۇ ئايالنىڭ قوسىغىدىكى بالىنى ئوپېراسىيا قىلدۇرۇپ، ئېلىپ تاشلاپتۇ. قوساقتىكى بالا ئوغۇل ئېدىكەن.

- بېچارە دېھقان ئاللاھ ئاتا قىلغان ئوغۇل پەرزەنت سۆيۈشتىنمۇ مەھرۇم بوپتىدە؟- دېدىم مەن ئۇ بېچارىلەرگە ئىچىم ئاغرىپ.

- ئۇلارغا ئاللانىڭ ئىچى ئاغرىسۇن دېگىن، بالام، - دەپ ئانام ئېغىر خورسىنىپ، ئۇلۇغ- كىچىك نەپەس ئالدى. - بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۇ بېچارە ئايالمۇ ئۆلۈپ قاپتۇ!...

- يامان بوپتۇ. - دېدىم مەن. - بۇنىڭدىن ئارتۇق ۋەھشىيلىك دۇنىيانىڭ ھېچ بىر يېرىدە يوق، ئانا! قوساقتىكى تۆرەلمىلەرنى زورلۇق بىلەن ئوپېراسىيا قىلىپ ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن، بېداۋا كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇۋاتقان، ئۆلۈۋاتقان ئانىلارنىڭ سانىنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ، بىلگۈزمەيدۇ ھەم!

- ھېپىزىخان ماڭا ھەممىنى بىر باشتىن ئېيتىپ بەردى، - دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى ئانام. - يېزا دوختۇرخانىسىدا قوساقتىكى بالىنى تۇغمايسەن دەپ، ئوپېراسىيا قىلىپ ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇ ئايالنىڭ بالاياتقۇسى زەھەرلىنىپ، چوڭ كېسەللىككە ئۇچراپتۇ. كېسىلى كۈندىن كۈڭە ئېغىرلىشىپ، ئېرىنىڭ دېخانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىشتىنمۇ قاپتۇ. ھەتتا ئۆزىنىڭ ھاژىتىدىن چىقالمايدىغان، ئورنىدىن تۇرالمايدىغان ھالغا چۈشۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بېچارە دېھقان يالغۇز موزايلىق كالىسىنى سېتىپ، ئايالىنى داۋالاتقان ئوخشايدۇ. ياخشى بولماپتۇ. كېسىلى كۈندىن كۈڭە ئېغىرلىشىپتۇ. بېچارە دېھقان نېمە قىلىشىنى بىلمەي؛ «ئەگەر بۇ ھۆكۈمەت پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئېلىپ بارىمىز دەپ، ئايالىمنىڭ قوسۇغىدىكى بالىنى ئېلىپ تاشلىمىغان بولسا، ئايالىم بۇ ئېغىر كېسەللىككە يولۇقماتتى. مەن ئەمدى ئايالىمنى ئوپېراسىيا قىلدۇرۇشقا كۆرسەتمە بەرگەن ئاشۇ ناھىيىنىڭ ئۆزىگە باراي»دەپ، داۋا قىلىپ ناھىيىگە بېرىپتۇ. ناھىيىدىكىلەر ؛ «يېزىدىكى بىزنىڭ ئوپېراسىيا دوختۇرلىرى ئايالىڭنى توغرا ئوپېراسىيا قىلمىغان ئوخشايدۇ. سەن شۇ يەرگە بار!»دەپ يولغا ساپتۇ. يېزا دوختۇرخانىسىغا بارسا، ئۇ يەردىكىلەر؛ «بىز ژۇقۇرىنىڭ سىياسىتىنى ئەمەللەشتۈردۇق. ئوپېراسىيا قىلىشتا ھېچ قانداق خاتالىق بولغىنى يوق. ئايالىڭنىڭ ئۆزىنىڭ كونا كېسىلى بولۇشى مۇمكىن، شۇ كېسەللىكى قوزغالغان ئوخشايدۇ. داۋالىتىش كېرەك، داۋالانسا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. سەن ناھىيىگە بار!»دەپتۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دېھقان ئۇ- بۇلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ، شىكايەت قىپتۇ. ئۇ يەردىكىلەر ؛ «سەن پىلانلىق تۇغۇت ئىدارىسىگە بېرىپ، داۋا قىل!»دەپ قايتۇرۇۋېتىپتۇ. «داۋاگەر ئاژىز بولسا، قازى مۇتتەھەم»دېگىنىدەك، بېچارە دېھقان داۋا- شىكايىتىنى ھېچ يەردە ئاقتۇرالماپتۇ. ئاخىر ئۇ ئايالىغا «خوتۇن، سەن مەندىن رەنژىمە. قولدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىۋاتىمەن. ئامال يوق. سېنى داۋالىتىمەن دەپ، ھەممە نەرسىدىن ئايرىلدىم. موزايلىق كالىنىمۇ سېتىۋەتتىم. يانچۇقتا بەش كوي ئاقچا يوق. سەن مېنىڭدىن خاپا بولما، رەنژىمە، مەندىن رازى بول، مەن سېنى ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا ئاپىرىۋېتەي. مۇشۇ ھۆكۈمەتقۇ سېنى مۇشۇ كۈڭە قويغان؟... شۇ يەردە ئۆلۈپ كەتسەڭ، بىزدىن رازى بول، خوتۇن!»دەپ، ئايالىنى قول ھارۋۇسىغا سېلىپ، ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىغا ئاپىرىپ؛ «مېنىڭ بۇ ئايالىم سىلەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن كېيىن مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولدى!... بۇ خوتۇننى سىلەر ئەمدى داۋالاپ ساقايتامسىلەر، ساقايتمامسىلەر ئىختىيار ئۆزۈڭلاردا. ئۆلۈپ قالسا، ئۆزۈڭلار كۆمۈپ قويارسىلەر؟!»دەپ، ئايالىنى شۇ يەرگە تاشلاپلا، ئارقىسىغا قارىماي دەررۇ كېتىپ قاپتۇ.

ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى رەھبەرلىرى قايناۋاتقان قازاننىڭ ئېغزىنى شۇ زامانلا يېپىپ، ئۇ ئايالنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ داۋالىتىپ، بىر ئاز ياخشى بولغاندىن كېيىن، ئۆيىگە ئەكېلىپ قويغان ئېكەن. ئۇ بېچارە ئايال ئاران- ئاران مېڭىپ، ئىشىك ئالدىلىرىغا چىقىپ، بىر ئاز زامان ژۈرۈپ، ئاخىرى ئۆلۈپ قاپتۇ.

مانا، كۆردۈڭمۇ ئوغلۇم. - دەپ ئانام بىر نەچچە دەقىقە شۈپ- شۈك تۇرۇپ قالدى-دە، ئاندىن سۆزىنى ئاستا داۋام قىلدى. - سەن ئۆيلەنسەم، كۆپ ئوغۇل، قىزلارنى تاپسام، دەپ ئارمان قىلىۋاتىسەن. ئۈمۈتىڭ ياخشى. لېكىن، ئىككىدىن ئارتۇق بالا تۇغىمەن دېگەن ئانىلارنىڭ ئەھۋالى مۈشكۈل بۇ كۈنلەردە.

- توغرا ئېيتىسىز، ئانا. - دېدىم ژىددىيلىشىپ. - بۇ دەھشەتلىك قارا كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر. بىزنىڭ ئانىلىرىمىز، ئاياللىرىمىز بىر ئېتەك بالا تۇغىدىغان، كۆپ بالا تۇغقانى ئۈچۈن ھۆكۈمەت ژازالاش ئەمەس، مۇكاپاتلايدىغان كۈنلەرگىمۇ يېتەرمىز، ئانا؟!

- ئاغزىڭغا شېكەر، ئوغلۇم!

- ئانا، ژېنىم ئانا، سىز مېنى كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولالمايۋاتىمەن؟ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا پەرزەنتلىك بورچۇمنى ئۆتەلمەيۋاتىمەن؟- دەپ ئانامنىڭ ئالىقانلىرىغا يېنىپ- يېنىپ سۆيدۈم.

- ياق، ھەرگىز ئۇنداق دېمە، ئوغلۇم، - دېدى ئانام. - بۇ يالغۇز سېنىڭلا بېشىڭغا كېلىۋاتقان كۈن ئەمەس. بۇنداق قارا كۈنلەر ساڭا ئوخشاش سانسىزلىغان قىران ژىگىتلەرنىڭ، ماڭا ئوخشاش قەلبى يارىلانغان مىڭلىغان ئانىلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىمەن... ئىرادىلىك بول، ئوغلۇم! ئاتاڭ رەمىتى ساڭا «قەيسەر»دېگەن ئىسىمنى بىكار قويمىغان؟... سەن ئاتاڭ ئىككىمىزنىڭ قەيسەر ئوغلى، ئېگىز چوققىدىكى قىرانىمىز سەن! سېنىڭدىن كۈتۈدىغان ئۈمۈتلىرىمىز چوڭ؟

- مەن ئىرادىلىك، ژاسارەتلىك بولىمەن، ئانا! سىلەرنىڭ ئۈمۈتىڭلارنى ئاقلاشقا تىرىشىمەن!

- بارىكاللا، ئوغلۇم! مەن ساڭا ئوخشاش بالىنى تۇغقانىمغا، ئاق سۈت بېرىپ، چوڭ قىلىپ ئۆستۈرگىنىمگە رازىمەن. ئىسمىڭغا ژىسمىڭ لايىق ژىگىت بولۇپ ئۆسكەنلىكىڭدىن خۇشالمەن. مىللەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ئاتاڭنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇما؟!...

ئانامنىڭ بۇ سۆزلىرىگە مەن ھەيران قالدىم. ئانام ئىلگىرى مۇنداق ئوتلۇق سۆزلەرنى قىلماس ئىدى.

- بوپتۇ، ئوغلۇم، مەن قايتاي، ئاتاڭ كۈتۈپ قالدى مېنى؟!

- ياق، ياق، ئانا، - ئۆپكەم ئۆرلەپ، بىقىلداپ ژىغلاۋەتتىم. - نېمە دەۋاتىسىز، ئانا؟

- ئاتاڭ كۈتۈپ قالدى، مەن قايتاي!

- ياق، ئانا، ئۇنداق دېمەڭ، ھەرگىز ئۇنداق دېمەڭ. ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىشكە ئالدىرىماڭ؟... مەن قانداق قىلىمەن، يالغۇز قانداق قىلىمەن؟

- خوش، ئوغلۇم، ئۆزۈڭگە مىقتا بول، ژاسارەتلىك بول!

ئانام ئىككى ئالىقىنى بىلەن ئىككى مەڭزىمنى سىلاپ، مەن بىلەن خوشلاشتى. مەن ئانامنىڭ ئۈزلىرىمنى كۆيدۈرۈپ تۇرغان قوللىرىنى مەككەم تۇتىۋالغىم كېلىپ، ئانامنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قايتىلاپ، مەنمۇ ئالىقانلىرىمنى ئانامنىڭ ئۈزلىرىگە ياقتىم... شۇندا ئالىقانلىرىمغا ئەژايىپ بىر يېقىملىق ئىسسىق ئۆتكەندەك بولۇپ، تەن- تېنىمگە تارىغان، پۈتۈن ۋۇژۇدىمنى تىترىتىپ، ھۆزۈر- ھالاۋەت بېغىشلىغان ئۇ ئىسسىقلىق—ئانامنىڭ ئىسسىقلىق مېھرى- مۇھەببىتى ئالىقانلىرىم ئارىسىدىن سۇغىرىلىپ چىقىپ كەتتى...

- ئانا، ژېنىم ئانا، مېنى يالغۇز تاشلىماڭ؟!- ئاۋازىمنىڭ بارىچە ۋاقىراۋەتتىم...

ئانام كۆز ئالدىمدىن غايىب بولدى.

بۇنىڭ يە چۈشىم، يە ئوڭىم ئېكەنلىگىنى بىلەلمەي قالدىم.

چۈشىممېكىن دېسەم، ئويغاقمەن. ئويغاقمېكىن دېسەم، يېنىمدا ئانام يوق!...

سۇ تۈرمىسىدە

ئەتىسى ساات ئونلاردا مېنى سوراقخانىغا ئېلىپ چىقىشتى.

ئانچە چوڭ بولمىغان بۇ سوراقخانا ئۆيىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان تۆمۈر ئورۇندۇقنى يەرگە سېمونتلاپ ئورۇنلاشتۇرۇۋەتكەن ئېكەن. ئېدەن كۆپ- كۆك سېمونتلاۋېتىلگەن. مېنى ئاشۇ تۆمۈر ئورۇندۇققا كىيىملىرىمنى يەشتۈرۈپ، ئانا تۇغما ھالدا ئولتارغۇزدى.

بۇ يەردە مېنى ئىككى خىتاي ۋە بىر ئۇيغۇر سوراققا ئالدى.

- قەيسەر ئابلىمىت دېگەن سەنمۇ؟- سورىدى خىتاي سوراقچى.

- ھە، مەن!- دېدىم.

- ئوبلاستلىق تۈرمىدە ئېيتقانلارنى ياخشى ئويلانغانسەن؟

- نېمىنى ئويلىشىم مۇمكىن؟

- سەن كۆپ خۇپسەنلىك قىلما!

- مەن خۇپسەنلىك قىلىۋاتقىنىم يوق. سىلەرگە باشتىنلا ئېيتتىمغۇ، مېنىڭدە ھېچ قانداق مەسىلە يوق. فۇتبول ئويۇنىغا، مەشرەپ ئويۇنىغا قاتناشقىنىم راست. بىراق، ئۇلارنى تەشكىللىگەن ئادەملەرنىڭ بىرسىنىمۇ بىلمەيمەن، تونۇمايمەن. سىلەر مېنى باشقا بىرسى بىلەن چاتاشتۇرىۋاتىسىلەر؟... سىلەر ئېيتقان رادىونى تىڭشىغىنىم راست. بىراق، مەن چەت ئەل رادىوسىنى ئەمەس، شىنژاڭ رادىوسى بىلەن مەركىزىي خەلق رادىوسىنى دائىم تىڭشايمەن، - دەپ، قولغا ئېلىنغان بىرىنچى كۈندىن باشلاپ، قايتا- قايتا تەكرارلاپ كېلىۋاتقان بۇ سۆزلەردىن باشقا ئارتۇق ھېچ نەرسە ئېيتقىنىم يوق.

ژۇقۇرىدا ئولتىرىپ بىر نەرسىلەرنى يېزىۋاتقان خىتاي سوراقچى ئۈستەلنى بىرنى ئۇردىدە، ئورنىدىن چاچراپ تۇردى. ژۇمۇق كۆزلىرىنى بارىنچە ئېچىپ، چەكچەيتكەن ھالدا ژەھلى چىقىپ، ۋارقىراپ سۆزلەشكە باشلىدى.

- سەن، ئاناڭنى... ھايۋان. تولا ژاھىل، تەتۈر ئېكەنسەن! سەن ھۆكۈمىتىمىزگە، سىياسىتىمىزگە، قانۇنىمىزغا قارشى ژەمىيىتىمىزدە قالايمىقانچىلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم مىللىي بۆلگۈنچى، ئۇنسۇرلار بىلەن بىرلىكتە بولىسەنۇ، ھېچ نەرسە قىلمىدىم، ھېچ نەرسە بىلمەيمەن دەپ، ژىنايىتىڭنى بوينۇڭغا ئالغۇڭ كەلمەيدۇ؟!

- مەن ھېچ قانداق ژىنايەت ئۆتكۈزمىسەم، نېمىنى بوينۇمغا ئېلىشىم كېرەك؟...

ئۇنىڭ ئىشارىتى بىلەن يېنىمدا تۇرغان ئۇيغۇر سوراقچى قولىدىكى رېزىنكە كالتەك بىلەن تارس- تۇرس قىلىپ بىر نەچچىنى ئۇرۇۋەتتى. مېنىڭ ۋاي دەپ ئاۋاز چىقارمىغىنىمدىن بەتتەر تېرىكىپ، ئوغىسى قاينىغان خىتاي سوراقچى؛

- باغلاڭلار ئۇنى. ژىنايىتىگە ئىخرار بولمىغىنىنى مەن بىر كۆرەي؟!- دەپ ۋارقىرىدى.

تۆمۈر ئورۇندۇقنىڭ ئۆزىگە بېكىتىلگەن تاسما- بەلباغلار بىلەن پۇت- قوللىرىمنى، بېلىمنى مىدىرلىماس قىلىپ باغلاۋەتتى. ئىككى قولۇم بىلەن ئىككى پۇتۇمنىڭ باشمالتاقلىرىغا ۋە مەيدەمگە توك سىملىرىنى بېكىتتى. ئاندىن توك قوشىدىغان نەرسىنى پېقىراتتى...

شۇ چاغدىكى مۈشكۈل ھالىمنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن... ئاغرىق- ئازابقا چىدىماي چېقىراۋەتتىم. بىر مەھەل ھوشۇمنى يوقىتىپ قويۇپتىمەن...

كۆزلىرىمنى زورغا ئاچسام، ئۈچ سوراقچى بېشىمدا تىك تۇرۇپتۇ. ئۈستى- بېشىم سۇ. ئۇلار ماڭا چېلەك بىلەن سۇ چېچىپ، ھوشۇمغا كەلتۈرگەن ئېكەن.

- ھە، قانداق، ئەمدى ژىنايىتىڭگە ئىخرار بولامسەن؟... كۆردۈڭمۇ بۇ ئورۇندۇقنىڭ كۈچىنى؟ بىز ساڭا چىقىش يولىنى بېرەيلى. ئۇنىڭ ئۈچۈن سەن، گۇناھىڭنى بوينىڭغا ئېلىشىڭ، تۆۋبە قىلىشىڭ كېرەك! ھەممىنى ئوچۇق ئېيت، شۇ چاغدا ساڭا يېنىكچىلىك بولىدۇ. تەتۈرلۈك، ژاھىللىق قىلساڭ، بۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بولىسەن!

- مېنىڭدە ھېچ قانداق گۇناھ يوق، مەن ژىنايەتچى ئەمەسمەن!

- بۇ ئەكسىل ئىنقىلابچى ژاھىلنى قاتتىق ژازالاش كېرەك ئېكەن؟!- دەپ ۋارقىرىدى باياقى سوراقچى خىتاي.

ئۇلار يەنە توكنى قوشتى. بۇ قېتىم بەك قاتتىق بولدى. ۋارقىراش، چېقىراش بۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئالدى- كەينىمدىن تەرەت كەتتى... ھوشىمنى تامامەن يوقاتتىم.

ئارىدىن قانچە ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. بىر چاغدا كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام، بوينۇم بىلەن تەڭ سۇدا ئېسىقلىق تۇرىمەن.

ئېھ، ئاللاھ! بۇ نېمە دېگەن تۈگۈمەيدىغان قىيناپ- ئازابلاشلار، ھە؟- دەيمەن ئۆزۈمگە- ئۆزۈم. - بۇ ۋەھشىلىكلەرنىڭ چېكى بولارمۇ؟ قاچان تۈگەر؟... ھېلىمىغۇ مېنى ئانام خېلى چىداملىق، ساغلام، بەقۇۋەت قىلىپ تۇغۇپ قويغان ئېكەن. بولمىسا ئاللىقاچان كاردىن چىقاتتىم ياكى ئۆلۈپ كېتەر ئىدىم. مۇشۇنداق قىيناپ- ئازابلاشلارغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، كۆتۈرەلمىگەن قانچە ياشلار بۇ دوزاخنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان، سورىغىنى سوراۋاتقان ئادەم يوق. ئۆلگەنلەرنىڭ ئاتا- ئانىلىرىغا تۈرمە غوژايىنلىرى؛ «بالاڭدىكى ئىلگىرىدىن بار كېسەللىك قوزغىلىپ، دوختۇرلارنىڭ شۇنچە قىلغان داۋاسى ئۈنۈم بەرمىگەنلىكتىن ئۆلدى. مانا، دوختۇرنىڭ ئىسپات قەغىزى!»دېيىش بىلەن ئۆز ژىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بېچارە ئاتا- ئانىلار ژۇقۇرىغا ئەرىزە- شىكايەت قىلىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، بالىسىنىڭ ژەسىدىنى ئالغىنىغا، ئۆز قولى بىلەن يەرلىگىنىگە رازى بولۇپ، دەرد- ھەسرىتىنى ئىچىگە ژۇتۇشقا مەژبۇر...

تۆتىنچى دىۋىزىيانىڭ بۇ سۇ تۈرمىسىدە قانچە ۋاقىت ئېسىقلىق تۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن. بىر چاغدا ئىككى گۇندىپاي كىرىپ، مېنى بۇ ژايدىن ئېلىپ چىقىپ، يالغۇز كامېرىغا ئەكىرىپ سولاپ قويۇشتى.

سۇ تۈرمىسىدە خېلى ئۇزاق ئېسىقلىق تۇرغان ئوخشايمەن. پۈتۈن تېنىم پاختىدەك ئاپئاق بولۇپ يۇمشاپ كېتىپتۇ. ئۆزۈم تامامەن ھالسىز. پۇت- قوللىرىمدا ژان يوق. بەزگەك ئادەم مىسالى دىرىلداپ تىترەيمەن. قوسىغىم بەك ئېچىپ كەتتى. بىر چاغدا تۆمۈر ئىشىك شاراقلاپ ئېچىلدىدە، گۇندىپاي تاماق ئەكىردى. ئۇ بەەينى ئىشىتقا تاماق بەرگەندەك، بىر ژاۋۇر بەسەيتاڭ بىلەن بىر تال مومىنى ئىشىكنىڭ تۈۋىگە قويدى-دە؛

- ئاچتىن ئۆلۈپ قالما، يە!- دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.

بەسەي ۋە ھەر تۈرلۈك كوكاتلارنى چالا- پۇلا ژۇيۇپلا قايناتقان تۇزسىز بۇ كۈنكى بەسەيتاڭ ماڭا ئانامنىڭ پات- پات ئېتىپ بېرىدىغان شوۋىلىق مانتىسىدەك تېتىپ كەتتى. بىر تال موما بىلەن راھەتلىنىپ يەپ ، ئىچىۋالدىم. ئۆزۈمگە كىچىككىنە ژان كىرگەندەك بولدى...

شۇنىڭ بىلەن ئارىدىن بىر ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت ئۆتتى.

مېنى سوراقخانىغا—توك ئورۇندىغى بار دوزاخ ئۆيگە يەنە ئېلىپ كىردى. ئۆتكەنكى سوراقچىلار يەنە سوراق قىلدى. ئۇلار مېنى ئېغىزغا ئالغۇسىز ئەسكى سۆزلەر بىلەن تىللاپ، ھاقارەتلىدى. بېشىمغا مۇشت بىلەن ئايىماي سېلىشتى. ئۈزلىرىمنى كاچاتلىدى. رېزىنكە كالتەك بىلەن قوساقلىرىمغا، بىقىنلىرىمغا راسا ئۇرۇشتى. كېيىن، گۇناسىغا ئىخرار بولمىغان، تۆۋبە قىلمىغان مەن تەتۈر، ژاھىل ئۇنسۇرنى توك ئورۇندىغىغا مەككەم باغلاپ، ئىككى چېكەمدىن توك ئەۋەتتى. بۇنىڭ ئاغرىق- ئازابى ئىلگەركىدىنمۇ بەتتەر بولدى...

بۇ قېتىم سوراقچىلار مېنى قانچە ئۇرۇپ، قىينىمىسۇن، مېنىڭدىن ئۆزلىرى كۈتكەن ژاۋاپنى ئالالماي، مېنى ئىخرارغا كەلتۈرەلمەي، ژەھلى چىقىپ راسا تېرىكىشتى.

ئۈچىنچى قېتىملىق سوراق ۋاقتىدىكى قىيناپ- ئازابلاشلارنى ئويلىسام، ھازىر تېنىم شۈركۈنىدۇ. ئۇ قىيناشلارنىڭ قانچىلىك دەھشەتلىك، ۋەھشىيلىك، ئازابلىق ئېكەنلىگىنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئادەمدىن باشقىسى تەسەۋۋۇر قىلالمىسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن.

توك ئورۇندىغىغا مېنى بۇ قېتىممۇ ئىلگەركىدەك ئانا تۇغما ھالدا قىپ- يالىڭاچ باغلاۋەتتى.

- سەن ژاھىل، تەتۈر ئۇنسۇرنىڭ ژىنايىتىڭگە بۇ قېتىم ئىخرار بولمىغىنىڭنى كۆرەيلى قېنى؟!- دېيىشتى ئۇلار.

«ئەمدى نېمە قىلار ئېكىن؟»دەپ ئاللاھدىن چىداملىق، نىژاتلىق تىلەپ، تىترەپ ئولتىرىمەن.

ئىنسان بالىسىغا ژېنى ئېچىمايدىغان ئۇ ۋەھشىلەر بۇ قېتىم مېنىڭ ئالدىمغا—ژىنىسى ئورگىنىمغا –نازۇك ژايىمغا ئاتنىڭ قىلىنى تىقتى...

ئۇ چاغدىكى ئاغرىق- ئازابنى ئېيتىپ يەتكۈزەلمەيمەن...

ۋارقىراۋاتىمەن، چېقىراۋاتىمەن.

- گۇناھىڭنى بوينۇڭغا ئالامسەن؟... . ژىنايىتىڭگە ئىخرارمۇسەن؟... تۆۋبە قىلدىڭمۇ؟!...

ئۇلارنىڭ ژەھلى چىقىپ ۋارقىراۋاتقان ئاۋازلىرى قۇلىغىمغا بىردە كىرسە، بىردە كىرمەتتى...

ھوشۇمدىن كېتىپ قالدىم. چېلەكتە سۇ چېچىپ، كاچاتلىرىمغا ئۇرۇپ ھوشۇمغا كەلتۈردى.

بۇ تۈردىكى ۋەھشىيلىك قىيناش ئۇسۇلى بىر نەچچە قېتىم تەكرارلاندى.

«ئېھ ئاللاھ، مېنى بۇنچىلىك قىيناپ –ئازاپلىغىدەك نېمە گۇناھ ئۆتكۈزدىم مەن، ھە؟- دەيمەن ئۆزۈمگە- ئۆزۈم. - بۇلارنىڭ بىرەر ئەمەلدارىنى ياكى بىرەر پۇخراسىنى ئۆلتۈرۈپ، قاتىللىق قىلغىنىم يوققۇ؟! زۇلۇمغا قارشى قولۇمغا قورال ئېلىپ، ياكى بىرەر ژاينى پارتلىتىپ، تېررولۇققا بارغىنىم يوققۇ؟ مېنىڭ قىلغان ئىشىم، بىر ئىدېيا، بىر مەخسەتتىكى ئاكىلار بىلەن، دوستلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانىي ھەق- ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىغىمىز، خالاس!... بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنچىلىكمۇ ژازا قوللىنامدۇ؟- دەپ ئۆزۈمگە- ئۆزۈم خىتاب قىلغانسېرى قەلبىمدىكى ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك، قىساسكارلىق ئۇچقۇنلىرى يالقۇنغا ئايلانغاندەك بولاتتى. - بۇنداق زۇلۇمدا، بۇنداق خورلۇقتا، بۇنداق ئازابتا باش ئېگىپ، بېچارە بولۇپ ياشىغاندىن كۆرە، ئوچۇق مەيدانغا چىقىپ، كۈرەش قىلىپ ئۆلگەن مىڭ مەرتە ئەۋزەل! بەرىبىر بىر ئۆلۈم!... »

- بۇ ژاھىل ئۇنسۇرنىڭ ئوچۇق سۆز قىلغۇسى كەلمەيۋاتقان، قېتىپ كەتكەن تىلىنى بىر ئاز يۇمشىتىش كېرەك ئوخشايدۇ؟... - سوراقچىلاردىن بىرسىنىڭ ئېيتقان بۇ سۆزلىرى خىياللىرىم ژىپىنى ئۈزۈپ تاشلىغاندەك بولدى.

شۇنىڭدىن كېيىن سوراقچىلاردىن بىرسى ئالدىمغا كەلدىدە، ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىنى ئاغزىمغا تىقىپ، ئېغىزىمنى ژىرىپ دېگۈدەك ئاچتى. ئىككىنچىسى ئامبۇر بىلەن تىلىمنى سوزۇپ، قىستى.

- ھا- ھا- ھا!- دېيىشتىن باشقا سۆز چىقماتتى ئېغىزىمدىن.

- سۆزلەمسەن، ئېيتامسەن؟- دەپ ۋاقىراتتى تىلىمنى ئامبۇر بىلەن تارتىپ، قىسىۋاتقان سوراقچى.

مەن ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي، بېشىمنى مىدىرلاتتىم. كۆزلىرىمدىن ياشلار قۇيۇلۇپ كەتتى. ئۆزۈم دىرىلداپ تىترەۋاتىمەن. سۆز قىلالمايمەن.

بىر چاغدا كۆڭلۈم ئاختۇرۇلۇپ، بېشىم قېيىپ، «ھۆ- ئۆ- ئۆ»دەپ قۇسۇۋەتتىم.

- ئاناڭنى... ، ھايۋان! تۈۋۋى، - دەپ ئۈزۈمگە تۈكۈرگەن سوراقچى تىلىمدىن ئامبۇرنى بوشىتىۋەتتى.

بېشىمدىن تارتىپ، پۇتلىرىمنىڭ ئوشۇغىغىچە باغلاۋېتىلگەن مېنىڭ ئاغزىمدىن فونتاندەك ئېتىلىپ چىققان قۇسۇقنىڭ بىقسىغان پۇرىغىدىن سەسكىنىپ، ژىرگەندىمۇ، ئۇلار ئىككى ئۈچ قەدەم ئارتىغا چېكىندى. ئۇيغۇر ساقچى بىر چېلەك سۇنى ئۈزىمگە قارىتىپ چاچتى. مەيدەمدىكى قۇسۇقلار سۇ بىلەن ژۇيۇلۇپ، تۆۋەڭە ئېقىشقا باشلىدى...

بۇ كۈنكى سوراق شۇنىڭ بىلەن تاماملاندى.

مېنى ئىككى گۇندىپاي ئىككى ئايىغىمدىن سۆرەپ ، كامېرىغا ئەكىرىپ تاشلىدى...

قۇرۇق ياغاچ كروۋات ئۈستىدە ياتىمەن. ئاتنىڭ قىلىنى بىر نەچچە قېتىم تىققان ئاژىز ژايىمنىڭ قىزىپ- كۆيۈشىگە قوشۇلۇپ، ئامبۇر بىلەن قىسىپ تارتقان تىلىم شۇنچىلىك قاتتىق ئاغىرىشقا باشلىدى... ئىڭراۋاتىمەن، توۋلاۋاتىمەن. ئىككى پۈكلۈنۈپ، دومۇلاۋاتىمەن. ئاخىرى ئاغرىققا چىدىماي، ژىغلاۋەتتىم...

ئەتىسىدىن باشلاپ نازۇك ژايىم ئېشىپ، تىلىم كۆپۈپ، ئېغىزىمغا سىغماي قالغاندەك بولدى. ماڭالمايمەن. ئېشىپ كەتكەن نازۇك ژايىم بىلەن دوسۇنۇم يىڭنە سانژىغاندەك، يارىغا تۇز سەپكەندەك ئېچىشىپ، كۆيۈپ ئاغىراتتى.

بىر نەچچە كۈن بەك قىينالدىم. كېچە- كۈندۈز بىر ئاللانىڭ ئۆزىدىن شىپالىق تىلەشتىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى. تۈرمە دوختۇرلىرىنىڭ مېنىڭ بىلەن كارى يوق. تۈرمە- زىندانلاردىكى دوختۇرلارنىڭ «مېھرى- شەپقىتى»كېلىپ قالسا، كېسەل مەھبۇسنىڭ ئۇ يەر، بۇ يېرىنى تەكشۈرگەندەك بولىدىدە، كەلسە- كەلمەس تابلېتكىلارنى بېرىپ قويۇپ چىقىپ كېتىشىدۇ، خالاس! تۈرمە گۇندىپايلىرى مېنى ئاچتىن ئۆلمىسۇن دەپ ئويلىدىمۇ ياكى مېنىڭ مۈشكۈل، بېچارە ھالىمنى كۆرۈپ، رەھىمى كەلدىمۇ، بىلمەيمەن، ئۇماچقا ئوخشاش بىر نەرسىنى شلانكا ئارقىلىق ئېغىزىمغا تىقىپ، بىر نەچچە كۈن تاماقلاندۇرغاندەك بولدى.

خۇداغا مىڭ قەتلى شۈكرى، بىر ھەپتىدىن كېيىن خېلىلا ياخشى بولۇپ قالدىم.

نەچچە ئايدىن بۇ يانقى سوراق ۋاقتىدىكى ئۇرۇپ- قىيناش، ئازابلاشلارغا قارىغاندا، تۆتىنچى دىۋىزىيا تۈرمىسىدىكى توك ئورۇندىغىغا ئولتارغۇزغان، تىلىمنى ئامبۇر بىلەن قىسىپ تارتقان، ئاژىز ژايىمغا ئاتنىڭ قىلىنى تىققانغا ئوخشاش قىيناش ئۇسۇللىرىنىڭ قانچىلىك ئازاب، دەھشەتلىكىنى ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەنلىكىمدىن، ھازىر بۇنداق قىيناش ئۇسۇللىرى دۇنىيانىڭ ھېچ بىر مەملىكىتىدىكى تۈرمىلەردە بولمىسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن.

ئاللاھ- تاالانىڭ ئادەم بالىسىنى شۇ قەدەر چىداملىق ياراتقىنىغا ھەيران قالىمەن. بېزىلەر ئېيتىشىدۇ؛ئادەمنىڭ ژېنى تۆمۈردەك قاتتىق! توغرا، تۆمۈردەك قاتتىق. تۆمۈردەك قاتتىق بولۇش بىلەن بىللە گۈل بەرگىدەك نازۇكتۇر!... ئادەم ژېنىنىڭ تۆمۈردەك قاتتىقلىقىنى مەن كۆردۈم. شۇنچە تاياق- توقماققا، قىيناپ- ئازابلاشلارغا چىدىدىم، بەرداشلىق بېرەلىدىم. ئاللانىڭ ساقلىشى، كۈچ- قۇۋۋەت ئاتىشى، ئىرادەمنى قاتتىق قىلىشى، چىداملىق بېغىشلىشى، ئاچلىققا بەرداشلىق بېرىشى، قىسقىسى، يەيدىغان رىسقام، كۆرىدىغان كۈنىم تۈگۈمىگەنلىكتىن، ۋەيلۇن دوزىغىدىن بەتتەر خىتاينىڭ تۈرمە- زىندانلىرىدا تۆرت مۈچەم بىژىرىم، ساق- سالامەت تۇرۇۋاتاتتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ژانابى ئاللاھغا مىڭلارچە شۈكۈر كەلتۈرەتتىم.

ئادەم ژېنىنىڭ تۆمۈردەك قاتتىق بولۇشى بىلەن بىللە گۈل بەرگىدەك نازۇك بولۇشى، بۇ ھەممىگە ياخشى مەلۇم نەرسە. يەيدىغان رىسقاڭ، كۆرىدىغان كۈنىڭ تامام بولدىمۇ، بولدى، ئۆيدە ئولتىرىپمۇ بىر ھېق بىلەن ژېنىڭ چىقىپ كېتىدۇ. ياكى تۈپ- تۈز يولدا كېتىۋېتىپمۇ، بىر نەرسىگە پۇتلاشقاندەك قىلىسەندە، ژىقىلىسەن. ژىقىلغاندىن كېيىن تۇرالمايسەن. بىر يېرىڭ سۇنىدۇ ياكى پۇت- قوللىرىڭ ئىشلىمەي قالىدۇ، تىل- ئاغزىڭدىن قالىسەن... مانا، ئادەم ژېنىنىڭ تۆمۈردەك قاتتىق بولۇشى بىلەن بىللە گۈل بەرگىدەك نازۇكلىغى.

يەنە قايتىلاپ ئېيتىمەن، ئاللاھتاالا مېنىڭ ژېنىمنى تۆمۈردەك قاتتىق ياراتقىنىغا مىڭ- مىڭ شۈكرى ئېيتاتتىم!

ۋەيلۇن دوزىغىدىكى دوست

غۇلژا شەھەرلىك تۆتىنچى دىۋىزىيا تۈرمىسىدە بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ياتتىم. شۇنچە قىيناپ- ئازابلاشلار ئارقىلىقمۇ مەن «ژاھىل، تەتۈر ئۇنسۇرنى» گۇناسىغا ئىخرار قىلدۇرالمىغاندىن كېيىن، مېنى قايتىدىن «يېڭى ھايات» تۈرمىسىگە ئېلىپ كېلىپ سولاشتى.

بۇ قېتىم مېنى ئىلگەركى خىتايلار ياتىدىغان كامېرىغا ئەمەس، ئالتىنچى كامېرىغا قامىدى. بۇ كامېرىدا ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پۇتىغا كىشەن سېلىنغان ماڭا ئوخشاش ئىككى- ئۈچ سىياسىي مەھبۇسلاردىن باشقىلىرى ھەر خىل ژىنايەتلەر بىلەن تۈرمىگە سولانغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەن تونۇيدىغان بىر نەچچىيلەنمۇ بار ئېكەن.

تۈرمە دېگەندە ياتىۋەرسەڭمۇ ئۈگۈنىپ قالىدېكەنسەن. يېرىم كېچىلەردە تۆمۈر ئىشىك شاراقلاپ ئېچىلىپ، گۇندىپايلار سېنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىپ، ماڭ دەپ بۇيرۇق قىلدىمۇ، بولدى، ئۇ تەرىپى ئۆزۈڭگە ياخشى مەلۇم. سېنى يەر ئاستى سوراقخانىسىغا ئېلىپ كىرىدىدە، ساڭا چاپلانغان توقا- لەنەتلەرگە ئۆزۈڭنى ئىخرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇپ- قىيناپ، موماڭنىڭ ئۇشقۇرغۇنىنى كۆرسىتىدۇ.

خىتاينىڭ ۋەيلۇن دوزىغىدىن بەتتەر تۈرمە- زىندانلىرىغا چۈشۈپ قالغان ھەر قانداق مەھبۇسنىڭ ئويلايدىغىنى پەقەت بىرلا نەرسە؛بۇ دوزاقتىن ساق- سالامەت چىقىپ كېتىشلا، خالاس! ئەركىنلىك، ئازادلىق دېگەن قانداق ياخشى؟ بۇ دۇنىيادا ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇلۇغ نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى ۋە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بۇ دوزاقنى كۆرگەن ئادەم ياخشى بىلىدۇ!

تۈرمىگە چۈشتىڭمۇ، ئەركىنلىكىڭدىن ئايرىلدىڭ! ئەركىن- ئازاد ژۈرەلمەيسەن، ئوچۇق- يورۇق سۆزلەلمەيسەن، خالىغان ئىستىگىڭنى ئورۇنلالمايسەن! بۇ يەردە سېنىڭ قەدىر- قىممىتىڭمۇ يوق. ھەتتا كالا- ئېشەكتەك بېشىڭنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەركىن نەپەس ئېلىپ ژۈرەلمەيسەن! پارلاپ چىققان قۇياشنى، كۆكتىكى سانسىز يۇلتۇزلار بىلەن تولۇن ئاينى بىر كۆرۈشكە زارسەن! تازا ھاۋادىن تويۇپ- تويۇپ نەپەس ئېلىشقا تەشناسەن!

كېچە- كۈندۈز بىردەك غۇۋا يورۇپ تۇرىدىغان دېرىزىسىمۇ يوق تۆرت تامنىڭ ئىچىدە، بىقسىغان سېسىقچىلىق گۈپۈلدەپ تۇرغان كامېرىدا كۈننىڭ تېز چىقىپ، تېز پېتىشىنى، كېچىنىڭ تېز ئۆتۈپ، تاڭنىڭ چاپسان ئېتىشىنى كۈتۈپ، مىڭ بىر ئازابلىق ئوي- خىياللار بىلەن كۈنلەر شۇنچىلىك ئاستا ئۆتەتتى.

بىر كۈنى يېرىم كېچىدە كامېرىنىڭ تۆمۈر ئىشىكى شاراقلاپ ئېچىلدىدە، ئىككى گۇندىپاي پۇتلىرىغا كىشەن سېلىنغان بىر سىياسىي مەھبۇسنى سۆرەپ ئېلىپ كىردى-دە، ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىغا تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كېتىشتى. كامېرا ئىچىدە ئۇ ياقتىن بۇ ياققا مېڭىپ ژۈرگەن بىر نەچچىيلەن بىلەن، باداشقان قۇرۇپ سۆزلىشىپ ئولتارغان بەش- ئالتىيلەن ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىدا ئىڭراپ ياتقان مەھبۇسقا لاپ ئېتىپ قاراشتى.

- بۇ كىمدۇر؟- دېدى ئولتارغانلاردىن بىرسى.

- كىم ئېكەنلىگىنى نېمە قىلاتتىڭ. ساڭا ئوخشاش، ماڭا ئوخشاش بىرسىدۇ! تۇرە ئورنۇڭدىن، ئۇنى بۇ ياققا ئېلىپ چىقىڭلار؟!- دېدىم مەن ئاياغلىرىمدا ئېغىر كىشەن بولغانلىقتىن، ئورنۇمدىن دەررۇ تۇرالماي.

باداشقان قۇرۇپ ئولتىرىشقان مەھبۇسلاردىن بىر نەچچىسى بۈگلۈك ئۈستىدىن سەكرەپ يەرگە چۈشتى. ئۇلار ئوڭدىسىغا ياتقان مەھبۇسنى ئاۋايلاپ كۆتىرىشىپ، بۈگلۈك ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ، ياتقۇزۇپ قويۇشتى.

ھەممە ئۇنىڭغا نوۋەتمە- نۆۋەت سىنچىلاپ قاراشتى. قاراشتىيۇ، ئۇلاردىن بىر نەچچىسى چۆچۈپ كېتىشتى. مەن ئۇلارنىڭ چىرايلىرىنىڭ تاتىرىپ، لەۋلىرىنىڭ ئاۋازسىز مىدىرلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مېنىڭ يېنىمغىراق ياتقۇزغان ئۇنىڭغا

قارىدىم. قارىدىمۇ، تاڭ قېتىپ تۇرۇپ قارغانلىغىمنى ئۆزۈممۇ سەزمەي قالدىم.

خوتەنلىك ئابابەكرى ئابدۇمېژىت!

شۇندا غۇلژا ئاسمىنىدا «قارس- قۇرس» قىلىپ چاقماق چېقىلغاندەك بىلىندى ماڭا!...

ئابابەكرى ئابدۇمېژىتنىڭ كۆزلىرى بىلەن مېنىڭ كۆزلىرىم بىر نەچچە دەقىقە توقۇنۇشتى... ئۇ كۆزلىرىنى بىر پەس ژۇمدى، ئاندىن ئاچتى. مەن ئۇنىڭ بۇ ئىشارىسىدىن ھەممىنى چۈشەڭەندەك بولدۇم.

- بۇرادەرلەر، ماڭا ياردەم قىلساڭلار، ئىشىككە چىقىۋالسام؟- دېدى ئۇ بىر چاغدا.

- بولىدۇ، بولىدۇ، - دەپ مەن ئورنۇمدىن قوزغالدىم ۋە ياشراق بالىلاردىن بىرسىگە. - قېنى ئۇكا، ئاكاغا ياردەم قىلىۋەتكىن؟- دېدىم.

ئوڭدىسىغا ياتقان ئابابەكرى تەسلىكتە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئولتارغان ھالدا كۆتى بىلەن سىلژىشقا باشلىدى. مەلۇم بولدىكېن، ئۇنىڭ ھەر ئىككى ئايىغىنىڭ تىزىنىڭ تۆۋىنىدە ژان يوق. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يىڭنە سانژىساڭمۇ سەزمەيدېكەن. مۇزدەك بولۇپ تاشتەك قېتىپ قالغان ئاياغلىرىنىڭ سېزىمچال تومۇرلىرى ئىشلىمەيدېكەن. شۇنداق بولۇپ تۇرغۇلۇق، ئۇنىڭ ئاياغلىرىغا سېلىنغان كىشەن- زەنژىرنى كۆرۈپ، بۇ رەھىمسىز مەخلۇقلارغا نىسبەتەن قەلبىمدىكى نەپرەت، ئۆچمەنلىك، قىساسكارلىق يالقۇنلىرى تېخىمۇ بەتتەر ئوت ئالغاندەك بولدى...

- ئۆزۈم ماڭالمايمەن، - دېدى ئابابەكرى بۈگلۈكنىڭ چېتىدە ئاياغلىرىنى ساڭگىلىتىپ ئولتىرىشى بىلەن. - سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار كېرەك؟

- ئەلۋەتتە، ئەلۋەتتە. - دېدىم مەن ۋە يېنىمدىكى بالىغا قاراپ. - قېنى ئۇكا، سەن ئاكاڭنىڭ ئۇ يېنىدىن كۆتۈر، مەن بۇ يېنىدىن كۆتۈرەي؟

ئابابەكرى بىر بىلىگىنى ئۇ بالىنىڭ، بىر بىلىگىنى مېنىڭ بوينۇمغا سالدى. بىز ئابابەكرىنى كىچىك بالىنى كۆتەرگەندەك، بۇلۇڭدىكى ھاژەتخانا تەرەپكە ئېلىپ ماڭدۇق. ئۇ مېنىڭ قۇلۇغىمغا ئاستا پىچىرلىدى؛

- ئېھتىيات قىلايلى، بۇ يەردىمۇ خاىن، مۇناپىقلارنىڭ بولۇشى مۇمكىن؟

ئابابەكرىنى تاھارەتكە ئولتارغۇزدۇق. ئۇ بوشىنىپ، يېنىكلەپ ئالدى.

- خاپا بولماي، سۇ قۇيۇپ بەرسەڭلار، تاھارەت ئېلىۋالاي؟- دەپ سورىدى.

مەن ئۇنىڭ تاھارەت ئېلىۋېلىشىغا ياردەم قىلدىم. ھەتتا ئاياغلىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن ژۇيۇپ قويدۇم.

- رەھمەت سىلەرگە، بۇرادەرلەر!- دەپ مىننەتدارلىق بىلدۈردى ئۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى ئۆز ئورنىغا ئاپىرىپ ياتقۇزۇپ قويدۇق.

باياتىن بىلمىگەن ئېكەنمىز. ئۇنىڭ بوينىمۇ ياخشى تۇتمايدېكەن. بېشى بىردە ئۇ ياققا، بىردە بۇ ياققا چۈشۈپ كېتىپ تۇراتتى. بۇنى ئاز دېگەندەك، بەل ئومۇرتقىلىرىمۇ قاتتىق زەخمىلەڭەن ئېكەن. تىك تۇرالمايدۇ، تىك ئولتىرالمايدۇ. لېكىن، ئۆزى ھوشىيار ئىدى...

مەھبۇسلاردىن بىر نەچچىسى بېشىغا قويىدىغان كىچىككىنە قاتتىق تەھىيلىرىنى ئېلىشتىدە، ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي، ئارقىسىغا، ئىككى قولتىغىنىڭ ئارىسىغا قويۇشتى.

- رەھمەت بۇرادەرلىرىم، رەھمەت سىلەرگە!- دەپ ئەتراپىدىكىلەرگە مىننەتدارلىق بىلەن بىرمۇ- بىر قاراپ چىقتى.

- سىز كىم بولىسىز، ئاكا؟- سورىدى ياشلاردىن بىرسى.

- ئابابەكرى ئابدۇمېژىت!

- سىياسىي مەھبۇس ئېكەنسىزدە؟

- ھە، «سەن سىياسىي مەھبۇس!»دەپ، يالا- تۆھمەتلەر چاپلاپ، مۇشۇ ئەھۋالغا كەلتۈردى مېنى!

- يە تۇرالمىسىڭىز، يە ماڭالمىسىڭىزمۇ ئاياغلىرىڭىزغا كىشەن سېلىپ قويغىنى نېمىسى؟- دەپ سورىدى باشقا بىرسى.

- بىلمەيمەن، ئۇكام...

مەن بىلىپ، سېزىپ تۇرۇۋاتىمەن. كامېرىدىكى ئون نەچچە مەھبۇسنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەگى ئابابەكرى ئابدۇمېژىتنى بىلىدىغانلىقىنى، ئۇنى ياخشى تونۇيدىغانلىقىنى قانچە يوشۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ھەممىنى ئوچۇق ئېيتىپ تۇراتتى. لېكىن ئۇلار، بۇ سىياسىي مەھبۇسنى بىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاشتىن ئەنسىرەيدۇ، قورقىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئابابەكرىنى تونۇمايدۇ، بىلمەيدۇ. بۇ سىياسىي مەھبۇسنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشى، خالاس!

شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ ئەشۇلارغا ئوخشاش يول تۇتقان ئىدىم. بۇنىڭسىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى... مەن ئابابەكرىنى ياخشى بىلىدىغان مەھبۇسلاردىن بىر نەچچىسىنىڭ تەھىيلىرىنى ئۇنىڭ بېلىغا، قولتۇقلىرى ئارىسىغا قويۇپ بەرگىنىدىن بەك رازى بولدۇم. ھە، ۋاپادارلىق، ساداقەتلىك دېگەن ئەينە شۇ، دەپ ئويلىدىم. مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئارىلاشماي، ئۆزىنى «ئابابەكرى ئابدۇمېژىت» دەپ تونۇشتۇرغان بۇ سىياسىي مەھبۇسقا نىسبەتەن ئۆزۈمنى بېپەرۋا كۆرسىتىپ، ئۆز ئورنىمدا خىيال سۈرۈپ ژىم- ژىت ياتىۋەردىم.

مەن بىر ئىدېيا، بىر مەقسەت يولىدىكى بۇ ئەقىلدار، قەدىناس دوستۇم ئابابەكرى ئابدۇمېژىتنى ئويلاۋاتاتتىم...

ئابابەكرى ئابدۇمېژىت ئەسلى خوتەنلىك ژىگىت ئىدى. ئۇ فېۋرالü ۋاقىەسى باشلىنىشتىن بىر نەچچە ژىللار ئىلگىرى غۇلژىغا كەلگەن. شۇ چاغدا، بىر سورۇندا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ، بۇ تونۇشلىغىمىز بارا- بارا ھەقىقىي دوستلۇققا ئايلانغان ئىدى. ئۇ ژىگىرمە، ژىگىرمە ئىككى ياشلاردا بولۇپ، تولىمۇ ئۆتكۈر، ئەقىل- پاراسەتلىك، بىلىملىك، مىللىي روھى، مىللىي غۇرۇرى ئۈستۈن ژىگەرلىك، ژاسارەتلىك ژىگىت ئىدى. ھەم دىنىي، ھەم پەننىي ژۇقۇرى بىلىم- سەۋىيىگە ئېگە ئابابەكرى شۇ چاغدا خوتەندە دامۇللىلىق ئۇنۋانىنى ئالغان ئېكەن. ئوتتۇز پارە قۇرüئاننى يادقا ئوقۇپ، قۇرüئان سۈرىلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرژىمە قىلىپ، قۇرüئانۇ كەرىمىدىن تەپسىرلەر سۆزلەش ئىختىدارىغا ئېگە دامۇللا ئىدى.

ئېگىز بويلۇق، ئاق سېرىق كەلگەن، بۈركۈتنىڭكىدەك يېنىپ تۇرغان ئۆتكۈر كۆزلىرى كۆكۈچ بۇ ژىگىتنىڭ ئىككى مەڭزى قىپ- قىزىل، قان تېمىپ تۇرغاندەك ئىدى. ئۇنىڭ سۈزۈك چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى.

ئابابەكرى ژىسمانىي ژەھەتتىن چېنىققان، تاۋلانغان، ھەر ژەھەتتىن كامالەتكە يەتكەن بەقۇۋەت، ساغلام تەنلىك ژىگىت ئىدى. ئۇ ھەتتا ئۆز بويىدىن يېرىم مېتىر ئېگىز تام ئۈستىگە قويۇلغان كېسەكنى كۆزنى ژۇمۇپ ئاچقىچە ئايىغىنىڭ ئۇچى بىلەن تېپىپ چۈشۈرۈۋېتەتتى. پۇتىنى قۇلىغىنىڭ كەينىگە يەتكۈزەتتى.

ئابابەكرى بىر دەۋر غۇلژا شەھىرىنىڭ تاشكۆرۈك مەھەللىسىدە ياش بالىلارنىڭ دىنىي ساۋاتىنى ئېچىش، ئۇلارغا ئىسلام تەلىماتى بويىچە بىلىم- تەربىيە بېرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى.

ئابابەكرى تارىخنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ ژىللىق تارىخىنى بەش بارمىغىدەك بىلەتتى. ئۇنىڭ نۇتۇق، سۆزلىرىنى ھەر قانداق ئادەم مەھلىيا بولۇپ تىڭشاتتى. ئابابەكرى بىلەن تونۇشۇپ، دوستلاشقاندىن كېيىن، مەن ۋەتەن، مىللەت تەقدىرى ھەققىدە تېخىمۇ تولۇق چۈشەنچىلەرنى ئېگىلىدىم. قەلبىمدىكى ئۇچقۇن يالقۇنغا ئايلاندى.

ئاشۇ بىر قېتىمقى تار داىرىدە ئۆتكەن مەژلىستە ئابابەكرىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى قۇلىغىمغا قوغۇشۇندەك قۇيۇلۇپ قالغانىدى.

«... تارىخ ئىلمىدە دۇنىيادىكى مىللەتلەر ئەڭ قېدىمىي مىللەت، قېدىمىي زامان مىللىتى، ئوتتۇرا ئەسىر مىللىتى، كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر مىللىتى ۋە يېڭى زامان مىللىتى دەپ، بەش تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىز، ئۇيغۇرلار بولساق، ئەڭ قېدىمىي مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىمىز. بۇنىڭدىن بەش مىڭ ژىل ئىلگىرى ھۆكۈم سۈرگەن ئوغۇزخان خاقانلىقىدىن باشلاپ، ئوغۇزخان تەشكىل قىلغان تۇنژا ئۇيغۇر ئىمپېرىياسىنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قېدىمىي مىللەت ئېكەنلىگىنى ئوچۇق كۆرسىتىدۇ. خوش، دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھبىلەر قوشقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى قانداق؟- دەپ سۆزلىگەن ئىدى ئابابەكرى. - بۇ سوال ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنى ئويلاندۇرۇشى كېرەك؟!

بىز مۇستەقىللىگىمىزدىن قاچان ئايرىلدۇق؟ مۇستەقىللىگىمىزدىن ئاپئاق غوژا دەۋرىدىن باشلاپ ئايرىلدۇقتە، مانژۇ- خىتايلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇق! شۇنىڭدىن بۇيان مانا ئىككى يۈز ئەللىك ژىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. مۇشۇ ئۇزاق دەۋر ئىچىدە ئۇيغۇرلار مۇستەملىكىچىلەرنىڭ زۇلۇمىغا قارىشى تۆرت يۈزگە يېقىن چوڭ- كىچىك كۆتۈرۈلۈش، قوزغىلاڭ، ئىنقىلابلارنى ئېلىپ بىرغانلىغى تارىختىن ياخشى مەلۇم.

مۇشۇ ژىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ ئۆزىدە خەلقىمىز ئىككى قېتىم مۇستەقىل دۆلىتىنى قايتىدىن تىكلىگەن ئىدى. 1933- ژىلدىكى قەشقەردە قۇرۇلغانلىقى ژاكالانغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ژۇمھۇرىيىتى» بىلەن 1944—1949- ژىللاردىكى غۇلژىدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ژۇمھۇرىيىتى» نېمە ئۈچۈن يوقىتىلدى، قانداق يوقىتىلدى؟ ھەممىگە ياخشى مەلۇمكى، بۇ مۇستەقىل دۆلەتلىرىمىز خىتاي ئىمپېرىياسى بىلەن رۇس ئىمپېرىياسىنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى بىلەن بەربات بولدى!...

بۇنىڭغا كىم ئەيىپلىك؟ ئەيىبنى بىز باشقىلاردىن ئەمەس، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن كۆرۈشىمىز كېرەك!... ھەر قانداق مىللەتنىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرى ئۇنىڭ ساۋاتسىزلىقىدىن، نادانلىقىدىن تۇغۇلىدۇ. ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ باشقا مىللەتلەردىن ئارقىدا قېلىشى، روناق تاپماي، زاۋاللىققا ئۇچرىشى يەنىلا شۇ نادانلىق، ساۋاتسىزلىقتىندۇر.

بۇ ھەقتە يالقۇنلۇق ۋەتەنپەرۋەر شاىرىمىز، ماارىپىمىز پېشۋاسى مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام؛ «بۇ زامان غەپلەت ۋە بېپەرۋالىق زامانى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەگەكلىك زامانى! نادانلىق ۋە ژاھىللىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم- مەرىپەت دەۋرىدۇر! سۇسلۇق ۋە بېكارتەلەپلىك ۋاقتى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت قىلىش دەۋرىدۇر! باشقا مىللەتلەر ئىلىم- مەرىپەت ساھاسىدا ھاۋادا ئۇچۇپ، پەرۋاز قىلماقتا. سۇ ئاستىدا بولسا، خۇددى قۇرۇقلۇقتا ژۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە. بىز تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز. ئۇيقۇ بولسا، ئۆلۈمنىڭ بۇرادىرى ۋە مۇقەدىمىسىدۇر. بۇ ھالەتتە دائىم ئۇخلىماق، يوقىلىش ۋە ئۆلۈم بولىدۇ! ھېلىكەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت بار!»دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.

ئابدۇقادىر داموللام «مىفتاۇل ئەدەپ» ناملىق ئەسەرىدە. - دەپ سۆزىنى داۋام قىلغان ئىدى ئابابەكرى. - ئىلىم- مەرىپەت، ئەخلاق- پەزىلەت توغرىلىق توختىلىپ؛ «ئەگەر بىز ئىنسانىيەت ياراتقان بىلىم بايلىقلىرى بىلەن ئۆزىمىزنى قۇراللاندۇرمايدېكەنمىز، مەڭگۈ قۇل، نادان بولۇپ ئۆتۈمىز!»دېگەن.

بۇ ئۇلۇغ مۇتەپپەكۈرىمىز سىز ۋە بىز ياشلارنى ئىلىم- بىلىم ئېلىشقا دەۋەت قىلىپ؛ «ھەي ياش، ئىلىم ئۆگەن. چۈنكى نادانلىق نومۇس! نادانلىققا ئېشەكتىن باشقا نەرسە رازى بولمايدۇ. ئىلىم بىلەن نىژات تاپ، مەڭگۈ ياشايسەن! نادانلار ئۆلۈك، ئالىملار تىرىك! ئىلىم ئېگىلىرى ۋە ئىلىم يولىدا ماڭغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تەڭسىزلىك ۋە خورلىنىش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى دېمە! ئىلىم ئارتقاندا دۈشمەننىڭ ئېغزى- بۇرنىنى توپىغا مىلىگىلى بولىدۇ. ئىلىمنىڭ ھۆسنى ھەرىكەتنى ئىسلاھ قىلىشتۇر!»دەپ خىتاب قىلغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىزلەر خەلقىمىزنى، ياشلىرىمىزنى غەپلەت ئۇيقىسىدىن ئويغۇتۇتىشىمىز لازىم! ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مىللىي روھىمىزنى، مىللىي غورۇرىمىزنى يوقىتىۋاتقان، ئۆلتۈرۈۋاتقان نادانلىقنى، بېغەملىكنى، ئۈمۈتسىزلىكنى ۋە ئۇلاردىن كېلىپ چىققان پاالىيەتسىزلىكنى تومۇر- يىلتىزى بىلەن يوقىتىپ، قورقانچاقلىق، قۇللارچە ياشاشتىن قۇتۇلۇپ، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ، ھەر بىر ياشنىڭ ئىدېياسىدە ئەركىنلىك، ئازادلىق، مۇستەقىللىق مۇددىاسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تىكلەپ، ژۈرىگىدە ۋەتەڭە دېگەن مۇھەببەت ئوتىنى ياندۇرۇشىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدە ئۇلارنى ئاشۇ ئۇلۇغ، بۈيۈك مەخسەتلەر يولىدىكى كۈرىشىمىزگە ئىنتىلدۇرىشىمىز كېرەك؟!...

ئابابەكرى ئابدۇمېژىت، ئابدۇسالام قارى، ئابدۇخېلىل ئابدۇمېژىت، ئابدۇمېژىت ئابدۇراخمان، مەن ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش بىر توپ ئىلغار پىكىرلىك، ئاڭلىق، ۋەتەنپەرۋەر ژىگىتلەرنىڭ باش قوشۇشىمىز بىلەن پات- پات ئۆتۈپ تۇرىدىغان ئەينە شۇنداق مەژلىس، سۆھبەتلىرىمىزدىن كېيىن، ئەمەلىي ھەرىكەت، پاالىيەتلەر باشلىنىپ كەتكەن ئىدى.

غۇلژا شەھىرىدە باشلانغان مەشرەپ ئويۇنى بارا- بارا پۈتكۈل ئىلى تەۋەسىگە تارالدى. خەلقىمىزگە ياخشى مەلۇمكى، مەشرەپ—ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئويۇنلىرىنىڭ، باش قوشۇش، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ بىرسى. مەشرەپ—ئۇ، ئادەملەرنى، بولۇپمۇ ياشلارنى ئىزگۈلۈككە تەربىيىلەيدىغان، يامان ئىشلاردىن، يامان ئىللەتلەردىن نېرى قىلىدىغان، ئىنسانلاردا مېھرىبانلىق، دىيانەت ئويغىتىدىغان، مىللىي روھ، مىللىي غورۇرنى كۈچلەندۈرىدىغان، كىملىكىنى بىلدۈرىدىغان تەربىيە مەكتىۋىدۇر. شۇڭا ئۇيغۇرلار «بالاڭنى مەكتەپكە بەر، ئاندىن مەشرەپكە»دەپ بىكار ئېيتمىغان.

مەھەللە مەھەللە بولۇپ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان مەشرەپ ئويۇنلىرىدىن بولۇپمۇ، ئاتا- ئانىلار بەك خۇش بولۇشتى. سەۋەب، شۇ چاغلاردا دولقۇن سۇ مىسالى ھەممە ياقنى بېسىپ كېلىۋاتقان يامان ئىللەتلەر- - ياشلار ئارىسىدىكى ئىچىملىك، چېكىملىك، ئاق تاماكىغا بېرىلىش، بۇزۇقچىلىق، بېپەرۋالىق، ئۈمىدسىزلىك ئوخشاش ياشلارنى نابۇت قىلىدىغان سەلبىي ھادىسىلەرگە چەك قويۇلۇشقا باشلىغاندەك بولدى. چوڭ- كىچىك ماگازىن- دۇكانلاردىكى ھاراق، تاماكىلارنىڭ بازىرى كاساتلىشىشقا باشلىدى. ئاق تاماكىغا ھەۋەسلەڭەن ياشلار بۇ يامان ئىللەتنىڭ ئاخىرى ئۆزلىرىنى نابۇت قىلىشىنى چۈشىنىشكە باشلىدى. ياشلار ئارىسىدىكى ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، مېھرىبانلىق بوي كۆتۈرۈشكە باشلىدى.

مەشرەپ ئويۇنلىرى ئىلگىرىدىن كېلىۋاتقان قانۇن- قاىدىلەر، مىللىي ئالاھىدىلىكلەر بىلەن ئۆتۈپ تۇراتتى. ھەر بىر مەشرەپ تولىمۇ كۆڭۈللۈك، خۇش چاقچاق، نەغمە- ناۋا، ھەر خىل قىزىق مىللىي ئويۇنلار بىلەن ئۆتەتتى. ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ ژىگىت بېشى مەشرەپ ئويۇنىنىڭ تەرتىپ- ئىنتىزامىغا، كۆل بېگىم دەستىخانغا، پاششاپ بېگىم مەشرەپنى باشقۇرۇشقا، قازى بېگىم ھەر خىل «ئەرىزە- شىكايەتلەرنى» قارايدىغان، تېگىشلىك ھۆكۈم—قانۇن چىقىرىدىغان ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇراتتى.

... مەشرەپ ئويۇنى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىر چاغدا ئوتتۇز ئوغۇلدىن بىرسى؛

- دات، پاششاپ بېگىم!- دەپ مۇراژىەت قىلىدۇ.

- خوش. - دەپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ پاششاپ بېگىم. ئۇ ژىگىت ئەدەپ- ئەخلاق بىلەن قازى بېگىمگە «ئەرىزە- شىكايىتىنىڭ» بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پاششاپ بېگىم «ئوردىغا» كىرىپ، قازى بېگىمگە ئوتتۇز ئوغۇلدىن بىرسىنىڭ «ئەرىزە- شىكايىتى» بارلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، قازى بېگىم ئۇ كىشىنى «ئوردىغا» ئېلىپ كىرىشىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پاششاپ بېگىم ئۇ ژىگىتنى قازى بېگىمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىدۇ.

سالام- ساات، ئەدەپ- ئەخلاق بىلەن ئۇ ژىگىت ئۆز «ئەرىزە- شىكايىتىنى» قازى بېگىمگە يەتكۈزىدۇ. مەشرەپ ئەھلى ئەزالىرىدىن ئەمەت بىلەن سەمەتنىڭ ئۆتكەندە ئاشپۇزۇلخانىدا ھاراق ئىچىپ، كەلسە- كەلمەس سۆزلەرنى قىلىپ ئولتارغانلىغىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. قازى بېگىم ئۇ ھاراقخورلارنى دەررۇ «ئوردىغا» ئېلىپ كېلىشىنى بۇيرۇيدۇ. پاششاپ بېگىم كۆپچىلىك ئارىسىدا ئولتارغان ئەمەت بىلەن سەمەتنى شۇ زامان قازى بېگىمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىدۇ. قازى بېگىم سوال- سوراقتىن كېيىن، مەشرەپ قاىدىسى بويىچە ئەمەت بىلەن سەمەتنى كۆپچىلىك ئالدىدا ژازاغا تارتىدۇ. ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ ئالدىدا ئۇ ئىككىسى ھاراق ئىچكەنلىكى ئۈچۈن چوڭ ئۇياتقا قالىدۇ.

مەشرەپ ئويۇنلىرىدىكى ئەينە شۇنداق چارە- تەدبىرلەردىن كېيىن، ياشلار ھاراق ئىچىشنى تامامەن تاشلىدى. ھەتتا ئوتتۇرا ياشتىكىلەرمۇ ياشلار بار ژايلاردا ھاراق- شاراب ئىچىپ، كەيپە- ساپا سۈرۈشتىن ئەيمىنىدىغان، ئۇلارنىڭ كۆزىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان، قورقىدىغان بولۇپ قېلىشتى...

ياشلار ئارىسىدا ساغلام ھايات تەرىزىنى ژارىي قىلىشتا ئىلى مەشرىۋى ئەينە شۇنداق چوڭ رولü ئويناشقا باشلىدى. غۇلژا ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىۋىنىڭ نامى ئاز ۋاقىتنىڭ ئىچىدىلا ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ بارلىق ژايلىرىغا پۇر كەتتى.

ياشلار روھى ژەھەتتىن تازىلىنىشقا، پاكلىنىشقا، ساغلاملىشىشقا، ئىزگۈلۈككە ئىنتىلىشقا باشلىدى.

ئۆسمۈرلەرنىڭ، ياشلارنىڭ دىنىي ساۋاتىنى ئېچىش، ئۇلارنى ئىسلام دىنىي شەرىىتى قانۇنلىرى ئاساسىدا ئىمان- ئېتىقادلىق، دىيانەتلىك، ئىزگۈلۈك روھىدا تەربىيىلەش، ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن، يامان ئىللەتلەردىن ساقلاش ئىشلىرى قولغا ئېلىندى. ژۇقۇرى دىنىي ھەم پەننىي ساۋاتقا ئېگە ئابابەكرى ئابدۇمېژىت غۇلژىنىڭ تاشكۆرۈك مەھەللىسىدە، ئابلەھەت قارى- ھاژىم ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئۈچۈن يېزىسىدا ۋە باشقا ژايلاردىكى دىنىي زاتلار بالىلارنى ئوقۇتۇشقا باشلىدى.

ياشلار ئارىسىدىكى ساغلام ھايات تەرىزىنى كەڭ ژارىي قىلىشتىكى ئامىللارنىڭ بىرسى بولغان تەنتەربىيە- - سپورت ئىشلىرىنى بىللە ئېلىپ مېڭىش قولغا ئېلىندى. ئابدۇسالام قارىنىڭ تەشەببۇسى ھەم بىۋاسىتە رەھبەرلىكى ئارقىسىدا غۇژىدا فۇتبول ئويۇنلىرى باشلىنىپ كەتتى.

بۇ خىل پاالىيەتلەر نېمە ئۈچۈندۇر ھۆكۈمەتكە ياقماي قالدى...

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرسىدە، فۇتبول ئىشقىۋازلىرى غۇلژا شەھەرلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا چوڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى. ئۇلار تەنتەربىيە مەيدانىنى ئىژارىگە ئالماقچى بولۇشتى. تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ رەھبەرلىرى مەيداننىڭ بىر كۈنلۈك ئىژارە ھەققىنى ئون مىڭ يۇۋەن دەپ ئېيتتى. ئابدۇسالام قارى باشچىلىقىدىكى ژىگىتلەر فۇتبول ئىشقىۋازلىرىدىن، تىژارەتچىلەردىن ئاقچا ژىغىشقا باشلىدى. ئون مىڭ يۇۋەننى ئېلىپ بارسا، باھانى ژىگىرمە مىڭ يۇۋەڭە كۆتۈرۈۋالغان. ژىگىرمە مىڭ يۇۋەننى ئېلىپ بارسا، ئەللىك مىڭ، ئاخىرسىدا يۈز مىڭ يۇۋەڭە ئاشۇرۇۋالغان. شۇنداق قىلىپ، تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ رەھبەرلىرى مەيداننى ئىژارىگە بېرىشتىن باش تارتقان ۋە ئاخىرسىدا مەيدانغا سۇ قويۇۋەتكەن ئىدى، خالاس!

«ژەمىيەتتە تەرتىپسىزلىك ئىشلارنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ»دېگەڭە ئوخشاش ئەيىبلەر بىلەن مەشرەپ ۋە فۇتبول ئويۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بولغان ئابدۇسالام قارى بىلەن ئابدۇخېلىل ئابدۇمېژىتنى قولغا ئېلىشتى. مەشرەپ ئويۇنلىرى بىلەن فۇتبول مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى چەكلىگەننى ئاز دېگەندەك، ئۆز رەھبەرلىرىنىڭ تۈرمىگە سولىنىشى، قايناپ، تاشقىلاي دەپ تۇرغان قازاننىڭ ئوتىنى تېخىمۇ بەتتەر ئۇلغايتىۋەتكەندەك بولدى... ياشلار، غۇلژا خەلقى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل قانۇنسىز، زوراۋانلىق ئىشلىرىغا نارازى، قارشىلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرۈشتى...

شۇنىڭدىن كېيىنلا ئابدۇسالام قارى بىلەن ئابدۇخېلىل ئابدۇمېژىتنى تۈرمىدىن بوشىتىشقا مەژبۇر بولۇشتى.

ئۇلار تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ بىر ئىدېيا، بىر مەقسەت يولىدىكى ياشلار مەخپىي يوسۇندا پات- پات ئۇچرىشىپ، ئالدىكى ئىشلار ھەققىدە سۆھبەتلەر، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇراتتۇق.

فېۋرالü ۋاقىەسى باشلىنىشتىن بىر ئاز ۋاقىت ئىلگىرى تار داىرىدە ئۆتكەن ژىددىي سۆھبەت ژىغىنىمىزنىڭ ئاخىرقى باش قوشۇشىمىز ئېكەنلىگىنى ھېچ قايسىمىز

بىلمەس ئېدۇق. ئۇ ژىغىنىمىزغا ئابدۇسالام قارى، ئابدۇخېلىل ئابدۇمېژىت، تۇرسۇن سەلەي، ئىبراھىم ئىسماىل، ئابدۇمېژىت ئابدۇراخمان، ئابابەكرى ئابدۇمېژىت، مەن ۋە ئەڭ ئىشەشلىك دېگەن يەنە بىر ئىككى ياش قاتناشقان ئېدۇق.

باشقىسىنى بىلمەيمەنۇ، ئامما ئاشۇ كۈنكى ئىنتايىن مەخپىي ئۆتكەن ژىددىي مەژلىسىمىز مېنىڭ كۆڭلۈمنى غەش قىلغان ئىدى. سەۋەب، بىر ئىدېيا، بىر مەقسەت يولىدىكى كۈرەشكە ئۆزلىرىنى ئاتاۋەتكەن ئاشۇ ئاكىلىرىمىز ئورتاق بىر پىكىرگە كېلەلمىدى... ئابدۇسالام قارى چەكلىنىشكە ئۇچراۋاتقان مەشرەپ ئويۇنلىرىغا دىنىي تەبلىخنى كىرگۈزۈشكە ھازىرچە قارشى چىقتى. ئابدۇسالام قارى ھەم دىنىي ھەم پەننىي بىلىمگە ئېگە سەۋىيىلىك، سىياسەتتىن، دۇنيا ۋەزىيىتىدىن ياخشى خەۋىرى بار ژىگىت ئىدى. ئابدۇخېلىل ئابدۇمېژىت بولسا؛ «... دىنىي تەبلىخنى كىرگۈزمىسەڭ قانداق بولىدۇ؟ ئاتا- بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ كېلىۋاتقان مەشرەپ ئويۇنلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىسلام دىنىي تەلىماتلىرى ھەققىدە داۋاملىق سۆز بولاتتى. بىز بۈگۈنكى دىنسىزلىق كەڭ قانات يېيىۋاتقان ۋاقىتتا، بۇ ھەقتە سۆزلىمىسەك، قۇرۇق نەي- نەي، ھا- ھا بىلەن مەشرەپ ئۆتكۈزسەك، ئۇ قانداق مەشرەپ بولىدۇ؟»دېدى. ئابدۇسالام قارى دەيدۇ؛ «سېنىڭ ئېيتىۋاتقانلىرىڭ توغرا. بىراق، بىزنىڭ مەشرەپلىرىمىزنىڭ چەكلىنىشلەرگە ئۇچىراۋاتقانلىغىنىڭ بىر سەۋەۋى، مەشرەپ ئويۇنلىرى بىلەن فۇتبول ئويۇن- مۇسابىقىلىرى ياشلىرىمىزدىكى مىللىي روھنىڭ، مىللىي غورۇرنىڭ ئويغىنىشقا باشلاۋاتقانلىغى بۇ ئاغىنىلەرگە ياقماي قېلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇلارنىڭ تۈپلۈك مەقسىتى ياشلىرىمىزنى، خەلقىمىزنى غەپلەت ئۇيقىسىدا ئۇخلىتىۋېرىشتىن ئىبارەت، خالاس.

بۇ ھۆكۈمەت بۈگۈن بىزنىڭ مەشرەپلىرىمىزنى «ژۇڭگوچە مەشراپ» قىلىش مەقسىتىدە، مەشرەپتە تەلىم- تەربىيە بېرىدىغان، ۋەز- نېسىھەت قىلىدىغان قىسىملارنى ئېلىپ تاشلاۋاتقان ۋاقىتتا، يەنى «ئۇيغۇرلارغا ناخشا- ئۇسۇلدىن باشقا نەرسە كېرەك ئەمەس»دەپ تۇرغاندا، دىنىي تەبلىخنى مەشرەپكە كىرگۈزسەك، چوڭ مەسىلە يەنى زىيان چىقىرىسەن؟... دىنىي تەبلىخنىڭ ئورنىغا مەدەنىيەت، ئىلىم- پەن ھەققىدە سۆزلىسەڭمۇ بولىدۇ. ياشلارنى ئاق تاماكىغا قارشى كۈرەشكە سەپەرۋەر قىلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىسەڭمۇ، شۇنىڭ ئۆزى ياشلىرىمىزنى بۈگۈنكى زامان تەلىپىگە لايىق تەربىيىلىشىمىزدە ناھايىتى چوڭ رولü ئاتقۇرغۇسىدۇر!».

ئىسلامنى بايراق قىلىپ كۆتۈرۈۋېلىپ، «ئاللاھ بىر، ئاللاھ ھەق!»دەپ ئۆز كۆز قارىشىدا، ئۆز پىكرىدە، ئۆز مەۋقىەسىدە چىڭ تۇرۇۋالغان ئابدۇخېلىل ئابدۇمېژىتنىڭ قايناپ- قىزىپ تۇرۇپ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ «ئاللاھ بىر، ئاللاھ ھەق!»دېگەن ئېقىدىسىگە، شىارىغا ھۆكۈمەت قارشى چىقىۋاتىدۇ. خىتاي مەملىكىتىدە «ئانتىدىنىزم»دېگەن نەرسە كۈچلۈك. ئۇ دېگىنى، دۇنىيادا دىن يوق! ئاللاھ يوق! دۇنىيادا ھېچ قانداق پەيغەمبەرلەر بولمىغان، ئەيسا پەيغەمبەرمۇ بولمىغان، مۇھەممەد پەيغەمبەرمۇ بولمىغان، ئادەملەر مايمۇندىن پەيدا بولغان!... ئاللاھ دېگەن، ئۇ كوممۇنىستىك پارتىيا! كوممۇنىستىك پارتىيا بىر يېرىم مىللىارد ئادەمنى بېقىۋاتىدۇ، ئادەملەرگە غەمخورلۇق قىلىۋاتىدۇ!

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىياسى «مەن ياراتقۇچى ئاللاھ!»دەپ داۋا قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن خەلىققە ئاللانىڭ يوقلىغىنى ئېزىپ ئىچكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىلاھ ئېكەنلىگىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن سىڭدۈرۈش ئۈچۈن دىنىي ئېتىقادلارغا قاتتىق چەكلىمە قويغان...

- بىز دىنىي ئەركىنچىلىكلەر بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، نامايىشقا چىقىمىز!- دەپ كەسكىن ئېيتتى ئابدۇخېلىل ئابدۇمېژىت. - بىز، بىرىنچىدىن، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى سورايمىز. بۇنىڭدا، ئۇيغۇرلار مەيلى ئون سەككىزگە كىرسۇن، مەيلى قىرىققا كىرسۇن، ئۇلارنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلسۇن! ئۆزۈڭلار ياخشى بىلىسىلەر، ياش بالىلار بىلەن زىيالىي- كادىرلارنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇشلىرى چەكلەڭەن. ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشكە ئەزا موللا- ئىماملىرىغا «بۈگۈن ژۇمە نامىزىدا مونۇ ماۋزۇ بويىچە سۆزلەيسەن!»دەپ بۇيرۇق قىلىدىدە، ئۇ موللا- ئىماملار مەسچىتلەردە دىنىي تەلىماتلار ئەمەس، پارتىيانىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان. مەسچىتلىرىمىز پارتىيانىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئورۇنلارغا ئايلىنىپ قالدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن موللا- ئىماملىرىمىزنىڭ ئېيتىۋاتقان ۋەز- نېسىھەتلىرى خەلقنى پىرüئەتچىلىككە باشلايدىغان، خۇراپاتقا باشلايدىغان، ئىسلامنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدىن چەتلەشتۈرىدىغان، كاللىسى بار ھەر قانداق ئادەم ئاڭلىسم؛ «ھوي، بۇ ئىسلام دېگەن قۇرۇق بىر دىن ئېكەنغۇ؟ ئۇنى قىلسا يامان بولىدۇ، بۇنى قىلسا يامان بولىدۇ، دېيىشتىن باشقا گەپ يوق. قويە بۇنداق دىننى!»دېگەندەك چۈشەنچىلەرنى شەكىللەندۈرمەكتە. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، مۇسۇلمان ئەھلىدە ئىسلام دىنىغا نىسبەتەن كۆز قاراش ئۆزگىرىپ، سۇسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى ياشلارنىڭ ئىچىدە ئىچىملىككە، چېكىملىككە، پاھىشىۋازلىققا، يامان ئىللەتلەرگە يول ئېچىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى دىنسىزلىقتىن پەيدا بولماقتا؟!

ئىككىنچىدىن، «يۈز كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش»ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇ يان قانچىلىگەن ياشلىرىمىز تۈرمىلەرگە سولاندى. گۇناسىز ياشلىرىمىز ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ. تۈرمە- زىندانلاردا قىيناپ، ئازابلىنىۋاتىدۇ. مۇددەتسىز تۈرمە ژازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتىدۇ... تۈرمىلەردىكى گۇناسىز تۇتقۇنلارنى بوشىتىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك؟ ئەگەر بىز، ئۆز نارازىلىقىمىزنى، قارشىلىقىمىزنى ئوچۇق بىلدۈرمەي، مۇشۇنداق ياتىۋېرىدىغان بولساق، بۇ زومىگەرلەرنىڭ زوراۋانلىقى تېخىمۇ بەتتەر ئاشىدۇ!- دەپ، نامايىشقا چوقۇم چىقىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

- توغرا. لېكىن، سەن مونۇ بىر ئىشنى ياخشى چۈشەن؛بۇ ھۆكۈمەت، بۇ پارتىيا تىنچلىق نامايىشقا چىققان خەلقنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان ھۆكۈمەت ئەمەس! سەن ئېيتىۋاتقان تەلەپلەر بىلەن نامايىشقا چىقىۋاتقانلار، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈۋاتقانلار، ئىنقىلاب قىلىۋاتقانلار دايىملىق تۈردە قانلىق باستۇرۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ھۆكۈمەت، بۇ پارتىيا ؛ «ھەي، توختا، مونۇ ئادەملەر مۇنداق دەۋاتىدۇ. سۆزىنى تىڭشاپ كۆرەيلى»دەيدىغانلاردىن ئەمەس. شۇنى ئوبدان بىلىۋال؟- دېدى تۇرسۇن سەلەي.

ئاندىن ئابدۇسالام قارى شۇنداق دېدى؛

- بىز، ئىسلام دەپلا دىنغا چاپلىشىۋالمايلى؟ توغرا، ئىسلام دىنى ئۇلۇغ دىن، مۇقەددەس دىن! ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلۇغ، مۇقەددەس دىن ئېكەنلىگىنى بىرلا مىسالدىن ئوچۇق كۆرگۈلى بولسا كېرەك. ھەممىمىز ياخشى بىلىمىز، ھەر ژىلى ھەژ

سەپىرىنى ئۆتەش ئۈچۈن خاسىيەتلىك مەككە- مەدىنىگە دۇنىيانىڭ ھەممە ژايىدىن نەچچە مىللىون مۇسۇلمان بېرىپ، ئاللاھغا ئىبادەت، تاۋاپ قىلىشىدۇ. خوش، شۇنداق ئېكەن، ئىسلامدىن باشقا قايسى بىر دىندا شۇنداق ئۇلۇغ ئىشلار بولىدۇ؟ بولمايدۇ! مېنىڭ چۈشەنچەمچە، دۇنىيانىڭ ھېچ بىر يېرىدە بىز، ئۇيغۇرلاردەك ئىسلام دىنىغا قاتتىق بېرىلگەن مۇسۇلمانلار ئاز بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن؟

بىز «ئاللاھ بىر، ئاللاھ ھەق!»دەپلا تۇرۇۋالمايلى؟ ئاللانىڭ بىرلىكىنى، ئاللانىڭ ھەقلىگىنى ھېچ كىم ئىنكار قىلالمايدۇ. شۇنداق بولغاندىن كېيىن، بىز، ياشلىرىمىزنى تەدرىژى ھالدا كەڭ تۈردە زامانغا ماسلىشىپ تەربىيىلىشىمىز كېرەك! بىز، ئۇيغۇرلار ئىلگىرى كىم ئېدۇق، بۈگۈن كىم بولۇپ قالدۇق؟ ھەر بىر ياش، ھەر بىر ئۇيغۇر مانا مۇشۇ سوئالغا ژاۋاپ ئىزدىگەندىلا، ئۇلاردا مىللىي روھ، مىللىي غۇرۇر پەيدا بولۇشى سۆزسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشلىرىمىزنى ھەم دىنىي، ھەم پەننىي بىلىم بىلەن تەربىيىلەشكە، ئۇلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك ھېس- تۇيغۇلارنى ئويغىتىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك؟ ئەينە شۇ چاغدا بىز كۆزلىگەن مەخسەتلىرىمىزگە ئەلۋەتتە، يېتىمىز!

- ئابدۇسالام قارى بەك ياخشى گەپلەرنى، ئىلمىي گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ، - دېدى ئابابەكرى ئابدۇمېژىت. - بىز تارىختىن ساۋاق، تەژرىبە ئېلىشىمىز كېرەك. بىر يەرگە تۇتاشقان ئوتنى تېز ئۆچۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ. كۆپ ژايغا تۇتاشقان ئوتنى ئۆچۈرۈش ئاسان ئەمەس. ئۇ بىر- بىرسىگە قوشۇلۇپ، چوڭ يالقۇنغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. مېنىڭ بۇ سۆزنى ئېيتىشىمدىكى سەۋەب شۇكى، توقسىنىنچى ژىلدىكى بارىن ۋاقىەسىنى مىسالغا ئالايلى. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىل سىياسەتلىرىگە، زوراۋانلىق ھەرىىكەتلىرىگە، زۇلۇم بىلەن خورلۇققا، قاششاقلىق بىلەن نامراتچىلىققا چىدىمىغان بارىن خەلقىنىڭ سەۋر- تاقەت قاچىسى تولۇپ تاشتىدە، خەلق كۆتۈرۈلدى. قوزغىلاڭ باشلاندى. ئاقىۋەت نېمە بولدى؟ پۈتۈن بارىن خەلقى قىرغىنغا ئۇچرىدى. بارىن ئاسماندىن بومبىلاندى، تانكلار بىلەن تۈپ- تۈز قىلىندى. ھەتتا بۆشۈكتىكى بوۋاقلار ئاۋتومات ئوقلىرىدا ئۆلدى. بۇنى كىم قىلدى؟ مۇشۇ كوممۇنىستىك پارتىيا قىلدى! تۇرسۇن سەلەي بۇرادىرىمىزنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيادىن ياخشىلىق، رەھىم- شەپقەت كۈتۈشكە بولمايدۇ، دېگىنىگە يۈزدە- يۈز قوشۇلىمەن!

دېمەك، بىر يەرگە تۇتاشقان ئوت يالقۇنغا ئايلانغۇچە تېزلىك بىلەن ئۆچۈرۈۋېتىلدى!... ئەگەر بارىندا چىققان ئاشۇ ئوت ۋەتەننىڭ كۆپلىگەن ژايلىرىدا بىر ۋاقىتتا چىققان بولسا، ئۇ ئوت بىر- بىرسىگە قوشۇلۇپ، چوڭ بىر يالقۇنغا ئايلانغان بولار ئىدى. ئۇ چوڭ يالقۇننى ئۆچۈرۈش ئاسان بولماتتى؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭ ئېيتماقچى بولغىنىم، مەن ئابدۇخېلىلنىڭ نامايىشقا چىقىشىغا ھازىرچە قوشۇلمايمەن!

- بىز قايسى ۋاققىچە بېشىمىزنى ئېگىپ، قۇل بولۇپ ياشاۋېرىمىز؟- دەپ قىزىپ سۆزلىدى ئابدۇخېلىل. - ھازىر بىز، بىزنىڭ خەلقىمىز قوتاندىكى قوينىڭ ئۆزى بولۇپ قالدى. قاسساپنىڭ قاچان كىرىپ سويۇشىنى كۈتۈپ يېتىۋاتىمىز. بىزنى بىر- بىرلەپ ئەپچىقىپ سويۇپ يوقىتىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق تۈگۈشۈپ كېتەمدۇق؟ زۇلۇم چېكىدىن ئاشتى، پىچاق سۈيەككە يەتتى!... نامايىشقا چىقىپ، ئەڭ بولمىغاندا، دۇنيا ئالەمگە ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتايلى؟

- ئەگەر سەن، بىر تۈركۈم ئادەملىرىڭنى باشلاپ نامايىشقا چىقساڭ، ئۆزۈڭ ئېيتىۋاتقان بۆرە قوتىنىغا قويلارنى باشلاپ كىرگەن بولىسەن؟- دېدى تۇرسۇن سەلەي ژىددىي ئاگاھلاندۇرۇپ.

- بىز غەپلەت ئۇيقىسىدا بېشىمىزنى پۈركەپ يېتىۋاتقىنىمىز يوق، - دېدى ئابابەكرى ئىشەشلىك. - ئاللاھغا مىڭ قەتلى شۈكرى، خەلقىمىز، ياشلىرىمىز غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئاستا- ئاستا ئويغۇنىۋاتىدۇ. غۇلژا ياشلىرىنى مىسالغا ئالايلى، ھازىر ياشلىرىمىزنىڭ مىللىي غۇرۇرى ئۈسۈن. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى، ۋۇژۇدىدىكى ئۆچۈشكە باشلىغان مىللىي روھ، مىللىي غورۇرنىڭ قايتىدىن ژانلىنىۋاتقانلىغىنى، ۋەتەن، مىللەت، زېمىن توغرىسىدا ھەر ژايدا ئوچۇق گەپ ئېيتىۋاتقانلىغىنى ئۇنتۇمايلى. بۇ ناھايىتى ياخشى، ئۇلۇغ، يورۇقلۇق، ئىزگۈلۈك ئىشلاردۇر! قىزغىنلىق ھەرىكەت سىلەرنىڭ ئەقىل- پاراسىتىڭلارنىڭ، ژۈرüئەتلىك، ژاسارەتلىك بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل چارە- تەدبىرلىرىڭلارنىڭ، ژاپالىق ۋە شەرەپلىك، شانى- شۆھرەتلىك، ئاڭلىق پاالىيىتىڭلارنىڭ ئارقىسىدا روياپقا چىقىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق تەسىرلىك ياخشى ئىشلارنى ۋەتەننىڭ ھەممە ژايلىرىدا، خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، دەپ ھېسابلايمەن.

- مېنىڭمۇ پىكرىم شۇ. - دېدى ئابدۇسالام قارى. - بۇ ئىشقا بىز ھەرگىز ئالدىرىمايلى. بىز ھەر قانداق چوڭ- كىچىك ئىشنى ھەر تەرەپلىمە ئويلاپ، ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىنىمۇ، يامان تەرىپىنىمۇ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ، ئەقىل تارازىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا ۋەزىيىتىگە، دۇنيا سىياسىتىگە ماسلاشقان ھالدا ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك؟ بۈگۈنكى تۈزۈمگە، بۈگۈنكى سىياسەتكە قارىشى، نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ نامايىشقا چىقىدىغان بولساق، بىزنى ۋەيران قىلىدۇ ۋە بىز ھەممە نەرسىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن؟

- ئايايدىغان نېمىسى قېلىۋاتىدۇ، ئاغىنىلەر؟! بۇ زوراۋانلارنىڭ خەلقىمىز بېشىغا سېلىۋاتقان زۇلۇم- سىتەملىرى كۈندىن- كۈڭە كۈچۈيىۋاتىدۇ، - قىزىپ- قايناپ سۆزلىدى ئابدۇخېلىل.

- سەن ئالدىرىما، ئابدۇخېلىل. - دېدى ئابابەكرى . - بۇ ئىش تېخى خام، پىشىپ يېتىلمىدى. خوتەندىمۇ، قەشقەردىمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر تۈركۈم ياشلار بار. ئۇلار تېخى يېتىشمىدى، يېتىشسۇن. ئۇلارنىڭ ئاڭ- سەۋىيىسى ئۆسسۇن... ئابدۇسالام قارىنىڭ ئېيتقانلىرىغا قوشۇلماي بولمايدۇ. بىز ياشلىرىمىزنى ھەم دىنىي، ھەم پەننىي بىلىم بىلەن تەربىيىلىشىمىز، ئۇلارنى ژىسمانىي ۋە روھىي ژەھەتلەردىن چېنىقتۇرۇشىمىز لازىم. بۇ ئالدىرايدىغان ئىش ئەمەس؟

- ياق، بىزنىڭ ياشلىرىمىز يېتىشىپ بولدى، پىشىپ بولدى. بىز تىنچلىق نامايىشقا چىقىمىز، ھۆكۈمەتكە ھەققانىي تەلەپلىرىمىزنى قويىمىز!- دېدى قەتüئىي تۈردە ئابدۇېلىل ئابدۇمېژىت.

- ئابدۇخېلىل، بۇ قارارىڭدىن قايت، - دېدى ئابدۇسالام قارى. - ھازىر ۋاقتى ئەمەس. ئەگەر سىلەر «ئاللاھ بىر، ئاللاھ ھەق!»دېگەن شىارنى كۆتۈرۈپ چىقىدىغان بولساڭلار، ئۇ چاغدا بۇ نامايىش سىياسىي تۈست ئالسا، مىللەتلەر ئارا توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئاللانىڭ ئۆزى ساقلىسۇن!

- «ئاللاھ بىر، ئاللاھ ھەق!»دېگەن شىار بىلەن چىقساق، ئۇنىڭ نېمىسى يامان؟- دەپ قارشىلىق بىلدۈردى.

- ئۇنىڭسىزمۇ ئاللانىڭ بىرلىكىنى، ئاللانىڭ ھەقلىگىنى ھېچ كىم ئىنكار قىلالمايدۇ. نامايىشقا چىقتىڭمۇ، دېمەك، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا كۆرسىتىلگەن قاىدىلەرنىڭ، ئىنسان ھەق- ھوقۇقلىرىنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىغىغا، ئاساسىي قانۇن قاىدىلىرىگە رېايە قىلىنمايۋاتقانلىغىنى ئوچۇق كۆرسۈتىپ، كونكرېت تەكلىپ- تىلەكلەرنى شىار قىلىپ، كۆتۈرىپ چىقىش كېرەك؟- دېدى ئابدۇسالام قارى سۆزگە مىق قېقىپ.

- بىز ئۈچۈن ئىسلام مۇقەددەس! بىز دىنىي ئېقىدىلەرگە چەك قويۇلماسلىغىنى، تۈرمىلەردىكى گۇناسىز تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى، ئىنسانىي ھەق- ھوقۇقلىرىمىزنى تەلەپ قىلىمىز!- دېدى ئابدۇخېلىل. - مېنىڭ ئاشۇ خىلدىكى تەلەپلەر بىلەن تىنچلىق نامايىشىغا چىقىمىز دېسەم، سىلەر قوشۇلمايۋاتىسىلەر، ۋاقتى ئەمەس دەۋاتىسىلەر؟ مانا، مۇشۇ ئون كۈن ئىچىدە بىرەر مىڭغا يېقىن گۇناسىز ژىگىتلەر قولغا ئېلىندى. مەھەللە مەھەللىدىن ھۆكۈمەت سىياسىتىگە قارىشى دەپ چېكىت قويۇلغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دەررۇ قولغا ئېلىنىۋاتىدۇ. دېمەك، بىز قوتاندىكى قويغا ئوخشاش قاسساپ قاچان كېلىپ بىزنى سويىدېكىن، دەپ ئۆز ئەژىلىمىزنى كۈتۈپ ئولتىرىۋېرىمىزمۇ؟ ياق، بىز قانچىلىك ئادىمىمىز بولسا، شۇنچىلىك ئادىمىمىز بىلەن تىنچلىق نامايىشقا چىقىشىمىز كېرەك!

- كۆپ ئادەملىرىڭ تۈرمىلەرگە سولىنىپ كەتكەن بولسا، ئاز قىسمى بىلەن بولسىمۇ، بىزنىڭ سېپىمىزگە قېتىل؟- دېدى تۇرسۇن سەلەي. - ئاشكارىلىقتىن مەخپىيەتلىككە ئۆتەيلى؟ بىرلىشەيلى، ئىتتىپاقلىشايلى؟... بۇ ھاكىمىيەتكە قۇرۇق شىار توۋلاش بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. ھېچ قاچاندا ئاڭلىمايدۇ، تىڭشىمايدۇ . كېرەك دېسەڭ، ئوغرىلىق قىلماقچى بولغانمۇ ئوغرى، يانچۇقچىمۇ ئوغرى، ئۆي ئوغرىلىغانمۇ ئوغرى، دۇكان ئوغرىلىغانمۇ ئوغرى، قىسقىسى ھەممىسى ئوغرى! سەن ئۆزۈڭنىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنىدا كۆرسىتىلگەن ھەق- ھوقۇقلىرىڭنى تەلەپ قىلىپ، تىنچلىق نامايىشقا چىقساڭمۇ، بەرىبىر سەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ھەرىكەت قىلغان مىللىي بۆلگۈنچى، دىنىي ئەسەبىي، ئەشەددىي ئۇنسۇر ئاتىلىسەن!... ئەمەلىياتتا بىز، ئۆز ۋەتىنىمىزگە ئۆزىمىز ئېگە، خوژا بولۇپ ياشاشنى، ئۆز تەغدىرىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەشنى خالايمىز. بىز خىتاي خەلقىگە ئەمەس، كوممۇنىستىك پارتىياگە، كوممۇنىستىك تۈزۈمگە قارىشى. بىز پەقەت ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز!

- مۇشۇ مەژلىسكە قاتنىشىپ ئولتارغان ھەر قايسىمىزنىڭ تەرەپدارلىرى ھازىر زەنژىرسىمان ھالەتكە كەلدى. - دېدى باياتىن ھەممىنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاپ ئولتارغان ئىبراھىم ئىسماىل. - دېمەك، مۇشۇنداق ھالەتتە، مۇشۇ سورۇندىكىلەردىن بىرسىمىز ئاشكارىلانساق، باشقىلىرىمىزمۇ ئاشكارىلىنىمىز دېگەن سۆز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاشكارىلىقتىن مەخپىيلىككە ئۆتۈشىمىز كېرەك؟ ھازىرچە سەۋر قىلايلى. تۇرسۇن سەلەي ئىنىم ئېيتقاندەك، ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن بىزگە چوڭ تەييارلىق بىلەن قىلىنغان ھەرىكەت، كۈرەش، قانلىق ژەڭ لازىم!...

ئىلى ياشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ كېلىۋاتقان ئاكىلىرىمىزنىڭ بۇ كۈنكى مەژىلىسىدىن مېنىڭ ئوچۇق- ئاشكارا بىلگىنىم، چۈشەڭىنىم شۇ بولدى؛مەقسەت- نىشان بىر! ئامما، يول ئۈچ تۈرلۈك! ئابدۇخېلىل ئابدۇمېژىت تەرەپدارلىرى كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ژۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىگە نارازىلىقىنى، قارشىلىقىنى ئوچۇق- ئاشكارا يەنى تىنچلىق نامايىشلىرى ئارقىلىق بىلدۈرۈش! پۇقرالارنىڭ ئۆز تەلەپ- تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشى ئۈچۈن تىنچلىق نامايىشلارغا چىقىشى دۆلەت ئاساسىي قانۇنىدا كاپالەتلەندۈرۈلگەن. بۇنىڭ ھېچ قانداق يامان تەرىپى يوق.

ئابدۇسالام قارى، ئابابەكرى ئابدۇمېژىت تەرەپدارلىرى نامايىشقا چىقىشقا قارشى. سەۋەب، تېخى ۋاقتى ئەمەس. ياشلار پىشىپ يېتىلمىدى. ۋەتەننىڭ بارلىق ژايلىرىدىكى ياشلارنى ئىلى ياشلىرىغا ئوخشاش غەپلەت ئۇيقۇسىدىن تولۇق ئويغىتىش لازىم. ئوت ۋەتەننىڭ بىر ژايىدىنلا ئەمەس، بارلىق ژايىدا بىر ۋاقىتتا يېنىشى كېرەك!...

ياش ژەھەتتىن مۇشۇ سورۇندىكىلەردىن خېلىلا چوڭ بولغان ئىبراھىم ئىسماىل بىلەن ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن سەپدىشى تۇرسۇن سەلەينىڭ تەكلىپى باشقىچە. پارتىزانلىق ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ھاكىمىيەتنى قورال بىلەن، كۈچ بىلەن تارتىۋېلىش. بىرەر ناھىيە، شەھەرنى دىكتاتور كوممۇنىست خىتايلاردىن ئازاد قىلىپ، شەرقىي تۈركستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىغى تىكلەنسە، شۇنى كۈتۈپ تۇرۇشقان چەت ئەللەردىكى سەپداشلىرىدىن چوڭ ياردەملەر كېلىدۇ... ۋەتەننى پەقەت شۇ ئارقىلىق تولۇق ئازاد قىلىشقا بولىدۇ، خالاس!

شۇنىڭ بىلەن ھەر كىم ئۆز پىكرىدە، ئۆز قارارىدا قېلىشتى.

ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي ئابابەكرى ئابدۇمېژىت ئۆز ژۇتى خوتەڭە كېتىپ قالدى.

خىتاينىڭ مەخسۇس خىزمەت ئورۇنلىرى ئابدۇخېلىل ئابدۇمېژىت رەھبەرلىكىدىكى نامايىشنىڭ قاچان، قايسى ۋاقىتتا، قايسى ژايدا، ھەتتا غۇلژا گۈللۈك مەسچىتىدىن باشلىنىدىغانلىغىنى ئالدىن- ئالا بىلىپ بولۇشقان ئېكەن.

غۇلژا ياشلىرى ئەتە ئەتىگەندە تىنچلىق نامايىشىغا چىقىدۇ، دېگەن كۈنى كېچىسى يەنى سەھەرلىكى ساات تۆرت- بەشلەر چامىسىدا بىر سودىگەر ئاغىنەم ئۆزىنىڭ تىژارەت ئىشلىرى بىلەن بىر ياققا كېتىۋاتسا، ئاشتى ئۈزۈلمىگەن ھەربىي ماشىنىلارنىڭ شەھەرگە كىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەر بىر ماشىنىدا ئون بەش- ژىگىرمىدىن قوللىرىغا قورال، كالتەك تۇتقان، بېشىغا كاسكا كىيگەن خىتاي ھەربىيلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى مەن قولغا ئېلىنىشتىن بىر ئاز كۈن ئىلگىرى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.

ئىلى ياشلىرىنىڭ تىنچلىق نامايىشى قانلىق باستۇرۇلدى...

خىتاينىڭ مەخسۇس خىزمەت ئورۇنلىرى ژەمىيەتتىكى ھەر قانداق ئىش، ھەرىكەتلەرنى ئالدىن- ئالا بىلىپ تۇرىدۇ. ھەتتا يەر ئاستى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەخپىي ئىش- پىلانلىرىنى شپىونلىرى، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈۋەتكەن ساتقۇن، مۇناپىقلىرى ئارقىلىق تولۇق مەلۇماتلارنى ئېلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ھەرىكەتلىرىمىز دائىم يېرىم يولدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ كەلمەكتە.

فېۋرالü ۋاقىەسى باشلىنىشتىن ئۈچ- تۆرت كۈن ئىلگىرى خوتەندىن خەۋەر كەلدى. ئانامنىڭ ئانىسى، مومام قاتتىق ئاغىرىۋېتىپتۇ. بىزنىڭ تېز يېتىپ كېلىشىمىزنى ژېكىپتۇ. ئانام ئىككىمىز دەررۇ يولغا چىقتۇق.

خوتەڭە يېتىپ باردۇق. ياشىنىپ قالغان مومام ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. كېسىلى خېلى ئېغىر. قىزى بولغان ئانامنى، نەۋرىسى بولغان مېنى كۆرۈپ؛ «ھە، كەلدىڭلارمۇ؟»دەپ، ئىچىگە ئولتىرىشقان نۇرسىز كۆزلىرىگە ياش ئالدى...

ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ مومام ۋاپات بولدى. ژىنازا نامىزىغا ئابابەكرى ئابدۇمېژىتمۇ كەلدى. ئۇ تاغامنىڭ چوڭ ئوغلى بىلەن سىنىپداش بولغانلىقتىن، ئۇلار يېقىن ئارىلىشىدېكەن. بۇنى ئۇ ماڭا، بىز غۇلژىدا تونۇشقان ۋاقىتتا ئېيتقان.

- سىزنىڭ ئانىڭىز خوتەنلىك، ئاتىڭىز غۇلژىلىق ئېكەن. دېمەك، سىز ھەم غۇلژىلىق ھەم خوتەنلىك ئېكەنسىزدە؟»دەپ مېنىڭ بىلەن بۆلەكچىلا يېقىنلىشىپ كەتكەن ئىدى.

مومامنى ئاخىرقى سەپەرگە ئۇزىتىش دەپىنە مەراسىمى كۈنى ئابابەكرى ئىككىمىز ئادەملەرنىڭ كۆزى چۈشمەيدىغان خالى ژايدا، مەخپىي يوسۇندا بىر ئاز سۆزلىشىپ، سۆھبەتلىشىۋالدۇق.

- غۇلژىدىكى نامايىشتىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟- دەپ سورىدى ئابابەكرى تەشۋىشلەڭەن ھالدا.

- ھە، ئانچا- مۇنچە ئاڭلىدىم. بىراق، ئېنىقىنى بىلمەيمەن، - دېدىم ئۇنىڭدىن كۆز ئالماي.

- ئابدۇخېلىل ئاخىرى دېگىنىنى قىپتۇ، - دەپ ئۇلۇغ- كىچىك نەپەس ئالدى ئۇ. - گەپكە كىرمەپتۇ.

- سىز، ئېنىقىنى بىلەلىدىڭىزمۇ؟- سورىدىم تېخىمۇ ئېنىقلاپ.

- بىلدىم. ئېنىقلىدىم. - كېسىپ ئېيتتى ئابابەكرى قوشۇمىسىنى تۈرگەن ھالدا.

- ئاقىۋىتىچۇ، قانداق بوپتۇ؟

- ئۇلار «ئاللاھ بىر، ئاللاھ ھەق!»دېگەن شىار بىلەن چىققان ئېكەن...

- قوراللىق باستۇرۇلۇپتۇ، دەپ ئاڭلىغاندەك قىلدىم، شۇ راستمۇ؟- دەپ سوراپ، ۋاقىەنى تەل- تۆكۈس بىلىشكە ئالدىرىدىم.

- توغرا ئاڭلاپسىز، - دەپ بىر دەقىقە ژىم- ژىت بولۇپ قالدى ئابابەكرى ۋە ئاندىن سۆزىنى داۋام قىلدى. - تىنچلىق نامايىشقا چىققان ئىلى ياشلىرىنى خىتاي ھەربىيلىرى بىلەن ساقچىلىرى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇپ تاشلاپتۇ. قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىغى بولمىغان نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق ئېتىپتۇ. خېلى ئادەم ئۆلگەن ئوخشايدۇ... ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىدا سۇ چېچىپتۇ. كۆزدىن ياش ئاققۇزىدىغان قوراللارنى ئىشلىتىپتۇ. ئۇر- سوق، قىر- پىچاق بىلەن نۇرغۇن ياشلارنى قولغا ئاپتۇ. ئىشتلارغا تالىتىپتۇ. كۆردىڭىزمۇ، بۇ زومىگەرلەرنىڭ قانچىلىك ۋەھشىلىگىنى.

- ئاشۇ قېتىمدىكى مەژىلىستە ئابدۇسالام قارى ئىككىڭلار بەك توغرا پىكىر بەرگەن ئېدىڭلار. بىراق، سىلەرنىڭ شۇنچە سۆزلىرىڭلارنى نەزەرگە ئالماي، مانا، ئاقىۋەتتە قىلغان ناتوغرا ئىشى، - دېدىم ھېس- ھېس بولۇپ.

- بولىدىغان ئىش بولدى. ئەمدى ناھايىتى پەخەسلىك، ھوشىيارلىق لازىم!

- توغرا ئېيتىسىز، پەخەسلىك، ساقلىق كېرەك.

- سىزگە ئېيتىدىغىنىم، ھازىر ئىلى تەۋەسىدە ئومۇمىي يۈزلۈك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئوخشايدۇ. ياماننى ئېيتماي، ياخشى يوق دېگىنىدەك، ئەگەر سىزنى گۇمانلىق دەپ ھېسابلاپ، قولغا ئالغىدەك ئىش بولۇپ قالسا، ئاشۇ بۇرادەرلەرنىڭ بىرسىنىمۇ «بىلمەيمەن، تونۇمايمەن»دەپ، بىر سۆزدىلا چىڭ تۇرۇۋېلىڭ؟... ئەگەر ئۇلار سىزنىڭ، بىزنىڭ سېپىمىزدە ئېكەنلىگىڭىزنى بىلىپ قالسا، ئۇ چاغدا، سۆزسىز نابۇتسىز. ئۇ كۈندىن ئاللانىڭ ئۆزى ساقلىغاي!- دەپ ئەسكەرتتى ۋە ئاگاھلاندۇردى مېنى بۇنداق ئىشلاردىن ياخشى خەۋىرى بار ئابابەكرى.

- رەھمەت سىزگە. ئەلۋەتتە، سىزنىڭ ئېيتقىنىڭىزدەك ئىش تۇتىمەن، - دېدىم بۇ دوستۇمنىڭ سەمىمىيلىكىگە رازى بولۇپ. - ئېغىزىمغا مەككەم مەن!

- خوش، مەيلى، ئاللاھغا ئامانەت! ئەمدى بىز باشقا كۆرۈشەلمىسەك كېرەك؟ ھازىرچە كۆرۈشۈشنىڭمۇ ھاژىتى يوق. - دېدى ئۇ قەتüئىي تۈردە. - ئىككىمىزنىڭ بىر- بىرسىمىزنى تونۇشىمىزنى، بىلىشىمىزنى ھېچ كىم بىلمەسلىكى لازىم؟

- ئەلۋەتتە، مەن چۈشەندىم. - دېدىم تەشۋىشلىنىش بىلەن. - ماڭا ئىشىنىڭ!

- سىلەرمۇ ئەمدى مەرھۇم مومىڭىزنىڭ يەتتە نەزىرىدىن كېيىن قايتساڭلار كېرەك؟- دەپ سورىدى ئابابەكرى.

- شۇنداق.

- ئۇنداق بولسا، خەير! ئاللاھ ياخشى كۈنلەردە كۆرۈشۈشكە يەتكۈزگەي...

بىز قۇچاغلىشىپ، خوشلاشتۇق. بۇ ژايدىن ياتلارنىڭ كۆزىگە چۈشمەي، بىر- بىرلەپ ئاستا چىقىپ، مومامنىڭ ژىنازا نامىزىغا ژىغىلىۋاتقان توپنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتۇق...

بۇ تەغدىرنى قاراڭ!

مەن ئابابەكرى ئابدۇمېژىت بىلەن بۇ دوزاختا، مۇشۇ ئەھۋالدا ئۇچرىشىمەن دەپ ئويلاش بۇ ياقتا تۇرسۇن، خىيالىمغىمۇ سىغدۇرالماس ئىدىم.

تەقدىر!

بۇنداق ئىشنى ئادەملەر تەغدىرنىڭ يازمىشى دەپ قويىدېكەن.

ئېھ، ئابابەكرى دوستۇم! سەن قانداق ژىگىت ئېدىڭ، ھە؟ بۈگۈن قانداق بولۇپ قالدىڭ؟. . سېنىڭ ئەژايىپ قەددى- قامىتىڭگە، نۇر يېغىپ تۇرغان چىرايىڭغا، ئوت چاقناپ تۇرغان كۆكۈچ كۆزلىرىڭگە، ھەر قانداق بىلىمداننى قايىل قىلىدىغان ئەقىل- پاراسىتىڭگە، ئىقتىدار- تەپەككۈرىڭگە ھەممىنىڭ ھەۋەسى كېلەتتى! سېنىڭ سۆز، نۇتۇقلىرىڭنى ياشلار مەھلىيا بولۇپ تىڭشاتتى. ژىسمانىي ژەھەتتىن چېنىققان سېنىڭ چاققان ۋە چەبدەسلىكىڭنى ياشلار ئۆزلىرىگە ئۈلگە- ئىبرەت تۇتاتتى. ئۇلار ساڭا ئوخشاش بولۇشنى ئارمان قىلىشاتتى. بۈگۈنچۇ؟...

بۇنى تەغدىرنىڭ تەتۈرلۈكى، پەلەكنىڭ گەردىشى دەپ قويىدېكەن.

ئېگىز بويىڭدىن يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتىكى تام ئۈستىگە قويۇلغان كېسەكنى كۆز ژۇمۇپ- ئاچقىچە ئايىغىڭنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇرۇپ چۈشۈرەر ئېدىڭ؟ پۇتىڭنىڭ بارماقلىرىنى قۇلىغىڭغا يەتكۈزەر ئېدىڭ؟...

بۇنى ئاللانىڭ ئىنüئامى دېيىشەر ئېكەن!

كۆرۈڭەندە بولۇۋەرمەيدىغان بۇ ئالاھىدىلىكلىرىڭ، خىسلەتلىرىڭدىن سەن تامامەن ئايرىلىپسەن! مانا، ھەر ئىككى ئايىغىڭ ئىشلىمەس، بوينۇڭ تۇتماس بولۇپ قاپتۇ؟ بەل ئومۇرتقىلىرىڭنىمۇ كاردىن چىقىرىپتۇ؟ تىك تۇرالماس، تىك ئولتىرالماس ئەھۋالغا چۈشۈپسەن؟!

بۇنى نېمە دەپ قويىدۇ؟ بىلمەيمەن!

شۇنداق ئەھۋالغا سېلىپ قويۇپمۇ ئىككى ئايىغىڭغا يەنە ئېغىر زەنژىر كىشەننى سېلىپ قويغىنىنى قارا بۇ رەھىمسىز ھايۋانلارنىڭ!

يېنىمدا ياتقان ئابابەكرى قاتتىق يۆتىلىپ كەتتى. بىر نەچچە دەقىقىگە سوزۇلغان ئۇنىڭ يۆتىلى خىياللىرىم ژىپىنى ئۈزۈپ تاشلىدى...

- سۇ بېرىڭلار؟!- دېدى كىمدۇر بىرسى.

- مانا، ھازىر، - دەپ مەھبۇسلاردىن بىرسى بۈگۈلۈكتىن يەرگە سەكرەپ چۈشتى-دە، بۇلۇڭدىكى كرانىكتىن كرۇژكىدا سۇ ئېلىپ كەلدى.

- مانا، بۇ سۇنى ئىچىۋېتىڭ، يۆتىلىڭىز توختاپ قالىدۇ؟- دەپ ئۇ ئابابەكرىگە سۇ ئىچكۈزدى.

باياتىن مەن چەكسىز خىياللار دېڭىزىغا شۇڭغۇپ كەتكەنلىكىمدىن، ئابابەكرىنىڭ بىر نەچچە ژىگىتلەر بىلەن ئۆز ئارا سۆھبەت قۇرۇپ ئولتارغانلىغىنىمۇ سەزمەپتىمەن.

ئابابەكرىگە قارىدىم. قاتتىق يۆتەلدىن ئۇنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ- تاتىرىپ، كۆزلىرىدىن ياشلار چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. كۆردىمۇ، ئۇنىڭ ئۆپكىسىمۇ كاردىن چىققانلىقىنى بايقاپ، بۇ ئەژايىپ ژىگىتكە ئىچىم تېخىمۇ ئاغرىپ، يۈرەك- باغرىم كۆيۈپ كەتتى...

ئۇ «غورت- غورت» قىلىپ بىر نەچچە ژۇتۇم سۇ ئىچتى.

- رەھمەت، بۇرادەرلەر!- دېدى ۋە ئۇھ دەپ ئېغىر نەپەس ئالدى. - ئۆپكىمۇ كاردىن چىقىۋاتقان ئوخشايدۇ؟- دەپ، مېنىڭ ئويۇمدىكىنى قۇۋەتلەۋاتقاندەك، ماڭا مەنالىق تىكلەندى.

مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمەس ئىدىم.

ۋەتەن، مىللەت ئىشقى- داۋاسىدا مەشüئەل مىسالى يېنىپ تۇرغان شۇنداق بىر ژىگىتنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ، ئىچ- ئىچىمدىن ھۆپۈلدەپ چىققان ئاچچىق پۇغان تامىغىمغا كېلىپ تۈرۈلدى... ژۈرىگىمگە يىڭنە سانژىلغاندەك بولدى. كۆزلىرىمگە ئىختىيارسىز ياشلار كەلدى. مەن كۆز چاناقلىرىمدىكى ياشلىرىمنى ئابابەكرىدىن يوشۇرۇپ، يەرگە قاراۋالدىم...

بىز بىر- بىرسىمىزنى بىلمەس، تونۇماس بولۇۋالغان ئېدۇق.

لېكىن، بىز كۆزلەر ئارقىلىق ئۈنسىز سۆزلۈشەتتۇق.

ئۇ دەتتى؛ «مېنى سىزنىڭ يېنىڭىزغا بېكارغا ئېلىپ كىرىپ سولاۋاتقىنى يوق!... ».

مەن دەتتىم؛ «سىزنى ئېلىپ كىرگەندىلا ھەممىنى چۈشەندىم. بۇلار مېنىڭ سىلەر بىلەن بىر سەپتە ئېكەنلىگىمگە مېنى ئىخرار قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. ».

ئۇ دەتتى؛ «ھېچ قاچاندا ئىخرار كەلمەڭ؟ ئىخرار كەلدىڭىز، دېمەك، نابۇت بولدىڭىز دېگەن سۆز!».

مەن دەتتىم؛ «مۇشۇ كۈڭىچە ئىخرار بولمىدىم. بۇنىڭدىن كېيىن ھەم قانچە ئۇرۇپ، ئازابلىسىمۇ مېنى ئىخرار كەلتۈرەلمەيدۇ!».

ئۇ دەتتى؛ «مۇشۇ سۆزىڭىزدە قاتتىق تۇرىڭ، ئىرادىلىك، ژاسارەتلىك كۆرسىتىڭ، دۈشمەڭە باش ئەگمەڭ!... بۇ ياۋۇز، مەككارلاردىن ھېچ ۋاقىتتا رەھىم- شەپقەت كۈتمەڭ؟... ».

مەن دەتتىم؛ «بۇ دوزاخنىڭ ئىچىدە مەن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. سىز ئېيتقاندەك، بۇلاردىن رەھىم- شەپقەت كۈتۈش ھاماقەتنىڭ ئىشى!».

ئۇ دەتتى؛ «سىز ماڭا نىسبەتەن بېپەرۋالىق قىلىڭ؟... سىز مېنى كۆرمىگەن ، بىلمەيسىز. مەنمۇ سىزنى كۆرمىگەن، تونۇمايمەن! سەۋەب، ئارىمىزدا شپىون، ساتقۇن، مۇناپىقلارنى يوق دېگىنىمۇ بولمايدۇ. يوق دەپ ھېچ كىممۇ ئېيتالمايدۇ. مەنمۇ ئەينە شۇنداق مۇناپىقلارنىڭ خاىنلىغى، ساتقۇنلىغى بىلەن مۇشۇ كۈڭە چۈشتۈم... ئەمدى سىز بولسىڭىزمۇ، بۇ دوزاقتىن ساق- سالامەت چىقىپ كېتىشىڭىز كېرەك!».

مەن دەتتىم؛ «سىزنى چۈشەندىم... سىزگە ياخشى قارالمىسام، مەندىن رەنژىمەڭ؟».

ئۇ دەتتى؛ «ھەرگىز ئۇنداق ئويلىماڭ. ئۆزىڭىزنى مەندىن قانچە ژىراق تۇتسىڭىز، شۇنچە ياخشى!».

شۇنىڭ بىلەن ئاياقلىرىمىزغا ئېغىر زەنژىر كىشەنلەر سېلىنغان، سىياسىي مەھبۇس ئاتالغان ئابابەكرى ئىككىمىزنىڭ تۈرمە ھاياتى بىر كامېرىدا، بىر- بىرسىمىزنى ئىلگىرى- كېيىن كۆرمىگەن، تونۇمىغان ھالەتتە ئۆتمەكتە ئىدى.

ئابابەكرى ئاز كۈننىڭ ئىچىدىلا تۈرمە كامېرىدىكى تۇتقۇنلاردا ئۆزىگە نىسبەتەن ياخشى تەسىراتلارنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. ئۇ، ئۆزىنى مۇشۇ ھالغا كەلتۈرگەن رەقىپلىرىنىڭ ۋەھشىلىكلىرىنى ئوچۇق- ئاشكارا سۆزلەتتى. ئۇ كۆپرەك ئىسلام شەرىتى قانۇنلىرىدىن، قۇرüئانۇ كەرىمىدىن تەپسىرلەر ئېيتاتتى.

- سەن پەقەت ئىسلامغىلا چاپلىشىپ ئالما. - دەتتى ئۇ. - ئىسلام دىنىدىمۇ، مۇقەددەس قۇرüئانۇ كەرىمدىمۇ ئوقى، بىلىم ئال، دەيدۇ. دىنىي بىلىم بىلەن بىر قاتاردا پەننىي بىلىمنى بىللە ئېلىپ بار دەپ ئېيتىدۇ. بىزنىڭ خەلقىمىز، ياشلىرىمىز كۆپرەك دىنغا بېرىلىپ، ئىلىم- پەندىن ژىراقلىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى نادانلىققا، خۇراپاتقا، ژاھالەتكە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، غەپلەت ئۇيقۇسىغا بېرىلىمىزدە، بۇ ئاللانىڭ تەقدىرى، يازمىشى دەپ، باسقۇنچىلارغا قۇل بولۇپ، ھەممىگە تۆزۈپ، باش ئېگىپ، قورقۇپ- تىترەپ، بېچارە ھالدا ياشايمىز!

دۇنىيادىكى قايسى بىر مۇسۇلمان دۆلىتى، مۇسۇلمان خەلقى بىز ئۇيغۇرلاردەك زۇلۇم- سىتەمدە، ئازاب- ئوقۇبەتتە، خورلۇق- بېچارىلىكتە، ئاچلىق- يالىڭاچلىقتا ياشايدۇ؟ بىزنىڭ خەلقىمىز كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنى ھېچ بىر مۇسۇلمانلار، خرىستىانلار ۋە باشقا دىندىكىلەر كۆرۈۋاتقىنى يوق. موشۇنى ھەر قايسىمىز ياخشى چۈشىنىپ، بىلىۋېلىشىمىز كېرەك!...

بىز، ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىمىزگە ئۆزىمىز ئېگە، غوژا بولۇپ ياشىمايمىز؟ خەلقىمىز شۇنچە كەڭ، باي، گۆھەر زېمىننىڭ ئېگىلىرى بولۇپ تۇرغۇلۇق، نېمە ئۈچۈن نامراتچىلىقتا ياشاۋاتىدۇ؟...

ۋەتىنىمىزگە كىرىۋالغان بۇ زوراۋانلارنىڭ زۇلۇمى شۇ دەرىژىگە يەتتىكېن، ئۇلار ؛ «بىزگە قارىشى سۆز قىلساڭ، تىلىڭنى كېسىمەن. بىزگە ئالىيىپ قارىساڭ، كۆزىڭنى ئويىمەن!»دېگەندەك ئىش- ھەرىكەت قىلىشقا ئوچۇق ئۆتتى. سەن بىلەن بىزگە، خەلقىمىزگە بۇ كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ھېچ قاچاندا بىر ياخشىلىق كەلمەيدۇ! بىز ئۆز تەغدىرىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلىشىمىز، ھەل قىلىشىمىز كېرەك! ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ ئەركىنلىكىنى، ئازاتلىغىنى، ھۆرلۈكىنى، مۇستەقىللىگىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يولىنى تېپىشىمىز لازىم!... لېكىن، بۇ ئىشقا ئالدىراقسانلىق ھاژەت ئەمەس. بېپەرۋا بولۇپ، ۋاقىت كۈتۈپ يېتىشقا يەنە بولمايدۇ. ھەر بىر ئىش- ھەرىكەتنى تەمكىنلىك بىلەن ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىمىز كېرەك. ھەر بىر قەدەمنى ئون ئويلاپ، بىر بېسىشىمىز لازىم. سەن ئۆزۈڭنى يۇلۋاس چاغلىساڭ، سېنىڭ ئۈستىڭدە تۇرغان شىرنى ھەرگىز ئۇنتۇما!

مۇقەددەس قۇرüئانۇ كەرىمىدە «ھۇببۇل ۋەتەن مىنەل ئىمان!»يەنى «ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ ژۈملىسىدىن!»دېگەن سۆز بار. دېمەك، سەن ئۆزۈڭنى مۇسۇلمان دەپ ھېسابلىساڭ، ئالدى بىلەن ۋەتەننى سۆي! ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن ژىھات قىلىپ ئۆلۈپ كەتسەڭ، شېھىت بولىسەن! ھەر ئىككى دۇنىيادا يورۇق يۈز بولىسەن!...

مانا مۇشۇنداق سۆزلەرنى توختىماي سۆزلەيدىغان ئابابەكرى ئىنقىلابى شاىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ؛

«ھەي، پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،

سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە ژان كېتەر.

بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقازمىساڭ،

سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر!»

دېگەن شېىرى مىسرالارنى دائىم ئوقاتتى.

ئابابەكرى مۇشۇنداق سۆز- تەشۋىقاتلىرى بىلەن كامېرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ قەلبىدىكى دۈشمەڭە بولغان غەزەپ- نەپرەت، ۋەتەڭە، مىللەتكە دېگەن ساداقەت، مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرىنى يالقۇنغا ئايلاندۇرغاندەك بولاتتى.

ئابابەكرى ھازىر ئىلگەركىدەك پەخەسچان ئەمەس ئىدى.

«يېتىپ قالغۇچە ئېتىپ قال!» دېگىنى شۇ بولسا كېرەك، دېگەن ئويلارغا كېلەتتىم ئۇنىڭدىكى ئوچۇق- ئاشكارىلىقلاردىن كېيىن.

شۇنىڭ بىلەن ئابابەكرى ئابدۇمېژىتنى «ئىلى ياشلىرى ئارىسىدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك، قۇتراقۇلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان، غۇلژا فېۋرالü ۋاقىەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا مۇھىم رولü ئاتقۇرغان مىللىي بۆلگۈنچى، دىنىي ئەسەبىي، ئەكسىل ئىنقىلابچى»دېگەڭە ئوخشاش ئەيىبلەر بىلەن مۇددەتسىز تۈرمە ژازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنى تارىم تۈرمىسىگە تۆتكەپ ئېلىپ كەتتى.

مەن ئابابەكرى ئابدۇمېژىتنىڭ تەقدىر- قىسمىتى ھەققىدە كېيىن ئاڭلىدىم. ئاڭلىشىمچە، غۇلژا فېۋرالü ۋاقىەسىدىن كېيىن، ئومۇمىي يۈزلۈك تۇتقۇن قىلىش باشلانغاندا، غۇلژا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى خوتەڭە بېرىپ، ئابابەكرى ئابدۇمېژىتنى قولغا ئاپتۇ. ئۈرۈمچى گۋاڭتۇڭ تۈرمىسىدە ئىككى- ئۈچ ئاي سوراق قىلىپ، قاتتىق قىيناپ، ئازابلىغان ئېكەن. ئاندىن سانژى تۈرمىسىگە يۆتكەپتۇ. سانژى تۈرمىسىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىك ئۇسۇللار بىلەن قىيناپ، ئازابلاشلاردىن كېيىن، يېرىم تىرىك، يېرىم ئۆلۈك ھالدا غۇلژىدىكى «يېڭى ھايات» تۈرمىسىگە ئېلىپ كېلىپ، مەن ياتقان كامېرىغا سولىغان ئېكەن.

قانلىق ئىنتىقام

كېيىن مېنى باشقا كامېرىغا يۆتكەشتى. بۇ ئارىلىقتا تالاي قېتىم يەر ئاستى سوراقخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ، سوال- سوراق قىلىشتى. ھەر خىل قىيناش ئۇسۇللىرى بىلەن ئازابلىدى، ئۇرۇپ- سوقتى. تاياقنى قانچە يېسەڭ، شۇنچە ئۈگۈنىپ قالىدېكەنسەن! سوراقچىلارنىڭ قانداق ئۇرۇدىغانلىغىنى، قەيەرگە ئۇرۇدىغانلىغىنى ئالدىن- ئالا بىلىپ تۇراتتىم. «ئۇرساڭ ئۇرۇش. بىزگىمۇ ئۇرىدىغان، سەن گۇيلار بىلەن ھېساب- كىتاب قىلىدىغان كۈنلەرمۇ كېلەر!»دەپ، ھېس- ھېس بولۇپ تۇرۇپ بېرىشتىن باشقا چارە يوق. ئۇلارنىڭ ئاناڭنى، ئاچا- سىڭلىڭنى قويماي ھەددى ھېسابسىز ئەسكى سۆزلەر بىلەن تىللاپ، ھاقارەت قىلىشلىرى تاياقتىنمۇ بەتتەر ژان- ژېنىمدىن ئۆتۈپ كېتەتتى. خەپ دەيسەن. ئاچچىق غەزىۋىڭنى ئىچىڭگە ژۇتىسەن. ئامال يوق!

ئۇلار مېنى قانچە ئۇرۇپ- سوقمىسۇن، قىيناپ- ئازابلىمىسۇن، نومۇسىمغا تېگىدىغان سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىمىسۇن، مەن شۇ باياقى بىر سۆزدىلا قاتتىق تۇرۇۋالاتتىم؛ «... بىلمەيمەن. ھېچ قايسىنى تونۇمايمەن. مەن فېۋرالü ۋاقىەسىگە قاتناشقىنىم يوق. چەت ئەل رادىولىرىنى تىڭشىغىنىم يوق!». شۇڭا سوراقچىلار مېنى ئۇرۇپمۇ زېرىكتى، ھاقارەتلەپمۇ تويۇشقان ئىدى.

بۇ قېتىم مەن ياتقان كامېرا ئۈچ قاتار سېلىنغان تۈرمە بېناسىنىڭ سول چېتىدىكىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكىلىرىدىن بىرسى ئىدى. يېرىم كېچىلەردىن كېيىن بۇلۇڭدىكى ئۆي تەرەپتىن غەيرىي ئاۋازلار ئاڭلىناتتى. ژىغا- زېرە نالىسى. ۋاي ژان، ۋاي دات! دېگەن ئاچچىق ئاۋازلار، ھەتتا بوۋاقلارنىڭ چېقىرىغان ئۈنلىرى بىلەن ئەر- ئاياللارنىڭ ئاھۇ- زارى، داد- پەرىياتلىرى، بىردە قاقاخلاپ كۈلگەن ئاۋازلىرى ئاڭلانغاندەك بولاتتى. بۇ خىل غەيرىي ئاۋازلار تىپ- تىنچ يېرىم كېچىلەردە ئادەمگە قورقۇنچ، ۋاھىمە سالاتتى. تېنىڭ شۈركۈنىپ، ئادەمگە تىترەك ئولىشاتتى...

بىر كۈنى يېنىمدا ياتقان بالىدىن سورىدىم.

- ھەي ئۇكا، سەن ئاڭلاۋاتامسەن، يېرىم كېچىلەردىن كېيىن ئەۋۇ چەتتىكى ئۆيدىن غەيرىي ئاۋازلار توختىماي كېلىدۇ؟ بىر دەم بوۋاقلارنىڭ چىرقىراپ ژىغلاشلىرى، بىردەم خوتۇن- قىزلارنىڭ ئاھۇ- زارى، بىر دەم ئەر كىشىلەرنىڭ داد- پەرىيادلىرى، ئاچچىق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ؟

- ھە، بۇ كامېرىغا كىرگەن دەسلەپكى كۈنلەردە ماڭىمۇ ئاشۇنداق ئاۋازلار ئاڭلانغاندەك بولاتتى. قورقۇپ كېتەتتىم. قۇلۇغىمنى ئېتىپ، بېشىمنى پۈركەپ يېتىۋالاتتىم. كېيىن ئاستا- ئاستا ئۈگۈنىپ قالدىم. ھازىر ئاڭلانمايدۇ. ئاڭلانمايدۇلا ئەمەس، بەزىدە ئۇيقۇم ئېچىلىپ، ئۇخلالماي قالسام، ئۇ ئۆي تەرەپتىن سەن دېگەندەك ئاۋازلار قۇلىغىمغا كىرىدۇ... قۇرüئان سۈرىلىرىدىن ئايەتلەرنى ئوقۇپ، دۇگا قىلىپ يېتىپ ئۇخلاپ قالىمەن. سەنمۇ شۇنداق قىلغىن، ئاكا؟- دېدى ئۇ بالا.

- ئۇ يەر تەكشى ژاي بولمىسا كېرەك؟- دەپ سورىدىم.

- ھە، شۇنداق ئېكەن. - دېدى ئۇ بالا. - سەن دېگەن ئۇ ئۆي قىرىق سەككىزىنچى كامېرا. ئىلگىرى ئۇ كامېرا سوراقخانا بولغان ئېكەن. مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، ئاشۇ سوراقخانىدا خېلى كۆپ ئادەملەر ئۆلگەن ئېكەن!

- شۇنداق دېگىن؟

- ھە، شۇنداق. قورىقماي ياتىۋەرگىن، ئاكا!...

تۈرمە دېگەڭە يامان ئادەملەرمۇ كىرىدېكەن، ياخشى ئادەملەرمۇ كىرىدېكەن!

تۈرمە دېگەندە يامان ئىشلارمۇ بولۇپ تۇرىدېكەن، ياخشى ئىشلارمۇ بولۇپ تۇرىدېكەن!...

بۇ كامېرىدا مەن ياخشى تونۇيدىغان بىر نەچچە تۇتقۇنلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار چوڭ بىر مەسىلە بىلەن قولغا ئېلىنغان سىياسىي مەھبۇسلار ئەمەس، بەلكى ژەمىيەتتە يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى ژىنايەتلەر بىلەن سولانغانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇناخۇن، توختى، روزاخۇن ئىسىملىك ژىگىتلەرنى مەن ياخشى توناتتىم. ئۇلارمۇ مېنى ياخشى بىلىشەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇناخۇن نوچى ژىگىتلەردىن ئىدى. ناھەقسىزلىك ئىشلارغا چىداپ تۇرالمايدىغان قۇناخۇن ۋىجدانلىق، ژىگەرلىك، مىللىي روھى، مىللىيى غۇرۇرى ئۈستۈن، قورقۇمسىز بالا ئىدى. ئۇ ئۆزى ژىتىم، يوقسىزچىلىقتا ئۆسكەنلىكتىنمۇ، ژىتىم- مۇساپىرلارغا، كەمبەغەل- نامراتلارغا بەك ئىچى ئاغرىيدىغان، قولىدىن كېلىشىچە ئۇلارغا ياردەم قىلىپ، قول ئۇچىنى بېرەتتى. توختى بولسا، ھېچ نېمىدىن قايتمايدىغان، ھېچ نەرسىدىن قورىقمايدىغان ۋىجدانلىق ژىگىت ئىدى.

- بىز سېنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىڭنى بىلگەن، - دېدى ئۇلار مېنى مۇشۇ كامېرىغا يۆتكىگەن بىرىنچى كۈنى. - سېنىڭ سىياسىي مەھبۇس ئاتالغىنىڭنىمۇ ئۇققان ئېدۇق. «يېڭى ھايات» تۈرمىسىدە سېنىڭ دەسلەپ قايسى كامېرىدا ياتقانلىقىڭنى، كېيىن سېنى خىتايلارنىڭ كامېرىسىغا سولىغانلىقىدىنمۇ خەۋىرىمىز بار. خىتاي مەھبۇسلار كۆپ بوزەك قىلمىغاندۇ سېنى؟

- ياق، ھېچ كىم بوزەك قىلغىنى يوق. - دېدىم ئۇلارنىڭ سوالىغا ژاۋابەن.

- بوزەك قىلغىنى يوق دېمە. - دېيىشتى ئۇلار. - خىتاي كامېرىغا كىرىپ قالىدىغان بولساڭ، ئۇلار ئايىماي ئۇرىدېكەن، موماڭنى كۆرسۈتىدېكەن؟...

- بىلمەيمەن، مېنى ھېچ كىم ئۇرغىنى يوق. باشقىلارنى ئۇرغان بولۇشى مۇمكىن؟- دېيىش بىلەن چەكلەندىم.

- ئۇرىدېكەن، ئۇرغاندىمۇ ئايىماي ئۇرىدېكەن!

- بىلمىدىم. كۆرگۈنۈم يوق. ماڭا ھېچ كىم قول كۆتەرگىنى يوق.

- بۇ ئاغىنىمىزمۇ ئانچا- مۇنچىسىگە بوزەك بولۇپ، قورقۇپ تۇرىدىغانلاردىن ئەمەستە.

- سىلەرنى نېمە ئۈچۈن سولاشتى؟- سورىدىم سۆھبەت ماۋزۇسىنى باشقا ياققا بۇراپ.

- ھازىر ئىلى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىككىسىنىڭ بىرسى تۈرمىدە!- دېدى توختى قايناپ سۆزلەپ. - فېۋرالü ۋاقىەسىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتقۇن قىلىش ۋاقتىدا، «يېڭى ھايات»تۈرمىسى، ئوبلاستلىق، ۋىلايەتلىك تۈرمىلەر بىلەن تۆتىنچى دىۋىزىيا تۈرمىسى تولۇپ كېتىپ، چاپچال تۈرمىسى، توققۇزتارا، تېكەس، نىلقا، قورغاس- سۈيدۈڭ، سارىبۇلاق، چەيلەڭزە، ھەم بىڭتۈۋەنلەردىكى تۈرمىلەر ياشلار بىلەن لىسسىدە تولۇپ تاشقانلىقىنى ئاڭلىغان ئېدۇق. ئاشۇ ياشلارنىڭ خېلى كۆپى ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن دېيىشىدۇ؟...

- سىلەرمۇ فېۋرالü ۋاقىەسىگە قاتنىشىپ قالغانمۇ؟- دەپ سورىدىم.

- ياقە، - دېدى قۇناخۇن. - ئەگەر ئۇنىڭغا قاتناشقان بولساق، ئۆلۈم ژازاسىغا ھۆكۈم قىلىناتتۇق ياكى ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كېتەتتۇق ياكى بولمىسا، ئۇزۇن مۇددەتلىك ياكى مۇددەتسىز تۈرمە ژازاسىغا ھۆكۈم قىلىناتتۇق... مۇشۇ غۇلژىنىڭ ئۆزىدە مەن بىلىدىغان، تونۇيدىغان تالاي بالىلار ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. ئەشۇلارنىڭ بېچارە ئاتا- ئانىلىرى بالىلىرىنىڭ يە ئۆلۈك، يە تىرىكلىكىنى بىلىشەلمەي، زار قاقشاپ ژۈرگەن. ساقچىغا بارسا، تۈرمىلەرگە بارسا، «سېنىڭ بالاڭنى بىز قولغا ئالغىنىمىز يوق. بىلمەيمىز!»دەپ مۈرىسىنى چىقىرىپ تۇرىدېكەن.

- ئۇنداق بولسا سەن، نېمە ژىنايەت بىلەن تۈرمىگە چۈشتۈڭ؟- دەپ سورىدىم.

- مەن بىر مۇناپىق، خاىننىڭ كېسىرىدىن گۇناسىز قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە چۈشتۈم. ئالتە ئايلىق كېسىشكەن ئىدى. قەرەلىممۇ تولۇپ قالدى. ئاللاھ بۇيرۇسا، بۇ يەردىن چىقىمەن. چىققاندىن كېيىن، ئاشۇ مۇناپىقنى، خاىننى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلتۈرىمەن! ئۇ مۇناپىقنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلتۈرۈشكە ئاللانىڭ ئالدىدا قەسەم قىلغانمەن! ئۇ مۇناپىق يالغۇز مېنى ئەمەس، ماڭا ئوخشاش، ساڭا ئوخشاش تالاي ئادەملەرنىڭ ئۇگالىغا قېلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇ خاىندىن تېز قۇتۇلمىساق، ئۇنىڭ زىيىنى تالاي ئادەمگە تېگىدۇ.

ئۇنىڭ سۆزىگە توختى قوشۇمچە قىلدى.

- مېنىڭمۇ بىر گۇيدىن ئالىدىغان قان قەرزىم بار. ئۇ كىم دېسەڭ، بۆكىنى ئېلىپ كەل دېسە، بېشىنى ئېلىپ بارىدىغان، چالا قۇيرۇق، «مېنىڭ ئاتاممۇ، ئاناممۇ كوممۇنىستىك پارتىيا»دەپ، تالاي ئادەمنىڭ ئۇگالىغا قېلىپ، تالاي ئادەمنى زار قاقشىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ساقچى! مېنىمۇ يالا- تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمىگە سولاتقان ئاشۇ گۇينىڭ بالىسى... شۇ چاغدا مەن ئۇ چالا قۇيرۇق ساقچىغا؛ «مەن بەرىبىر تۈرمىدىن بىر كۈنى چىقىمەن. چىققاندىن كېيىن، بېگۇنا ئادەملەرنىڭ پۇت- قوللىرىنى باغلاپ تۇتۇپ بېرىۋاتقان سەن ئەبلەخنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلتۈرىمەن، بۇنى سەن بىلمەي قالىسەن!»دېگەن ئىدىم. مەن ئاللانىڭ ئالدىدا قىلغان بۇ قەسىمىمنى بەرىبىر ئورۇنلايمەن!...

مەن ھە دېگەندە قۇناخۇن بىلەن توختىنىڭ بۇ قەتüئىي قارارىنى يە قوللاشنى، يە قوللىماسلىقنى بىلەلمەي قالدىم. ئەگەر بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشسا، بىر مۇناپىق، بىر خاىن، بىر شپىون ئازىيىدۇ. بىر چالا قۇيرۇق ساقچى، ۋىژدانىنى ساتقان، ئۆز مىللىتىنى ساتقان، مىللىتىگە ۋاپاسىزلىق قىلىۋاتقان بىر ئەبلەخ كېمىيىدۇ. تالاي گۇناسىز ئادەملەرنىڭ ھاياتى ساقلىنىپ قالىدۇ. ئامما، ئوت يۈرەك، ۋىجدانلىق، ئۆز مىللىتىنى سۆيگەن ۋەتەنپەرۋەر قەيسەر بۇ ئىككى ژىگىت نابۇت بولىدۇ. بۇ «قاتىللىق»ژىنايىتى ئۈچۈن ئۇلار ئۆلۈم ژازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.

ئەگەر بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشمىسا، ئۇ مۇناپىق، خاىن، ئەبلەخلەر شۇ خىل ۋىژدانى تازا، ژۈرىگىدە ئوتى بار تالاي ئادەملەرنى، ياشلارنى سېتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ. «بۇ خىزمەتلىرى»ئۈچۈن مۇكاپاتلىنىپ، راھەت- پاراغەتتە ياشاپ، كەيپە- ساپا سۈرۈپ ياشاۋېرىدۇ. ئۇ ئەبلەخلەرنىڭ زىيانكەشلىكلىرىگە ئۇچرىغانلار بولسا، تۈرمە- زىندانلاردا قىيناپ- ئازابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇددەتسىز ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە ژازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ياكى ئېتىپ ئۆلتۈرىلىشى ئوچۇق گەپ. شۇ چاغدا ئۇ بېچارىلەرنىڭ ئاتا- ئانىلىرى، قېرىنداشلىرى، ئاىلىسى—بالا- ژاقىلىرى زار قاقشاپ، بىر ئۆمۈر ھەسرەت چېكىپ ئۆتىدۇ دېگەن سۆز.

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى، مېنىڭچە، چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك! ئاشۇرغاندىمۇ، يوشۇرۇن ھالدا، ئارقىدىن ئىز قالدۇرماي ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن مەخپىي بەژىرىش لازىم.

مەن بۇ ئويۇمنى ئۇ ئىككى قەيسەر ژىگىتنىڭ ئۆزلىرىگىلا بىلدۈرگەندەك بولدۇم، خالاس!

ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، ۋاقتى- قەرەلى توشۇپ، قۇناخۇن تۈرمىدىن چىقتى. ژىگىرمە ئىككى كۈندىن كېيىن، توختى بوشىتىلدى. ھەر ئىككىسى ئەركىنلىككە، ئازادلىققا چىقىشتى.

«يولۋاس ئىزىدىن قايىتماس، ژىگىت سۆزىدىن»!

بۇ قۇناخۇن بىلەن توختىغا ئوخشاش ژىگىتلەرگە قارىتا ئېيتىلغان سۆز ئېكەن.

ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى لەۋزىدە تۇرۇشتى، ئاللانىڭ ئالدىدا قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنلىدى، قەتüئىي قارارىنى ئىژرا قىلىشتى!...

مانا بۇنى قەيسەرلىك، باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق دېيىشكە بولىدۇ!

ئۆز مىللىتى، ئۆز خەلقى، ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلۈمگە تىكىش كۆرۈڭەن ئوغۇل بالىنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدىدە؟!

بۇنىڭدىن ئارتۇق خەلقىنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش بولمىسا كېرەك!...

قۇناخۇن تۈرمىدىن ئەركىنلىككە، ئازادلىققا چىقىپ، ئارىدىن بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى دېگەندە، كامېرانىڭ تۆمۈر ئىشىكى شاراقلاپ ئېچىلدىدە، ئىككى گۇندىپاينىڭ ھەمرالىغىدا ئۇ تولىمۇ خۇش، ئۈستۈن كەيپىياتتا كىرىپ كەلدى.

- ئاھ، مانا ئەمدى مەن ئارمىنىمغا يەتتىم!- دەپ ئۇ ئىككى قولىنى غاز قانىتىدەك ئېگىز كۆتۈردى. - خەلقىمىز ئىچىدىكى بىر مۇناپىق، بىر خاىن- ساتقۇن ئازايدى!... خەلقىمىز ئۆز ئىچىدىن چىققان ئەشۇلارغا ئوخشاش مۇناپىق، خاىن- ساتقۇندىن قۇتۇلدى!

كامېرا ئىچىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ ھەممىسى ھاڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىشتى.

- بىر مۇناپىق، خاىندىن قۇتۇلدۇق!- دېدى ئۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئۈنلۈك سۆزلەپ. - ئاللانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولسام، مەيلى. ئەمدى مېنى ئېتىۋېتىدۇ؟ مەيلى، ئېتىۋەتسە ئېتىۋەتسۇن. مەن ئۆلۈمدىن قورىقمايمەن. بەرىبىر بىر ئۆلۈم! ئۇ دۇنياغا يورۇق ئۈز بىلەن بارىمەن. سەۋەب، مەن بىر مۇناپىق، خاىن- ساتقۇننى بۇ دۇنىيادىن يوق قىلدىم. خەلقىم بىر كۆيدۈرگە ئەبلەختىن قۇتۇلدى... مەن شۇنىڭغا خۇشالمەن. ئەمدى ئۆلسەممۇ مەيلى، ئارمىنىم يوق!

- قەيەردە، قانداق ئۆلتەردىڭ؟- سورىدى كامېرا ئىچىدىكىلەردىن بىرسى.

- تۈرمىدىن چىقىپ، بىر ئاز كۈن ئۆيدە دەم ئالدىم، - دېدى ئۇ. - يوغان بىر پىچاقنى ئېلىپ، راسا بىلەپ ئىشتىكلەتتىم. ئۇستىرىدەك ئۆتكۈر قىلىۋەتتىم. ئاندىن پىچاقنى قوينۇمغا سېلىپ، ئۇنى ئىزدىدىم. بىر نەچچە كۈن ئىزدەپ، ئۇچرىتالمىدىم. بىر كۈنى خىتاي بازىرى تەرەپتە كۆرۈپ قالدىم. «ھەي مۇناپىق، سېنىڭمۇ كۈنىڭ تۈگەۋاتىدۇ»دەپ ئۇنىڭ ئارقىسىغا چۈشتۈم. ئۆيىگىچە ئارقىسىدىن باردىم. ئۇ كۈنى ئۆلتۈرۈشكە قۇلايلىق پۇرسەت بولمىدى.

شۇنداق قىلىپ، ئۇ مۇناپىقنى تۆرت- بەش كۈن ئارقىسىدىن پايلىدىم. مەن ئۇنى ئادەم يوق يەردە يوشۇرۇن ئۆلتۈرمەكچى ئىدىم، بىراق قۇلايلىق پەيت تاپالمىدىم. «خەپ»دەپ ژۈرگىنىمدە، ئاشۇ كۈنى ئۇ يوشۇرۇن ھالدا مىرتلا قىلىپ، شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم. «سەن مۇناپىق بېكارغا كىرمەيسەن بۇ يەرگە»دەپ ئويلىدىمدە، ئۇنىڭ چىقىشىنى ژىراقتىن تۇرۇپ كۈتۈپ تۇردىم. بىرەر سااتتىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن چىقتى. بازار تەرەپكە قاراپ ماڭدى. مەن ئارقىسىدىن كېتىۋاتىمەن. غەزىۋىم قايناپ- تېشىپ، يېرىلىپ كېتەي دەپ تۇرۇۋاتىمەن.

ئۇ ئەبلەخ ئۇ ياق، بۇ يېقىغا تەشۋىشلىك قاراپ قويۇپ، بازارنىڭ ئىچىگە كىردى. ئۇسساپ كەتكەنمېكىن، دوغاپچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇردى. شۇندا كۆزىمگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمىدى... «سەن مۇناپىق، ئەبلەخقە بىر چىنە مۇزدەك دوغاپنىڭ ئۆزى ھارامدۇر!»دېدىمدە، ئۇ چىنىنى ئېلىپ ئاغزىغا ئاپارغۇچە ژۈگۈرەپ بېرىپ، ئارقىسىدىن چېچىنى ئۇچۇمداپ تۇتتىمدە، بېشىنى كەينىگە قايرىپ تۇرۇپ؛

- ھەي، مۇناپىق، مەن ساڭا ئېيتقانغۇ، سېنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلتۈرىمەن دەپ!- دەپ ۋارقىرىدىم.

ئۇ قورقۇپ كەتتى. كانىيىغا تەڭلەڭەن پىچاقنى كۆرۈشى بىلەن قولىدىكى چىنىنى تاشلاۋەتتى. بەزگەك ئادەمدەك دىرىلداپ تىترەپ، كۆزلىرى ئالاق- ژۇلۇق بولۇپ كەتتى.

- سادىغاڭ كېتەي، مېنى ئۆلتۈرمە؟- دەپ ئۇ يېلىنىپ- يالۋۇرۇشقا باشلىدى. - ساڭا نېمە كېرەك؟ ئاقچا كېرەك بولسا، ئاقچا بېرەي، مېنى ئۆلتۈرمە؟...

- ماڭا سېنىڭ ئاقچاڭ كېرەك ئەمەس، ژېنىڭ كېرەك؟!- ژەھلىم تېخىمۇ چىقىپ كەتتى. - سەن مۇناپىقمۇ ئۆلۈمدىن قورقىسەنكەنغۇ، ھە؟ سېنىڭ ساتقۇنلىغىڭدىن قانچە ئادەم ئۆلدى، قانچە ياشلار تۈرمىلەرگە سولاندى! شۇلارنى بىلەمسەن؟... تېخى ھازىرلا ساقچىغا نېمە ئۈچۈن كىرىپ چىقتىڭ؟... سەن ئەبلەخ مېنىڭ قولۇمدىن ئۆلۈسەن!- دەپ ۋاقىردىمدە، پىچاقنى بوينىغا سۈرىۋەتكىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەي قالدىم.

قىپ- قىزىل قان ئېتىلىپ چىقتى. بېشىدىكى چېچىدىن قولۇمنى بوشۇتىۋېدىم، ئۇ پالاققىدە يەرگە ژىقىلدى.

- ۋاي دات، ئادەم ئۆلدى، ئادەم ئۆلدى!- دەپ ۋارقىرىدى دوغاپچى. بىر پەستىلا ئادەملەر توپلىنىپ كەتتى.

- ھەي مۇناپىق، ژېنىڭ چىقمىدىمۇ تېخى؟!- دەپ ئۇنىڭ مەيدىسىگە بىر نەچچىنى دەسسىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى بەەينى گېلىگە پىچاق سۈرۈلگەن كالىنىڭ كۆزلىرىدەك ئالىيىپ، خارتىلداپ، چوشقىدەك چىرقىراپ ژان ئۈزدى. قولۇمدىكى قانغا بويالغان پىچاقنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىدىم. ساقچىنىڭ كېلىشىنى كۈتتىم. ھەيەل قىلماي بۇ يەردە ساقچى ئۈندى. ئۇ بوغۇزلاپ ئۆلتۈرىلگەن، يەردە قانغا مىلىنىپ ياتقان ئۆلۈكنى ۋە ئۇنىڭ بېشىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرغان مېنى كۆرۈشى بىلەن تاپانچىسىنى چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلدى.

- ھەي، تاپانچاڭنى چىقارماي قوي! مانا قولۇم، كويزاڭنى سال؟ ئاپىرىدىغان يېرىڭگە ئاپار! سەنلەرگە ئىشلىگەن مۇناپىق، خاىننىڭ كۈنى ئاقىۋەتتە مۇشۇنداق بولۇشىنى بىلىپ قويۇش!... ئەگەر سەن مېنى ھازىر بىر كاچات ئۇرىدىغان بولساڭ، سېنىمۇ ئۆلتۈرىمەن! ماڭا ئۆلۈم كېلىدۇ. سىلەر مېنى ئېتىپ تاشلايسىلەر، مەن ئۇنى ياخشى بىلىمەن؟!- دېگەڭە ئوخشاش سۆزلەرنى ۋارقىراپ تۇرۇپ، ھەممە ئاڭلىسۇن دەپ ئېيتتىم.

ھەش- پەش دېگىچىلا توپلىنىپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ بىر- بىرسىگە ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. ئۇلار شۇنداق سۆزلەرنى قىلىشتى؛

- مۇناپىق، خاىننى بوغۇزلاۋەتتى!...

- تولا ئوبدان ئىش بوپتۇ. مۇشۇنداق مۇناپىق، خاىنلارنىڭ ساتقۇنلىغىدىن مۇشۇ كۈنلەرگە قالغان خەلقمىز؟!...

- قالتىس بالا ئېكەندە بۇ! بىر ئادەمنى كۈپ- كۈندىزدە، بازاردا بوغۇزلاۋېتىپمۇ غورازدەك تۇرغىنىنى قارا؟!...

- ئۆزىمۇ ۋىجدانلىق، قەيسەر ژىگىت ئېكەن. ساقچىدىنمۇ قورىقماي دەۋاتقان سۆزلىرىنى قارا!...

- ئاتاڭغا رەھمەت، ژىگىتىم!...

- ئەمدى بۇ بالىنى ئېتىۋېتىدۇ. ئۇگال بولىدىغان بولدى-دە!...

مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمدا، ئۆزۈمنى باشقىچىلا ھېس قىلىپ، ھاياتىمدا ئەژايىپ بىر چوڭ، ئىزگۈلۈك ئىش قىلغاندەك تۇيغۇلار قەلبىمنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى، ئۆزۈمنى يېنىك سەزدىم...

كېيىن مېنى سوراق قىلىشتى. مەن ژەمىيەتتە بىر مۇناپىق، خاىن- ساتقۇننىڭ ئازايغانلىقىنى، ئۇ مۇناپىقنىڭ ئۆزىگە مەن «سېنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلتۈرىمەن!»دېگەن سۆزىمدە تۇرۇپ، ئاللانىڭ ئالدىدا قىلغان قەسىمىمنى ئورۇندىغانلىقىمنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا قانداق ژازا ھۆكۈمى چىقىرىلسا، مەن ئۇنىڭغا قارشى ئەمەسلىكىمنى ئوچۇق ئېيتتىم. مانا، ئاغىنىلەر، بولغان ئىش شۇ. - دەپ سۆزىنى تاماملىدى قۇناخۇن.

بىز ھەممىمىز خېلىگىچە ئۈن- تۈنسىز ئولتىرىپ قېلىشتۇق...

ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، قۇناخۇننىڭ قەھىرىمانلىغىنى قايىتماس ئىرادىلىك ژىگىت توختىمۇ تەكرارلىدى. گۇناسىز ئادەملەرنى زار قاقشىتىپ، خوژايىنلىرىغا خىزمەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئىككىنچى بىر مۇناپىق، چالا قۇيرۇق ئاكتىۋ ئۇيغۇر ساقچىنى توختى پىچاقلاپ ئۆلتۈردى...

بۇ قاتىللىق ژىنايەتلىرى ئۈچۈن قۇناخۇن مۇددەتسىز تۈرمە ژازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۇران كانلىرىدا ئىشلىتىشكە ئېلىپ كېتىلدى.

ساقچىنى ئۆلتۈرگەن توختى ئۆلۈم ژازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بۇ ھۆكۈم دەررۇ ئىژرا قىلىندى.

/////

ژۇدالىق

مېنى قولغا ئېلىپ، تۈرمىگە سولىغىنىغا توپ- توغرا بىر ژىل تولغاندا بوشىتىشتى. ئەركىنلىككە، ئازادلىققا چىقتىم.

ئاھ، ئەركىنلىك، ئازادلىق!

ئەركىنلىكنىڭ، ئازادلىقنىڭ قانداق نەرسە ئېكەنلىگىنى تۈرمىدە ياتقان ئادەم ياخشى بىلىدۇ. چاقناپ تۇرغان قۇياشقا قاراپ، كۆك ئاسمانغا بېقىپ، تازا ھاۋادىن تويۇپ- تويۇپ نەپەس ئالغانغا نېمە يەتسۇن؟! تۈرمىدە سەن ھەتتا موشۇنىڭ ئۆزىگە تەشناسەن، زارسەن!

بۇ ۋەيلۇن دوزىغىدىن ساق- سالامەت چىققىنىمغا ئاللاھغا مىڭلارچە شۈكرى دەيمەن. مەن تۈرمە ئىچىدە كۆپ ئىشلارنىڭ شاھىتى بولدۇم. قولغا ئېلىنغان نې- نې قىران ژىگىتلەر ئېتىپ تاشلاندى. مۇددەتسىز تۈرمە ژازالىرىغا ھۆكۈم قىلىندى. مۇددەتسىز ياكى ئون بەش- ژىگىرمە ژىلغا كېسىلگەن ژىگىتلەرنى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ھەسسىلەپ قىسقارتىدىغان ئۇران كانلىرىغا ئوخشاش ئەژەل ئوچاقلىرىدا ئىشلىتىشكە ئېلىپ كېتىشتى. ئابابەكرى ئابدۇمېژىتقا ئوخشاش بىلىملىك، ئەقىللىق، ژۇقۇرى سەۋىيىلىك، ۋەتەنپەرۋەر، ژىسمانىي ژەھەتتىن چېنىققان قىران ژىگىتلەرنى كارىغا يارىماس قىلىپ قويۇشتى... سوال- سوراق ۋاقىتلىرىدىكى قىيناپ- ئازابلاشلارغا، تاياق- توقماقلارغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن قانچە گۇناسىز ياشلار ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ ژەسەتلىرىنى ئاتا- ئانىلىرىغا بېرىشسە، بەزىلىرىنى بېرىشمەي، ئۆزلىرى يوشۇرۇن تۈردە كۆمۈپ تاشلاۋېتەتتى. «بالاڭنىڭ كونا كېسىلى بار ئېدىكەن، شۇ كېسىلى قوزغىلىپ، دوختۇرلارنىڭ شۇنچە قىلغان داۋاسى ئۈنۈم بەرمىگەنلىكتىن ئۆلدى. مانا دوختۇرنىڭ ئىسپات قەغىزى!»دېيىش بىلەن بالىلىرىنىڭ داۋاسىنى قىلىپ كەلگەن ئاتا- ئانىلارنىڭ ئېغزىنى تۇۋاقلاپ قوياتتى. ئۇ بېچارە ئاتا- ئانىلار تۇغۇلۇشىدىن ھېچ قانداق كېسىلى يوق بالىلىرىنى تۈرمىدە ئۇرۇپ، قىيناپ ئۆلتۈرىۋەتكەنلىگىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، نەگە بېرىپ، كىمگە داۋا- شىكايەت قىلىشلىرىنى بىلمەي، ئاچچىق ئەلىمىنى، دەردىنى ئىچىگە ژۇتۇپ، ئاھ ئۇرىشاتتى.

قانچە ژىگىتلەر مەژرۇھ، تىرىك ئۆلۈك ھالغا قېلىشتى. ئەسەبىلىرى بۇزۇلۇپ، ساراڭ- سودايى بولۇپ، كاردىن چىققانلىرىچۇ!...

مەن ئەشۇلارنى ئۆز كۆزىم بىلەن كۆرگەنلىكىمدىن، بېشىمدىن كەچۈرگەنلىكىمدىن، يەنە ئېيتىمەن، تۈرمىدىن تۆرت مۈچەم ساق، ئامان چىققىنىمغا ئاللاھغا مىڭ- مىڭ شۈكرى!

... ئۆيگە تېزرەك بېرىپ، ئانامنى كۆرۈشكە ئالدىراتتىم. ئانامنى بەك سېغىنغان ئىدىم. يانچۇغۇمدا سۇنۇق تىيىن بولمىسىمۇ، «ئۆيگە بارغاندا تۆلەۋېتىمەن»دېگەن ئوي بىلەن تاكسىغا ئولتاردىم...

شېرىن خىياللار ئىلىكىدە كېلىۋاتىمەن. تاكسى دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختايدۇ. ماشىنىدىن چۈشۈمەندە، «ئانا، مەن كەلدىم!»دەپ ھويلىغا ژۈگۈرەپ كىرىمەن. چايخانىدىكى قازان بېشىدا نېمىدۇ بىر ئىشلارنى قىلىپ ژۈرگەن ئانام؛ «ۋاي بالام، ژېنىم بالام، ساق چىقتىڭمۇ؟!»دەپ قۇچۇغىنى كەڭ ئېچىپ، ماڭا تەلپۈنىدۇ. مەن ئانامنىڭ ئىسسىق قۇچۇغىغا- - باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتىمەن...

ئانامنىڭ ئىچىگە ئولتىرىشقان مۇڭلۇق، غەمكىن كۆزلىرىدىن ژىپى ئۈزۈلگەن مونچاقتەك تۆكۈلۈۋاتقان ئاچچىق ياشلىرى—خۇشاللىق ياشلىرى ئۈزلىرىدىكى مەزگىلسىز چۈشكەن قورۇقلاردىن ئېرىقلار ھاسىل قىلىپ، بويۇنلىرىغا قۇيۇلىدۇ. مەن ئانامنىڭ خۇشاللىق ياشلىرى قۇيۇلۇۋاتقان ئاشۇ كۆزلىرىگە، ئۈزلىرىگە چوكۇلداپ، تويماي سۆيۈمەن. ئانامنىڭ كۆز ياشلىرى لەۋلىرىمنى ھۆل قىلىۋېتىدۇ. مەن مېھرىبانىمنىڭ كۆز ياشلىرىنى يالاپ، ژۇتاتتىم. ئۇ ياشلار مەن ئۈچۈن شورلۇق ئەمەس، ھەسەلدەك تاتلىق بىلىنەتتى. قانچە يالاپ، ژۇتقانسېرى شۇنچە راھەتلەڭەندەك بولاتتىم...

- ژېنىم قوزام، ساق چىقتىڭمۇ؟- ئانام باشلىرىمنى، ئۈزلىرىمنى توختىماي سىيپايدۇ. - توختىغىنا قوزام، يەنە بىر قاراۋالاي؟- دەپ بېشىمدىن تاپىنىمغىچە سىنچىلاپ قاراپ چىقىدۇ. كۆڭلى ئارام تاپقاندەك بولىدۇ. - ئېھ، قۇدرىتىڭ ئۇلۇغ ئاللاھ، بۇ يالغۇزۇمنى تۆرت مۈچۈسىدىن ئايرىماي، ساق- سالامەت ساقلىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا مىڭلارچە رەھمەت؟!- دەيدۇدە، شۇنىڭ ئۆزىدىمۇ ئۆز كۆزلىرىگە ئۆزى ئىشەنمەيۋاتقاندەك، ئايىغىمدىن بېشىمغىچە ھەممە ژايىمنى بىر قۇر سىلاپ، تۇتۇپ چىقىدۇ. - ئاللاھغا مىڭ قەتلى شۈكرى، ھەممە يېرىڭ ساق ئېكەن، قوزام؟- دەپ باغرىغا قايتىدىن باسىدۇ.

مەن ئانامنى قاتتىق قۇچاغلاۋالىمەن. قۇچاقلىغانسېرى قۇچاقلىغۇم كېلىدۇ. قۇچاقلاپ تويمايمەن. ئانامنىڭ ئورۇق، قاتاڭغۇر قاداق قوللىرىنى، ياق، مەن ئۈچۈن بودرۇق، پىلىكتەك يۇمشاق ئالىقانلىرىنى ئۈزلىرىمگە ياقىمەن، لەۋلىرىمگە باسىمەن. تويماي سۆيۈمەن. سۆيۈپ- سۆيۈپ تويمايمەن...

ئاھ، بۇ دۇنىيادا بۇنىڭدىن ئارتۇق راھەت، لەززەت، بەخت بولمىسا كېرەك؟!...

شۇ خىل شېرىن خىياللىرىم ژىپىنى شوفېرنىڭ «كەلدۇق!»دېگەن ئاۋازى ئۈزۈپ تاشلىدى. تاكسى بىزنىڭ ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىغان ئېكەن.

- مەن ھازىر ئاقچاڭنى ئەپچىقىپ بېرىمەن. - دەپ ماشىنىدىن چۈشتۈم. ئەتراپىمغا قارىدىم. كوچىدا چوڭ كىشىلەردىن ھېچ كىم كۆرۈنمەيدۇ. يەتتە- سەكىز ئۆي نېرىدىكى كۆك دەرۋازا ئالدىدا بىر نەچچە خوتۇن- قىزلار پاراڭلىشىپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭدىن بېرىراقتا بىر توپ ئۇششاق بالىلار بىر- بىرسىنى قوغلىشىپ، ۋارقىراپ- چېقىرىشىپ ئويناپ ژۈرۈشىدۇ. ئۇلارغا قاراپ ھەۋەسىم كەلدى.

- ئېھ، بالىلىق دېگەن قانداق ياخشى. غەم يوق، قايغۇ يوق، قورساق توق، ئويۇن بولسىلا بولدى!...

- ئانا، مەن كەلدىم!- دەپ ۋاقىرغىنىمچە ھويلىغا ئېتىلىپ كىردىم.

چايخانىدىكى ئوچاق بېشىدا ئاق ياغلىغىنى بېشىغا يېيىپ سېلىۋالغان ئانام ئەمەس، گۈللۈك قىزىل ياغلىغىنى چېكىلەپ تېڭىۋالغان ناتونۇش ياش ژۇگانغا كۆزىم چۈشتى. ئۇ ژۇگان ماڭا قاراپ تاڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.

ئارىدىن بىر نەچچە دەقىقە ئۆتتى.

- ھاي ئەخمەتژان، ئەخمەتژان!- دەپ ۋارقىرىغان ژۇگان ئۆيگە ئىشتىك كىرىپ كەتتى. مەن تۇرغان ژايىمدا تاڭ قېتىپ تۇرىمەن. ئەتراپىمغا قارايمەن. ھويلا شۇ ئىلگەركى ھويلا. قاتارسىغا سېلىنغان پېشايۋانىلىق ئۈچ خانىلىق ئۆي. ئۇنىڭ بىر خانىسى ئايرىم. بۇ خانىنىڭ ئىشىگىدە كىچىككىنە قۇلۇپ تۇراتتى. ناتونۇش ژۇگان كىرىپ كەتكەن ئىشىك ئىككى خانىلىق. ئۇنىڭ بىرسى دالان ئۆي، ئىچكىرىدىكىسى ساراي ئۆي ئىدى.

«ئانام قېنى؟ بۇ ژۇگان كىم؟ ئەخمەتژان دېگىنى كىم؟»- ئۆزۈمگە- ئۆزۈم سوال قويىمەن.

ھەيەل قىلماي ئىچكىرى ئۆيدىن ئوتتۇز ياشلار ئەتراپىدىكى ئاق ئۈزلۈك، قارا قويۇق چاچلىرىنى ئارقىسىغا تارىغان، پاكىز كىيىڭەن ناتونۇش كىشى ئالدىراپ چىقىپ كەلدى.

- ئەسسالامۇەلەيكۈم، كېلىڭ ئۇكام، كېلىڭ!- دەپ ئۇ ئىككى قولىنى سۇنغىنىچە مېنىڭ ئالدىمغا كەلدى.

بىز قول ئېلىشىپ، سالاملىشىپ كۆرۈشتۇق.

- سىز قەيسەر بولسىڭىز كېرەك؟- دەپ كۆزلىرىمگە تىك باقتى.

- ھە، شۇنداق. - دېدىم مەن ۋە باشقا گەپ قىلماي. - ئانام قېنى؟- دەپ سورىدىم.

ئۇ كىشى يېنىدا تۇرغان ژۇگانغا لاپ ئېتىپ بىر قاراۋالدىدە، ئاندىن؛

- ئانىڭىز تاغىڭىزنىڭ ئۆيىگە كەتكىنىگە بىر نەچچە كۈن بولۇپ قالدى. - دېدى تەمكىنلىك بىلەن.

«ئۇھ، ئاللاھغا شۈكرى»- پىچىرلىدىم ئۆزۈمگە- ئۆزۈم.

- قانداق، ساق- سالامەت چىقتىڭىزمۇ، ئۇكام؟- سورىدى ئۇ كىشى مېنى خاتىرژەم قىلغاندىن كېيىن.

- ئىنشااللا. - دېدىم.

- ژۈرۈڭ ئۇكام، ژۈرۈڭ، ئۆيگە كىرەيلى؟- تەكلىپ قىلدى ئۇ كىشى.

- ئاكا، خاپا بولماي تاكسىنىڭ كىرا ھەققىنى بېرىۋېتىپ تۇرسىڭىز. شوفېر ئىشىك ئالدىدا كۈتۈپ تۇرىدۇ.

- بولىدۇ، ئۇكام، بولىدۇ. - دەپ كوچىغا ئالدىراپ چىقىپ كەتتى ۋە ھەيەل قىلماي قايتىپ كىردى.

- قېنى ئۇكام، ئۆيگە كىرەيلى. بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىغۇ؟!...

بىز ساراي ئۆيگە كىردۇق. ئۆي ئىچىدىكى ژىھازلارغا قارايمەن. بىزنىڭ ئەمەس.

- سىلەرنىڭ بۇ ئۆيدە ئىژارىدە تۇرۇۋاتقىنىمىزغا بەش- ئالتە ئاي بولۇپ قالدى. - دەپ سۆز باشلىدى ناتونۇش بۇ كىشى. - ئانىڭىزغا ھەمراھ بولۇپ، ئانا- بالىدەك ياشاپ كېلىۋاتىمىز.

- ناھايىتى ياخشى بولغان ئېكەن. - دېدىم مەن ئانامنىڭ يالغۇز قالمىغىنىغا خۇشال بولۇپ. - ئانامنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ ئۆزى ئاغىرىقچاندى، سالامەتلىكى ياخشىدۇ؟

- ياخشى ئۇكام، ياخشى. - دەپ ئۇ ئېغىر خۇرسىندىدە، ئاندىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. - سىز بولمىغاندىن كېيىن ئانىڭىزنىڭ بۇ قورادا يالغۇز تۇرغۇسى كەلمەي قالغانمۇ بىلمەيمەن، كۆپرەك تاغىڭىزنىڭ ئۆيىگە كېتىپ قالىدۇ...

ئاھ، يالغۇزلۇق! يالغۇزلۇق، تەنھالىق قۇرىسۇن! يالغۇزلۇقنى ئىشىت- ئېشەككە بەرسۇن دەپ بىكار ئېيىمىغاندە؟ ئاللاھ مېنى نېمىشقا يالغۇز، تەنھا ياراتقان، ھە؟ ئەڭ بولمىغاندا يە ئاكام، يە ئىنىم، يە ھەدەم، يە سىڭلىمدىن بىرەرسى بولغان بولسا، ئانام ئىسسىق ئۆي- ماكانىنى تاشلاپ، ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلاپ، تاغامنىڭ ئۆيىگە كەتمەس ئىدى؟ تاغام بىلەن يەڭگەم قانچە كۈتۈپ، باققىنى بىلەن بەرىبىر ئۆزىنىڭ ئۆيىگە نەدىن يەتسۇن؟!...

- مەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ قوياي، ئۇكام. - دەپ سۆز باشلىدى ناتونۇش ئۇ كىشى. - ئىسمىم ئەخمەتژان. مۇشۇ مەھەللىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇئەللىم بولۇپ خىزمەت قىلىمەن. ئايالىمنىڭ ئىسمى زەيتۇنەم. ئۈچ ياشلىق بىر ئوغلۇمىز بىلەن بىر ياشقا كىرگەن بىر قىزىمىز بار. بالىلارنى مومىلىرىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان. ئاتا- ئانام ژېلىليۈزىدە تۇرىدۇ.

- بالا دېگەن قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى ئېكەن. - دېدىم مەن ئوچۇق- يورۇق ئەخمەتژان ئاكىنىڭ سەمىمىيلىكىگە رازى بولۇپ. - مانا مەن يالغۇزدىن يالغۇز بالا. يە ئاكا- ئىنىم، يە ھەدە- سىڭلىم يوق. تىكەندەك يالغۇزمەن! ئاتا- ئانامغا ئاللاھتاالا مېنىڭدىن باشقا بالا سۆيۈشنى بۇيرۇمىغان ئېكەن.

- توغرا دەيسىز، ئۇكام. بالا- ژاقا قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى. بىراق، بىزنىڭ سىياسىتىمىزدە ئىككىدىن ئارتۇق بالا تېپىشقا رۇخسەت قىلىنماسلىغىنى ئۆزىڭىزمۇ ياخشى بىلىسىز، - دەپ ئەخمەتژان ئاكا ئۇلۇغ- كىچىك تىندى.

شۇ ئارىدا ھەدىمىز كىردى-دە، ژوزا قويدى.

زەيتۇنەم ھەدىمىز بەك چاققان ئېكەن. ھەش- پەش دېگۈچە ژوزىنى چىرايلىق ياسىۋەتتى. بىر كورا ئەتكەن چاي ئېلىپ كىردى. گۆش بىلەن بەسەينى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇغان سەيدىن بىر تەخسىدىن ئېلىپ كىرىپ، بىر تەخسىنى مېنىڭ ئالدىمغا، بىر تەخسىنى يولدىشىنىڭ ئالدىغا قويدى.

- قېنى، ئۇكام، چاي ئېلىڭ!- دەپ چوڭ ئاپقۇردا چاي سۇندى.

- ئەتكەن چاينىمۇ سېغىنىپ قالغانسىز، ئۇكام؟- دېدى ئەخمەتژان ئاكا. - نان سېلىپ قوياي؟

- ھە، راسا سېغىندىم.

- قېنى، مونۇ سەيلەردىن ئېلىڭا، ئۇكام!- دەپ زەيتۇنەم ھەدەم سىرتقا چىقىپ كەتتى.

مەن ئاچچىق- چۈچۈك قورۇلغان سەي بىلەن مېيزىلىك تونۇر نان سېلىنغان قايماقلىق ئەتكەن چاينى ئىچىپ، راسا راھەتلەندىم.

- ئەمدى سىز، ئۇكام، بىر ئاز دەم ئېلىپ تۇرۇڭ. مەن تاغىڭىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارنى ئېلىپ كېلەي، - دەپ ئەخمەتژان ئاكا مېنىڭ ژاۋاۋىمنىمۇ كۈتمەي چىقىپ كەتتى.

ئەخمەتژان ئاكامدىن كېيىن مەنمۇ ھويلىغا چىقتىم. ھەممە نەرسە ئۆز ئورنىدا. ھويلا ئىچى سەرەمژان، پاكىز ۋە تازا. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇنلىغى ئالتە مېتىر، كەڭلىكى تۆرت مېتىر كېلىدىغان گۈلزارلىقتىكى رەڭمۇ- رەڭ ئېچىلىپ تۇرغان ئانامنىڭ گۈللىرىگە تويماي قارايمەن. رەڭمۇ- رەڭ ئېچىلغان گۈللەردىن تارىلىۋاتقان خۇش پۇراقلار دىماغقا ئۇرىلاتتى.

ئانام گۈلگە بەك ئىمراق. بىزنىڭ بۇ كىچىككىنە گۈلزارلىقىمىزدا گۈلنىڭ تۈر- تۈرى ئۆسىدۇ. چەتتىكى ئادەم بويى ئۆسكەن تاش گۈلنىڭ بىر شېخى نېمىشكىدۇ سولىشىپ، قۇرۇشقا باشلىغاندەك قىلىدۇ. «سۇ يەتمەيۋاتامدۇ نېمە؟»دېگەن ئوي بىلەن گۈلنىڭ تۈۋىگە قارايمەن. ياق، گۈللەرنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن سۇغۇرىلغانلىغى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. «بۇ ژانىۋارنىڭ بۇ شېخىغا نېمە بولغاندۇ؟»دەيمەن ئۆزۈمگە- ئۆزۈم. «ئانامنى سېغىنىپ قالغان بولسا كېرەك؟... »دېدىمدە، ئۆيگە قايتىدىن كىردىم. دىۋانغا ئۆزۈمنى تاشلىدىم...

ئەخمەتژان ئاكا بىلەن زەيتۇنەم ھەدە ئاتام بىلەن ئانامنىڭ ياش ۋاقىتلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگەندەك بولدى...

ئاتام ئەخمەتژان ئاكىغا ئوخشاش مۇئەللىم ئىدى. قەددىي- قامىتى كېلىشكەن، ئېگىز بويلۇق، ئاق ئۈزلۈك، چېچىنى كەينىگە تاراپ، پاكىز، چىرايلىق كىيىنىپ ژۈرىدىغان. ئۆزى ئىنتايىن كەمتەرىن، ئاق كۆڭۈل، خۇش چاقچاق كىشى ئىدى.

ئاتامنىڭ ئاغىنە، دوست- بۇرادەرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولىدىغان. بىزنىڭ ئۆيدىن مېھمان ئۈزۈلمەيدىغان. بۇ ئۆيلەردە كىملەر مېھمان بولمىغان دەيسەن؟! ئالىملار، ماارىپچىلار، يازغۇچى- شاىرلار، سەنüئەتكارلار بىلەن بىر قاتاردا غۇلژىنىڭ مەن دېگەن بەڭگە، قىمارۋاز، گاڭگۇڭلىرى ئاتامنىڭ ئەڭ يېقىن سۆھبەتداشلىرى ئىدى. ئۇلار ئاتامنىڭ مەيلى تارىختىن، مەيلى ئىلىم- پەندىن، مەيلى ئەدەبىياتتىن، مەيلى چوڭ- كىچىك ئىژتىماىي مەسىلىلەردە بولسۇن، ئېيتقان سۆزلىرىنى مەھلىيا بولۇپ تىڭشاتتى. بەزىدە ئۇلار بەس- مۇنازىرىلەرگە چۈشۈپ كېتەتتى.

مەرھۇم ئاتام دەيدىغان؛ «بۇ بەڭگە، قىمارۋاز، گاڭگۇڭ- نوچىلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئەژايىپ ئىنسانلار بار. ئۇلارنى چۈشىنىش كېرەك. ئۇلارنى چۈشەڭەن ئادەم ئۇلارنىڭ مەرد- مەردانىلىغىغا، ھەق گەپتىن قايىتماسلىغىغا، ئاق كۆڭۈللۈكىگە، ۋىجدان ئىگىسى ئېكەنلىگىگە قايىل بولماي مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ژۈرىگىدىكىسى ئېغىزىدىن چىقىدۇ. بەزى بىر ئىككى ئۈزلۈك، خۇشامەتچى، ئۆز مەنپىيىتىنىلا كۆزلەيدىغان زىيالىي- كادرلىرىڭغا قارىغاندا، ئۇلار نەچچە ھەسسە ئارتۇق ۋە مەن ئۈچۈن ئۇلۇغ، دەپ باھالاتتى. مەن ئاتامنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ھەيران قالاتتىم. ئاتامنىڭ ئۆزى ئىلمىي ئادەم بولۇپ تۇرغۇلۇق بەڭگە، قىمارۋاز، گاڭگۇڭ- نوچىلار بىلەنمۇ يېقىن ئاغىنە، دوست بولۇپ ژۈرۈشلىرىنىڭ بىكار ئەمەسلىكىنى چۈشەڭەندەك بولاتتىم.

ئاتام سەنüئەتكار ئىدى. دۇتار چېلىپ، ناخشا ئېيتاتتى. ناخشا ئېيتقاندىمۇ خەلق ناخشىلىرىنى بابىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان. شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئۆيدە پات- پات بولۇپ تۇرىدىغان ئولتىرىشلار ساز- ناخشىسىز ئۆتمەيدىغان...

زەيتۇنەم ھەدىنىڭ شۇ قىياپىتى ئانامنىڭ ياش ۋاقىتلىرىنىڭ ئۆزى ئىدى. ئانام ھەر دائىم گۈللۈك قىزىل ياغلىقلارنى بېشىغا چېكىلەپ تېڭىۋالسا، ئۆزىگە بەك يارىشاتتى. گۈل چىرايىنى تېخىمۇ گۈل- گۈل ئېچىۋېتەتتى... ئانام ئۆيگە مېھمان كەلسە، دەررۇ داستىخان ياياتتى. ئۆيىدە بارىنى مېھماننىڭ ئالدىغا قوياتتى. دەستىخاندىن قورۇنۇش دېگەننى بىلمەيدىغان. مېھمان كۈتۈشنى تولا ياخشى كۆرىدۇ. «مېھمان قانچە كۆپ كەلسە، ئۆيگە قۇت- بەرىكەت شۇنچە كۆپ كىرىدۇ»دەپ، ئاتامنىڭ ئاغىنىلىرى ۋە باشقا مېھمانلار كېلىپ قالسا، پاي پېتەكلا بولۇپ كېتەتتى.

مەن ئەينە شۇنداق ئاىلىدە چوڭ بولغان ئىدىم.

- قېنى مېنىڭ ئاشۇ ئەژايىپ ئاتام؟ ئۇ يوق! ئۇنى قارا يەر ئۆز قوينىغا ئالغان!...

- قېنى مېنىڭ ئانامنىڭ گۈزەل ياشلىقى؟ ئۇ يوق! ئۇنى ئانامنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەر ئېلىپ كەتكەن!...

كۆزىم ئۇيقۇغا كەتكەن ئېكەن...

بىزنىڭ ئۆيدە توي بولۇۋاتقانمۇ، بىلمەيمەن. كەڭ ھويلىنىڭ ئىچى تولغان ئادەم. ئۇزۇن پەشايۋانىغا گىلەم، كۆرپىلەر سېلىنغان. بىر چەتتە ئەركەكلەر، بىر چەتتە ئاياللار قاتارلىشىپ ئولتىرىدۇ. بىر توپ سازەندىلەر نەغمە- ناۋا قىلىشىۋاتىدۇ. قاتارسىغا ئولتىرىشقان مېھمانلارنىڭ ئىچىدە مەن تونۇيدىغان، بىلىدىغان ھەم تونۇمايدىغان ، بىلمەيدىغانلارمۇ نۇرغۇن. تاغامنىڭ قىز- ئوغۇللىرى بىلەن قولۇم- قوشنىلار ژۈگەرىشىپ، خىزمەت قىلىپ ژۈرۈشىدۇ. ئاتام بىلەن ئانام دەستىخاننىڭ ئەڭ تۆرىدە يانمۇ- يان ئولتىرىدۇ. ھەر ئىككىسى چىرايلىق كىيىنىپ ياسىنىۋاپتۇ.

- توۋا، خۇددى تويى بولۇۋاتقان ژىگىت- قىزدەك بۇلارنىڭ ژۇقۇرىغا چىقىپ ئولتۇرۇۋالغىنى نېمىسىدۇ؟- دەپ ئۇلارغا ھەيران بولۇپ قارايمەن.

بىر چاغدا ئاتام مېنى كۆرۈپ قالدى. ئورنىدىن ئىرغىپ تۇردى-دە؛

- مانا، مېنىڭ ئوغلۇم قەيسەرمۇ كېلىپ قاپتۇ!- دېدى كۆپچىلىككە قاراپ. - بۇ ياققا كەل ئوغلۇم، بۇ ياققا؟- دەپ چاقىردى مېنى يېنىغا.

مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا باردىم. ئاڭغىچە ئاناممۇ ئورنىدىن تۇردى.

- بۇ بىزنىڭ ئوغلۇمىز قەيسەر! ئانىسى ئىككىمىز ئوغلۇمىزغا قەيسەر دېگەن ئىسىمنى بىلىپلا قويغان ئېكەنمىز. ئىسمىغا ژىسمى ياراشقان بۇ ئوغلۇمىز ھەقىقىي قەيسەر ژىگىت بولۇپ ئۆسۈۋاتىدۇ. بارىكاللا ئوغلۇم ساڭا، بارىكاللا!- دەپ ئاتام مېنى توختىماي ماختىغاچ، باش- كۆزلىرىمنى سىيپاتتى.

«مېنى بۇنچىلىك ماختىغىدەك نېمە ئىش قىلدىمكېنە؟- دەيمەن ئۆزۈمگە- ئۆزۈم ۋە تۇرۇپلا ئويلايمەن- ھوي، بۇ ئاتام ئۆلۈپ قالغان ئېدىغۇ؟»

شۇ ئارىدا كىمدۇر بىرسى مېنى چاقىرىپ، بۇ سورۇندىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

بىر چاغدا قارىسام، مېھمانلار قايتىشىۋاتىدۇ. دەرۋازىنىڭ ئالدىغا خادۈك ھارۋۇ كېلىپ توختىدى. ئاتام بىلەن ئانام ھارۋىغا ئولتىرىشتى.

- سىلەر نەگە ماڭدىڭلار؟- دەپ سورايمەن ئۇلاردىن.

- مېھمانغا!- دېدى ئاتام بىلەن ئانام ۋە ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قويدى.

- چۇ، ژانىۋار!- ئاتام باشقا گەپ قىلماي ئاتقا قامچا ئۇردى.

بايا ھارۋۇنى ھايداپ كەلگەن ھارۋۇكەش نەگە كەتتى، بىلمەيمەن. خادۈك ھارۋۇ چاقلىرىنىڭ تاراقلىشى بىلەن قىزىل تورغا ئارغىماقنىڭ بوينىدىكى قوڭغۇراقلىرى ژاراڭلاشقا باشلىدى.

- توختاڭلار، توختاپ تۇرۇڭلار؟!- قاتتىق ۋارقىرىدىم. لېكىن مېھرىبانلىرىم ماڭا قايرىلىپ قارىمىدى... قۇلىغىمغا بىرلىرىنىڭ سۆزلىگەن ئاۋازلىرى ئاڭلاندى-دە، چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. بۇ چۈشۈم ئېكەن...

دېرىزىدىن ھويلىغا قارىدىم. تاغامنى، كىچىك ئانامنى كۆردۈمدە، ئورنۇمدىن ئىرغىپ تۇردۇم. ھويلىغا ژۈگۈرەپ چىقتىم.

- قەيسەر بالام، كەلدىڭمۇ؟- دەپ تاغام بىلەن كىچىك ئانام قۇچۇغىنى كەڭ ئېچىپ، ماڭا قاراپ ماڭدى.

بىز قۇچاغلىشىپ، سۆيۈشۈپ كۆرۈشتۇق.

- قانداق بالام، ئۆزۈڭ ياخشىمۇ، سالامەتمۇ؟

- ھەممە يېرىڭ ساقتۇ؟ بىرەر ژايىڭ مېيىپ بولۇپ قالمىغاندۇ؟

- ئاللاھغا مىڭ قەتلى شۈكرى، ئۆزۈڭ ئامان ئېكەنسەن، ھەممە يېرىڭ ساق ئېكەن!- دېيىشتى ئۇلار مېنىڭ ئايىغىمدىن بېشىمغىچە سىنچىلاپ باققان ھالدا ۋە ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىمنى تۇتۇپ كۆرۈپ.

- ئانام قېنى، ئانام؟- ئانامنى كۆرۈشكە تاقىتىم تاق بولۇپ كېتىۋاتاتتى.

- ئاناڭ، ئاناڭ... ئاناڭدىن ئايرىلىپ قالغان ئېدۇق، ئوغلۇم!...

- نېمە، نېمە؟...

- شۇنداق، ئوغلۇم. ئاناڭ بىزنى، سېنى تاشلاپ كەتتى!- تاغام ھۆكۈرەپ ژىغلاۋەتتى.

- ئا- نا- ئا- ئا!- ژېنىمنىڭ بارىچە ۋاقىراۋەتتىم...

شۇندا ئاسماندا قارس قىلىپ چاقماق چېقىلغاندەك، ئۇ چاقماق مېنىڭ بېشىمغا چۈشكەندەك، بېشىمغا چۈشكەن چاقماق مىيەمدىن كىرىپ، پۈتۈن ئىچ- ئىچىمنى كۆيدۈرۈپ، تاپىنىمدىن چىقىپ كەتكەندەك بولدى...

- ئا- نا- ئا- ئا، ژېنىم ئانا، ئالتۇنۇم ئانا!... مېنى يالغۇز تاشلاپ كەتتىڭمۇ، ئانا؟!... مېنى نېمە قىلسۇن دېدىڭ، ئانا؟!. . - ھويلىنى بېشىمغا كىيىپ، ھۆكۈرەپ ژىغلاۋەتتىم...

بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى يۈرەك- باغرىم كۆيۈپ، ئېچىشىپ، ئۆزۈمنى يوقاتقان ھالدا ئىككىنچى قېتىملىق قاتتىق ژىغىلغىنىم ئىدى.

ئاتامدىن ئايرىلغاندا ئۆزۈمنى ئاتار، قويار ژاي تاپالماي ئاھ ئۇرۇپ، بوزلىغان بولسام، مانا ئەمدى مېھرىبانىم، كۆيۈمچانىم، قەدىردانىم، كۆز نۇرۇم، بايلىقىم- بەختىم يالغۇز ئانامدىنمۇ مەڭگۈگە ژۇدا بولۇپ، يۈرەك- باغرىمنى ئۆرتەپ تاشلىغان بۇ ژىغا—ئاھۇ- زارىم ئىككىنچى قېتىم يەنە تەكرارلانغان ئىدى...

قايمۇقۇش

شۇنداق قىلىپ، ئانامدىنمۇ مەڭگۈگە ئايرىلدىم.

كۆيۈمچان ئانامنى ئاخىرقى سەپەرگە ئۆز قولۇم بىلەن ئۇزۇتالمىدىم. قەبرىگە يەتتە كەتمەن توپا تاشلالمىدىم. پەرزەنتلىك بورچۇمنى ئۆتەلمىدىم!...

مېھرىبانىمدىن ئايرىلىپ، تېخىمۇ تەنھا ژىتىم بولۇپ قالدىم!

بۇ نېمە دېگەن ئېغىر كۈن! مۇنداقمۇ كۈنلەر بولىدېكەن؟

مۇشۇنداق ئېغىر ژۇدالىقتا، غېرىپچىلىقتا ئاسقاق- چولاق بولسىمۇ، بىر قوساقتا ياتقان بىرەر قېرىندىشىڭنىڭ بولغىنىغا ھېچ نەرسە يەتمەس ئېكەن؟! ئۇمۇ يوق مەندە!... تاغا دېگەن، تاغا دە! بىر قوساقتا ياتمىدۇقتە، ئاخىر!

بۇ كەڭ دۇنيا مەن ئۈچۈن تار سېزىلەتتى، يورۇق ژاھان مەن ئۈچۈن قاراڭغۇ زۇلمەتتەك بىلىنەتتى.

پانى دۇنيا دەپ ئاتالغان بۇ يورۇق ژاھاندىكى ھاياتنىڭ قىزىغىمۇ، مەنە- مەزمۇنىمۇ، قەدىر- قىممىتىمۇ مەن ئۈچۈن تۈگۈگەندەك ئىدى!...

تاغامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، مېنى تۈرمىگە ئېلىپ كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، بېچارە ئانامنىڭ كۆز يېشى قۇرىماپتۇ. بىر ئايغا يېقىن تۈرمىنىڭ ئالدىدىن كەتمەپتۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە كىچىككىنە تۈگۈچىنى قولتۇقىغا قىسىپ تۈرمىگە بارىدېكەن.

- مېنىڭ بالام مۇشۇ تۈرمىدە ئېكەن. بالام بىلەن كۆرۈشتۈرسەڭلار؟- دەپ تۈرمە باشلىقلىرى بىلەن ئۇ يەرگە كىرىپ- چىقىۋاتقان ھەربىيلەر ھەم ساقچىلارغا يالۋۇرۇپ- يېلىنىدېكەن. بىراق، بۇ بېچارە موماينىڭ ھال- مۇڭىغا يېتىۋاتقان، ئۇنى تىڭشاۋاتقان ئادەم يوق.

بىر كۈنى تۈرمە باشلىقى چىقىپ؛

- ھەي، ئايلاڭزا، سەن ئەمدى بۇ يەرگە باشقا كەلمە؟! سېنىڭ بالاڭ سىياسىي مەھبۇس!... سىياسىي مەھبۇسلار بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت يوق. ئۆيىڭگە كەت، باشقا كەلمە؟!- دەپ قەتüئىي سۆز قىپتۇ.

- ئۇنداق بولسا، ئاناڭ كەلدى، دەپ ئېيت، مونۇ نان- توغاچنى، تاتلىق- تۇرۇملارنى بولسىمۇ ئەكىرىپ بەرگىن؟- دەپ يېلىنىپ- يالۋۇرۇپتۇ ئانام.

- ياق، بولمايدۇ. سىياسىي مەھبۇسلارغا مۇنداق نەرسىلەر ئەكىرىپ بېرىلمەيدۇ!

- مېنىڭ بالام سىياسىي مەھبۇس بولغۇدەك نېمە ئىش قىپتۇ؟

- ھەي، ئايلاڭزا، سەن تولا گەپ قىلما. ئۆيىڭگە كەت! ئەگەر سەن بالاڭنى سىياسىي مەھبۇس ئەمەس دېسەڭ، بالاڭ گۇناھكار بولمىسا بىر كۈنى قاماقتىن ئازاد قىلىنىدۇ. ھازىر بالاڭ سوال- سوراقتا . سۆز تامام!- دەپ كىرىپ كېتىپتۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن ئانامنىڭ ھەر كۈنى تۈرمىگە بېرىپ، تۈرمە دەرۋازىسى ئالدىدا سااتلاپ- سااتلاپ تەلمۈرۈپ، كۆز ياش قىلىپ ئولتىرىشلىرى توختاپتۇ. كۈن ئۆتكەنسېرى بېچارە ئانامنىڭ تەشۋىش- ئەندىشىلىرى، قورقۇش- ۋاھىمىلىرى ئاشقان ئېكەن.

- ئاڭلىشىمچە، سىياسىي مەھبۇس دەپ قولغا ئېلىنغانلار تۈرمىدىن ساق چىقمايدېكەن. ساق چىققان تەقدىردىمۇ مېيىپ ، ياكى ساقايماس كېسەلگە ئۇچراپ، ياكى ساراڭ- سودايى بولۇپ چىقىدېكەن؟- دەپ قاخشاتتېكەن ئانام. - پالانچىنىڭ بالىسى سىياسىي مەھبۇس بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم ژازاسى بېرىپ، ئېتىۋېتىپتۇ. پۈكۈنچىنىڭ بالىسىنى مۇددەتسىز تۈرمە ژازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، تارىم تەرەپكە ئېلىپ كېتىپتۇ؟...

- ھەدە، سەن كۆپ قايغۇرىۋەرمىگىن. - دەيدېكەن تاغام ئانامنى خاتىرژەم قىلىشقا تىرىشىپ. - سىياسىي مەھبۇس ئاتالغان ئۇ بالىلار باشقا. قەيسەر بولسا تېخى ياش، ھۆكۈمەتكە قارشى ئىشلارغا ئارىلىشىپ كەتكىدەكمۇ بالا ئەمەس. فېۋرالü ۋاقىەسىدە قەيسەر غۇلژىدا بولغان يېرى يوققۇ، ئۇنى ئۆزۈڭ ياخشى بىلىسەن؟... بۈگۈن- ئەتە، ئاللاھ بۇيرۇسا بوشۇتۇۋېتەر دەيمەن.

- ئىلاھىم، ئاغزىڭغا شېكەر! قەيسەر ئوغلۇم تۈرمىدىن ساق- سالامەتلا چىقسا بولاتتى؟ بەش ۋاق نامىزىمدا، كېچە- كۈندۈز ئاللاھدىن بالامنىڭ ئامانچىلىغىنى سوراۋاتىمەن... مۇشۇ غۇلژىنىڭ ئۆزىدە مەن بىلىدىغان قانچە ئادەمنىڭ ئوغۇل- قىزلىرىنى ئاشۇ فېۋرالü ۋاقىەسىدىن كېيىن تۇتۇپ كېتىشتى. ئاتا- ئانىلىرى بالىلىرىنىڭ قايسى تۈرمىدە ئېكەنلىگىنى، تىرىك ياكى ئۆلۈك ئېكەنلىگىنى، بۇ دۇنىيادا بار- يوقلىغىنى بىلەلمەي، قان ژىغلاپ ژۈرۈشىدۇ ئۇ بېچارىلەر؟! تۈرمىلەرگە بارسا، «ئۇنداق ئادەم بىزدە يوق. بىز بالاڭنى كۆرمىدۇق، بىلمەيمىز»دەپ قوغلاپ چىقىرىدېكەن؟

- ساڭا ئۇنداق دېگىنى يوققۇ؟... «بالاڭنى سوال- سوراق قىلىۋاتىدۇ، مەسىلىسى بولمىسا چىقىرىۋېتىدۇ»دەپ ئېيتىپتىغۇ. شۇنداق بولغاندىن كېيىن سەن ئەمدى كۆپ ژىغلاپ، ئاھ ئۇرىۋەرمىگىن؟ ئۆزۈڭنى ئايا، ھەدە، سەن ئوغلۇڭ قەيسەرگە كېرەك، بىزگە كېرەك؟!

- سەن ماڭا ئېيتمىغىنىڭ بىلەن مەن ھەممىنى ئاڭلاپ، بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن قورقىمەن. - دەپتۇ ئانام بىر كۈنى تاغامغا. - غۇلژا دۆڭ مەھەللىك ئابدۇمېژىت دېگەن بالىنى سىياسىي مەھبۇس دەپ قولغا ئالغان ئېكەنغۇ؟ ئاشۇ بالىنى؛ «ژەمىيەتتە قالايمىقانچىلىق چىقارغان بۇزۇق ئۇنسۇر، مىللىي بۆلگۈنچى، فېۋرالü ۋاقىەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قۇتراتقاچىلارنىڭ بىرسى»دەپ، ئۆلۈم ژازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئېتىۋېتىپتۇ... راست- يالغانلىقىنى بىلەلمىدىم، ئاڭلىشىمچە، ئاشۇ بالىنىڭ ئانىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىككى قات ئايالىنىمۇ تۈرمىگە سولىغان ئېكەن... مانا كۆردۈڭمۇ، بۇ ۋەھشىلەردىن ھەر نەرسە كۈتۈشكە بولىدۇ!... ئېھ ئاللاھ، ئوغلۇم قەيسەرنى ئۆزۈڭ ساقلىغايسەن؟- دەپ بېچارە ئانام كېچە- كۈندۈز ئاھ ئۇرۇپ، ئاللاھغا نالە قىلىپ، ئاللاھدىن نىژاتلىق تىلەپ، ئاللاھدىن مېنىڭ تۈرمىدىن تۆرت مۈچەم ساق، ئامان- ئېسەن چىقىشىمنى سوراپ كۈنى ئۆتكەن ئېكەن.

مېنىڭدىن تىرىك ئايرىلغان ئانام مېنىڭ تەغدىرىمدىن ئەنسىرەپ، ۋاھىمە قىلىپ، دەرد- ھەسرەتتە كۈندىن- كۈڭە ھالسىزلىنىپ، كونا كېسىلى قوزغىلىپ كېتىپتۇ. ئاخىرى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئېكەن. دوختۇرلارغا داۋالىتىپتۇ. شۇنچە داۋا شىپا بولمىغان ئوخشايدۇ. ئاخىرى ئانام؛ «بالام، قوزام، يالغۇزۇم!... »دەپ ئاھ ئۇرۇپ، مېنىڭ دىدارىمنى كۆرۈشكە زار بولۇپ، بۇ بېۋاپا دۇنىيادىن ئارمان بىلەن كۆز ژۇمغان ئېكەن...

بۈك- باراقسانلىشىپ، كۆكۈرىپ تۇرغان قۇچاق يەتمەس بىر تۈپ دەرەق بىر كۈنى قاتتىق بوراندىن گۈپلا قىلىپ غۇلاپ چۈشىدۇ. قارىساڭ، سىرتى—غوزىغى پۈتۈن- بىژىرىم، قۇرىمىغان. ئامما، تۈۋىدىن تارتىپ خېلى يېرىگىچە ئىچى كاۋاكلىشىپ، سېسىپ- چىرىپ كەتكەن. كىچىككىنە قۇرۇت شۇنچە چوڭ دەرەقنى ئىچىدىن يەپ، تامام قىلغان. بۇنى، ئەلۋەتتە، تەبىەتنىڭ قانۇنى دەپ قويۇشىدىكەن.

تۈرمىدە ياتقان ئوغلىنىڭ ھاياتىدىن، تەغدىرىدىن ئەنسىرەپ، تەشۋىشلىنىپ، قورقۇپ، بىر ئاللاھدىن نىژاتلىق تىلەپ، كېچە- كۈندۈز ئاھ ئۇرۇپ، ھەسرەت چېكىشلەر دەرەق ئىچىگە چۈشكەن ئاشۇ قۇرۇت مىسالى ئانامنى ئىچىدىن يەپ، زېدە قىلىپ تامام قىلغان ئېكەن... بۇنى كىمنىڭ، نېمىنىڭ قانۇنى دېيىش مۇمكىن؟!...

تۈرمىدىكى خىلمۇ- خىل ۋەھشىيانە ئۇسۇللار بىلەن قىيناپ- ئازابلاشلاردىن قۇتۇلۇپ، ئەركىنلىككە، ئازادلىققا چىققاندىن كېيىنمۇ، ھاياتىمىدىكى ئېغىر كۈنلەر باشلاندى.

ئۇ ئېغىر كۈنلەر يالغۇزلۇق ئىدى!...

ھەر كىمنىڭ ئانىسى ئۆزىگە ئەزىز. بىراق، مېنىڭ ئانام، مەن ئۈچۈن دۇنىيادىكى ئەڭ مېھرىبان، ئەڭ كۆيۈمچان، ئەڭ گۈزەل، چىرايلىق ئانا ئىدى!

- بالام، كۆز نۇرۇم، قوزام، يالغۇزۇم مېنىڭ!- دەپ ئانامنىڭ مېنى باغرىغا بېسىپ، ئۈزلىرىمنى، باشلىرىمنى سىيپاپ، بارماقلىرىنى تاغاق قىلىپ چاچلىرىمنى تاراپ ئەركىلىتىشلىرىنى، ماڭا ئاللاھدىن ئۆمۈر، بەخت تىلەپ پېشانەمگە سۆيۈپ قويۇشلىرىنى، بۇنداق ۋاقىتلاردا مەن ئۆزۈمنى ئانامنىڭ ئىسسىق باغرىغا تېخىمۇ چاپلاپ، ئانامنى قويۇپ بەرگۈم كەلمەي مەككەم قۇچاغلاۋېلىپ، ئانامنى ھىدلاپ، ئەركىلەپ، ئۈز- كۆزلىرىگە چوكۇلداپ سۆيگەنلىرىمدە، مېنىڭ كۆيۈمچان ئانامنىڭ بەخت- سائادەتكە، شادۇ- خوراملىققا چۆمۈلگەنلىكى زادى- زادى كۆز ئالدىمدىن كەتمەتتى.

يۈرەك- باغرىم كۆيۈپ، ئېچىشىپ كېتىدۇ...

دۇنىيادا ئانىدىن ئۇلۇغ، ئانىدىن ئەزىز ھېچ نەرسە يوق ۋە بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى مەن ئانامدىن مەڭگۈگە ئايرىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئوبدان ھېس قىلىشقا، بىلىشكە باشلىغان ئىدىم.

«ژەننەت نەدە؟»دەپ سوراشسا، «ژەننەت ئاناڭنىڭ تاپىنى ئاستىدا!»دەپ قويۇشىدېكەن؟!

«ئاناڭنى بىر ئەمەس، يەتتە قېتىم مۈرەڭگە ئارتىپ مەككە- مۇكەرەممە، مەدىنە- مۇناېۋەرىگە ئاپىرىپ كەلسەڭمۇ، ئاناڭنىڭ ئاق سۈتىنى ئاقلاپ بولدۇم»دەپ ھەرگىز ئويلىما، دېيىشىدېكەن؟!

ھە، ئاشۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ، ئۇلۇغ ئانىنىڭ خىزمىتىدە بولالمىغانلىغىم، ئانامنى رازى قىلالمىغانلىغىم، دۇگاسىنى ئالالمىغانلىغىم ماڭا تولىمۇ ئەلەم قىلاتتى. ئامال قانچە، بەختى قارا مېنىڭ بۇ شور پېشانەمگە يېزىلغىنى شۇ ئوخشايدۇ؟ بەلكىم، تەغدىرنىڭ يازمىشى دېگىنى شۇ بولسا كېرەك؟

ئۈچ- تۆرت كۈن ئۆيدىن چىقمىدىم. چىققۇممۇ كەلمىدى. ھېچ كىم بىلەن كۆرۈشۈشنى ۋە سۆزلىشىشنى خالىمىدىم. نېمىشقا؟ بىلمەيمەن. تەنھالىقنى خالاپ قالدىم. يەككە- يېگانە ئولتىرىپ، چەكسىز ئوي- خىياللار دېڭىزىدا ئۈزۈمەن. كۈچلۈك دولقۇنلار بىردە ئۆز ئۈستىگە چىقىرىۋالسا، بىردە قوينىغا ئېلىپ، چەكسىز دېڭىزنىڭ تۈۋىگە چۆكتۈرۈۋېتەتتى. بۇنىڭدىن گاھ راھەتلەنسەم، گاھ ئازابلىناتتىم...

ئاتام بىلەن ئانامنى يوقلاپ، ئۈچ كۈن ئۇدا قەبىرستانلىققا باردىم. بىرىنچى كۈنى تاغام باشلاپ ئاپاردى.

- ئاناڭنى ئاتاڭنىڭ يېنىغا يەرلىدۇق، بالام. - دېدى تاغام قوش قەبىرنىڭ يېنىغا كەلگىنىمىزدە. - قارىسام، ئاتاڭنىڭ يېنىدا بىر كىشىلىك بوش ژاي بار ئېكەن. بۇنى كۆرۈپ خۇشال بولدۇم. مۇشۇ يەرگە يەرلەيلى، ئەر- خوتۇن ئىككىسى بىر يەردە ياتسۇن دېدىم... ئاتاڭ بىلەن ئاناڭ بۇ يورۇق دۇنىيادا بەك ئىناق، بىر- بىرسىگە مېھرىبان، خۇش ۋاق ئۆتۈشكەن ئەمەسمېدى؟...

تاغامنىڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم. دەسلەپ بىقىلداپ، ئاندىن ئۆپكىدەپ، كېيىن ئۈن سېلىپ ژىغلاۋەتتىم.

- ۋاي ئاتام، ۋاي ئانام، مېھرىبان ئانام!...

يېنىمدا ئولتارغان تاغاممۇ ئۆزىنى تۇتالماي، بىر پەس ئۈن چىقارماي ئىچىدە ژىغلاۋالغاندىن كېيىن؛

- بولدى، بالام، سەۋر قىل؟ قانداق قىلىمىز، ئىلاژ يوق، ئاللانىڭ تەقدىرى!- دېدى مۈرەمدىن تۇتۇپ، ماڭا سەۋر تىلىگەچ. - مەن بىر قۇرüئان ئوقۇپ قوياي؟

تاغام ئۇزاق، چىرايلىق قىراەت قىلدى...

ئاتام بىلەن ئانامنىڭ يېنىغا ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىمدا ئۆزۈم يالغۇز باردىم.

قوش قەبىرنىڭ ئالدىدا ئولتىرىپ قۇرüئان ئوقۇيمەن. مەرھۇم ئاتام بىلەن ئانامنى ئويلاپ، ئۇزاقتىن- ئۇزاق خىيال سۈرۈپ ئولتىرىمەن. ھەم شېرىن، ھەم ئازابلىق تۈگىمەس ئوي- خىياللار بىرسىنىڭ كەينىدىن بىرسى تىزىلىپ كېلىۋاتقان. ئېسىمنى بىلگەن بالىلىق دەۋرىمدىن تارتىپ، بۇ ئەزىزلىرىمدىن مەڭگۈگە ئايرىلغان كۈنلەرگىچە بولغان ھەممە نەرسىلەر بەەينى كۆز ئالدىمدىن بىر- بىرلەپ تىزىلىپ ئۆتەتتى. مەڭگۈ ئەستىن چىقماس ئاشۇ خاتىرىلەر مېنى بىردە خۇشال قىلىپ، مېنى ئەڭ بەختلىك بالىلار قاتارىغا قوشسا، بىردە ئاھ ئۇرغۇزۇپ، ئەڭ بەختسىز بالىلار قاتارىغا قوشۇۋېتەتتى.

قەبىرستانلىققا ئۈچىنچى قېتىم بارغىنىمدا، خا ئىشەن، خا ئىشەنمە، ئەژايىپ بىر ۋاقىە بولدى.

ئاتام بىلەن ئانامنىڭ قوش قەبىرى ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتىرىپ، قۇرüئان ئوقۇدىم. ئۇلارنىڭ ياتقان يېرىنىڭ ژەننەتتە، روھىنىڭ ئەرشىدە بولۇشىنى ئاللاھدىن تىلەپ، ئۇزاقتىن- ئۇزاق دۇگا قىلدىم.

بىر چاغدا، بەەينى كىنولاردىكىدەك ئىش بولدى.

ئاپئاق كىيىنىۋالغان ئاتام بىلەن ئانام چۆچەكلەردە تەسۋىرلىنىدىغان ئۇچار گىلەمنىڭ ئۈستىدە بىر- بىرسىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇشقان پېتى تىك تۇرغان ھالدا ئەرشىدىن ئۇچۇپ كېلىپ، قەبىرنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.

- ژېنىم ئاتا، ژېنىم ئانا!...

ئورنۇمدىن ئىرغىپ تۇرۇپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن... ئۇلارغا قاراپ ئىنتىلدىم. ئالدىمدا پەيدا بولغان تام ئەينەك مېنى ئۇلار تەرەپكە ئۆتكۈزمەي قويدى. «بۇ چۈشىممۇ يە ئوڭىممۇ؟»دەيمەن ئۆزۈمگە- ئۆزۈم. ياق، بۇ چۈش ئەمەس، ئوڭۇم! ئالدىمدىكى تام ئەينەككە ئالىقانلىرىمنى يېقىپ ئىشتىرىمەن. مىدىرلىمايدۇ. ئاتام بىلەن ئانام يەردىن ئىككى- ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتە، ئۇچار گىلەمنىڭ ئۈستىدە شۇ باياقى پېتىچە ماڭا قاراپ تۇرىدۇ.

ئارىدىن قانچە ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن. بىر چاغدا ئاتام سۆزلىدى. خۇددى ھايات ۋاقتىدىكىدەكلا سۆزلىدى.

- ئوغلۇم، قەيسەر! مەن سېنىڭدىن رازى، ئاناڭمۇ رازى! سېنىڭ ئىسمىڭنى بىلىپلا قەيسەر قويغان ئېكەنمىز. ئىسمىڭغا يارىشا قەيسەر ژىگىت بولدۇڭ. مۇشۇ قەيسەرلىكىڭ بىلەن قالغىن؟ كۆپ ئاھ ئۇرۇپ، ھەسرەت چېكىشنى، ماتەمدە ژۈرۈشنى قوي! ئەندىكى تەغدىرىڭ پەقەت ئۆزۈڭگىلا باغلىق. ناھايىتى ساق، ھوشىيار بولغىن؟ ئۆزۈڭنى ساقلىغىن؟!

سېنىڭ ھاياتىڭ، تەغدىرىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ، تولىمۇ چىگىش. پەقەت ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشىڭ كېرەك؟!

سەن دوستلىرىڭغا ئوخشاش ۋەتەن، مىللەت دەپ، كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىدىڭ!

سەن ئۆزۈڭنى ئۆز ۋەتىنىڭنىڭ بىر تال تېشى، بىر تال گىياسى، بىر تامچە سۈيى دەپ ھېسابلىغىن؟

سەن بولغۇسى دۆلىتىڭنىڭ بىر تال خىشى بولۇشىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىڭ كېرەك؟!

سەن بىر يوللىرىنى تېپىپ، چەت ئەللەرگە چىقىپ كەت. بۇ ۋەتەندە تۇرۇش ئەمدى ساڭا خەتەرلىك!

مېنىڭ بۇ ئېيتقانلىرىمنى قۇلۇغىڭدا مەككەم تۇت، ئوغلۇم؟ بىراق، ھېچ كىمگە ئېيتقۇچى بولما؟ بۇنى بىر ئۆزۈڭ بىل، بىر ئاللانىڭ ئۆزى بىلسۇن!

ئۇچار گىلەم ئاتام بىلەن ئانامنى ئەرشىدىن قانداق تېزلىك بىلەن ئېلىپ چۈشكەن بولسا، شۇنداق تېزلىك بىلەن ئېلىپ چىقىپ كەتتى...

ئالدىمدىكى تام ئەينەك شۇ زامان يوقالدى... قەبىرنى بىر نەچچە قېتىم ئايلىنىپ چىقتىم. ھېچ قانداق ئىزمۇ يوق. ئاللانىڭ بۇ قۇدرەت- كامالىتىگە ھەيران قالدىم...

ئاتامنىڭ ژۇقۇرىدىكى سۆزلىرى پۈتۈن ۋۇژۇدىمغا قان تومۇرلىرىم ئارقىلىق ئېقىپ كىرگەندەك بولدى-دە، ئۇيقۇلۇق ئادەمنىڭ دەرىيا سۈيىگە باش چۆكۈرۈپ چىققاندا سەگەكلەشكىنىدەك، ئۆزۈمنى باشقىچە ھېس قىلىشقا باشلىدىم. مېنىڭدىكى غېرىب- مىسكىنلىك، بېچارىلىك، زەىپلىك بىلەن روھى چۈشكۈنلۈك بۇلۇتتەك تارقىلىشقا باشلىدى...

قەبىرستانلىقتىن باشقىچە روھ، باشقىچە كەيپىيات بىلەن ئۆيگە كەلدىم.

ئەخمەتژان ئاكا بىلەن زەيتۇنەم ھەدە مېنى ئىللىق چىراي قارىشى ئالدى.

- بېرىپ كەلدىڭىزمۇ، ئۇكام؟- دېدى ئەخمەتژان ئاكا ماڭا سەۋىرلىك تىلىگەچ.

- ھە، ئاتام بىلەن ئانامنىڭ يوقلاپ، قۇرüئان ئوقۇپ كەلدىم. - دېدىم.

- ياخشى بوپتۇ، ئۇكام. مەرھۇملارغا ئەمدى پەقەت دۇگالا كېرەك. كۆپ ئاھ ئۇرۇپ، ھەسرەت چېكىشكە بولمايدۇ. - دېدى ئەخمەتژان ئاكا ۋە سۆزىنى باشقا ياققا بۇرىدى. - ھەدىڭىز تاماق قىلىپ قويغان ئېكەن، بىللە ئىچەيلى دەپ، سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى كۈتۈپ ئولتارغان ئېدۇق. ۋاقتىدا كەلگىنىڭىز بەك ياخشى بولدى؟

- سىلەرنى كۈتكۈزۈپ، ئاۋارە قىلىپ قويۇپتىمەندە؟

- ياق، ياق، ھەرگىز ئۇنداق دېمەڭ، ئۇكام. - دېدى زەيتۇنەم ھەدە ئىللىق چىراي كۆرسىتىپ.

- ژۈرۈڭ ئۇكام، ئۆيگە كىرەيلى، ئۆيدىلا ئولتىرايلى؟- دېدى ئەخمەتژان ئاكا.

- ماقۇل، ئاكا.

بىز قوللىرىمىزنى ژۇيۇپ، ئۆيگە كىردۇق.

زەيتۇنەم ھەدە ئانام رەمىتىگە ئوخشاش تاماققا بەك ئۇستا ئېكەن. ئەژايىپ مېيزىلىك ئەتكەن لەڭمىنىنى ئىشتەي بىلەن يېدىم. كېيىن زەيتۇنەم ھەدە چەينەكتە چاي دەملەپ كىرىپ، بىز بىلەن بىللە ئولتاردى.

- قەيسەر ئۇكام. - دەپ سۆز باشلىدى ئەخمەتژان ئاكا بىر- ئىككى پىيالىدىن چاي ئىچكەچ. - سىز بەك روھى چۈشكۈنلۈككە بېرىلىپ كېتىۋاتىسىز. بۇ ئىش بولمايدۇ، ئۇكام؟ سەۋىرلىك ، غەيرەتلىك بولۇش كېرەك. ئاتا- ئانىدىن ئايرىلىش، ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنى ھەدىڭىز ئىككىمىز ياخشى چۈشىنىمىز. سىزگە قاراپ بىزنىڭمۇ ژۈرىگىمىز كۆيۈدۇ، ئېچىشىدۇ. ئامال قانچە، تەقدىرگە تەن بېرىش لازىم، ئۇكام.

- رەھمەت سىلەرگە، ئاكا، ھەدە. - كۆڭلۈم بۇزۇلغاچ، كۆزلىرىمگە لۆممىدە كەلگەن ياشلىرىمنى ئۇلاردىن يوشۇرۇپ يەرگە قاراۋالدىم.

- سىزنىڭ روھى چۈشكۈنلۈككە بېرىلىپ، مىسكىن- غېرىب ژۈرۈشلىرىڭىزنى كۆرسەك، ھەدىڭىز ئىككىمىزمۇ بىر قىسما بولۇپ قالىدېكەنمىز. - دېگەن ئەخمەتژان ئاكا كۆڭلىدىكى گەپنى ئوچۇق ئېيتتى. - مۇمكىن ئۆيىڭىزنى بوشۇتۇپ بېرەيلىمېكىن، دەپمۇ ئويلاۋاتىمىز؟

- ياق، ياق، ئاكا. - ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن چۆچۈپ كەتتىم ۋە كۆڭلۈمدىكى گەپنى ئوچۇق قىلدىم. - ئۆزۈڭلار ياخشى بىلىسىلەر، مېنىڭ تاغامدىن باشقا ژان كۆيەر ھېچ كىمىم يوق. ئاللاھ ھېلىمۇ سىلەرنى ئېيتىپ قويۇپتۇ ماڭا.

- بىزنى ئۆز قېرىندىشىڭىزدەك كۆرگۈنىڭىزگە رەھمەت، ئۇكام!- دېيىشتى ئەر- ئايال ئىككىسى تەڭلا قولىنى كۆكسىگە قويۇپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.

- ئاكا، ھەدە، مەن سىلەردىن چەكسىز مىننەتدار. - ھاياژاندىن ئاۋازلىرىم تىترەپ چىقىپ كەتتى. - ئاتام بىلەن ئانامنىڭ ئۆيىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي ياندۇرۇپ ئولتىرىپسىلەر؟ بۇنىڭدىن ئارتۇق ياخشى، ئۇلۇغ ئىش بولامدۇ؟ ئەمدى مۇشۇ قۇتلۇق ئۆيدە ئاكا- ئۇكىدەك بىللە ياشايلى، مەن شۇنى سىلەردىن سورايمەن؟

- ئاشۇنداق دېگىنىڭىزگە رەھمەت، ئۇكام.

- ماڭا ئاشۇ بىر ئېغىز ئۆيمۇ يېتىدۇ. بۇ كەڭ قورالاردا يالغۇز ئۆزۈم نېمە قىلىمەن؟ سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئىژارىدە ئەمەس، مۇشۇ قورا- ژاينىڭ ئېگىسىدەك ھېس قىلىپ، مەن يالغۇز ژىتىمنى ئۆز قېرىنداشلىرىڭلاردەك كۆرۈپ ژۈرسەڭلار، مەن رازى، خۇشال!- دېدىم كۆڭلۈمدىكىنى ئوچۇق- ئاشكارا ئېيتىپ.

- مەن سىزنىڭ ئاتىڭىز ئابلىمىت ئەپەندىمنى ياخشى بىلىمەن. مېنى ئوقۇتقان، مېنىڭ ئۇستازىم. مەرھۇم ئەژايىپ ئادەم ئىدى. ئابلىمىت ئەپەندىمدەك بىلىملىك، بىلىك، سەۋىيىلىك، ھەر ژەھەتتىن يېتىلگەن زىيالىي ئادەملەر بۇ غۇلژىڭىزدا ساناقلىقلا، ئۇكام!- دېدى ئەخمەتژان ئاكا مېنىڭ ئويۇمدىمۇ يوق گەپنى قىلىپ.

- مېنىڭ ئاتام سىزنىڭ ئۇستازىڭىز بولغان ئېكەندە؟- خوشاللىغىم قەلبىمدىن ئورغۇپ چىقتى.

- شۇنداق. ئەژايىپ ئۇستازىمنىڭ كەسپىنى ئىگىلەپ، مەنمۇ مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇپ قالدىم.

- ئاتام رەمىتى؛ «ئوقۇتقۇچىلىق ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ شەرەپلىك كەسىپ!»دەيدىغان. ئاتام يەنە؛ «مائارىپى تەرەققىي ئەتمىگەن، مائارىپى چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىغان مىللەت، ئۇ زاۋاللىققا يۈزلەڭەن مىللەت. ئۇنداق مىللەتتە پارلاق كېلەچەكمۇ بولمايدۇ. ئاخىرىغا كېلىپ ئۇ، ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىدۇ. مىللەتنىڭ مەۋژۇتلىغىمۇ يوق بولىدۇ! شۇنىڭ ئۈچۈن بىز، ئۇيغۇرلار ئەڭ ئالدى بىلەن ماارىپىمىزنى تەرەققىي ئەتكۈزۈپ، رىۋاژلاندۇرۇشىمىز كېرەك! خەلقىمىزنىڭ ساۋاتسىزلىقى، نادانلىقى، خۇراپەت پاتقىقىغا پېتىپ ژۈرۈشى بىزنى مۇشۇ كۈنلەرگە قويغان؟!»دەپ ماڭا كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەتتى.

- ھە، ئابلىمىت ئەپەندىم مىللىتىنى سۆيگەن، ۋەتىنىنى سۆيگەن ئۇلۇغ زات ئىدى. سىز ئاشۇنداق ئادەمنىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىڭىز بىلەن پەخىرلىنىپ ژۈرۈشىڭىز كېرەك، ئۇكام؟- دەپ مېنىڭ روھۇمنى تېخىمۇ كۆتۈردى ئەخمەتژان ئاكا.

- سىلەر پاراڭلىشىپ ئولتىرىڭلار. - دەپ زەيتۇنەم ھەدە چىقىپ كەتتى.

- ئەخمەتژان ئاكا، سىز مائارىپ خىزمەتچىسى ئېكەنسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىن بىر نەرسە سورىساممېكىن؟- دېدىم.

- مەرھەمەت، سوراڭ ئۇكام.

- بۈگۈنكى بىزنىڭ مىللىي ماارىپىمىزنى قايسى دەرىژىدە دەپ ئويلايسىز؟

ئەخمەتژان ئاكا مېنىڭ بۇ سوالىمغا بىر نەچچە دەقىقە ئويلاندىدە، ئاندىن ئۇھ دەپ ئېغىر نەپەس ئالدى. مەن ئۇنىڭ بۇ ئېغىر خۇرسىنىشىدىن ئۇنىڭ ئويىدا سىرلىق يوشۇرۇن پىكىرنىڭ موژۇت ئېكەنلىگىنى سەزدىم. شۇنىڭ ئۆزىدىمۇ ئۇنىڭ ژاۋاۋىنى كۈتتۈم.

- كۆڭلۈم تولمايدۇ. - دېدى ئۇ قىسقىلا.

- مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم بويىچە، ئاتام رەمىتى ئېيتقاندەك، ماارىپىمىز زاۋاللىققا يۈزلەندى!... بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نەگە، نېمىلەرگە ئېلىپ كېلىشىنى ئويلىسىڭىز، ئۇ بىر دەھشەت!- دېدىم.

ئەخمەتژان ئاكا ماڭا لاپ ئېتىپ قارىدى. توغرا، توغرا دېگەندەك، بېشىنى لىڭشىتتى.

- ئۇنداق دېيىشىمنىڭ سەۋەۋى، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ مىللىي ماارىپىمىز ئاشۇ مەكتەپ ھويلىسىنىڭ ئىچىگىلا سولىنىپ قالدى. ھويلىدىن سىرتقا چىقىشتىن قالدى!- دېدىم مەن ئەينى مۇددىانى سۆزلەپ. - بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى «شىنژاڭ ئۇيغۇر ئاۋتونوم رايونى»دەپ ئاتىشىدۇ. شۇنداقمۇ؟ شۇنداق! شۇنداق بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر يېزىقىنى ژەمىيەتتە نېمىشقا قوللانمايدۇ؟ بۇ تىل، بۇ يېزىق قوللىنىشتىن قالدىغۇ؟ ھەر قانداق بىر ئىدارە- ژەمىيەتكە بارسىڭىز، يېزىقچىلىق ئىشلىرى خەنسۇ يېزىغىدا، خەنسۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان. بۇ دېمەك، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر يېزىقى زاۋاللىققا يۈزلەندى دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟

- ناھايىتى توغرا گەپ قىلدىڭىز، ئۇكام. - دېدى ئەخمەتژان ئاكا. - بۇلارنىڭ تۈپلۈك مەقسەت- مۇددىئاسى بىزنى مىللىي ماارىپىمىزدىن ئايرىش! بۇ سىياسىتىنى پەيدىن- پەي، قەدەممۇ- قەدەم ژۈرگۈزۈشنى باشلىدى... بۇنىڭ ئاقىۋىتى بىز، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشىلىققا ئېلىپ كەلمەسلىكى مەلۇم!

- دېمەك، ئاتام رەمىتى ئېيتقاندەك، مىللىي ماارىپىدىن ئايرىلغان مىللەت، ئۇ، زاۋاللىققا يۈزلەڭەن مىللەت! شۇنداق ئەمەسمۇ؟

- شۇنداق. بۇ ھەقتە ئويلاشنىڭ ئۆزى بىر ئازاب...

- ئەگەر بىز ماارىپىمىزدىن يەنى تىلىمىز بىلەن يېزىغىمىزدىن ئايرىلساق، ئۇ چاغدا ھەممە نەرسىمىزدىن يەنى مەۋژۇتلۇغىمىزدىنمۇ ئايرىلغان بولمايمىزمۇ؟

- سىز ئاتىڭىزنىڭ ئۆزى بوپسىز، ئۇكام، - دېدى ئەخمەتژان ئاكا. - سەۋىيەرىڭىزگە، تەپەككۇرىڭىزغا قايىلمەن!

- كۆپ ماختاۋەتتىڭىز. مەن ئالىي مەكتەپ پۈتەرگىنىم يوق. ئالىي مەكتەپلەردە، چەت ئەللەردە ئوقۇش ئارزۇ- ئارمىنىم كۈچلۈك ئىدى. ئامما، ئۇ بەختلىك كۈنلەرنى ماڭا نېسىپ قىلمىغان ئېكەن. ئاتامنىڭ ۋاپاتى بىلەن ئۇ ئارزۇ- ئارمانلار كۇمپەي- كۇم بولدى...

- سىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇمىسىڭىزمۇ، ئالىي مەكتەپلەرنى تاماملىغانلاردىن ئارتۇغىراق بىلىم- سەۋىيىگە، ئىقتىدار، تالانت- قابىلىيەتكە ئېگە ئېكەنلىگىڭىز كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. سىز تېخى ياش، كېلەچىگىڭىز ئالدىڭىزدا، ئۇكام...

- مېنىڭدە ئەمدى نېمە قىلغان كېلەچەك دەيسىز، ئاكا؟. .

- ياق، ئۇنداق دەپ ئۈمىدسىزلىككە بېرىلىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. - دېدى ئەخمەتژان ئاكا ئوچۇق پىكىر قىلىشقا ئۆتۈپ. - بۇ روھىي ژاھان—يەر يۈزىدە مەڭگۈلۈك ھېچ نەرسە يوق. ئۆزىڭىز ياخشى بىلىسىز، ژاھاندا قانچىلىگەن قۇدرەتلىك دۆلەتلەر، ئىمپېرىيالەر بولغان. ئۇلار ھازىر قېنى؟ تۈپ يىلتىزى، تەھتى بىلەن يوقالدى. تېخى تۈنۈگۈنلا، پۈتۈن دۇنياغا مەن غوژا بولىمەن، دەپ ژار سېلىپ كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقى قېنى؟ ژىگىرمىنچى ئەسىردىكى بۇ قۇدرەتلىك دۆلەتنى، ئىمپېرىيانى گۇمرانلىققا ئۇچرايدۇ، بەربات بولىدۇ دەپ كىم ئويلىغان؟ ئويلاش بۇ ياقتا تۇرسۇن، تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى...

مەن ئەخمەتژان ئاكىنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم. نەچچە كۈندىن بۇ يانقى بۇ كىشىنىڭ ماڭا نىسبەتەن كۆيۈنۈش- مېھرىبانلىقى، كەمتەرىن، ئاق كۆڭۈللۈكى، مېنىڭ قايغۇ- ھەسرەتلىرىمگە ھەمنەپەس بولۇپ، ماڭا سەۋىرلىك تىلەپ، ئىرادىلىك بولۇشقا ئۈندەشلىرى مېنىڭدە ئەخمەتژان ئاكىغا نىسبەتەن ئىشەنچ پەيدا قىلىپ كەلگەنلىكىدىن تاشقىرى، ئۇنىڭ ئاتامنىڭ ئوقۇغۇچىسى- شاگىرتى بولغانلىقى ھەم مەرھۇم ئاتام ھەققىدە ئېيتقان ياخشى سۆزلىرى ۋە شۇنداقلا بۈگۈنكى ئوچۇق- يورۇق سۆھبەتلىرىدىن كېيىن مەن قەلبىمدىكىنى ئۇ كىشىگە تۆكۈپ تاشلىدىم. بىر ژىل مابايىنىدا تۈرمىدە تارتقان ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى، ئۇ يەردە ئۆزۈم كۆرگەن ۋاقىەلەرنى، ئىشلارنى بىرمۇ- بىر سۆزلەپ بەردىم. ئەخمەتژان ئاكا مېنىڭ قىسمەت، سەرگۈزەشتلىرىمنى باشتىن ئاخىر شۈپ- شۈك ئولتىرىپ تىڭشىغاچ، تۇرۇپ- تۇرۇپ ئېغىر خورسىنىپ قوياتتى.

- سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەلگەن بۇ ئېغىر قىسمەتلەر پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان پاژىەدۇر، ئۇكام. - دەپ باشلىدى سۆزىنى ئەخمەتژان ئاكا. - زۇلۇم قانچە ئاشقانسېرى قارشىلىقنىڭ، نارازىلىقنىڭ شۇنچە كۈچۈيىشى، ئۇ تەبىئىي ھال. بارىندىكى قانلىق ۋاقىە بىلەن غۇلژىدىكى فېۋرالü ۋاقىەسى بىكار چىقتى دەمسىز؟...

ئىككى- ئۈچ ئاي ئىلگىرى بىر ئىشلار بىلەن ژەنۇبىي شىنژاڭغا بېرىپ كەلدىم. قەشقەردە بولدۇم. ۋىلايەتنىڭ بىر- ئىككى ناھىيە، يېزىلىرىغا باردىم. خەلقنىڭ تۇرمۇشى شۇنچىلىك ئېغىر. بېچارە نامرات دېخانلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىنى كۆرسىڭىز، ژېنىڭىز ئېچىيدۇ... تۇرۇۋاتقان ئۆيلىرى كالا، ئېشەكنىڭ ئېغىلىدىن بەتتەر. ئەتراپىدا گاز، نېفتü چىقىۋاتقان تۇرغۇلۇق، نامرات دېخانلار ئوچاققا قوناقنىڭ يىلتىزى بىلەن كالا تېزىگىنى قالايدېكەن. ئۆلچۈك يەرلىرىگە قىلغان دېخانچىلىغى ئاىلىسىنى ئاران- ئاران باقىدېكەن. بېچارە دېخانلار قانچە ئىشلىمىسۇن، تۇرمۇشىنى ئوڭشالماي، تۈزۈك قورا- ژاي سالالماي، ئەڭ قىسقىسى، بىر ئېشىگىنى ئىككى قىلالماي، ئۆلمەسنىڭ كۈنىدە ياشاۋېتىپتۇ.

مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ۋە غەزەپلەندۈرگىنى، قەشقەر تەۋەسىدىكى «ھاشار»دەپ ئاتالغان نەرسە! ھەر ژىلى بىر قېتىم دېخانلارنى ھاشارغا مەژبۇرىي تۈردە چىقىرىپ، بىر- ئىككى ئاي بېكارغا ئىشلىتىدېكەن قاراڭ؟ ھاشارغا چىقىشتىن باش تارتقانلار ئوچۇق- ئاشكارا ژازالىنىدېكەن. ژازالانغاندا، قانداق ژازا دېسىڭىز، يەرلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن تاياق- توقماقنىڭ ئاستىغا ئېلىنىدېكەن. ئاپىرىپ سولاپ قويۇدېكەن، ژەرىمانە تۆلىتىدېكەن. بۇ خىل ژازا تۈرلىرىدىن قورىققان ، بىراق غەزىۋىنى ئىچىگە ژۇتقان دېخانلار ئامالسىزدىن كەتمىنىنى مۈرىسىگە سېلىپ، بىر تال زاغرا نېنىنى بېلىغا باغلاپ، ئېتىزدا ئەتىدىن كەچ كىرگىچە بېكارغا كەتمەن چېپىشقا مەژبۇر ئېكەن. ئۇلار نېمە ئىش قىلىدېكەن دېسىڭىز، ئېرىق- ئۆستەڭ چاپىدېكەن. يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ، باي خىتاي زىمىندارلىرىنىڭ يەرلىرىدە بېكارغا ئىشلەيدېكەن. مانا، كۆردىڭىزمۇ بۇ زوراۋانلىقلارنى؟!

خەلقىمىز شۇنچە كەڭ، باي، گۆھەر زېمىندا ياشاپ تۇرۇپمۇ نېمىشقا گاداي، نامرات؟ ۋەتەننىڭ يەر ئۈستى، يەر ئاستى بايلىقلىرى كېچە- كۈندۈزلەپ خىتاينىڭ ئىچكىرىگە توشۇلماقتا. ئادەم بويى بىلەن تەڭ كېلىدىغان، بىر يەرلەردە يەرنىڭ ئاستى بىلەن، بىر يەرلەردە يەرنىڭ ئۈستى بىلەن تارتىلغان نەچچە ترۇبىلار ئارقىلىق بىزنىڭ گاز، نېفتüلىرىمىز خىتاينىڭ ئىچكىرىگە ھېسابسىز ئېقىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزىم بىلەن كۆردىم. بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىن چىقىۋاتقان ئاشۇ گاز، نېفتüئىمىزدىن ئەڭ بولمىغاندا بەش، ئون پروسېنتنى بىزگە قالدۇرغان بولسا، خەلقىمىز مۇنچىلىك نامراتلاشماتتىدە!...

بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى دۇنياغا مەلۇم قاشتېشىنىڭ باي خىتاي سودىگەرلىرى تەرىپىدىن تالان- تاراژ قىلىنىۋاتقانلىغى، ئىچكىرىگە توختىماي- تىنماي توشۇلۇۋاتقانلىغىنى كۆرگۈنىمدە، ئىچىم كۆيۈپ، ھەسسىنە دەپ كەتتىم. ئامال يوق!

مېنى ئېچىندۇرىدىغان، ئازابلايدىغان يەنە بىر نەرسە شۇكى، - دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى ئەخمەتژان ئاكا، - مۇشۇ ۋەتەننىڭ تارىخى ئېگىلىرى بىز، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ۋەتىنىمىزدە پەيدىن- پەي ئابرۇي، ھوقۇقلاردىن ئايرىلىپ، ئىككىنچى سورتلۇق ئاداملەرگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىغىمىز... بۇ ئاغىنىلەر ئاخىر بىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ھېسپلىشىدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، كۆزىنى ژۇمۇۋېلىپ، قىلغۇلۇقنى قىلىۋاتىدۇ. ھازىر بۇلار بىز، ئۇيغۇرلارنى كۆزىگىمۇ ئىلماس، نەزەرىگىمۇ ئالماس بولۇۋالدى. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا، ئىدارە- ژەمىيەتلەردە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇشقان قوچاق ئەمەلدار ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەس بولدى. چوڭ- كىچىك ھەر قانداق مەسىلىنى پارتكوم شۇژىلىرى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىسىز ھەل قىلالمايدۇ. ھەم ھوقۇقىمۇ يوق. ئاشۇ ئاكىلىرىنىڭ ئېغىزىغا قاراپ، «ئۇ نېمە دەيدېكىن»دەپ، ئۇنىڭ ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ تۇرىشىدۇ. مانا مۇشۇنداق زوراۋانلىقلار، تەڭسىزلىكلەر، تەڭسىتمەسلىكلەر قاچانغىچە داۋام قىلاركېن؟...

ئاللاھ بۇيرۇسا، بۇ زوراۋانلارنىڭ بىزنىڭمۇ ئاغزىمىزغا قاراپ، قول قوشتۇرۇپ تۇرۇپ سۆزىمىزنى تىڭشايدىغان چاغلار ژىراق ئەمەستۇ؟!...

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئىشسىزلار سانىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇر ژىگىت- قىزلىرىنىڭ ھازىر خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى بەك قىيىن بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.

شىنژاڭدا خىتايلاردىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا خېلىلا چوڭلىغىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۆز ۋەتىنىدە ھوقۇقسىز قالغان بۇ بېچارە مەزلۇم خەلق، مەھكۇم مىللەت نېمە قىلىشى كېرەك ئەمدى؟- ئەخمەتژان ئاكا بىر نەچچە دەقىقە ژىم- ژىت بولۇپ قالدى-دە، ئاندىن سۆزىنى داۋام قىلدى. - زامان ئۆزگۈرىۋاتىدۇ... زامانغا قاراپ بىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگۈرىۋاتقىنىغا، ماڭقۇرتلىشىۋاتقىنىغا بەزىدە ھەيران قالىمەن، قاراڭ!

كۆپ ساندىكى ئادەملەردىن «مىللىي روھ، مىللىي غۇرۇر دېگەن نېمە؟»دەپ سورىسىڭىز، «ئۇ قانداق نەرسە؟»دەپ ئۆزىڭىزدىن سورىشىدۇ. مانا كۆردىڭىزمۇ، تېخىچىلا غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان ئۇنداقلار قوسۇغىنىڭ تويۇپ، كۈنىنىڭ ئۆتۈۋاتقىنىغا رازى بولۇپ، ئىتائەتمەن قۇللار مىسالى ياشاۋاتىدۇ. بىزدىكى ھازىر ئومۇملىشىشقا باشلاۋاتقان ئەڭ رەزىل، ئەڭ مۇدھىش نەرسە شۇكى، ئۇ بولسىمۇ مىللىي مۇناپىقلارنىڭ كۆپۈيىۋاتقانلىغى، كىچىككىنە ئەمەل ئۈچۈن، ئازراق پۇل، مەنپىيەت ئۈچۈن ئادەملەر ۋىژدانىنى سېتىشقا، خاىنلىق قىلىشقا، ئۆز قېرىندىشىنى سېتىشقا ئۆتۈۋاتىدۇ. مەن ئۆزۈم بىلىدىغان خېلى- خېلى ئادەملەر ئەنچۋەنتىڭ / دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى / ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ژەمىيەتتە بولۇۋاتقان ئىشلار بىلەن تۆرت ئادەم ئارىسىدىكى گەپ- سۆزلەر شۇ زامان ئاشۇ ئورۇنغا يېتىدۇ. خىتاي ئەمەلدارلىرى ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇرلارنى بىر- بىرسىگە پايلاقچى، تىڭ- تىڭلىغۇچى قىلىپ قويۇشقان. ئاتا- بوۋىلىرىمىز ؛ «سىرتتىكى ياۋدىن ئىچىڭدىكى دۈشمەن، ئىچىڭدىن چىققان ساتقۇن، مۇناپىقلار يامان»دەپ بىكار قاخشىمىغان ئېكەن. شۇنى ھازىر ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ ژۈرىۋاتىمىز. - دەپ ئەخمەتژان ئاكا ئۇلۇغ- كىچىك نەپەس ئالدى-دە، ئاندىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. - بۈگۈنكى كۈندە خەلقىمىزنى غەپلەت ئۇيقىسىدىن ئويغىتىشنىڭ، قەلبىدە مىللىي روھ، مىللىي غۇرۇر قوزغاشنىڭ قانداق چارىسى، يولى باركېن، بىلمەيمەن؟...

ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ سەكسەن پايىزىنى دېخانلار تەشكىل قىلىدۇ. پۈتۈن ھاياتى داۋامىدا ئېتىزدا كەتمەن چېپىپ، ئاشۇ كەتمەننى ئاتىدىن بالىغا مىراس قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان دېھقان قېرىغاندا، كۈچ- قۇۋىتىدىن قالغاندا، ئۇنى كىم بېقىشى كېرەك؟ بالا- ژاقىسى بولسىغۇ ياخشى، ئەگەر بولمىسىچۇ؟ مەيلى بولسۇن، مەيلى بولمىسۇن، ئۇ دېخاننى ھۆكۈمەت ئۆز غەمخورلۇقىغا ئېلىشى شەرت. ئۇنىڭغا پېنسىيا ئاقچىسى بېرىلىشى لازىم! بۇ دۇنىيانىڭ كۆپلىگەن مەملىكەتلىرىدە بار قانۇن. بىراق، ژۇڭگو دۆلىتىدە- - شىنژاڭ ئۇيغۇر ئاۋتونوم رايونىدا ئۇ يوق؟!

كوممۇنىستىك پارتىيانى سۆيگەن، ئۇنىڭغا چىن دىلىدىن بېرىلگەن، «كوممۇنىستىك پارتىيانىڭ رەھبەرلىكىدە شىنژاڭ گۈللەپ- ياشنىدى، شىنژاڭ خەلقى بەخت- سائادەتكە ئېرىشتى» دەيدىغان قورچاق ئەمەلدارلار بىلەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ، پارتىياگە سادىقلىقىنى كۆرسەتكەنلەر پېنسىياگە چىققاندىن كېيىن، ئۆز ئورۇنلىرىغا ئوغۇل- قىزلىرىنى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ژۇقۇرى پېنسىيا ئاقچىلىرى بىلەن غەم- قايغۇسىز، پاراۋان ھاياتقا ئېرىشكەن ئاشۇنداق ئادەملەر بىلەن، چوڭ باي، تىژارەتچىلەردىن باشقا ئاۋام خەلق كوممۇنىستىك پارتىياگە، ژۇڭگو ھۆكۈمىتىگە، ئۇنىڭ سىياسىتىگە تۈپتىن قارىشى! سەۋەب، ژۇڭگو دۆلىتى، ئۇ دىكتاتور دۆلەت. بۇ دۆلەتتە ئىنسان ھەق- ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنماقتا. سۆز ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى دېگەن نەرسىلەر تامامەن يوق. دىنىي ئەركىنچىلىكلەر چەكلەڭەن. دېموكراتىيا بوغۇپ تاشلانغان؟!...

ئەخمەتژان ئاكىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۆز ۋەتىنىنى، ئۆز خەلقىنى سۆيۈدىغان ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەر كىشى ئېكەنلىگىگە قايىل بولدۇم.

- بۇ سۆزلەرنى كۆرۈڭەن ئادەمگە ئېيتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۆزىڭىز ياخشى چۈشىنىسىز، ئۇكام؟- دېدى بىر چاغدا ئەخمەتژان ئاكا. - ئىچىم تولۇپ كەتكەن ئېكەن، سىزگە ئېيتىپ، كىچىككىنە بولسىمۇ يېنىكلەۋالدىم!

- توغرا ئېيتىسىز، ئاكا. - دېدىم مەن. - بۇنداق سۆز ئۈچۈن، بۇ مەملىكەتتە مۇددەتسىز تۈرمە ژازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ ياكى ئېتىپ تاشلايدۇ. بۇنى مەن ياخشى بىلىمەن.

- لېكىن بىز ئۈمىد بىلەن ياشىشىمىز كېرەك. - دېدى ئەخمەتژان ئاكا. - ئەركىنلىكنى، ئازاتلىقنى، مۇستەقىللىقنى سوراپ ئالىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇنى كۈرەش يولى بىلەن قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. دۇنىيانىڭ كۆپلىگەن دېموكراتىك ئەللىرىدىكى بىزنىڭ مۇژاھىت ۋەتەنداشلىرىمىز ۋەتەن داۋاسى، مىللەت داۋاسى يولىدا سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئاشۇ ۋەتەنداشلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئۇيغۇرىستان داۋاسىنىڭ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيا سەھنىسىگە چىققىنىغا خۇشالمەن؟!. .

- سوۋېت ئىتتىپاقى بەربات بولغاندەك، بىر كۈنى خىتاي دۆلىتىمۇ گۇمران بولسا، بىز، ئۇيغۇرلارمۇ تۈركىي تىللىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش ئۆز ۋەتىنىمىزگە ئۆزىمىز غوژا بولۇپ، مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ ياشايدىغان كۈنلەرگىمۇ يېتەرمىز، ھە، ئاكا؟!- دېدىم بىردىن- بىر ئارزۇ- ئارمىنىمنى ئوچۇق بىلدۈرۈپ.

- ئىنشااللا، ئۇ كۈنلەر چوقۇم كېلىدۇ، ئۇكام!

سۆھبىتىمىز شۇ يەرگە كەلگەندە، زەيتۇنەم ھەدە كىرىپ كەلدى.

- ھەدىڭىزنىڭ كىرگىنى ياخشى بولدى، ئۇكام. - دەپ سۆھبىتىمىز ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتتى ئەخمەتژان ئاكا. - ئەۋۇ نەرسىنى ئېلىڭا؟- دېدى ئايالىغا. زەيتۇنەم ھەدە ساندۇق ئۈستىگە تىزىپ قويغان يوتقان- كۆرپىلەر ئارىسىغا قولىنى تىقىپ، قەغەزگە ئورالغان نەرسىنى ئالدى-دە، يولدىشىنىڭ ئالدىغا قويدى.

- قەيسەر، ئۇكام، - دېدى ئەخمەتژان ئاكا. - سىلەرنىڭ بۇ ئۆيدە ئىژارىدا ئولتىرىۋاتقىنىمىزغىمۇ بەش- ئالتە ئاي بولۇپ قالدى. تاغىڭىزنىڭ «ئىژارە ھەققىنى قەيسەر چىققاندا ئۆزىگە بېرەرسىلەر؟» دېگىنىدىن كېيىن، ژىغىپ قويغان ئېدۇق. - دەپ قەغەزگە ئورالغان نەرسىنى قولىغا ئالدى. - مانا، ئۇكام، ئالتە ئايلىق ئىژارە ھەققى، ئېلىڭ؟

كۈتۈلمىگەن بۇ ئىشتىن مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمەي قالدىم.

- مېنىڭ يوقلىغىمنى بىلىندۈرمەي، ئاتا- ئانامنىڭ ئۆيىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي ياندۇرۇپ ئولتارغىنىڭلارغا رەھمەت. مەن بۇ ئاقچىنى ئالمىساممۇ بولاتتى...

- سىزگە ھازىر ئاقچا كېرەك، ئۇكام. كېرەك ژايىڭىزغا ئىشلىتەرسىز؟

- رەھمەت سىلەرگە ئاكا، ھەدە. - دەپ قەغەزگە ئورالغان بولاقنى ئالدىم...

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، بۇ سۆزلەرنى قىلىشقاچ، ئەخمەتژان ئاكا شۇنداق دېدى؛

- مانا، ژىگىرمىنچى ئەسىرمۇ تاماملىنىۋاتىدۇ. ژىگىرمە بىرىنچى ئەسىر پۇلۋازلىق دەۋرى بولامدېكىن، دەپ ئويلاۋاتىمەن. سەۋەۋى، ئۇنىڭ دەسلەپكى كۆرۈنۈشلىرى ھازىردىن باشلاپ ياققال بايقىلىۋاتىدۇ. ئۇ قانداق كۆرۈنۈشلەر دېسىڭىز، ژەمىيەتتە دانا- دانىشمەنلەر مۈكچۈيۈپ، باي- بايۋەچچىلەر گېدەرەشكە، ئەقىللىقلار، زىيالىي- بىلىكلەر قەدىرسىزلىنىپ، ئەخمەق- نادانلار قەدىرلىنىشكە باشلىدى... بۇنىڭ ئاقىۋىتى نەگە ئېلىپ بارىدۇ، بىلمەيمەن؟!...

ۋاڭ ژۇن قەسەم يادى

ساقال- بۇرۇتنى ئېلىپ، ژۇيۇنۇپ- تارىنىپ كوچىغا چىقتىم. مەقسەت، تونۇش- بىلىش، دوست- بۇرادەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، بىرەر ئىش- ئوقەتنىڭ پېشىنى تۇتۇش ئىدى. ئادەملەر كۆپرەك توپلىشىدىغان ژايلارنى، بازارلارنى ئايلاندىم. ئۇ، بۇلار بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مېنىڭ قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە سولانغانلىقىمنى بىلىشسە، بېزىلەر ئاڭلىماپتۇ. بىر ژىلدىن بۇ يان كۆرۈنمەي قېلىشىمدىن، مېنى تىژارەت بىلەن ئوتتۇرا ئازىياگە چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، دەپ ژۈرۈشكەن ئېكەن.

بېزىلەر سورىشىدۇ؛ «سېنى نېمە دەپ قولغا ئالدى؟ قانداق سوال- سوراق قىلىشتى؟ تۈرمىدە يامان ئۇرۇپ- قىينايدۇ دېيىشى، شۇ راستمېكەن؟ پالانچى، پۇكۇنچىلارنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداغىراق، تىرىكمۇ ياكى ئۆلتۈرىۋەتكەنمۇ؟ دېگەن بىلەن سەن ساق چىقىپسەن؟... بۇ گۇيلارنىڭ زۇلۇمى ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ!... »

بۇ خىل سوئاللارغا مەن؛ «بىر ژىل تۈرمىدە ياتتىم. مېنىڭدە ھېچ قانداق مەسىلە يوقلىغىنى، بىرەر چوڭ ژىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىگىمنى ئېنىقلاپ، بىلىشكەندىن كېيىن قويۇپ بېرىشتى. تۈرمە دېگىنىڭ ، ئۇ سېنىڭ بازارىڭ ئەمەس پالانچى- پۇكۇنچىلارنى كۆرىدىغان؟! مانا، مېنى كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ھەممە يېرىم ساق، بىر يېرىم بىر نەرسە بولغىنى يوق. سەن سورىغان ئۇرۇپ، قىيناشلارنى كۆرگۈنىم يوق!»دېگەڭە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن ژاۋاپ بېرەتتىم، خالاس.

بۇ خىل سوئاللارنى قويۇشقانلارنىڭ مەقسەت، غەرىزى نېمە، ئۇنى بىلىپ، سېزىپ تۇراتتىم. بىراق، ھەممىسىلا ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئازراق مەنپىيەت ئۈچۈن ۋىژدانىنى ساتىدىغان، ئاتا- ئانىسىنى ساتىدىغان مۇناپىقلار مېنىڭ ھەر بىر سۆزۈمنى تېگىشلىك ئورۇنلارغا دەررۇ يەتكۈزىدىغانلىغى مەن ئۈچۈن ئوچۇق، ئاشكارا ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كەلسە- كەلمەس سۆز قىلىشقا بولماتتى. ھەر بىر سۆزۈڭنى بايقاپ سۆزلىمىسەڭ، بېشىڭغا بالا بولىدۇ.

فېۋرالü ۋاقىەسىدىن كېيىن، مۇشۇ ئۆتكەن بىر ژىلدىن ئارتۇغىراق ۋاقىت ئىچىدە غۇلژا خەلقىنىڭ ژۈرىگى ئىلگەركىدىنمۇ بەتتەر قاتتىق موژۇلۇپ كېتىپتۇ. ئادەملەر كوچا- كويلاردا توپلىشىۋېلىپ، ئوچۇق- يورۇق گەپلىشىدىغان زامانلار تۈگىگەن. ئادەملەر بىر- بىسىگە ئىشەنمەيدىغان، بىر- بىرسىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان ۋەزىيەت قېلىپلاشقان. مەن ياخشى تونۇيدىغان، يېقىن ئارىلىشىپ ئۆتكەن دوست- بۇرادەرلەرنىڭ بىر قىسمى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدىكى گۇۋاڭژۇ شەھىرىگە ئوقەت قىلىشقا كەتكەن بولسا، بىر قىسمى قوشنا قازاقىستان ھەم قىرغىزىستاندا تىژارەت قىلىشىۋاتقان ئوخشايدۇ. سەۋەب، غۇلژىدا ئىلگەركىدەك چاپ- چاپ بازار، ئىشتىك سودا- سېتىق تۈگۈگەن. چەت ئەللەردىن كېلىپ- كېتىۋاتقان تىژارەتچى- سەياھەتچىلەر غۇلژىغا ئەمەس، ئۈرۈمچىگە قاراپ ئېقىشقا باشلاپتۇ. غۇلژىدىكى چوڭ تىژارەت ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشكەن. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى بولسا، ئۇششاق- چۈشەك تىژارەت بىلەن ئاران- ئاران تىرىكچىلىكىنى قىلىشىۋېتىپتۇ.

«نېمە قىلىش كېرەك؟» بۇ سوال ياغاچقا قېقىلغان مىختەك كاللامغا كىرىۋالدى. بىرەر ئىش، ئوقەتنىڭ پېشىنى تۇتۇش كېرەك! قانداق ئىشنىڭ، قانداق ئوقەتنىڭ؟ مەن يە بىرەر ھۈنەر، كەسىپنىڭ ئىگىسى ئەمەس. قولۇمدا ھېچ قانداق ھۈنىرىممۇ يوق. تۈرمىگە كىرىشتىن ئىلگىرى ھال- ئوقىتى خېلى ياخشى سودىگەر ئاغىنىلەرنىڭ ماللىرىنى ئېلىپ سېتىپ، تاپقان بەش- ئون تەڭگە بىلەن تۇرمۇشىمىزنى قامداپ كەلگەن ئىدىم. بۈگۈن ئۇ ئاغىنىلەرنىڭ بەرسىمۇ يوق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوتتۇرا ئازىيا تەرەپلەردە ئوقەت قىلىشىۋېتىپتۇ.

«ئاللاھ كەچ قويسا قويىدۇ، ئاچ قويمايدۇ»دەپ بىكار ئېيتمىغان ئېكەن؟!...

بىر ھەپتىگە يېقىن ۋاقتىم بېكارغا ئۆتۈپ كەتتى. ئىش يوق. ماڭا ئوخشاش كۈرمىڭ ياشلار ئىشسىز ژۈرۈشكەن. ئالىي مەكتەپ پۈتۈرىپ كەلگەنلەر ئىش- خىزمەت تاپالماي ساندىلىپ ژۈرگىنىدە، ماڭا ئوخشاش قولىدا دىپلومى يوق نەرسىگە نېنىڭ ئىشى. ھۆكۈمەتنىڭ ئاقچىنى يامان ئەمەس تۆلەيدىغان قارا ئىشلىرىمۇ كەلگۈندى خىتايلاردىن ئاشمايدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرىغا كاۋاپچىلىق بىلەن مانتىپەزلىكتىن باشقا ئىش يوق. ئۇ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈنمۇ قولىڭدا ئازدۇ- تولا دەسمايە بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ دۇكان ئېچىشىڭ، شۇ ئىشنىڭ ئۇستىسى دەپ ئاتىلىشىڭ ھاژەت. بىراق، مەندە ئۇنچىلىك دەسمايىنىڭ يوقلۇقى بىلەن بىللە مېنىڭ قولۇمدىن گۆش توغراپ، زىققە كاۋاپ ئۆتكۈزۈش، مانتا تۈگۈپ، پۈشۈرۈش ئوخشاش ئىشلار تامامەن كەلمەسلىگىنى ياخشى بىلىمەن. كاۋاپچىلىق بىلەن مانتىپەزلىكنىمۇ كۆرۈڭەن ئادەم كېلىۋېرىدىغان كەسىپ ئەمەستە ئاخىر؟!

نېمە قىلىشىمنى بىلمەي، بېشىمنىڭ ئىچىمۇ قېتىپ، تېشىمۇ قېتىپ، يەكشەنبە كۈنى بىرسى يېتىلىگەندەك، چۈشكە يېقىن خىتاي بازىرىغا بېرىپ قالدىم. بازار ئىچىنى بىرەر ساات ئايلاندىم. بەلكىم، بۇنىڭ ئۆزى، قۇدرىتى ئۇلۇغ، ياراتقان ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا كېرەك، بىلمەيمەن. بىر چاغدا، «يېڭى ھايات» تۈرمىسىنىڭ خىتاي كامېرىدا بىللە يېتىپ، مەڭگۈلۈك ئاغىنە بولۇپ ئۆتۈشكە ۋەدە، قەسەم قىلىپ دوستلاشقان ۋاڭ ژۇن بىلەن چاپمۇ- چاپ ئۇچرىشىپ قالدىم.

- ھوي، قەيسەرمۇ سەن؟

- ۋاڭ ژۇن!...

بىز قۇچاغلىشىپ كۆرۈشتۇق. ئۇ مېنى خېلىگىچە قويۇپ بەرمەي، باغرىغا مەككەم بېسىپ تۇرۇۋالدى.

- قانداق سەن، دوستۇم، ساق- سالامەتمۇ؟- دەپ ئۇ مېنىڭ ئايىغىمدىن بېشىمغىچە بىر قۇر قارىدى.

- ياخشى ئاغىنە، ياخشى. ئۆزەڭچۇ؟- دەپ سورىدىم.

- كۆرۈپ تۇرۇپسەن، مەن ناھايىتى ياخشى!- دەپ ئۇ ئىككى قولىنى كەڭ ئېچىپ، ئۆزىنى، تۇرقى- كۆرۈنۈشىنى نامايىش قىلغۇزغاندەك بولدى. ئۇنىڭ ئايىغىدىكى پارقىراپ تۇرغان ئېسىل تۇفلىيىدىن تارتىپ، ئۈستى- بېشىدىكى چىرايلىق كىيىملىرى، پارقىراپ تۇرغان چاچلىرىغىچە ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ بەك ياخشى ئېكەنلىگىنى مانا مەن، دەپ كۆرسىتىپ تۇراتتى.

- پاھ، بەيۋەچچە بولۇپ كېتىپسەنغۇ؟- دېدىم چاقچاق ئارىلاش.

- توغرا ئېيتىسەن، دوستۇم. ۋاڭ ژۇن ئاغىنەڭ ھازىر بەيۋەچچە!- ئۇمۇ كۈلدى.

- يارايسەن!

- قاچان چىقتىڭ؟

- بىر ئىككى ھەپتىچە بولۇپ قالدى.

- دېگەن بىلەن ئۇ دوزاقتىن ساق- سالامەت چىقىپسەن؟- ئۇ قۇلۇغىمغا پىچىرلىدى.

- ھە، شۇنداق.

- ئاناڭنىڭ ئەھۋالى قانداق؟

- ئانامدىن ئايرىلىپ قالدىم!

- نېمە؟- ئۇنىڭ كۆزلىرى بارىنچە ئېچىلدى.

- ھە، ئۆيگە كەلسەم، ئانام يوق!

- ئەييا!- دېدى ئۇ. - قايغۇرىڭغا ئورتاقمەن دوستۇم، يامان بوپتۇ؟ ساڭا چىن ژۈرىگىمدىن تەزىيە بىلدۈرىمەن؟!

- ئاتامدىن ئايرىلغاننى ئاز دېگىنىدەك، مانا ئەمدى ئانامدىنمۇ ئايرىلدىم، ئاداش. - ئۆپكەم ئۆرۈلەپ، كۆزلىرىمگە لۆممىدە ياش كەلدى...

- ژۈر دوستۇم، ژۈر. سېنىڭ بىلەن ئۇچراشقىنىمغا خۇشالمەن؟!- دەپ ئۇ بىلىكىمدىن تۇتۇپ مېنى باشلىدى.

- نەگە؟- دەپ سورىدىم.

- نەلىكىنى سورىما. ئىككىمىز بۈگۈن بىر مۇڭدىشىمىز؟...

بازارنىڭ سىرتىغا چىقتۇق. ئۇ مېنى يولنىڭ چېتىدە تۇرغان قارا دژىپنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. يانچۇغىدىن ئاچقۇچنى ئېلىپ، تۆرت بۇژەكلىك كىچىككىنە نەرسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى كنوپكىنى بېسىۋېدى، قارا دژىپنىڭ ئالدى- كەينىدىكى چىراقلىرى يېنىپ- ئۆچۈپ سىگنال بەردى.

- بۇ ئارغىماق سېنىڭمۇ؟- دەپ سورىدىم.

- ھە، ۋاڭ ژۇن ئاغىنەڭنىڭ!- ئۇ مەغرۇرلاندى.

- راستلا بەيۋەچچە ئېكەنسەن! سەن ماڭا بۇ توغرىسىدا ئېيتمىغان ئېدىڭغۇ؟

- ئۇ چاغدا ھېچ نەرسەم يوق، بىر يالاڭتۆش ئىدىم. - ئۇ قاقاخلاپ چىرايلىق كۈلدى.

- شۇنچە ئاقچىنى نەدىن تاپتىڭ؟- ھەيران بولدۇم.

- ئولتۇر ماشىنىغا، دوستۇم؟ ۋاڭ ژۇن ئاغىنەڭنىڭ قانداق ئاقچا تېپىۋاتقانلىغىنى ئېيتىپ بېرىمەن. - ئۇ مېنى ماشىنىغا ئولتىرىشنى تەكلىپ قىلدى.

ۋاڭ ژۇن مېنى شەھەردىكى ئەڭ چوڭ رېستورانلارنىڭ بىرسىگە ئېلىپ باردى.

چەتتىكى ئايرىم، خالە بۆلمىگە كىرىپ ئولتاردۇق. ئىككىمىز خىلمۇ- خىل، بىر- بىرسىدىن ئېسىل، لەززەتلىك تااملار بىلەن غىزالىنىپ، قوساقلىرىمىز راسا تويدى.

- ئەمدى مەن ھېكايەمنى ئېيتىپ بېرەي ساڭا، دوستۇم. - دەپ سۆز باشلىدى ۋاڭ ژۇن. - سېنى بىز ياتقان كامېرىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ، مېنى تۈرمىدىن بوشاتتى. ئىلگەركى ئىش ئورنۇمغا بارسام، ئىشقا قوبۇل قىلىشمىدى. ئىش- ئوقەت يوق. نېمە قىلىشىمنى بىلمەي، ساندىلىپ ژۈردۈم. ئىچكىرىگە، ئاتا- ئانامنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتمەكچىمۇ بولدۇم. كېيىن يالتايدىم. ئاتا- ئانامنىڭ ئالدىغا مەن يانچۇغىدا بەش تىيىنى يوق يالاڭتۆش ئەمەس، باي بولۇپ بېرىشىم كېرەك، دېگەن مەخسەتنى قويدۇم. قانداق پۇل تېپىش كېرەك، قانداق باي بولۇش كېرەك؟ بۇنى بىلمەس ئىدىم.

بۇ شىنژاڭدا ئىش- ئوقىتى ياخشى مېڭىپ، باي بولۇۋاتقان ھەمشەھەرلىكلىرىمنى، تونۇش- بىلىشلىرىمنى ئىزدىدىم. ئىزدىگەندىمۇ راسا ئىزدىدىم. ئۈرۈمچىگىمۇ بېرىپ ئىزدىدىم. ھېچ بىرسىنى ئۇچرىتالمىدىم. شۇنچە ھەمشەھەرلىكلىرىم نەگە كەتكەندۇ، دەپ ئويلايمەن. بۇ كۆڭۈل دېگەن ئەژايىپ نەرسېكەن، ئاشۇنداق بىر يېقىنىم باردەك، ئۇنى ئىزدەپ تاپىدىغاندەكلا قىلىپ تۇراتتىم. ئاخىرى ئۇنى مۇشۇ شەھەرنىڭ ئۆزىدىن تاپتىم. ئۇ كىم دېسەڭ، شاڭخەيلىك چوڭ بىر لوبەننىڭ قولىدا ئىشلەيدىغان، مەن بىلەن بىر مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان، ياش ۋاقىتلىرىمىزدا بىر- بىرسىمىز بىلەن راسا مۇشلۇشۇپ، كېيىن ئايرىلماس يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كېتىشكەن ياڭ لى دېگەن ئاغىنەم.

قارىسام، ئۇ ئىلگەركى ياڭ لى ئەمەس، ئەژايىپ كاتتا بولۇپ كېتىپتۇ، قارا. خىزمىتىمۇ زور ئېكەن. شاڭخەيلىك ئاشۇ باي لوبەننىڭ كاماز- كاماز ماللىرىنى قورغاس چېگارىسى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئازىياغا ئەۋەتىشنىڭ مەستüئۇلى ئېكەن. قول ئاستىدا خېلى ئاداملەر ئىشلەيدېكەن. تېپىۋاتقان ئاقچىسىنىڭ سانى يوق.

ئۇ مېنى ياخشى قارىشى ئالدى. مېنىڭ مۈشكۈل ھالىمنى بىلگىنىدىن كېيىن شۇنداق دېدى؛

- ۋاڭ ژۇن، سەن خاتىرژەم بول، مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن. - دەپ ئۇ ماڭا ھېسداشلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۆز ئويىدىكىنى يوشۇرماي ئوچۇق ئېيتتى. - بىز ئىچكىرىدىن بۇ يەرگە نېمە دەپ چىقتۇق؟ سېنىڭ بىلەن مەن، بىرىنچى نۆۋەتتە، كۆپ پۇل تېپىشىمىز كېرەك، چوڭ بايلاردىن بولۇشىمىز كېرەك! شىنژاڭدا بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە مۇمكىنچىلىكلەر، شاراىتلار موژۇت... ساڭا ئېيتسام، ھازىر مېنىڭ ئىشىم بەك زور. پۇلنىمۇ ياخشى تېپىۋاتىمەن. مېنى ئاتام؛ «بالام، شۇنى قۇلىغىڭدا مەككەم تۇت، ئوغۇل بالىغا ئامەت بىر كېلىدۇ. كېيىن ئۇ ئاسانلا كېتىپ قېلىشى مۇمكىن! ئامەت كەلگەن ۋاقتىدا، ئەڭ ئالدى بىلەن قېرىنداشلىرىڭغا، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىڭغا، دوست- بۇرادەرلىرىڭگە قول ئۇچىڭنى سۇنۇشىڭنى ، ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى يۆلىشىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇما؟ چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ياردىمىڭگە، غەمخورلۇغىڭغا موھتاج. بۇ سېنىڭ ئالىيژاناپلىق پەزىلىتىڭ بولىدۇ... بايلىق دېگەن، ئۇ قولنىڭ كىرى؟!... »دەپ تەربىيىلىگەن. ئاتامنىڭ بۇ سۆزلىرى مەن ئۈچۈن قانۇن! شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋاڭ ژۇن، مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن. سەۋەب، كۆرۈۋاتىمەن، ھازىر سەن مېنىڭ ياردىمىمگە، غەمخورلۇغىمغا مۇھتاژسەن؟ بۇنى مەن ياخشى چۈشىنىمەن، ياخشى بىلىمەن!- دېدى قارا. مەن ئاغىنەمنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ھەيران قالدىم. شۇندا مەن ئۇنىڭ ياخشىلىغىنى ھېچ قاچاندا ئۇنتۇماسقا قەسەممۇ قىلدىم. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ؛

- ۋاڭ ژۇن، بۈگۈندىن باشلاپ مەن سېنى شىركىتىمىزگە ئىشقا ئالىمەن. سەن مېنىڭ ياردەمچىم ھەم مۇھاپىزەتچىم بولىسەن. قانداق، بۇ ئىش ياقامدۇ ساڭا؟- دېدى.

مەن خۇشال بولۇپ، رەھمىتىمنى ئېيتتىم. ئۇنىڭغا سادىق دوست، سادىق ئورۇنباسار، سادىق خىزمەتكار بولۇشقا سۆز بەردىم. ئاندىن ئۇ شۇنداق دېدى؛

- بىزدە ھازىر ھوقۇق بار، كۈچ بار، پۇل بار... مۇنداق قۇلايلىق پەيتتىن پايدىلىنىپ، بىزنىڭ لوبەندەك چوڭ باي بولۇۋېلىشنى ئويلىشىمىز كېرەك؟ مەن سېنىمۇ باي قىلىمەن!... سېنىڭ مېنى تېپىۋالغىنىڭ ياخشى بولدى؟ ئەمدى بىللە ئىشلەيمىز. ماڭا ساڭا ئوخشاش ئىشەشلىك ھەمشەھەرلىگىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلىقىمىزدىن بىللە ئۆسكەن ئاغىنەم كېرەك ئىدى؟... ئىككىمىزنىڭ ئۇچرىشىپ قالغىنىمىز بەك ياخشى بولدى. ئىككى- ئۈچ كۈندىن كېيىن، بۇ يەردىكى ئىشلارنى كۆرۈش ئۈچۈن لوبەننىڭ ئۆزى كەلمەكچى. ئۇ كىشى سېنى كۆرۈشى كېرەك. سېنىڭ مۇھاپىزەتچىلىككە ياراش- يارىماسلىق گاڭگۇڭ، نوچىلىقىڭنى بىلىشى كېرەك. بۇ خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىشىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشىڭ لازىم. قانداق، ئىمتىھانغا تەييارمۇسەن؟- دېدى. مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ راست ياكى چاقچاق ئېكەنلىگىنى ھە دېگەندە بىلەلمەي قالدىم.

شۇنىڭ بىلەن ئارىدىن ئىككى- ئۈچ كۈن ئۆتۈپ، لوبەننىڭ ئۆزى كەلدى. كۆرۈشتۇق، سۆھبەتلەشتۇق. ياخشى ئادەم ئېكەن. ياڭ لىنىڭ مېنى ئۆزىگە ياردەمچى ھەم مۇھاپىزەتچى قىلىپ ئىشقا ئالغىنىغا قارشى بولمىدى.

- ياخشى ئىشلىگىن، ھالال ئىشلىگىن. - دېدى ئۇ كىشى. - مەن ئويلايمەن، سەن يامان بالا ئەمەس. ياڭ لى سەن توغرىلىق ماڭا ھەممىنى ئېيتتى. ياڭ لىنىڭ ئىشەنچىنى ئاقلىشىڭ كېرەك؟... ياڭ لى مېنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ياردەمچىم. - دەپ، ياڭ لىنىڭ ئىش بىلەرمەن ژىگىت ئېكەنلىگىنى ماختىدى.

- رەھمەت سىزگە، لوبەن ئەپەندىم. مەن سىلەرگە ئۆلگۈچە ساداقەتمەن بولىمەن. سىلەرنىڭ ئىشەنچىڭلارنى ئاقلاشقا بار كۈچۈم بىلەن خىزمەت قىلىمەن!- دېگەڭە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلدىم. - مانا، شۇنىڭ بىلەن ھاياتىمدىكى داغدام يول ئېچىلدى. ھازىر مەن ئىلگەركى يالاڭتۆش ۋاڭ ژۇن ئەمەس، سەن دېگەندەك، بەيۋەچچە ۋاڭ ژۇنغا ئايلاندىم!

- يولۇڭ بولغان ئېكەن، ئاغىنە. - دېدىم ئۇنىڭ بۇ قىزىق ھېكايىسىنى ئاڭلىغاچ، ئۇنىڭغا ھەۋەسىم كېلىپ. - شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىش، خىزمىتىڭ نېمە؟- دەپ سورىدىم.

- بايا ئېيتقىنىمدەك، بىزنىڭ لوبەن شاڭخەيدىكى ئاتاقلىق بايلارنىڭ بىرسى ئېكەن. قورغاس چېگارىسى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئازىياگە، روسسىياگە چىقىۋاتقان خىتاي توۋارلىرىنىڭ خېلى نۇرغۇن قىسمى شۇ كىشىنىڭ قولى ئارقىلىق ئۆتىدۇ. بىزنىڭ شىركەت ئاشۇ توۋارلارنى قورغاس باژخانىسى ئارقىلىق چېگارىدىن ئۆتكۈزۈپ، دېگەن يېرىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئىش، ۋەزىپە شۇ!- ۋاڭ ژۇن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شۇنداق دېدى؛

ئەۋۇ قارا دژىپ ئاغىنەم ياڭ لىنىڭ ماشىنىسى. مەن ئۇنىڭ ياردەمچىسى، ھەم شوفېرى، ھەم مۇھاپىزەتچىسى. ماشىنىنى بەزىدە ئۆزى ھايدايدۇ، بەزىدە مەن ھايدايمەن. ئاقچىنىمۇ مەن رازى بولغۇدەك تۆلەيدۇ. ياڭ لى بىلەن ئوتتۇرا ئازىياگە، روسسىياگە شىركەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن بىر نەچچە قېتىم بېرىپ كەلدۇق. ئومۇمەن، ئوقىتىم بەك ياخشى كېتىۋاتىدۇ. ھاياتىمدمن رازىمەن، دوستۇم. - دېدى ئۇ مەغرۇرلۇق بىلەن.

- سەن ئۆزۈڭ ياخشى بالا، ياخشى ئادەم ئۈچۈن ياخشىلىق ئالدىڭدىن چىقىپتۇ. مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال. - كۆڭلۈمدىكىنى ئوچۇق ئېيتتىم.

- رەھمەت ساڭا، دوستۇم. - دېدى ئۇ. - ئەمدى ئۆزۈڭ توغرىلىق سۆزلە. سەن توغرىلىق بىلگۈم كېلىدۇ؟- ۋاڭ ژۇن مېنىڭ مىسكىن، غېرىب كۆزلىرىمگە، سولغۇن چىرايىمغا تىك باقتى.

- مەن نېمىنى سۆزلەيمەن. سەن تۈرمىدىن چىققاندا يالاڭتۆش بىر نەرسە بولۇپ ژۈرگەن ئېكەنسەن. ھە، مەن بولسام، تۈرمىدىن چىققاندا، ئاتىدىنمۇ ئايرىلغان، ئانىدىنمۇ ئايرىلغان تەنھا ژىتىم، ئىش- ئوقىتى يوق بىر بېچارىمەن!- كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ كەتتى. ژىغلاۋېتىشكە ئاز قالدىم. ئىچ- ئىچىمدىن ھۆپۈلدەپ چىقىشقا باشلىغان ئاچچىق پۇغاننى سىرتقا چىقىرالماي، ئىچىمگە ژۇتتۇم...

- كۆڭلۈڭنى بۇزما، دوستۇم، - ئۇ مېنىڭ ئىككى قولۇمنى ئالىقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ مەككەم سىققاچ، مېھرىبانلىق بىلەن پىچىرلىدى. - سەن يالغۇز، تەنھا ئەمەسسەن؟ مەن سېنىڭ ھەقىقىي دوستۇڭ، قىيامەتلىك دوستۇڭ؟! ئىككىمىز ئۇ- بۇ ژايدا ئەمەس، تۈرمىدە، زىنداندا قەسەم ئىچىپ دوست- ئاغىنە بولغانمىز؟ بۇنى مەن ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن!- ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقتى.

- رەھمەت ساڭا، ۋاڭ ژۇن. ئۇ قەسەمنى مەنمۇ ئۆلگۈچە ئۇنتۇمايمەن. ساڭا ئوخشاش دوست تاپقىنىمغا خۇشالمەن؟!

- ھەممە نەرسە تېپىلىدېكەن، - دېدى ئۇ. - لېكىن، ساداقەتلىك دوستلارنى تېپىش ئاسان ئەمەس؟ مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ھەقىقىي دوست تاپقىنىمغا رازىمەن! ئۆزۈڭ ئويلاپ قارا، سەن ئۇيغۇر، مەن خەنسۇ. ھەر ئىككىمىزنىڭ تىلىمىزمۇ باشقا، دىنىمىزمۇ باشقا، ئۆرپى- ئادەتلىرىمىزمۇ باشقا؟ شۇنداق بولۇپ تۇرغۇلۇق بىز نېمىشقا بىر- بىرسىمىزنى ياخشى كۆرۈپ، بىر- بىرسىمىزنى ياقتۇرۇپ، مەڭگۈلۈك دوست- ئاغىنە بولۇشقا قەسەم ئىچىشتۇق؟ بۇ سوئالغا ئۆزۈم ژاۋاپ بېرەي؛مەرھۇم ئاكام ئۇيغۇرنىڭ ئەژايىپ ژىگىتى ئۆركەش بىلەن تولىمۇ يېقىن، دوست- ئاغىنە بولۇپ ئۆتكەنلىكتىن، مەن سىلەرنى، ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلەتتىم. سىلەرنىڭ ئۇزۇن ژىللىق تارىخىڭلاردىن، مەدەنىيىتىڭلاردىن ياخشى خەۋىرىم بار. ئوقۇپ بىلگەنمەن. شۇ سەۋەپلىكتىنمۇ، بىلمەيمەن، سېنى تۈرمە كامېرىغا ئېلىپ كىرگەندە، سېنىڭ كۆزلىرىڭدىن مەرھۇم ئاكامنىڭ دوستى ئۆركەشنى كۆرگەندەك بولدۇم. سەن ماڭا بىردىن يېقىپ قالدىڭ؟... مەن ئويلايمەن، ئىككىمىزنى دوستلاشتۇرغان يەنە بىر نەرسە، ھەر ئىككىمىزنىڭ ئوي- مەقسىتى بىر، كۆزلىگەن نىشانىمىز، ماڭغان يولىمىز بىر!... قانداق دېدىم؟

- مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى، ئويۇمدىكى گەپلەرنى قىلىۋاتىسەن، ۋاڭ ژۇن؟...

ئارىغا بىر نەچچە دەقىقە ژىم- ژىتلىق چۆمدى. ھەر ئىككىمىز ئۆز خىياللىرىمىز بىلەن بەند ئېدۇق.

بىر چاغدا ۋاڭ ژۇن مەندىن سورىدى؛

- ئەمدى نېمە ئىش- ئوقەت قىلماقچىسەن؟

- مەنمۇ خۇددى ساڭا ئوخشاش، بىر ھەپتىدىن بۇ يان يېقىنلىرىمنى ئىزدەپ ژۈرىمەن. بىراق، تاپالمايۋاتىمەن. ئاڭلىسام، مەن بىلىدىغان ئاشۇ دوست- بۇرادەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تىژارەت قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئازىياگە، ئوقەت قىلىش ئۈچۈن گۇۋاڭژۇ تەرەپلەرگە كېتىپتۇ. بۇ غۇلژىدا ئاقچا تېپىش بەك تەسلىشىپ كېتىۋېتىپتۇ، قارا! نېمە ئىش- ئوقەت قىلىشنى بىلمەي، بېشىم قېتىپ ژۈرىدۇ؟

- قەيسەر، بۇ تەرەپتىن سەن خاتىرژەم بول، مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن؟!

- مېنى ئىشقا ئالماقچىمۇسەن؟- تاقەتسىزلىنىپ سورىدىم.

- بۈگۈندىن باشلاپ مېنىڭ ياردەمچىم ھەم مۇھاپىزەتچىم بولىسەن؟!- دېدى ۋاڭ ژۇن كۈلۈپ. - بىراق، سەن مېنىڭ ۋە باشلىقىم ياڭ لى ئىككىمىزنىڭ ئالدىدا ئىمتىھاندىن ئۆتۈشىڭ كېرەك؟

- قانداق ئىمتىھان ئۇ؟

- ئۇيغۇرچىسىغا باش بىلەن ئۇرۇشتىن، مۇشت بىلەن ئۇرۇشتىن، پاشمان بىلەن ئۇرۇشتىن!- ئۇ قاقاخلاپ كۈلدى. مەنمۇ ئۇنىڭ كۈلكىسىگە قوشۇلدۇم. ھەر ئىككىمىز بىر پەس راھەتلىنىپ كۈلۈۋالدۇق.

- سەن ئەژايىپ ژىگىتسەندە، ۋاڭ ژۇن!- دېدىم ژۈرىگىمدىكى گەپنى ئېيتىپ.

- سەنمۇ ئەژايىپ؟! سېنىڭ ئەژايىپلىگىڭنى، ئېسىڭدىمۇ، سېنى بىزنىڭ كامېرىغا ئېلىپ كىرگەن كۈندىكى «ئىشلاردا» كۆرۈپ، سېنى ياقتۇرۇپ قالغانمەن، دوستۇم؟...

شۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭ ژۇن ئۆزلىرىنىڭ شىركىتىنىڭ قورغاس باژخانا چېگارىسى يېنىدا ئىشخانا- ئىدارىسىنىڭ، ئۇ يەردە ياتاقخانىسىنىڭمۇ ۋە غۇلژىدىمۇ خۇددى شۇنداق ئىدارىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

- شەھەردىكى ئىشخانا- ئىدارىمىز ناھايىتى ياخشى ژايدا، كەڭ- تاشا. ئۇ يەردىكى چوڭ بىر زالنى ياڭ لى تەنتەربىيە مەشغۇلاتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە لايىقلاشتۇرۇپ، ھەممە نەرسىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇۋەتكەن. كۆرگەندە ھەيران قالىسەن، تەنتەربىيە ئورنىنىڭ ئۆزى. ياڭ لى بوكس بويىچە تالاي مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، چېمپىون ئاتالغان. سپورتنىڭ بۇ تۈرىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. بوش ۋاقىتلاردا ئۇ ئىككىمىز ئاشۇ زالغا كىرىۋېلىپ، مەشغۇلات ئۆتكۈزۈپ تۇرىمىز. ئۇ زالغا ياڭ لى ئىككىمىزدىن باشقا ھېچ كىم كىرمەيدۇ. كىرىشكە رۇخسەت يوق. ئەمدى سەن كىرىدىغان بولىسەن؟!...

- شۇنداق ئىشلار بارمۇ تېخى؟- ھەيران بولدۇم.

- ئادەمگە ئامەت كەلسە، قوشلاپ كېلىدېكەن، - دېدى ۋاڭ ژۇن. - ئەگەر ئامەت كەتسە، چاپلىشىپ، ئېسىلىۋېلىپمۇ تۇتۇپ تۇرالمايدېكەنسەن؟ ياڭ لى ئاغىنەمنىڭ ئارقىسىدا ماڭىمۇ ئامەت كېلىۋاتىدۇ، دوستۇم. يېتەرلىك ئاقچا تېپىۋاتىمەن. ياڭ لىنىڭ ئېيتىشىچە، شىنژاڭدا ئاقچا تېپىش، تېز باي بولۇشقا ئاسان ئېكەن. ياڭ لىنىڭ پىلانلىرى چوڭ. ئۇ ئۈرۈمچىدە بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا، رېستوران سالدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. شىنژاڭنىڭ بىر نەچچە شەھەرلىرىدە چوڭ زاۋۇت، كارخانىلارنى قۇرماقچى... ئامانچىلىق بولسا، ئىككىمىزمۇ خېلى ئىشلارنى قىلىمىز تېخى؟...

- ئېيتقىنىڭ كەلسۇن، ئاغىنە!

شۇندا مەن، نەچچە كۈندىن بۇ يان غولۇمنى ئىنتايىن ئېغىر ژۈكتەك بېسىپ كېلىۋاتقان غەم- غۇسسىنى ئېرغىتىپ تاشلاۋەتكەندەك، ئۆزۈمنى يېپ- يېنىك سەزدىم. نەچچە كۈندىن بۇ يانقى ئاھ ئۇرۇپ، ھەسرەت چېكىشلەرنى تامامەن ئۇنتۇدۇم. مەن ئۈچۈن شۇ كۈنلەردە قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك بۇ دۇنيا بۆلەكچىلا يورۇپ كەتكەندەك، مەنە- مەزمۇنسىز، غەم- قايغۇغا تولغان بۇ ھايات ئەژايىپ گۈزەل، قىزىق، راھەت- لەززەتلىك بىلىنىشكە باشلىدى...

بۇ كۈنى ۋاڭ ژۇن ئاغىنەم بىلەن ئۇزاقتىن- ئۇزاق سۆھبەتلىشىپ ئولتاردۇق. كېيىن ئۇ، ئۆزىنىڭ بىر ئاز ئىشلىرىنىڭ بار ئېكەنلىگىنى، شۇ ئىشلارنى پۈتۈرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، مېنى ماشىنىسى بىلەن ئۆيگە ئاپىرىپ قويدى. ئەتە ئەتىگەندە كېلىپ ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ۋە مېنىڭ ئەتىدىن باشلاپ ئىشقا چىقىدىغانلىغىمنى ئېيتتى...

ئەتىسى ئەتىگەندە ۋاڭ ژۇن ماشىنىسى بىلەن كېلىپ، مېنى ئېلىپ كەتتى. يول بويى ئۇ ماڭا، مەن توغرىلىق ھەممىنى باشلىق ئاغىنىسى ياڭ لىغا ئېيتقانلىقىنى، باشلىق ئۇنىڭ تەكلىۋىنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، مېنى خاتىرژەم ۋە خۇشال قىلغان ئىدى.

ۋاڭ ژۇن مېنى باشلىقنىڭ كابىنېتىغا ئېلىپ كىردى. ژۇقۇرىدىكى ئۈستەلدە نېمىدۇ بىر نەرسىلەرنى يېزىپ ئولتارغان كۆز ئەينەكلىك، بوينىغا گالستۇك تاقىغان، ئۈستىگە ئاق كۆڭلەك، قارا كوستيۇم كىيگەن، ئۈزلىرى پارقىراپ تۇرغان ژىگىت بىزنى كۆرۈشى بىلەن ئورنىدىن تۇردى-دە، بىزگە قاراپ ماڭدى.

قول قىسىشىپ كۆرۈشۈپ، سالاملاشتۇق. ئۇ ئارقىسىغا بىر- ئىككى قەدەم داژىپ، مېنىڭ ئېگىز بويلۇق قەددى- قامىتىمگە، ئايىغىمدىن بېشىمغىچە بىر قاراپ چىقتى-دە؛

- قەيسەر دېگەن گاڭگۇڭ، نوچى ئاغىنەڭ مۇشۇمۇ؟- دېدى يېنىمدا تۇرغان ۋاڭ ژۇنغا قاراپ.

- ھە، دەل ئۆزى!- دېدى ۋاڭ ژۇن كۈلۈپ.

- تۇرقىغا قارىغاندا، كۆزلىرىگە قارىغاندا ھەقىقىي گاڭگۇڭ، نوچىلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. - دېگەن ئۇ، ۋە ئاندىن ۋاڭ ژۇننى ئىشارە قىلىپ. - بۇ ژىگىت بىزنىڭ گاڭگۇڭ، نوچىمىز!- دېدى.

- شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ۋاڭ ژۇن بىلەن كوچىدا ئەمەس، تۈرمىدە قەسەم ئىچىپ، بىز دوست بولۇشقان!- دېدىم.

- بىلىمەن، - دېدى ئۇ. - ئۇيغۇر بىلەن خەنسۇنىڭ بۇ گاڭگۇڭ، نوچىلىرى بىر سېلىشىپ كۆرسە دەيمەن؟

- مەن ئاغىنەم بىلەن ھېچ قاچاندا سېلىشمايمەن. بىز، ۋاڭ ژۇن ئىككىمىز بىر بولۇپ، ھەر قاندىغى بىلەن سېلىشىمىز!...

- ھا، ھا، ھا!- دەپ كۈلدى ياڭ لى. بىزمۇ ئۇنىڭ كۈلكىسىگە قوشۇلدۇق...

- سەن توغرىلىق مەن ۋاڭ ژۇندىن ھەممىنى ئاڭلىدىم.

- مەنمۇ سەن توغرىلىق ۋاڭ ژۇندىن ھەممىنى بىلىپ، سېنىڭ قانداق ئادەم ئېكەنلىگىڭنى ئۇقتۇم؟ ساڭا ئوخشاش ۋاپادار، ساداقەتلىك دوستى بار ۋاڭ ژۇنغا ھەۋەسىم كەلدى... سەن ھەقىقىي دوستلۇققا ياراپسەن؟ ساڭا ئوخشاش ژىگىت بىلەن دوست- ئاغىنە بولغانغا نېمە يەتسۇن؟- دېدىم ھەق گەپنى ئېيتىپ.

- دوست- ئاغىنە دېگەن كۈندە بولمىسىمۇ، كۈنىدە بىر- بىرسىگە كېرەكلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىغى كېرەك، دەپ ئويلايمەن. قولدىن كېلىپ تۇرغان پەيتتە دوست- ئاغىنىلەر بىر- بىرسىگە يار- يۆلەكتە، ياردەمدە بولۇپ تۇرۇشى شەرت! ئاتام مېنى شۇنداق تەربىيىلىگەن؟

- بۇنىڭدىن خەۋىرىم بار. سېنىڭ ئاتاڭ ئەژايىپ ئىنسان ئېكەن؟... مېنىڭ مەرھۇم ئاتاممۇ ھاياتقا خۇددى سېنىڭ ئاتاڭغا ئوخشاش قاراتتى. ئاتام ھايات بولغان بولسا، مەن بۇ ئېغىر كۈنلەرگە قالماس ئىدىم؟!...

- خاپا بولما، قەيسەر، - دەپ ياڭ لى قولىنى مۈرەمگە قويدى. - بۇ ھاياتتا ئۆلمەيدىغان ھېچ كىم يوق. ھەممىنىڭ ئاتىسىمۇ ئۆلىدۇ، ئانىسىمۇ ئۆلىدۇ. بىرلىرى بۇرۇن ئۆلىدۇ، بىرلىرى كېيىن ئۆلىدۇ. بۇ ھاياتنىڭ قانۇنى شۇنداق!

- توغرا ئېيتىسەن، ئۇنى مەن چۈشىنىمەن. - دېدىم ئۇنىڭ ماڭا ھېسداشلىق بىلدۈرۈۋاتقىنىدىن رازى بولۇپ.

- سەن مەن ئويلىغاندىنمۇ ئارتۇق ژىگىت ئېكەنسەن، - دېدى ئۇ. - ۋاڭ ژۇن قانداق ئادەم بىلەن دوست- ئاغىنە بولۇشنى بىلىدىغان ژىگىت ئېكەنلىگىگە بۈگۈن قايىل بولدۇم. - دەپ بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى بۆلمەي، ئارىلاشماي ژىم- ژىت تۇرغان ۋاڭ ژۇنغا قاراپ قويدى-دە، ئاندىن شۇنداق دېدى. - دېمەك، ۋاڭ ژۇن ئاغىنەمنىڭ ئاغىنىسى، ئۇ مېنىڭمۇ ئاغىنەم؟!

- مېنىڭ ئويۇممۇ شۇ. قىيامەتلىك ئاغىنەمنىڭ ئاغىنىسى، ئۇ مېنىڭ ئاغىنەم؟!- دېدىم.

- قېنى ئەمدى ھەقىقىي دوستلارچە كۆرۈشەيلى؟- دەپ ياڭ لى قۇچۇغىنى كەڭ ئاچتى.

ئىككىمىز قەدىناس دوستلاردەك قاتتىق قۇچاغلاشتۇق... ۋاڭ ژۇن بىر- بىرسىمىزنى بىر كۆرۈشتىلا ياقتۇرۇپ قالغان ئۇ ئىككىمىزنىڭ بۇ خىلدىكى ئوچۇق- يورۇق سۆزلىرىمىزدىن بەك رازى بولغاندەك، كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.

- قېنى ئاغىنىلەر، ئولتىرىڭلار؟- دەپ ياڭ لى بىزنى ئولتىرىشقا تەكلىپ قىلدى.

بىز دىۋان، كرېسلودىن ئورۇن ئالدۇق.

- قەيسەر، سەن خەنسۇچىنى بەك ياخشى سۆزلەيدېكەنسەن؟- دەپ سۆز باشلىدى ياڭ لى.

- ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۇيغۇرچە پۈتۈرگەن بولساممۇ، خەنسۇ تىلىنى ياخشى ئوقۇغانمەن.

- خەنسۇچىدىن باشقا يەنە قانداق تىل بىلىسەن؟

- رۇس تىلىنى، ئىڭلىز تىلىنى ئانچا- مۇنچە بىلىمەن، دېگەندەك ئەمەس. ھەر ھالدا رۇسلار بىلەن سۆزلەشسەم، مەخسىتىمنى چۈشەندۈرەلەيمەن. ئىڭلىز تىلىدا ئۇنچىلىك ئەمەس. ئوقۇش كېرەك ئىدى. بىراق، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

- توغرا ئېيتىسەن، ئوقۇش كېرەك. ئوقۇغانغا، كۆپ تىل بىلگەڭە نېمە يەتسۇن؟ مەن ئالىي مەكتەپ پۈتۈردىم، خالاس.

- بەك ياخشى ئېكەن. دېمەك، سەن ئالىي بىلىملىك زىيالىي- كادر. بىز، ۋاڭ ژۇن ئىككىمىزگە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش نېسىپ قىلمىغان ئېكەن.

- ھازىر بولسىمۇ ئوقۇساڭلار كەچ ئەمەس؟

- ۋاقتى ئۆتتى. بىز ئۇيغۇرلاردا «تۆمۈرنى قىزىغىدا سوق»دېگەن ماقال بار. ئاشۇ قىزىق تۆمۈر سوۋۇپ كەتتى ھازىر!- دېدىم.

- ئوقۇشنىڭ ئېرتە، كېچى بولمايدۇ، ئاغىنىلەر؟!

- سەن ئېيتقاندەك، ئوقۇغانغا، بىلىملىك بولغانغا نېمە يەتسۇن دەيسەن؟ بىز ئۇيغۇرلاردىكى «مۇشتۇمى زور ئوننى يەڭسە، بىلىمى زور مىڭنى يېڭەر»دېگەن سۆز بىكار ئېيتىلمىغاندە؟

- ھە، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇش كېرەك، كۆپ تىل بىلىش كېرەك؟- دېدى ئۇ سۆزىنى تەكرارلاپ.

- ئۆزۈڭ قانچە تىل بىلىسەن؟- سورىدىم ئۇنىڭدىن.

- ئىڭىلىزچىنى سەن رۇسچىنى بىلگەندەكلا بىلىمەن.

- ئۇيغۇر تىلىنىچۇ؟

- ياق، بىلمەيمەن. ئۇيغۇر تىلىنى ئۈگۈنىشنى خالايمەن.

- بىز سىلەرنىڭ تىلىڭلارنى بىلگەندىن كېيىن، سىلەرمۇ بىزنىڭ تىلنى ئۈگۈنىشىڭلار كېرەك؟

- توغرا، بىلىش كېرەك. ئەمدى سەن، بۇ ئىككى ئاغىنەڭگە ئۇيغۇرچىنى ئۆگىتىدىغان بولىسەن! قانداق دېدىم؟- دەپ ۋاڭ ژۇنغا قارىدى. ۋاڭ ژۇن مېنىڭ باشلىق بىلەن بىردىنلا چىقىشىپ كەتكەنلىكىمدىن خۇشال بولغاچ، كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتتى.

- ژېنىم بىلەن. - دېدىم مەن ئۇنىڭ بۇ خىل ئوچۇق- يورۇق سۆھبەتلىرىدىن رازى بولۇپ...

شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ھاياتىمدىكى ياخشى كۈنلەر باشلاندى.

ئۇلار مېنى ئۆز شىركىتىگە شۇ كۈنىلا ئىشقا ئالغان ئىدى.

ئىشقىمۇ خېلى ئوبدان ئۈگۈنىپ، بۇ ئىشنىڭ قىر- سىرلىرىنى تېزلا ئۆزلەشتۈرۈۋالدىم. شىركەتتىكى ئەللىك ياشلار ئەتراپىدىكى ئاتۇشلۇق تۇداخۇن ئىسىملىك كىشى ئوتتۇرا ئازىيا ژۇمھۇرىيەتلىرىگە يۆتكەيدىغان ماللارغا مەستüئۇل كىشىلەرنىڭ بىرسى ئېكەن. ئۆز ئىشىغا بەك پىشىق، قولىدىن خېلى ئىشلار كېلىدىغان ئوچۇق- يورۇق، خۇش- چاقچاق تۇداخۇن ئاكا بىلەن تېزلا چىقىشىپ، ئاكا- ئۇكا بولۇپ كېتىشتۇق. ئۇ كىشى مېنى ئۆزىگە ياردەمچى قىلىپ ئېلىۋالدى. كۆپ ئىشلارنى ئۆگەتتى. تۇداخۇن ئاكا خەنسۇ تىلىنى يامان ئەمەس بىلەتتى. لېكىن، يېزىقچىلىق ئىشلىرىدا سەل كامىراق ئېكەن. مېنىڭ خەنسۇ تىل، يېزىقىنى مۇكەممەل بىلىشىم تۇداخۇن ئاكىنىڭ ئىشلىرىنى خېلىلا يېنىكلەشتۈرۈپ قويغان ئىدى.

ئارىدىن ئالتە - يەتتە ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى. بىر ئاز پۇللۇقمۇ بولۇپ قالدىم. بۇ ۋاقىت ئىچىدە باشلىقىمىز ياڭ لى بىلەن، ئىككىنچى قېتىم ۋاڭ ژۇن ھەم تۇداخۇن ئاكا بىلەن ئوتتۇرا ئازىيا ژۇمھۇرىيەتلىرىگە بېرىپ كەلدىم. ئۇ ژايلاردىكى شىركەتلەر ھەم باي تىژارەتچىلەر بىلەن شەرتنامىلار تۈزۈپ كېلىشتۇق. ئىشلىرىمىز ناھايىتى ياخشى ماڭدى. قورغاستىن بېسىلغان، غۇلژىدىن بېسىلغان، ئۈرۈمچىدىن بېسىلغان، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت- فابرىكىلاردىن بېسىلغان ماللارنىڭ كۆپ قىسمى بىزنىڭ شىركەت ئارقىلىق چېگارىدىن ئۆتۈپ، تېگىشلىك ژايلارغا يەتكۈزۈلۈپ تۇراتتى.

مەن ئىشىمدىن بەك رازى، ئۆزۈم خاتىرژەم ئىدىم.

بىراق، بۇ خاتىرژەملىك ئۇزاققا سوزۇلمىدى.

ئاخىرقى ۋاقىتلاردا تولىمۇ يامان، دەھشەتلىك چۈشلەرنى كۆرىدىغان بولدۇم. چۈشلىرىمدىن ئۆزۈم قورقۇمەن... تۈرمىلەردىكى سوال- سوراق، قىيناپ- ئازابلاشلار كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئاتام بىلەن ئانامنىڭ قەبرىگە بارغىنىمدا، كۆز ئالدىمدا پەيدا بولغان ئاتام بىلەن ئانام، ۋە شۇندا ئاتامنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى قايتىدىن غايىپتىن كەلگەندەك بولاتتى؛

- ئوغلۇم قەيسەر، سېنىڭ ھاياتىڭ، تەغدىرىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ، تولىمۇ چىگىش. پەقەت ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشىڭ كېرەك؟!

- سەن بىر ئامالىنى، يولىنى تېپىپ، چەت ئەلگە چىقىپ كەت. بۇ يەردە تۇرۇش ئەمدى ساڭا خەتەرلىك!...

ئاتامنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ھەر كۈنى دېگۈدەك قۇلىغىم تۈۋىدە قوڭغۇراقتەك ژىرىڭلىغىنى ژىرىڭلىغان.

شۇنىڭ بىلەن كېچىسى ئۇيقام، كۈندۈزى ئارامىم يوقالدى. كەيپىياتىم يوق. ئۆزۈمدىن ئۆزۈم شۈپ- شۈك بولۇپ كەتتىم. ئويلىماسقا قانچە ھەرىكەت قىلساممۇ، دەھشەتلىك ئوي- خىياللار قۇيۇنلۇق قارا بوران بولۇپ بېسىپ كېلىدۇدە، ئاشۇ بوران ئىچىدىكى قۇيۇن مېنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ، قاياقلارغىدۇ ئۇچۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ. ئېگىز غارنىڭ چوققىسىغا ئېلىپ چىقىپ، تاشلاۋېتىدۇ. غارنىڭ تۈۋىگە يەتكۈچە ئۆزۈم تاشتىن- تاشقا ئۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئۇستىخانلىرىم كۇكۇم تارقان بولۇپ، نابۇت بولىمەن... بۇنىڭدىن قورقۇپ، چۆچۈپ كېتىمەن. ئاشۇ دەھشەتلىك قارا كۈنلەر بۈگۈنمۇ، ئەتىمۇ بېشىمغا كېلىدىغاندەكلا، ساقچىلار قوللىرىمغا كويزا سېلىپ، مېنى يەنە قايتىدىن ئاشۇ تۈرمىگە، ئاشۇ دوزاقلارغا ئاپىرىپ تاشلايدىغاندەكلا قىلىپ تۇراتتى. شۇڭا نېمە قىلىشىمنى، بۇ دەھشەتلىك چۈشلىرىمنى كىمگە ئېيتىشنى بىلمەي، تەغدىرىمدىن قورقاتتىم.

- نېمە بولدۇڭ، قەيسەر؟- دېدى بىر كۈنى تۇداخۇن ئاكا كۆزلىرىمگە تىك باققان ھالدا.

- ھېچ نەرسە بولغىنىم يوق، ئاكا، - دېدىم سىر بەرمەسكە تىرىشىپ.

- بايقايمەن، بىر نەچچە كۈندىن بۇ يان كەيپىياتىڭ يوق. يە بىر يېرىڭ ئاغىرىۋاتامدۇ؟

- سىزگە شۇنداق تۇيۇلۇۋاتقان بولسا كېرەك. ھېچ يېرىم ئاغىرغىنى يوق.

- ياق، سەن ئىلگەركى قەيسەر ئەمەس، باشقىچە بولۇپ قېلىۋاتىسەن. بىر دەردىڭ باردەك كۆرۈنىدۇ؟ نېمە دەردىڭ بار، ئېيت ماڭا؟ قولۇمدىن كەلگەن ياردىمىمنى ساڭا ئوخشاش ئىنىمدىن ئايىمايمەن؟!

- دەردىم بولسا، سىزگە ئېيتماي كىمگە ئېيتىمەن، تۇداخۇن، ئاكا. سىزنى مەن بىر قوساقتىن چىققان ئاكامدەك كۆرىمەن، - دېدىم.

- بوپتۇ، بۈگۈن ئېيتمىساڭ ئەتە، ئەتە بولمىسا ئىندىن، بەرىبىر بىر كۈنى ئېيتىسەن؟- دەپ تۇداخۇن ئاكام غولۇمغا قېقىپ قويدى.

تۇداخۇن ئاكام ھەق گەپنى قىلغان ئىدى. بۇ كىشى بىلەن ئىككىمىز بەك يېقىن، سىرداش- مۇڭداش بولۇپ كەتكەن ئېدۇق. سەۋەب، تۇداخۇن ئاكام كۆپنى كۆرگەن، بېشىدىن ھاياتنىڭ ئىسسىق- سوغىنى كۆپ ئۆتكۈزگەن بىلىملىك، سەۋىيىلىك، ۋەتەرپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇنىڭ بوۋىسىنى ژاللات شىڭ- شىسەي تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرگەن بولسا، ئاتىسىنىمۇ ماۋزېدۇڭنىڭ كوممۇنىست خىتايلىرى تۈرمىدە ۋەشىلىك بىلەن ئۆلتۈرگەن ئېكەن. غۇلژىدىكى ئاكىسىنىڭ چوڭ ئوغلى فېۋرالü ۋاقىەسى كۈنى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ قېلىپ، ساقچىلارنىڭ، ھەربىيلەرنىڭ تاياق- توقمىغى ئاستىدا ئۆلگەن ئېكەن. بوۋىسى بىلەن ئاتىسى ۋەتەننىڭ ئازاتلىغى، مۇستەقىللىگى يولىدىكى كۈرەشتە شېھىت بولغان بولسا، ئاكىسىنىڭ ئوغلى ناھەقتىن- ناھەق قۇربان بولغان... شۇڭا مەن بۇلارنى ياخشى بىلگەنلىكىمدىن، ئۇ كىشىگە ئىشىنىدىغانلىغىمنى، ئۇنىڭدىن سىر يوشۇرماسلىغىمنى تۇداخۇن ئاكام ئوبدان بىلگىنى ئۈچۈن شۇنداق دېگەن ئىدى.

ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتتى.

«بۈگۈن كەچتە ھەممىنى تۇداخۇن ئاكامغا ئېيتىمەن. ئۇنىڭدىن مەسلىھەت، يول- يورۇق سورايمەن. چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشىمنى تۇداخۇن ئاكام ئارقىلىق قىلىش قىيىن ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ؟...»دېگەن قارارغا كېلىپ، كۈننىڭ كەچ كىرىشىنى كۈتۈپ ژۈرگىنىمدە، ۋاڭ ژۇن يېنىمغا كەلدى؛

- قەيسەر، ژۈر دوستۇم، سېنىڭ بىلەن پاراڭلىشىدىغان ئازراق ئىش بار؟- دەپ مېنى بىز بەدەن چېنىقتۇرىدىغان، سپورتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بىلەن مەشغۇلات ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان زالغا ئېلىپ كىردى. ئىشىكنى ئىچىدىن ئىلىۋالدى.

ئىككىمىز بىر- بىرسىمىزگە قارىمۇ- قارىشى ئولتاردۇق. مەن ئۇنىڭ ئىشىكنى ئىچىدىن ئىلىۋالغىنىدىن ئەنسىرەپ، تەشۋىشلىنىشكە باشلىدىم.

- تىنچلىقتۇ؟ بىرەر مەسىلە بولمىغاندۇ؟- دەپ سورىدىم.

- تىنچلىق. ھېچ مەسىلە يوق، - دېدى ۋاڭ ژۇن. - مەن تۇداخۇن ئاكىدىن ئاڭلىدىم... ساڭا نېمە بولدى؟...

يېنىك نەپەس ئالدىم. مېنىڭ روھى كەيپىياتىم ھەققىدە تۇداخۇن ئاكىنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتقىنىنى شۇ زامان بىلدىم.

- نەچچە كۈندىن بېرى بۇ ئىش توغرىلىق مەن ئۆزۈممۇ ساڭا ئېيتاي، سەندىن مەسلىھەت، يول- يورۇق سوراي، دەپ ژۈرگەن ئىدىم، - دېدىم.

- نەچچە كۈندىن بۇ يان نېمىشقا ئېيتمىدىڭ؟ مەندىن يوشۇرىدىغان قانداق سىرىڭ بار؟- سۆزىمنى بۆلۈۋەتتى ئۇ.

- ۋاڭ ژۇن ، دوستۇم. مەن سەندىن نېمىنى يوشۇرۇشىم مۇمكىن؟

- يوشۇرۇۋاتىسەنغۇ مانا؟... - خاپا بولغاندەك بولدى ئۇ.

مەن، كېچە- كۈندۈز ئارامىمنى يوقاتقان، مېنى ھەر خىل ئازابلىق ئوي- خىياللارغا سېلىۋاتقان بىر- بىرسىدىن دەھشەتلىك چۈشلىرىمنى ئۇنىڭغا بىرمۇ- بىر سۆزلەپ بەردىم.

- ئاخىرقى قېتىم كۆرگەن چۈشۈمدىن كېيىن بەك ئەسكى بولۇپ ژۈرۈۋاتىمەن قارا، دوستۇم. ئىككىمىز دەرىياغا سۇغا چۆمۈلۈشكە بېرىپتىمىز. دەرىيانىڭ بۇ تەرىپىدىن ئۇ تەرىپىگە ئۈزۈپ ئۆتۈمىز، دەپ بەسلەشتۇق. ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزنى ئېگىز دۆڭدىن دەرىياغا تەڭ تاشلىدۇق. بىر ۋاقىتتا دەرىيانىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۈزۈپ ئۆتۈشتۇق. كېيىن سەن؛ «قېنى ئەمدى ئۇ تەرەپكە ئۈزۈپ ئۆتۈمىز!»دېدىڭ. ماقۇل دېدىم. ئىككىمىز قاتارمۇ- قاتار غۇلاچ كېرىپ ئۈزۈپ كېلىۋاتىمىز. بىر چاغدا قارىسام، سۈپ- سۈزۈك سۇ بىردىنلا لايلىنىپ، كېيىن قىزىرىپ، قان رەڭگە كىردى. ھەر ئىككى پۇتۇم سۇنىڭ ئاستىدىكى يىلتىزلارغا ئۇرۇنۇپ قالدى. بىرسى سۇنىڭ ئاستىغا تارتقاندەك قىلدى. ئالدىمغا قاراپ ئۈزەلمەيمەن. قانچە ھەرىكەت قىلساممۇ، بولمىدى. ئىككى- ئۈچ قېتىم بېشىم سۇنىڭ ئاستىغا كىرىپ چىقتى. «ۋاڭ ژۇن، ۋاڭ ژۇن!»دەپ ۋارقىرايمەن. سەن مېنى كۆرۈپ، ماڭا قاراپ ئۈزدۈڭ. قوللىرىمنى پالاقلىتىپ، ساڭا سۇنىمەن. سەنمۇ ماڭا قاراپ قوللىرىڭنى سۇنىسەن. بىراق، ئارىلىقىمىز كىچىككىنە تۇرسىمۇ، قوللىرىمىز بىر- بىرسىگە يەتمەيدۇ. بىر چاغدا قوللىرىمىز بىر- بىرسىگە مانا ئەمدى يېتەي دېگەندە، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا بېلىقچىنىڭ تورى پەيدا بولدى. مەن تورنىڭ ئىچىدە، سەن تورنىڭ تېشىدا. تورغا چۈشكەن بېلىقتەك ھەر يان تاشلىنىمەن. بىراق، چىقالمايمەن. «ۋاڭ ژۇن، ۋاڭ ژۇن، مېنى تارت، مېنى تارت؟!»دەپ ۋارقىراپ ئويغىنىپ كەتتىم...

ئارىغا بىر نەچچە دەقىقە ژىم- ژىتلىق چۆمدى.

- كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان چۈش ئېكەن بۇ؟- ۋاڭ ژۇن ئۇلۇغ- كىچىك نەپەس ئالدى.

ئاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا، ئاتام بىلەن ئانامنىڭ قابرى بېشىغا بارغىنىمدا، ئۇ يەردە بولغان ئىشنى، ئاتامنىڭ ماڭا ئېيتقان سۆزلىرىنى بىرمۇ- بىر سۆزلەپ بەردىم.

- شۇنداقمۇ تېخى؟- ھەيران بولدى ئۇ.

- شۇنداق، ئاغىنە. مەن ئۆزۈمدىن قورقۇمەن، تەغدىرىمدىن قورقۇمەن! سەن كۆرگەن، مەن كۆرگەن ئاشۇ دوزاقلارغا قايتىدىن يەنە كىرىپ قېلىشتىن قورقۇمەن؟!...

ۋاڭ ژۇن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئۇ ياق، بۇ ياققا ماڭدى. ئارىلاپ- ئارىلاپ يەر ئاستىدىن ماڭا قاراپ قويىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىدىن مەن، ئۇنىڭ ماڭا كۆيۈنۈۋاتقانلىغىنى، مېنىڭ مۈشكۈل ھالىمغا ئېچىنىۋاتقانلىغىنى، بۇ مۈشكۈللۈكتىن مېنى قانداق قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئامالىنى، يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىغىنى سەزگەندەك، بىلگەندەك بولدۇم.

- سېنىڭ كۆرۈۋاتقان بۇ چۈشلىرىڭ، ئۇ دۇنياغا كەتكەن ئاتاڭنىڭ ساڭا يەتكۈزۈۋاتقان ئۇ سۆزلىرى بىكار ئەمەس؟- دېدى ئورنىغا كېلىپ ئولتارغان ئۇ. - بۇ ھاياتتا يۈز بېرىدىغان ياخشى، يامان ھەر قانداق ئىشلار بەزىدە ئادەمنىڭ چۈشىدە ئۆزىگە ئايان بولىدىغانلىقىغا مەن ئىشىنىمەن. سېنىڭ بۇ چۈشلىرىڭ بىلەن ئاتاڭنىڭ ئېيتقانلىرى بىكار ئەمەس، دوستۇم؟!

- مەن نېمە قىلىشىم كېرەك ئەمدى، ۋاڭ ژۇن؟

ئۇ مېنىڭ نىژاتلىق كۈتكەن كۆزلىرىمگە ئۇزاق تىكلىنىپ قارىدى.

- ئۇنىڭ يولى ئاسان. ئاتاڭ رەمىتى ئېيتقاندەك، سەن ئەمدى چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشىڭ كېرەكمېكىن؟!- دېدى قەتüئىي تۈردە.

- قانداق يول بىلەن؟- سورىدىم تاقەتسىزلىنىپ.

- ئۇ يول ئۆزىمىزنىڭ قولىدا تۇرۇپتىغۇ؟- دېدى چىرايىدىكى باياقى ئەندىش- تەشۋىش بىلەن ژىددىيلىكنى خاتىرژەملىك بىلەن تەبەسسۇم ئىگىلىگەن ۋاڭ ژۇن. - ئىككى كۈندىن كېيىن تۇداخۇن ئاكا قازاقىستانغا چىقماقچى ئىدى. شىركەتنىڭ بەزى ئىشلىرىنى بەژىرىشى كېرەك دەپ، سېنىمۇ تۇداخۇن ئاكا بىلەن يولغا سېلىۋېتىمەن. تۇداخۇن ئاكىنىڭ ئوتتۇرا ئازىيا تەرەپلەردە تونۇش- بىلىشلىرى نۇرغۇن. ئۇ كىشى كۆپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن، تەژرىبىسى كۆپ. سەن شۇ ياقتا قالىسەن. ھازىرچە بۇ ياققا كەلمەيسەن. بىر يولىنى، ئامالىنى تېپىپ، ۋەتىنىڭدىن ژىراققا، يە ئامېرىكىغا ياكى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بىرسىگە كېتىۋالساڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھاياتىڭ خاتىرژەم ئۆتىدىغان بولىدۇ؟!

- رەھمەت ساڭا، دوستۇم!- ئورنۇمدىن دەسسىدە تۇرۇپ، ئۇنى قاتتىق قۇچاغلاۋالدىم. - مەن ھەقىقىي قىيامەتلىك دوست تاپقان ئېكەنمەن؟!- ئاۋازىم تىترەپ چىقىپ كەتتى.

- نەچچە كۈندىن بېرى ئۆزۈڭنى شۇنچە قىيناپ- ئازاپلىغىچە، ماڭا ئېيتقىنىڭدا ، بۇ ئىشنى ئاللىقاچان بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن بولماتتىقمۇ؟ ئۆزۈڭ بىر ئەقىل- پاراسەتلىك، ژاسارەتلىك ژىگىت تۇرۇپ، مۇشۇنداق ئىشلارغا ئەقىلىڭ يەتمەي قالدىمۇ؟- چاقچاق ئارىلاش شۇنداق دېدى ئۇ.

- مىڭ ئەقىل- پاراسەتلىك بولساڭمۇ، مۇنداق چاغلاردا بېشىڭدىكى ئۇ ئەقىلىڭ دۈمبەڭگە چاپلىشىپ قالىدېكەن ئەمەسمۇ؟- ئۇنىڭ چاقچىغىغا مەنمۇ چاقچاق ئارىلاشتۇرۇپ ژاۋاپ بەردىم.

- شىنژاڭدا ساڭا ئوخشاش ژىگىتلەر تورغا بىر ئىلىندىمۇ، بولدى، ئۇ توردىن ساق چىقىپ كېتىشى قىيىن ئىش؟ مەن بۇنى ياخشى بىلىمەن!... سەن سىياسىي مەھبۇس ئاتىلىپ، ئايىغىڭغا سېلىنغان زەنژىر كىشەن بىلەن توپ- توغرا بىر ژىل تۈرمىدە يېتىپسەن؟- دېدى ۋاڭ ژۇن. - تۈرمىدە ۋاقتىدا مەن، ساڭا ئۆلۈم ژازاسى بەرمىسىمۇ مۇددەتسىز ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە ژازاسىنى بېرىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم. بەختىڭ بار ئېكەن، ئۇ دوزاقتىن ساق- سالامەت قۇتۇلۇپ چىقىپسەن. سېنى قويۇپ بېرىشىپتۇ. نېمە ئۈچۈن قويۇپ بەردى، شۇنى ئويلىدىڭمۇ؟- دەپ سورىدى.

- ياق. قويۇلغان ئەيىب، گۇناھلارغا ئىخرار بولمىغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىشكەندۇ، دەپ ئويلايمەن؟- ژۈرىگىمگە دەز كەتكەندەك، نەپەسىم سىقىلدى.

- ئۇلار ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. سېنىڭ كىملەر بىلەن ئالاقە- مۇناسىۋەت قىلىغانلىغىڭنى بەرىبىر ئاستا- ئاستا بىلىۋالىدۇ. ئۇلار سېنى تۈرمىدە بىر ژىل بىكار تۇتقىنى يوق. سېنىڭ كىملەر بىلەن ئارىلىشىپ، نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ژۈرگەنلىگىڭدىن تولۇق بولمىسىمۇ، بىر ئاز خەۋىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن سېنى قولغا ئېلىپ، قانچە قىيناپ- ئازابلاپمۇ، ژىپنىڭ ئۇچىنى تاپالمىغىنىدىن كېيىن ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىشكەن، دەپ ئويلايمەن؟ بىراق، ئۇلار بەرىبىر تاپىدۇ. مۇناپىق، خاىن- شپىونلار ئارقىلىق تاپىدۇ. دېمەك، سېنىڭ كۆرۈۋاتقان چۈشلىرىڭ بىلەن ئاتا- ئاناڭنىڭ روھلىرى كۆز ئالدىڭدا پەيدا بولۇپ، ئاتاڭنىڭ ساڭا ئېيتقان سۆزلىرى، سېنى چەت ئەلگە چىقىپ كەت، بۇ يەردە ھاياتىڭ خوۋۇپ ئاستىدا دېيىشلىرى بىكار ئەمەس، دەپ ئويلايمەن؟

- ناھايىتى توغرا ئېيتىۋاتىسەن، ئاغىنە، - دېدىم ئۇنىڭ تەخمىن- مۇلاھىزىرىنىڭ مېنىڭ ئويۇمدىكى بىلەن بىر يەردىن چىقىۋاتقىنى سېزىپ.

- مەن ساڭا تۈرمىدە ئېيتقانغۇ، - دېدى ۋاڭ ژۇن. - ئاكامنى تيانüئەنمىن مەيدانىدا تانكىغا چەيلىتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، بۇ كوممۇنىستىك پارتىيا دېگەن نەرسىگە شۇنچىلىك ئۆچ بولۇپ كەتكەنمەن!... شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئامېرىكىدىكى، چەت ئەللەردىكى دېموكرات ۋەتەنداشلىرىمنىڭ بۇ كوممۇنىستىك پارتىياگە، كوممۇنىستىك دىكتاتورىغا، كوممۇنىستىك رىژىمغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى قوللاپ- قۇۋەتلەيمەن!

- مېنىڭ ئاتام رەمىتىمۇ سەن ئېيتىۋاتقان بۇ كوممۇنىستىك پارتىيانى يامان كۆرەتتى. بىراق، سىرتىغا چىقىرالماتتى. ئىچىدىن كۆيۈپ، ئازابلىناتتى...

سۆھبىتىمىز ماۋزۇسى سىياسەتكە ئالماشتى.

- كوممۇنىستىك پارتىيا دېگەننىڭ ھەرىكىتى، سىياسىتى ئاددىي پۇقرانى قىزىل سۆزلەر بىلەن ئالداش، ئېزىش، خورلاش، ئازابلاش، خەلقنى قورقۇتۇپ، ئىتائەتمەن قۇللاردەك تۇتۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئېكەن؟!- قىزىپ سۆزلەشكە باشلىدى ۋاڭ ژۇن.

- - مېنىڭ ژۈرىگىمدىكى گەپلەرنى ئېيتىۋاتىسەن، ئاغىنە، - دېدىم مەنمۇ بۇ كوممۇنىستىك پارتىيادىن نەپرەتلىنىدىغانلىغىمنى ئوچۇق- ئاشكارا بىلدۈرۈپ. - مۇشۇ ژۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىياسى دېگەن نەرسە بىزنىڭ خەلقىمىزگە تۈگىمەس بالايۇ- ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. سەن مېنى توغرا چۈشەن، ۋاڭ ژۇن؟- دېدىم . - ئىككىمىز ئىككى ئۇلۇغ مىللەتنىڭ بالىسى، ۋەكىلى. تارىختىن ئۆزەڭمۇ ياخشى بىلىسەن، قېدىمىي تارىخقا، مەدەنىيەتكە ئېگە خەن مىللىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى نەچچە مىڭ ژىللار بۇرۇن تەژاۋۇزچى دۈشمەنلەردىن بىر- بىرسىنى قوغداپ، ھىمايە قىلىپ كەلگەنلىكى ياخشى مەلۇم. بىز، ئۇيغۇرلار خەن مىللىتىگە ئۆچمەن، دۈشمەن ئەمەس، بىز كوممۇنىستىك پارتىياگە، سەن ئېيتىۋاتقان كوممۇنىستىك رىژىمغا، كوممۇنىستىك دىكتاتورىغا ئۆچمەن، دۈشمەن!

ئاتام رەمىتى ماڭا شۇنداق دەيدىغان؛ماۋزېدۇڭنىڭ كوممۇنىستىك پارتىياسى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋەتىنىگە ئۆزلىرى ژار سېلىۋاتقان بەخت- ساادەت ئەمەس، بالايۇ- ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. كوممۇنىستىك پارتىيا كەينى- كەينىدىن ئېلىپ بارغان ھەر خىل باستۇرۇش ھەرىكەت، سىياسەتلىرى بىلەن يۈز مىڭلىغان نې- نې ئادەملىرىمىزنى يوق قىلدى. ماۋزېدۇڭنىڭ «كوممۇنا» دېگەن نەرسىسىدە ئاچارچىلىقتىن ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى يوق. ئۇنىڭدىن كېيىنكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دېگەن ھەرىكىتى ۋەيرانچىلىق، قىرغىنچىلىقتىن باشقا نېمە ئېلىپ كەلدى؟ ماۋزېدۇڭنىڭ ئاشۇ كوممۇنىستىك پارتىياسىنىڭ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى دىكتاتورلار بىزنىڭ خەلقىمىزنى يەنىلا شۇ باستۇرۇش، يوقىتىش، ئېزىش، خورلاش، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھەق- ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش ئوخشاش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۆزۈڭ كۆرگەن، بىلگەن فېۋرالü ۋاقىەسىدە قانچىلىك ۋەھشىيلىك ئىشلار بولدى؟ دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا كۆرسىتىلگەن، ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى، ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ تىنچلىق نامايىشىغا چىققان ئىلى ياشلىرى قانلىق باستۇرۇلدى... «ئاشۇ فېۋرالü ۋاقىەسىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ قۇيرۇقى سەن!»دەپ، مېنى نېمە ئازابلارغا سالمىدى؟!... مانا بۈگۈن مەن ئۆز ۋەتىنىمدە ئەركىن ياشاش ھوقۇقىدىنمۇ ئايرىلىۋاتىمەن؟!...

- بۇ ئېيتقانلىرىڭنىڭ ھەممىسى بىردىن- بىر توغرا، - دېدى ۋاڭ ژۇن. - ماۋزېدۇڭنىڭ ئېلىپ بارغان سىياسەتلىرىنىڭ ، ھەرىكەتلىرىنىڭ دەردىنى شىنژاڭ خەلقىلا ئەمەس، پۈتكۈل ژۇڭگو خەلقى راسا تارتتى... تيانüئەنمىن مەيدانىدىكى قانلىق ۋاقىەنىڭ ئالدىدا سەن ئېيتىۋاتقان غۇلژا فېۋرالü ۋاقىەسى ھېچ گەپ ئەمەس. تيانüئەنمىن مەيدانىدا تىنچلىق نامايىشىغا چىققان ستۇدېنت- ياشلار ۋەھشىيلىك بىلەن، ياۋۇزلۇق بىلەن، رەھىمسىزلىك بىلەن تانكىلارغا دەسسىتىپ ئۆلتۈرۈلدى. مېنىڭ ئاكامنىمۇ تانكىنىڭ زەنژىر تاپىنىدا دەسسەپ- چەيلىتىپ ئۆلتۈرگەنمۇ مۇشۇ كوممۇنىستىك پارتىيا! شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ كوممۇنىستىك پارتىيانى ژىنىمدەك ئۆچ، يامان كۆرىمەن!...

- ئوقۇپ بىلگەنلىرىمدىن، ئاڭلىغانلىرىمدىن ماڭا مەلۇمكى، كوممۇنىستىك پارتىيا دېگەن روسسىيادە پەيدا بولغان ئېكەن، - دېدىم مەن. - لېنىن دېگەن بىرسى بولشېۋىكلار پارتىياسىنى قۇرۇپ، ئاق پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىپتۇ. ئىشچى- دېخانلار ھاكىمىيىتى دەپ ئاتالغان ئۇ ھاكىمىيەت ھە دېگەندە، ئاددىي پۇقرانى قىرىپ، ئۆلتۈرۈشكە باشلىغان ئېكەن. قازاقستاننىڭ يەتتىسۇ ئۆلكىسى دەپ ئاتالغان يېرىدە بولشېۋىكلارنىڭ قىزىل ئارمىياسى ئاتۇ ۋاقىەسىدە نەچچە مىڭلىغان گۇناسىز ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، خوتۇن- قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىپتۇ، مال- مۈلكىنى بۇلاپ- تالىغان ئېكەن. ئاشۇ بولشېۋىكلارنىڭ قازاقىستاندا سۈنüئىي رەۋىشتە پەيدا قىلغان ئاچارچىلىقتا نەچچە مىللىوندىن ئارتۇق قازاق خەلقى قىرىلىپ ئۆلۈپتۇ. ئاشۇ قانخور، ژاللات بولشېۋىكلار پارتىياسى كېيىن كوممۇنىستىك پارتىيا دەپ ئۆزگەرتىلىپتۇ. كوممۇنىستىك پارتىيانىڭ رەھبىرى ستالىن دېگەن سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قۇرغان، قوغدىغان ئىنقىلابچىلار، رەھبەرلەر، ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەر، زىيالىي- كادىرلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك «خەلق دۈشمىنى»دەپ قولغا ئېلىپ، سوت- سوراقسىز ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئېكەن. ژىراق سىبىرىيە ژاڭگاللىقلىرىغا سۈرگۈن قىلغان ئېكەن. ئۇلارنىڭ بالا- ژاقىلىرىنى «خەلق دۈشمىنىنىڭ بالىلىرى»دەپ، تولىمۇ ئېزىپ، خورلىغان ئېكەن.

بولشېۋىكلار كوممۇنىستىك پارتىيانىڭ بۇ سىياسىتىنى، ستالىننىڭ بۇ ياۋۇزلۇق ھەرىكىتىنى ژاللات شىڭ- شىسەي بىلەن ماۋزېدۇڭ بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىمۇ ژۈرگۈزگەن!... ئۇيغۇرلارنىڭ ئون مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان ئوقۇمۇشلۇق ئېسىل پەرزەنتلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، تۈرمىلەردە قىيناپ- ئازابلىغان، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا پالىغان. نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ۋەتەننى تېرىك ئېتىپ، چەت ئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەژبۇر بولغان. ئاشۇ قىرغىنچىلىقلار ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا... بۇنداق ۋەھشىي كوممۇنىستىك پارتىيانى قانداق ياخشى دېيىش مۇمكىن؟ سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىياسى بىلەن ژۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىياسىنىڭ نېمە ئايرىمچىلىغى، پەرقى بار؟ بىز ئۇيغۇرلار ئېيتماقچى، «ئاق ئىشىت، قارا ئىشىت، ھەر ئىككىسى بىر ئىشىت»!

ئاشۇ سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىياسى يەتمىش ژىلدىن ئارتۇق ياشىدى. ھازىر ئۇ كوممۇنىستىك پارتىيامۇ يوق، سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ يوق. گۇمران بولدى!... مەن ئويلايمەن، سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىياسىگە ئوخشاش ژۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىياسىمۇ بىر پاي ئوق ئېتىلماي، بىر كۈنى بەربات بولىدۇ؟!- دېدىم.

- ئۇ چوقۇم بەربات بولىدۇ، گۇمران بولىدۇ!- دېدى ۋاڭ ژۇڭ قەتüئىي تۈردە. - گېپىڭ راست، ھەقىقەت! دانىشمەن ژىگىتسەندە؟

- كۆپ ماختاۋەتتىڭ؟

- ماختىغىنىم ئەمەس، راست سۆزىم!

بۇ ماۋزۇ ئۈستىدىكى سۆھبىتىمىز بىر ئاز داۋام قىلدى.

- دېمەك، بۇ كوممۇنىستىك پارتىيا دېگەننىڭ زىيىنىنى سېنىڭ خەلقىڭ، ئۇيغۇرلار كۆپ تارتقان ئېكەندە؟- دېدى ۋاڭ ژۇن.

- ھە، ئاشۇ سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىياسى بىلەن ژۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىياسى بىزنىڭ قەرىمان ئاتىلىرىمىز 1933- ژىلى قەشقەرىيىدە قۇرغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ژۇمھۇرىيىتى» بىلەن 1944- 49- ژىللىرى غۇلژىدا قۇرغان «شەرقىي تۈركىستان ژۇمھۇرىيەتلىرىنى» يوق قىلغان، بەربات قىلغان، ئاغىنە؟!

- بۇ ژۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىياسى يوقالماي، سېنىڭ خەلقىڭ سەن ئارمان قىلغان ئازادلىققا، ئەركىنلىككە چىقالمايدۇ، ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرالمايدۇ! قانداق، توغرا دېدىممۇ؟- دەپ كۆزلىرىمگە تىك باقتى ئۇ.

- ناھايىتى توغرا گەپ قىلدىڭ. سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىياسى گۇمران بولدى-دە، ئۇنىڭ مۇستەملىكىسىدىكى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاژىك، تۈرىكمەن، ئەزەربەيژان ئوخشاش خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىرىگە ئېگە بولدى! بىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاشۇنداق بەختلىك كۈنلەر قاچانمۇ كېلەر؟

- ئۇ كۈنلەر چوقۇم كېلىدۇ. روھۇڭنى چۈشەرمە؟ بۇ دۇنىيادا، بۇ ھاياتتا مەڭگۈلۈك ھېچ نەرسە يوق. شۇنى ياخشى بىل؟!

- ئىلاھىم ئېيتقىنىڭ كەلسۇن!

- بۈگۈن ياخشى سۆھبەت بولدى. مەن ئىلگىرى ئاڭلىمىغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، خېلى نەرسىلەردىن مەلۇماتقا ئېگە بولدۇم. بۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا رەھمەت، دوستۇم، - دېدى ۋاڭ ژۇن ۋە ئاساسىي مەخسەتتىن سۆز قىلدى. - قەيسەر، ئەمدى سەن چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشنىڭ تەييارلىغىنى قىلىۋەر. بىراق، بۇ ھازىرچە ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى ساقلىنىدىغان مەخپىي سىر بولۇپ قالسۇن. ئۈچىنچى بىر ئادەم بىلمەسلىكى كېرەك؟

- توغرا ئېيتىسەن، بۇنى خەخقە دەيدىغان گەپ ئەمەس.

- تۇداخۇن ئاكىغا چېگارىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھەممە گەپنى ئۆزۈڭ ئېيتارسەن؟ مەن بۇ ئىشنى بىلمەيدىغان بولۇۋالىمەن. «ساقلىقتا خورلۇق يوق»دەپ بىكار ئېيتمىغان. ساق بولمىساڭ، ھەر بىر قەدەمنى ئويلاپ باسمىساڭ، ئىش چاتاق؟!

- ناھايىتى توغرا گەپ قىلىۋاتىسەن، ساق بولمىساق بولمايدۇ؟ سەن مېنى ئاياۋاتىسەن، مەنمۇ سېنى ئايىشىم كېرەك، دوستۇم؟- دېدىم ۋاڭ ژۇننىڭ ھوشىيارلىغىغا قايىل بولۇپ.

- تۇداخۇن ئاكا ياخشى ئادەم، ھالال ئادەم، تازا ئادەم. مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن. ئۇ سېنى ھەرگىزمۇ ساتمايدۇ. قولىدىن كەلگەن ياخشىلىقنى سەندىن ئايىمايدۇ، دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭ ئۆزىدىمۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا بولغان بۇ گەپلەرنى، مەن سېنى يولغا سېلىۋاتقانلىغىمنى ھازىرچە ئۇنىڭ بىلمەي تۇرغىنى ياخشى؟

- مەن سېنى چۈشەندىم، - دېدىم.

- ئۇنداق بولسا تۇرايلى؟- دەپ ۋاڭ ژۇن ئورنىدىن تۇردى. - سەنمۇ ماڭا ئوخشاش يە ئىچمەيسەن، يە چەكمەيسەن. ئىچكەن بولساق، بۈگۈن راسا بىر ئىچەتتۇقتە، دوستۇم؟

- مېنىڭچە ئىچمىگىنىمىزمۇ، چەكمىگىنىمىزمۇ ياخشى، - دەپ مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇردۇم.

- قەيسەر، بىللە تاماقلىنايلى، ژۈر دوستۇم!- دېدى ئۇ.

بىز بىللە سىرتقا چىقتۇق...

ئەتە يولغا چىقىمىز دېگەن كۈنى ئىلى دەرىياسى بويىغا باردىم. دەرىيا بويىدىكى تاللىقنى—بوستانلىقنى ئۇزاق ئايلاندىم. بۇ ژايلار مەن ئۈچۈن تولىمۇ گۈزەل، ئەژايىپ ماكان ئىدى. سەۋەۋى، بىزنىڭ ئۆيىمىز دەرىيا بويىدىن ئانچە ژىراق بولمىغانلىقتىن، مېنىڭ شوخ بالىلىق دەۋرلىرىم مۇشۇ ژايلاردا ئۆتكەن. ياز كۈنلىرى، مەكتەپتىن تەتىلگە چىققانلىرىمىزدا، مەھەللىدىكى بىر توپ ئاغىنىلىرىم بىلەن دەرىيا بويىدىن كەلمەتتۇق. سۇغا چۆمۈلەتتۇق. ۋەللەي- ۋەللەي دەپ ۋارقىراپ ژۈگۈرەتتۇق. كالىنىڭ دۈمبىسىدىكى ژۇڭلىرىنى ژۇلۇپ ئېلىپ ياساۋالىدىغان پوڭزەكلەر بىلەن قاچ- قاچ ئويناتتۇق. ئاندىن مۆكۈ- مۆكۈلەڭ ئويۇنلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۈننىڭ قانداق كەچ كىرىپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەي قالاتتۇق.

تاللىق ئىچىدىكى بوستانلىقنىڭ ئۇ يەر، بۇ يېرىدە توپ- توپ ئولتىرىشقان ئادەملەر بەزمە قۇرۇپ، ساز- نەغمە بىلەن تاماشە قىلىشىدىغان. ئەتراپ دۇتار- تەمبۈر، ناخشا ئاۋازلىرى، شوخ كۈلكىلەر، كىملەردۇ بىرلىرىنىڭ ۋارقىراپ- ژاقىراشلىرى بىلەن بۆلەكچىلا ژانلىنىپ كېتەتتى.

مەن يېيىلىپ ئېقىۋاتقان ئىلى دەرىياسى سۈيىنىڭ بىر- بىرسىنى قوغلاشقان ئاژىز دولقۇنلىرىغا قاراپ ئولتىرىپ، دەرىيانىڭ باش تەرىپىدىن كېلىۋاتقان شاۋقۇننى ئاڭلىغاچ، ئەژايىپ خۇش پۇراقلارغا تولغان سالقىن مەيىن شامالدىن نەپەس ئېلىپ، شېرىن خىياللار دېڭىزىدا ئۈزۈشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. دەرىيا ياقىسىدىكى تاللىق ئىچىدىن كاككۇكنىڭ «كاك- كۇك، كاك- كۇك!»دەپ توختىماي ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان يېقىملىق ئاۋازى بىلەن بۇلبۇللارنىڭ بەس- بەس بىلەن خەندان ئۇرۇپ سايراشلىرىنى تىڭشىساڭ تىڭشىغۇڭ كېلىپ تۇراتتى.

كەچكى پەيتلەردە تاللىق ئىچىدىكى بوستانلىقتىن كالا- موزايلارنىڭ، قوي- قوزا، ئۆشكىلەرنىڭ مۆرەشلىرى- مەرەشلىرى، ئېشەكلەرنىڭ چىڭقىلىپ ھاڭراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇلار مەن ئۈچۈن ئەژايىپ بىر يېقىملىق، تەسىرلىك ئاڭلىناتتى.

بۈگۈن مەن دەرىيا بويلىرىنى، تاللىق ئىچىدىكى بوستانلىقنى قانچە ئايلانماي، بالىلىق دەۋرىمدىكى ئاشۇ كۆرۈنۈشلەرنى ھېچ كۆرەلمىدىم. ئەژايىپ يېقىملىق ناخشا، مۇزûكىلار بىلەن شوخ كۈلكە ئاۋازلىرىنى ئاڭلالمىدىم. ھەتتا كاككۇكلارنىڭ «كاك- كۇك، كاك- كۇك!»دەپ ژىراق- يېقىندىن ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئاۋازلىرى بىلەن بۇلبۇللارنىڭ چاڭىلداپ- چاقىلداپ توختىماي سايراپ تۇرىدىغان ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلانماتتى. بۇ ئۇچار قاناتلار نەگە كېتىشكەن؟ ئۇلار بۇ ئەژايىپ ماكانلىرىدىن، بوستانلىقلاردىن نېمىشقا بېزىپ كەتكەن؟... ئەتىدىن كەچ كىرگىچە سۇدىن چىقماي چۆمۈلۈشىدىغان، دەرىيا بويىدا ھەر خىل قىزىق ئويۇنلارنى ئوينايدىغان ئۇششاق بالىلارمۇ كۆرۈنمەيدۇ. ئۇلار نېمە بولغان؟ ساز- نەغمە- ناۋالار، خۇش چاقچاق كۈلكىلەر بىلەن بەزمە قۇرۇپ ئولتىرىشىدىغان ئادەملەرمۇ ئون ئىزىدىن يوق. ھەتتا تاللىق ئىچىدىكى ئانىلىرىنى يوقىتىپ قويغان موزايلار بىلەن قوزا، ئوغلاقلارنىڭ مۆرەش، مەرەشلىرى، تەخەيلەرنىڭ ھاڭراشلىرىمۇ ئاڭلانمايدۇ. ئۇلار نەگە كېتىشكەن؟...

شۇندا مېنىڭ بالىلىق چېغىمدىكى كۆرۈنۈشلەر بىلەن ھازىرقى دەۋر تامامەن ئوخشىماس بولۇپ قالغان ئىدى!

ھە، مېنىڭ بالىلىق چېغىمدىكى دەۋرلەر ئەژايىپ بىر گۈزەل، قۇت- بەرىكەتكە، شادۇ- خوراملىققا تولغان بېباھا چاغلار ئېكەندە؟!... قېنى ئاشۇ چاغلار، دەۋرلەر؟ نەگە كەتتى، نەگە يوقالدى؟ نېمىشقا يوقالدى؟ كىم يوقاتتى؟ نېمىشقا يوقاتتى؟ نېمە ئۈچۈن يوقاتتى؟...

ئۇ چاغلاردا بىز، بالىلارلا ئەمەس، ژىگىت- قىزلارمۇ، ئوتتۇرا ياشلىقلارمۇ، ياشانغانلارمۇ ھازىرقىدەك غەم- قايغۇ، تەشۋىش- ئەندىشە دېگەن نەرسىلەرنى بىلمەس ئىدى. ئادەملەر بىر- بىرسىگە مېھرىبان، ۋاپادار، ساداقەتمەن ئىدى. بىر- بىرسىنى قەدىرلەر، ئايار، بىر- بىرسىگە كۆيۈنەر، بىر پارچە ناننى تەڭ بۆلۈشۈپ يەپ، خۇشاللىقلىرىغا ئورتاق، دەرد- قايغۇسىغا ھەمنەپەس بولار ئىدى. بۈگۈنچۇ؟ بۈگۈن ئادەملەردە مېھىر- مۇھەببەت، كۆيۈنۈش، بىر- بىرسىنى قەدىرلەش، بىر- بىرسىنى ئاياش دېگەڭە ئوخشاش ئالىي ژاناپ پەزىلەتلەر تۈگەپ كېتىۋاتىدۇ. مەن- مەنچىلىك، تەكەببۇرلۇق، مېھىرسىزلىك، قاتتىق قوللۇق، تاش ژۈرەكلىك، ساتقۇن- مۇناپىقلىق، شەخسىيەتچىلىك، ئابرۇيپەرەسلىك ئوخشاش ئىللەتلەر ئادەملەرنىڭ بويىغا سىڭىشكە باشلاۋاتىدۇ. بىز، ئۇيغۇرلاردا يوق بۇ خىل يارىماس ئىللەتلەر نەدىن كېلىۋاتىدۇ؟ ئۇنى كىملەر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ؟ نېمىشقا تاراۋاتىدۇ؟ تاراشقا كىم مەژبۇرلاپ، زورلاۋاتىدۇ؟...

ئەگەر بىز مۇشۇ پېتىمىزچە ماڭىۋېرىدىغان بولساق، ئۇ قانداق ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ ئۇ، بىر ئاللانىڭ ئۆزىگىلا ئايان، ئەلۋەتتە!

دەرىيا بويىدىكى بىر ئېگىز دۆڭگە چىقىۋېلىپ، ئەتراپىمغا قارايمەن. ئېلان ئىزى مىسالى يېيىلىپ ئېقىۋاتقان، بۇ تەۋە خەلقى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ ژىللىق تارىخىغا، مەدەنىيىتى بىلەن سەنüئىتىگە، شانۇ- شاۋكەتلىك دەۋرلىرى بىلەن شادۇ- خوراملىق كۈنلىرىگە، خانۇ- ۋەيرانچىلىقلار بىلەن كۈلپەتلىرىگە، قان كېچىپ قىلغان ژەڭۇ- كۈرەشلىرى بىلەن ئېغىر قىسمەتلىرىگە، تارتىۋاتقان مىسلىسىز ئازابلىرى بىلەن چەكسىز قايغۇ- ھەسرەتلىرىگە گۇۋاھ ئىلى دەرىياسى!

ژىراق- ژىراقلاردىن كۆزگە چۈشۈپ تۇرغان دەرىيا ياقىسىدىكى تال- دەرەخلەر، قومۇش- قورايلار، چەكسىز كەتكەن ئېتىزلىقلار، يېشىللىقلار، بوستانلىقلار، تۇرخۇنلىرىدىن ئىسلار چىقىپ تۇرغان پاكار- پاكار تام ئۆيلەر، خادۈكلەردە، ئېشەك ھارۋۇلاردا كېتىۋاتقان ئادەملەر، كىچىك بالىلىرىنى كۆتۈرىشىپ، يېتىلىشىپ، كىچىككىنە بوپىلىرىنى قولتۇقىغا قىسىۋالغان ھالدا ھەر تەرەپكە كېتىۋاتقان ژۇگان- چوكانلار بىلەن ئېتىزلاردا كەتمەن چېپىۋاتقان دېخانلارغا كۆزلىرىم چۈشكەنلىرىدە، بىردە راھەتلەڭەندەك، بىردە ئازابلانغاندەك بولدۇم. ئىلى دەرىياسى بولسا، قىرغاقلارغا ئۇرۇلۇپ، تولىمۇ مۇڭلۇق، تولىمۇ لاي، سۆرۈن ئېقىۋاتاتتى.

بۇ كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ راھەتلەڭىنىم، ئۇلارنىڭ ئاشۇ تام ئۆيلەردە ياشاۋاتسىمۇ، ماشىنىلارغا ئەمەس، ئات ھارۋۇلارغا، ئېشەك ھارۋۇلارغا ئولتارسىمۇ ياكى بالىلىرىنى كۆتۈرىشىپ، يېتىلىشىپ پىيادە ماڭسىمۇ، ئەتىدىن كەچ كىرگىچە ئېتىز- ئېرىقتا كەتمەن چاپسىمۇ، قانچە ماشاقەتتە ياشىسىمۇ ئۆز زېمىنىنى، ئۆز ۋەتىنىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىغى ئىدى!

ئازاپلانغانلىغىم، بۇ ژاپاكەش خەلقنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى پاژىەلىك تەقدىرى!... بۇ تەۋەدە، شۇ كۈنلەردە كۆڭلى توق، غەم- قايغۇ، ئەندىشىسى يوق ئادەملەرنى تېپىش تەس. ھەممىنىڭ قەلبى يارىلانغان. نې- نې قىران- ژىگىت بالىلىرىدىن، چىرايلىق قىزلىرىدىن ئايرىلغان، ئۇلارنىڭ يە ئۆلگەن، يە تىرىكلىكىنى بىلەلمەي ئاھ ئۇرۇپ ژۈرگەن بېچارە ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆز ياشلىرى مۇشۇ ئىلى دەرىياسىدەك ئاقماقتا... ئۆز زېمىنىدا، ئۆز ۋەتىنىدە ياشاپ تۇرۇپمۇ ھوقۇقسىز قالغان، ئىنسانچە ياشاش ھوقۇقىدىن ئايرىلغان بۇ خەلقنىڭ كېلەچەك تەغدىرىنىڭ نېمە بولۇشىدىن، قانداق بولۇشىدىن، تۈرمىلەردىكى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان گۇناسىز ياشلارنىڭ تەغدىرىدىن ئەنسىرەتتىم، ئازابلىناتتىم.

شۇ خىل ھەم راھەتلىك ھەم ئازابلىق ئوي- خىياللار بىلەن ئىلى دەرىياسى بويلىرىنى ئۇزاقتىن- ئۇزاق ئايلاندىم. كېيىن ئۆيگە قايتماقچى بولدۇم. بالىلىق دەۋرلىرىمدە سۇغا چۆمۈلىدىغان ژايغا باردىم. شۇ ژايدىن بىر ئوچۇم توپىنى ئالدىمدە، قول ياغلىقىمغا تۈگۈپ، يانچۇغىمغا سالدىم. ئاندىن بۇ گۈزەل ماكانىم بىلەن خوشلىشىپ، قايتتىم.

ئىلى دەرىياسى سۈيى يەنىلا شۇ باياقىدەك مۇڭلۇق، لاي ئېقىۋاتاتتى!...

كەچتە تاغامنىڭ ئۆيىگە باردىم. مەقسەت، ئۇلار بىلەن خوشلاشقاچ، ئۇلارنى سەپەرگە كېتىۋاتقىنىمدىن خەۋەردار قىلىپ قويۇش ئىدى.

بىراق، مەن تاغامغا، كىچىك ئانامغا ۋە بالىلىرىغا قىپ- قىزىللا يالغان گەپ قىلدىم.

- سىلەر بىلەمسىلەر، بىلمەمسىلەر، ئۇ تەرىپىنى بىلمەيمەن، - دېدىم ئۇلارغا. - ئاتامنىڭ قەشقەردە بىر يېقىن دوستى بار ئىدى. ئۇ كىشى غۇلژىغا كەلسە، بىزنىڭ ئۆيگە كەلمەي، بىر ئىككى كېچە مېھمان بولماي كەتمەيدىغان. ئاتاممۇ قەشقەرگە بارسا، ئۇ ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە چۈشمەي، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن مېھمان بولماي كەلمەيدىغان. ئىككىسى ناھايىتى قەدىردان ، قىيامەتلىك دوست ئىدى. ئۇ كىشى مېنى بەك ياخشى كۆرەتتى. ئۇ كىشىنىڭ ئاينىسە ئىسىملىك چىرايلىق بىر قىزى بىلەن بىر ئوغلى بولىدىغان. ئاتام ۋاپاتىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئىلگىرى مېنى قەشقەرگە، ئاشۇ ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇلار بىزنى ئۆيىدە ئۈچ- تۆرت كۈن مېھمان قىلىپ، كۆڭلىمىزنى كۆتەرگەندى.

ئاتام بىلەن ئۇ ئاغىنىسىنىڭ ئارزۇ- ئارمىنى، مەقسىتى بىر- بىرسى بىلەن قۇدا بولۇش ئېكەن. بىز، ئاينىسە ئىككىمىز ئۇنى كېيىن بىلدۇق... ئەدەپ- ئەخلاقلىق، ئاي دېسە ئۆزى، كۈن دېسە كۆزى بار ئاينىسەنى مەن بىر كۆرۈپ، سۆزلەشكەندىن كېيىنلا ئۇ قىزنى چىن قەلبىمدىن سۆيۈپ قالغان ئىدىم. ئاينىسەمۇ مېنى ياقتۇرۇپ قالغان ئېكەن. ھەر ئىككىمىز كېلەچەكتە توي قىلىشقا، ئاىلە قۇرۇشقا قاتتىق ۋەدە قىلىشىپ، بىر- بىرسىمىزگە خەت يېزىشىپ تۇرغانىدۇق.

ئاينىسەنىڭ ئاتىسى قەشقەر تەۋەسىدىكى ئاتاقلىق سودىگەر، چوڭ بايلارنىڭ بىرسى ئېكەن. ئاينىسەنىڭ ئاكىسىمۇ سودىگەر- تىژارەتچى بولۇپ، بىز قەشقەرگە بارغان ژىلى ئۆيلەڭەن ئېكەن. ئاتىسى ئۇ ئاكىسىغىمۇ ئالايىتەن قورا- ژاي سالدۇرۇپ بەرگەن ئېكەن.

ئىككى كۈن ئىلگىرى ئاينىسەدىن خەت ئالدىم. ئاكىسى ئۈچ- تۆرت ئاي ئىلگىرى ماشىنا ھالاكىتىگە ئۇچراپ، قازا قىپتۇ. يالغۇز ئوغلىنىڭ قازاسى ئاتىسىغا بەك ئېغىر كەلگەنمۇ، خېلىلا ئاغرىپ، يېتىپ قاپتۇ. ئاتىسى مېنىڭ كېلىشىمنى، مەن بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەتە ئەتىگەندە قەشقەرگە ماڭماقچىمەن. ئاينىسەنىڭ ئاتىسى؛ «كۆزىمنىڭ تىرىگىدە ئاغىنەمگە بەرگەن ۋەدەمنى ئورۇنلاپ، ئىككىڭلارنىڭ نىكاسىنى قىيىپ قوياي»دەپ ئارزۇ قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلاۋاتىمەن. ئەگەر شۇنداقلا ئىش بولسا، مەن ژان دەپ ماقۇل دەر ئىدىم. چۈنكى مەن ئاينىسەنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭ بىلەن ئاىلە قۇرۇشنى ئارمان قىلىمەن. ئەگەر ھەممە ئىش مەن ئويلىغاندەك، ئارمان قىلغاندەك بولسا، قەشقەردە قېلىپ قېلىشىممۇ مۇمكىن!...

بۇ سۆزلەرنى ئۆيىمىزدە ئىژارىدە ئولتىرىۋاتقان ئەخمەتژان ئاكا بىلەن زەيتۇنەم ھەدىگىمۇ شۇ بويىچە ئېيتتىم.

ئەتىسى ئەتىگەندە ۋاڭ ژۇن ئاغىنەم مېنى ئۇزۇتىپ، قورغاس چېگارىسىغىچە كەلدى.

- خەير خوش، دوستۇم، - دېدى ئۇ مېنى قاتتىق قۇچاقلاپ تۇرۇپ قۇلۇغىمغا. - ساڭا ئاق يول تىلەيمەن! ئۆزۈڭگە ساق بول، مىقتا بول. بىر ئامالىنى تېپىپ، چەت ئەللەرگە، بۇ يەردىن ژىراقلارغا كەت. ھازىرچە، شۇندىلا سەن بىخەتەر ياشايسەن!

- رەھمەت ساڭا، دوستۇم، - دېدىم مەنمۇ ئۇنىڭ قۇلىغىغا پىچىرلاپ. - ماڭا قىلغان ياخشىلىقلىرىڭنى ھېچ قاچاندا ئۇنتۇمايمەن. بىز يەنە ئۇچرىشىمىز، ياخشى كۈنلەردە، ئۇلۇغ كۈنلەردە ئۇچرىشىمىز!

- ئەلۋەتتە، بىز چوقۇم ئۇچرىشىمىز!...

كىندىك قېنىم تامغان گۈزەل غۇلژا شەھىرىمدىن ئەينە شۇنداق ئايرىلدىم.

ۋەتەن دەپ ۋەتەندىن ئايرىلدىم!

2 - قىسىم

مۇساپىر دەردى

تۇداخۇن ئاكا بىلەن قازاقستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە كەلدۇق. شىركىتىمىزنىڭ شەھەردىكى ئىژارىگە ئېلىپ قويغان ئىككى خانىلىق ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇق. شىركەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن بىر نەچچە كۈن ئۆتتى.

بىر كۈنى كەچتە مەن تۇداخۇن ئاكىغا، ئۇنىڭ بىلەن نېمە مەقسەتتە بۇ تەۋەگە چىققانلىقىمنى ئوچۇق ئېيتتىم.

- شۇنداق ئىشلار بارمۇ تېخى؟- دېدى تۇداخۇن ئاكا ھە دېگەندە ھەيران بولۇپ.

- ئاشۇ چۈشلىرىمدىن ئۆزۈم بەك ئەنسىرەپ، قورقۇپ ژۈردىم، ئاكا، - دېدىم كۆڭلۈمدىكىنى ئوچۇق ئېيتىپ. - ساقچىلار بىر كۈنى كېلىپلا پۇت- قوللىرىمغا كىشەن- كويزا سېلىپ ئېلىپ كېتىدىغاندەكلا قىلىپ تۇراتتى. كېيىن ۋاڭ ژۇنغا ھەممىنى ئېيتتىم. ئۇ مېنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، مېنىڭ تېزلىكتە ئوتتۇرا ئازىيا تەرەپكە چىقىپ، بۇ ياقلاردىن بىر يولىنى تېپىپ ئامېرىكا ياكى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بىرسىگە كېتىشىم كېرەكلىكى ھەققىدە مەسلىھەت، يول- يورۇق بەردى، سىز بىلەن بىللە يولغا سالدى!...

- شۇنداق دېگىن، ئۇكا؟

- ھە، شۇنداق.

- ۋاڭ ژۇن ناھايىتى ياخشى يول كۆرسۈتىپتۇ، - دەپ تاماكا تۇتاشتۇردى تۇداخۇن ئاكا. - ئۇ ياخشى بالا. سېنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ- قەدىرلەيدۇ، ياخشى كۆرىدۇ. مەن ئۇنىڭ ساڭا بولغان ساداقەتمەنلىكىگە، ھەقىقىي دوستلۇقىغا ھەيران قالىمەن. ئىككىڭلارنىڭ دوستلۇقىغا ھەۋەسىم كېلىدۇ. ئۇ سېنى نېمىگە شۇنچە ياخشى كۆرىدۇ؟

- بىلمەيمەن، ئاكا. ئۇ ئىككىمىز تۈرمىدە تونۇشۇپ، دوست بولۇپ قالدۇق، خالاس. مەن ئۇنىڭغا بىرەر ياخشىلىق قىلغىنىممۇ يوق. ئاللاھ مېنى ئۇنىڭغا ئىسسىق كۆرسۈتىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن؟... ۋاڭ ژۇننىڭ ئارقىسىدا سىلەرنىڭ شىركەتكە ئىشقىمۇ ئورۇنلاشتىم، پۇللۇقمۇ بولدۇم، سىزگە ئوخشاش ياخشى ئاكامنى تېپىۋالدىم؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھغا مىڭلارچە شۈكرى كەلتۈرىمەن!

- ھە، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، - دېگەن تۇداخۇن ئاكا ماڭا سوال نەزىرىدە تىكلەندىدە. - ئەمدى نېمە قىلماقچىسەن؟

- بىلمەيمەن، ئاكا، - دېدىم مەن. - ماڭا ئەمدى سىزنىڭ يول- يورۇغىڭىز، مەسلىھىتىڭىز، ياردىمىڭىز كېرەك، ئاكا؟ مەن ئەمدى تەغدىرىمنى سىزنىڭ قولىڭىزغا تاپشۇردۇم؟!- ئاۋازىم تىترەپ چىقىپ كەتتى... تۇداخۇن ئاكىنىڭ كۆزلىرىگە نىژاتلىق تىلەپ تىكلەندىم. ئۇ سىگارېتىنى قېنىپ- قېنىپ شورىدىدە، سۆز باشلىدى.

- راستىنى ئېيتسام، بىرىنچى قېتىمدىلا سېنى كۆرگىنىمدە، سەن كۆزىمگە ئىسسىق كۆرۈڭەن ئېدىڭ! سېنىڭدىكى مىللىي روھ، مىللىي غۇرۇر بىلەن ۋىجدانلىق ھەم ژاسارەتلىگىڭ ماڭا يېقىپ قالغان ئىدى؟ كېيىن ئاڭلىسام، ياخشى ئادەمنىڭ بالىسى ئېكەنسەن، ئۇكام. ساڭا ئوخشاش ژۈرىگىدە ئوتى بار، ۋەتەن دەپ كۆيۈدىغان ژىگىتلەرنى ياقتۇرىمەن، ياخشى كۆرىمەن... سېنىڭ دوستۇڭ ئاشۇ خىتاي ژىگىتى ساڭا شۇنچىلىك ياخشىلىقلارنى قىلىۋاتقىنىدا، مەن قولۇمدىن كېلىدىغان ياردىمىمنى سېنىڭدىن ئايىسام، ئۇ دۇنياغا بارغاندا، ئاللانىڭ ئالدىدا قانداق ژاۋاپ بېرىمەن؟...

- رەھمەت، تۇداخۇن ئاكا، رەھمەت، - دېدىم ھاياژاندىن. - قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى ئۆمۈر بويى ئۇنتۇماسمەن؟!

- بۇ دۇنىيادا ئادەملەر قولىدىن كېلىپ تۇرغاندا بىر- بىرسىدىن ياردىمىنى ئايىماسلىغى كېرەك، دەپ ئويلايمەن، - دېدى تۇداخۇن ئاكا. - ۋاڭ ژۇنغا قايىلمەن. ئۇ سېنىڭ تەغدىرىڭدىن ئەنسىرەپ، سېنىڭ قايتىدىن ئاشۇ دوزاخ- تۈرمىلەرگە كىرىپ كېتىشىڭدىن، سېنىڭ نابۇت بولۇپ كېتىشىڭدىن قورقۇپ، ھېچ كىمگە سەزدۈرمەي، سېنى شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى بەژىرىشى كېرەك دەپ، مېنىڭ بىلەن بۇ ياققا چىقارغىنىغا ئاپىرىن!... بۈگۈنكى بۇ بۇزۇلغان زاماندا، بۇزۇلغان ژەمىيەتتە، بۇزۇلغان دۆلەتتە ۋاڭ ژۇنغا ئوخشاش ژىگىتلەرنى ھەتتا ئۆز مىللىتىڭدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن تېپىش تەس، ئۇكام؟ كۆردۈڭمۇ، خىتايلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئەژايىپ ئىنسانپەرۋەر ئادەملەر كۆپ!

- مېنىڭ ژۈرۈگىمدىكى گەپنى قىلدىڭىز، ئاكا، - دېدىم. - ۋاڭ ژۇن ئاغىنەم سىز ئېيتىۋاتقان بۇ بۇزۇلغان ژەمىيەتنى، بۇ دىكتاتور تۈزۈمنى، ئالدامچى كوممۇنىستىك پارتىيانى ناھايىتى ئۆچ كۆرىدۇ، يامان كۆرىدۇ! نېمىشقا دېسىڭىز، ئۇنىڭ ئاكىسىنى تيانüئەنمىن مەيدانىدىكى ستۇدېنت- ياشلارنىڭ تىنچلىق نامايىشى ۋاقتىدا تانكىغا چەيلىتىپ ئۆلتەرگەن ئېكەن!

- شۇنداقمۇ؟

- ھە، ئۇنىڭ ئاشۇ ئاكىسى بىزنىڭ ئۆركەش بىلەن يېقىن دوست بولۇشقان ئېكەن... ۋاڭ ژۇننىڭ مېنى ئۆزىگە يېقىن دوست تۇتۇشى، بىزنىڭ مەقسەت- مۇداىمىزنىڭ، تۇتقان يولىمىزنىڭ، نىشانىمىزنىڭ بىرلىكى دەپ ئويلايمەن؟ ۋاڭ ژۇن ئۆزى دېموكرات ژىگىت. ئۇ چەت ئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، رۇس ئىمپېرىياسىنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ ياشاۋاتقان تۈركىي خەلىقلىرىگە ئوخشاش بىز، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز ۋەتىنىمىزگە ئۆزلىرىمىز ئېگە، غوژا بولۇپ ياشىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى تالاي قېتىم ئېيتقان.

- ۋاڭ ژۇن ئاغىنەڭ قالتىس ژىگىت ئېكەندە؟

- ھە، ئۇ كۆرۈنۈشتە، ئېغىزىدا «ژۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىياسى ياشىسۇن!»دېگىنى بىلەن ئىچىدە، ژۈرىگىدە «ژۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىياسى يوقالسۇن!»دەيدىغان ژىگىتلەردىن!...

سۆھبىتىمىز شۇ ماۋزۇ ئۈستىدە خېلى داۋام قىلدى. بىر چاغدا تۇداخۇن ئاكا؛

- مېنىڭ ئويۇممۇ ۋاڭ ژۇن ئاغىنەڭنىڭ ئويى بىلەن بىر يەردىن چىقىۋاتىدۇ ، - دەپ سىگارېتىنى كۈلدانغا بېسىپ ئۆچەردىدە، شۇنداق دېدى. - ساڭا ئەمدى بۇ يەردە ئۇزاق قېلىشقىمۇ بولمايدۇ. بىر يولىنى تېپىپ، ژىراق چەت ئەللەرنىڭ بىرسىگە چىقىپ كېتىشىڭ كېرەك. شۇ چاغدىلا بىخەتەر ياشايسەن، ئۆز ئارزۇ- مەخسەتلىرىڭگە يېتىسەن، ئۇكام؟

- مېنىڭ ئارزۇ- ئارمان، مەخسەتلىرىم ئۆزىڭىزگە ياخشى مەلۇم، ئاكا، - دېدىم تۇداخۇن ئاكامنىڭ سۆزلىرىگە ژاۋابەن. - ئاشۇ ژىراق چەت ئەللەرنىڭ بىرسىگە چىقىۋالسام، ئۇ يەردىكى ۋەتەن داۋاسىنى قىلىۋاتقان ۋەتەنداشلىرىمنىڭ سېپىگە قوشۇلۇۋالساملا بولاتتى؟

- ئاللاھ بۇيرۇسا، ئۇ مەخسەتلىرىڭگە چوقۇم يېتىسەن، ئۇكام!

- ئىلاھىم، ئېيتقىنىڭىز كەلسۇن!- دېدىم ۋە سورىدىم. - تۇداخۇن ئاكا، چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشنىڭ قانداق يوللىرى بار، ئۇ تەرىپى ھازىرچە ماڭا نامەلۇم؟

- بۇ ھاياتتا پەقەتكىنە ئۆلۈمگە چارە يوق. ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە نەرسىگە چارە تېپىشقا، يول تېپىشقا بولىدۇ!...

تۇداخۇن ئاكامنىڭ ئىشەشلىك ئېيتقان بۇ سۆزلىرى ماڭا قانات پۈتكەندەك، ئاشۇ قاناتلىرىم ئارقىلىق پەرۋاز قىلىپ، ژىراق چەت ئەللەرگە خېيىم- خەتەرسىز، ھازىرلا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك، مېنىڭدە ئۈمىد پەيدا بولغان ئىدى.

تۇداخۇن ئاكامنىڭ كۆزلىرىگە نىژاتلىق بىلەن تىكلەندىم. شېرىن سۆزلەر چىقىۋاتقان ئېغىزىدىن يەنە قانداق ياخشى سۆزلەر چىقار ئېكىن، دەپ تەلمۈردىم.

- ئەتە ئىككىمىز بىر يەرگە بارىمىز. ژىراق چەت ئەللەرنىڭ بىرسىگە چىقىپ كېتىشنىڭ قانداق يوللىرى بار، شۇنى بىلىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار ئاللاھ بۇيرۇسا، بىز ئويلىغاندەك بولىدۇ، ئۇكام، - دېدى ئۇ.

- رەھمەت، ئاكا، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەغدىرىم ئەمدى سىزنىڭ قولىڭىزدا؟!- دېدىم ئۇنىڭدىن چەكسىز مىننەتدار بولۇپ. - ئۆزىڭىزگە ياخشى مەلۇم، مېنىڭ ۋاڭ ژۇنغا ئوخشاش ساداقەتمەن، ۋاپادار دوستۇم بىلەن سىزگە ئوخشاش مېھرىبان، قەدىردان ئاكام، ئىشەنچلىك يار- يۆلىگىم، ئىشەڭەن تېغىمدىن باشقا ھېچ كىمىم يوق، تىكەندەك يالغۇزمەن!

- خاتىرژەم بول، ئۇكام. مەنمۇ سېنى بىر قوساقتىن چىققان ئىنىمدەك كۆرىمەن. قولۇمدىن كەلگەن ھەر قانداق ياردەمنى سېنىڭدىن ئايىمايمەن، - دەپ تۇداخۇن ئاكام ئورنىدىن تۇردى. - ۋاقىتمۇ خېلى يەرگە بېرىپ قاپتۇ، دەم ئالايلى؟...

ئەتىسى چۈشكە يېقىن تۇداخۇن ئاكام مېنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ژۇقارقى قىسمىدىكى ساپ ھاۋالىق «پولې چۇدېس»دەپ ئاتىلىدىغان بايلار مەھەللىسىگە تاكسى بىلەن ئېلىپ باردى. ئىككى قەۋەتلىك، ئۈچ قەۋەتلىك، بىر- بىرسىدىن ھاشامەتلىك، بىر- بىرسىدىن چىرايلىق سېلىنغان ئۆيلەر سىرتتىن قارىغاننىڭ ئۆزىدە، بەەينى خان سارايلىرىدەك كۆرۈنەتتى. ھەممىلا ئۆي- قوراللارنىڭ تاملىرى چىرايلىق خىشلار بىلەن ئادەم بويىدىن ئېگىز قوپۇرۇپ، قورشالغان. بىر- بىرسىدىن ھەيۋەتلىك، بىر- بىرسىگە ئوخشىماس پولات دەرۋازىلار...

بىز چۈشكەن تاكسى تۇداخۇن ئاكامنىڭ ئېيتىشى بىلەن گۈللۈك ياسالغان قارا پولات دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.

بىز ماشىنىدىن چۈشتۇق.

- مەن ساڭا ئېيتقان ئاغىنەمنىڭ ئۆيى مۇشۇ، - دېدى تۇداخۇن ئاكام ھاشامەتلىك ئۆينى ئىشارە قىلىپ. - ئۆزى باي تىژارەتچى بولسىمۇ، ناھايىتى كەمتەر، ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست، خۇش چاقچاق كىشى. بۇ ئىككىمىز بەك قەدىردان. ئاتا- ئانىسى ئاتۇشلۇق. مېنى «ئاتۇشلۇقۇم، بىر ژۇتلۇغۇم»دەپ ناھايىتى يېقىن كۆرىدۇ. ئۆزى ئەژايىپ، باھاسى يوق ژىگىت. - دېگەن تۇداخۇن ئاكا دەرۋازا قوڭغۇرىغىنىڭ كنوپكىسىنى كەينى- كەينىدىن بىر نەچچە قېتىم باستى. قوڭغۇراق كنوپكىسىدىكى مىكروفوندىن؛

- كىم بۇ؟- دېگەن ئەر كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. تۇداخۇن ئاكا ئاۋاز ئىگىسىنى تونۇغان بولسا كېرەك، چاقچاق ئارىلاش شۇنداق دېدى؛

- دەرۋازىنى ئاچسىلا، غوژام! ئاتۇشتىن تۇداخۇن ئاكىلىرى كېلەپ قالدى؟!

- ۋاي، ھازىر تەقسىر، مانا ھازىر!- دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ دەرۋازا قۇلۇپى ئاۋتوماتلىق تۈردە شاراق قىلىپ ئېچىلدى...

بىز ھويلىغا كىردۇق. كەڭ- تاشا ھويلا. ھەممە ئەتراپ گۈل. سول تەرەپتە ئۈزۈم بارىڭى. باراڭ ئاستىغا بۈگۈلۈك ياسالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە گىلەم، چۆرۈلدۈرۈپ ئەتلەس كۆرپىلەر سېلىنغان. ئوڭ تەرەپ مېۋىلىك باغ. ياش مېۋە دەرەقلىرى باراقسانلىشىپ تۇرىدۇ. ئاستى يېپ- يېشىل چىم چۆپ. ھويلا ئىچىدىكى ھەر خىل گۈللەردىن گۈپۈلدەپ كېلىۋاتقان خۇش پۇراقلار دىماقلارنى غىدىقلايدۇ، تېنىڭگە راھەت، ھۆزۈر بېغىشلايدۇ. نېرىراق ژايغا مەخسۇس ياسالغان ئادەم بويىدىن ئېگىز «تاغنىڭ» چوققىسىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان مۆلدۈر سۇ «تاغ» تاشلىرىنى يالاپ، شىرىلدىغان ئاۋاز چىقىرىپ تۆۋەڭە ئېقىپ تۇراتتى. ھويلا ئىچى شۇنچىلىك سالقىن ئىدى. مەيىن شامال ئۈزلىرىڭنى سىلىق سىيپاپ ئۆتەتتى.

«پاھ، نېمە دېگەن قورا- ژاي بۇ!... بەەينى ژەننەتنىڭ ئۆزى. ژەننەت دېگەن مۇشۇنداق بولسا كېرەك؟!»دەپ ئويلىدىم.

- ئەسسالامۇەلەيكۈم، خۇش كەپسىلەر، خۇش كەپسىلەر!- دېگىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەلگەن تولۇق كەلگەن ئاق ئۈزلۈك، قوشما قاش، ئەللىك ياشلار ئەتراپىدىكى كىشى قوللىرىنى غاز قانىتىدەك كېرىپ، تۇداخۇن ئاكامغا قاراپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ماڭدى...

ئۇلار قۇچاغلىشىپ كۆرۈشتى. ھال- ئەھۋال سوراشتى. مېنى تونۇمىغانلىقتىن، ئادەمگەرچىلىك يۈزىسىدىن ئۆي ئىگىسى مەن بىلەن قول ئېلىشىپ سالاملاشتى. شۇ ئارىدا؛

- ۋاي، تۇداخۇن ئاكام كېلىپ قاپتىغۇ؟!- دېگەن ئايال كىشىنىڭ ژاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۆي ئېگىسىنىڭ ئايالى بولسا كېرەك، چىرايلىق كىيىڭەن ھۆسنىدار ژۇگان تۇداخۇن ئاكامغا سالام قىلىپ، ئۇلار قويۇق تىنچلىق- ئامانلىق سوراشتى.

- قېنى، قېنى مېھمانلار، ژۇقۇرىغا، ژۇقۇرىغا مەرھەمەت؟!- دەپ ساھىپخانلار بىزنى بۈگۈلۈك ئۈستىگە تەكلىپ قىلىشتى.

بىز ژۇقۇرىغا چىقىپ ئولتىرا- ئولتىرماي، قەپەستىكى بۆدۈنە «ۋىتۋالداق، ۋىتۋالداق!»دەپ بىر نەچچە قېتىم سايرىدى.

- كۆردۈڭمۇ ئاداش، سېنى كۆرۈپ، ساڭا سالام بېرىپ، خۇشاللىقتىن بۆدۈنىمۇ سايراپ كېتىۋاتىدۇ؟- دېدى ئۆي ئىگىسى باراڭغا ئېسىپ قويغان چىرايلىق قەپەس ئىچىدىكى قۇشنى ئىشارە قىلىپ.

- ھە، بۇ قۇشىڭمۇ سېغىنىپ قالغان ئوخشايدۇ مېنى؟- دېدى تۇداخۇن ئاكاممۇ كۈلۈپ.

- ساڭا ئوخشاش ياخشىلارنى بىز ئەمەس، ئۇچار قۇشلار بىلەن ژان- ژانىۋارلارمۇ ياخشى كۆرىدۇدە!- دېدى ئۆي ئىگىسى.

- كۆپ ئاشۇرۇۋەتتىڭ، ئاداش، - تۇداخۇن ئاكام كەمتەرلىك بىلدۈردى.

- خوش، بۇ ئىنىمىز كىم بولىدۇ؟- مېنى ئىشارە قىلغاچ، تۇداخۇن ئاكامدىن سورىدى ئۆي ئىگىسى.

- بىزنىڭ شىركەتتە ئىشلەيدىغان ئىنىمىز. ئىسمى قەيسەر، - دەپ مېنى تونۇشتۇردى.

- ناھايىتى ياخشى. خۇش كەپسىز، ئۇكام، - دېدى ئۆي ئىگىسى سەمىمىيلىك بىلەن. - مېنىڭ ئىسمىم شاۋكەت. تۇداخۇن ئاكىڭىزنىڭ بىر ژۇتلۇق قەدىردان دوستى بولىمەن!

- سىز بىلەن تونۇشقىنىمغا مىننەتدارمەن، ئاكا!

ئاڭغىچە داستىخان سېلىنىپ، داستىخان ئۈستى ھەش- پەش دېگۈچە نازۇ- نېمەتلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. ھەدىمىز بەك چاققان ئېكەن. بىز بىر- ئىككى پىيالىدىن چاي ئىچكىچە، ئاچچىق- چۈچۈك قورۇلغان گۇيرۇ سەي كەلتۈرۈلدى...

تۇداخۇن ئاكام بىلەن شاۋكەت ئاكىنىڭ تۈگىمەس قىزىق پاراڭلىرى، چاقچاق ھەزىللىرىنى ئاڭلاپ ئولتىرىپ، ئۇلارنىڭ بىر- بىرسىنى بەك قەدىرلەيدىغان، بىر- بىرسىگە بەك كۆيۈنۈدىغان مېھرىبان يارۇ- دوستلاردىن ئېكەنلىگىگە ھەۋەسىم كەلدى. «نېمە دېگەن ئوچۇق- يورۇق، بىر- بىرسىگە قەدىر- قىممىتى چەكسىز ئاغىنىلەر بۇلار؟ ئاغىنە- دوست دېگەن مانا موشۇلاردەك بولۇشى كېرەك ئېكەن؟ مۇشۇ خىلدىكى قەدىردان ئاغىنىلىرىڭ بولسا، نېمە ئارمان!»دەپ ئويلىدىم.

- باغ- ۋاراننى كىچىككىنە ئايلىنايلى؟- دېدى بىر چاغدا تۇداخۇن ئاكام.

- چارچاپ قالدىڭمۇ؟... مەيلى ئاداش، مەيلى، - خۇشخويلۇق كۆرسەتتى شاۋكەت ئاكا.

- ياقە، تاماقنى كىچىككىنە سىڭدۈرەيلى دەيمەن-دە؟

- بۇ دېگىنىڭمۇ توغرا!

- ھە راستلا، ھاشىم ئىنىمىز كۆرۈنمەيدىغۇ؟- دېدى ئورنىدىن تۇرغان تۇداخۇن ئاكام.

- بار. باغنىڭ ئارقىسىدا بىر ئىشلارنى قىلىۋاتاتتى.

- ئۇنىڭ ئىشلىرى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟- سورىدى تۇداخۇن ئاكام.

- كۈتۈۋاتىدۇ. قاچان چىقىشى ھازىرچە بەلگىسىز.

- ھە، رىزقى كۆتۈرۈلگەن كۈنى چىقىپ قالار. رىزقى كۆتۈرۈلمىگىچە، قانچە ھەرىكەت قىلساڭمۇ بىكار؟

- ئۇنىڭغا مەنمۇ شۇنداق دەيمەن...

مەن ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئانچىمۇ ئېتىبار بېرىپ كەتكىنىم يوق. ھاشىم دېگىنى كىم؟ ئۇنىڭغا قىزىقمىدىم. مېنىڭ بار ئوي- خىياللىرىم باشقا نەرسىدە، يەنى ئۆز تەغدىرىم ھەققىدىلا ئىدى.

بىز ھويلا ئىچىدە ئۇ ياقتىن، بۇ ياققا مېڭىپ، بۇ قورادىكى ئەژايىپ گۆزەللىكنى تاماشە قىلغاندەك بولدۇق. ھويلا ئىچىدىكى «تاغنىڭ»چوققىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، پەسكە شىرىلداپ ئېقىپ چۈشۈۋاتقان مۆلدۈر سۇنىڭ ئالدىغا كەلدۇق.

- بۇنى بەك ياخشى ئويلاپ ياسىغانسەندە، ئاداش؟- تۇداخۇن ئاكا فونتانغا ھەۋەسلىنىپ قارىغان ھالدا.

- ئېيتما، ئاداش، ھەممىدىن موشۇسى ئېسىل بولدى، - دېدى شاۋكەت ئاكا. - بەزىدە ھېرىپ، چارچىغىنىڭدا، سۇنىڭ شىرىلداپ، دومىلاپ ئېقىشىغا قاراپ ئولتارساڭ، ھادىغىڭ چىققاندەك، ئۆزۈڭ يېپ- يېنىك بولۇپ قالىدېكەنسەن. شېرىن خىياللارغا چۆمۈلىدېكەنسەن قارا؟

- ئۆزەڭمىغۇ شاىر قەلب ئادەمسەن!- كۈلدى تۇداخۇن ئاكام.

- مۇشۇ «تاغنىڭ» چوققىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، پەسكە ئېقىۋاتقان بۇ سۇغا قاراپ ئۈچلا كۈن ئولتىرىدىغان بولساڭ، شاىر بولۇپ كېتىشىڭ مۇمكىن!

- تىژارەتنى تاشلاپ، شاىر بولۇپ كەتمە يەنە؟

- ئاز- ئاز قېلىۋاتىدۇ...

ئۇلار قاقاخلاپ كۈلۈشتى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە قوشۇلدۇم.

تۇداخۇن ئاكامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك، باغنىڭ ئارقىسىدا بىر ئىشلارنى قىلىپ ژۈرگەن ئورۇق- ئىنچىكە، قاراراق كەلگەن ژىگىت ژۈگۈرەپ دېگۈدەك بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلدى. كۆرۈنۈشتە ئۇ مەندىن ئۈچ- تۆرت ياش چوڭدەك ئىدى.

- ھوي، تۇداخۇن ئاكام كېلىپ قاپتىغۇ؟... ئەسسالامۇەلەيكۈم، ئاكا!- دەپ ئۇ كۆرۈشۈش ئۈچۈن سۇنغان تۇداخۇن ئاكامنىڭ قولىنى ئىككى ئالىقىنى ئارىسىغا ئالدى.

- ۋاەلەيكۈم ئەسسالام، قانداق ئەھۋالىڭ، ھاشىم؟- دېدى تۇداخۇن ئاكام مېھرىبانلىق بىلەن.

- ئىنشااللا، ياخشى ئاكا، ياخشى. ئۆزىڭىز سالامەت تۇرامسىز؟- دېگەن ئۇ تۇداخۇن ئاكامنىڭ قولىغا ئۆزىنى ياقتى.

- ھوي، ھاشىم، سەن بۇ ئاكاڭنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، قولىغا سۆيۈۋاتقىنىڭ نېمىسى؟- چاقچاق ئارىلاش شۇنداق دېدى شاۋكەت ئاكا.

- ئۈستى- بېشىم مەينەت ئېكەن، - خىژالەت بولغاندەك ئىپادە بىردۈردى ئۇ. - تۇداخۇن ئاكامنىڭ قولىغا ئەمەس، ئاياغلىرىغا سۆيسەممۇ ئەرزىيدۇ، - ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقتى. - تۇداخۇن ئاكام قىلغان ياخشىلىقنى ئۆلگۈچە ئۇنتۇمايمەن. مەن سىلەرگە بىر ئۆمۈر قەرزدارمەن، ئاكىلىرىم؟!...

مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدە لىققىدە ياشلارنى كۆردۈم... «بۇ بالا كىم؟ بۇلار ئۇنىڭغا شۇنچىلىك نېمە ياخشىلىق قىلغاندۇ، ھە؟... توختا، بۇ بالىنى مەن بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەنغۇ؟... ھاشىم! ئېتىمۇ، چىرايىمۇ تونۇشتەكلا. قايسى ھاشىم بولدى بۇ، ھە؟»دېگەڭە ئوخشاش سواللار بىلەن ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارايمەن. قانچە قىلساممۇ، ئېسىمغا زادىلا چۈشۈرەلمىدىم.

بايا تۇداخۇن ئاكام بىلەن شاۋكەت ئاكىنىڭ مەن ئانچىمۇ ئېتىبار بەرمىگەن سۆزلىرى گۈپلا ئېسىمغا كېلىپ، قۇلىغىم تۈۋىدە قايتىدىن ئاڭلانغاندەك بولدى. «كۈتۈۋاتىدۇ. قاچان چىقىشى بەلگىسىز!»، «رىزقى كۆتۈرۈلگەن كۈنى چىقىپ قالار!».

«بۇمۇ ماڭا ئوخشاش ۋەتەن دەپ ۋەتەندىن ئايرىلغان بىر قاچقۇن بولۇشى مۇمكىن؟ ئۇنىڭ كۈتۈۋاتقىنى چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشى بولسا كېرەك؟... ئاخىر بىز بۇ ئۆيگە ئاشۇ مەسىلە بويىچە كەلدۇق ئەمەسمۇ؟... » بۇ خىل سواللار چاقماق تېزلىكىدە كاللامدىن ئۆتتى. «بۇ بالىنى بىر يەردە كۆرگەندەك، چىرايى تونۇشتەك قىلىپ تۇرىدۇ؟... ئۇنىڭ كىملىكىنى تۇداخۇن ئاكامدىن سوراپ بىلەرمەن»دەپ كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم.

تۇداخۇن ئاكام ھاشىم بىلەن پاراڭلاشقاچ، باغ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى.

- شاۋكەت ئاكا، قورا- ژاينى بەك قاتۇرۇپ سېلىپسىز؟- دېدىم ئارىدىكى ژىم- ژىتلىقنى بۇزۇپ.

- ھە، بالىلار ئۈچۈن سالدۇقتە، ئۇكام.

- باللىرىڭىز كۆپ بولسا كېرەك؟

- ئاللاھغا شۈكرى، تۆرت ئوغۇل، بىر قىزىم بار، - دېدى شاۋكەت ئاكا ھەم رازىمەنلىك ھەم مەغرۇرلۇق بىلەن.

- بالا كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى ئېكەن، ئاكا؟ ھەدەم ئىككىڭلار بەختلىك ئېكەنسىلەر؟ تۆرت ئوغۇل، بىر قىز! قانداق ياخشى؟!- ھاياژېنىمنى يوشۇرالماي قالدىم. - باللىرىڭىزمۇ بەختلىك ئېكەن قاراڭ؟ بەش قېرىنداش! ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەرگە ئوخشاش ئەژايىپ ئاتا- ئانىلىرى بار. پاھ، نېمە دېگەن بەخت بۇ؟! ئىلاھىم، بەختىڭلارغا كۆز تەگمىسۇن، تىل تەگمىسۇن! ھەدەم ئىككىڭلارغا ئاللاھتاالا بالا- ژاقىلىرىڭلارنىڭ قىزىغىنى، راھىتىنى كۆرۈشكە ئۇزاق ئۆمۈر بەرگەي؟!

- رەھمەت، ئېيتقىنىڭ كەلسۇن، ئۇكام، - شاۋكەت ئاكا مېنىڭ سۆزلىرىمدىن مىننەتدار بولغاندەك بولدى.

- بالىلارنىڭ چوڭى نەچچىدە، كىچىكى نەچچىدە؟- دەپ سورىدىم.

- چوڭى ژىگىرمە يەتتىدە، كىچىكى ئون بەشتە، - دەپ ئۇ ماڭا بالىلىرىنى سىرتتىن تونۇشتۇرغاندەك بولدى. - چوڭ ئوغلۇم ئاڭلىيادە ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ئىنستىتۇتنى پۈتۈرىپ، ھازىر بانك خىزمەتچىسى. ئۈچىنچى ئوغلۇم قازاقىستان- ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى بىيىل تاماملايدۇ. ئاكىلىرىغا قارىغاندا، بۇ ئوغلۇم مىقتاراق چىقتى. ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتۈرمەي ئوقۇپ ژۈرۈپ، چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ بىرسىگە ئىشقا كىرىۋاپتىكەن، بىر ژىلدىن ئاشتى، ھەم ئوقۇپ ھەم خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. تۆتىنچى ئوغلۇم كېلەر ژىلى مەكتەپنى تاماملىماقچى. بۇ ئوغلۇمنىڭ ئوقۇشقا قىزىقىشى ئانچە ئەمەس. ماڭا ئوخشاش تىژارەتچى، سودىگەر بولۇشنى، ئاقچا ساناشنى ياخشى كۆرىدۇ، - دەپ كۈلدى. - مەيلى، بىرسىڭلار بولسىمۇ، داداڭنىڭ كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇڭلار دەپ، ئۇنى ئۆز خاھىشىغا قويۇپ بېرىپ، تەتىل ۋاقىتلىرىدا يېنىمدا ئېلىپ ژۈرۈمەن. ئەڭ كەنژىتاي قىزىمىز سەككىزىنچى سىنىپتا ئەلا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ قىزىمىز دوختۇر كەسپىنى ئېگىلەيمەن دەپ، ئارماندا ژۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇسا، ئاشۇ قىزىمىزنى ئوقۇتۇۋالساق، ھەدىڭىز ئىككىمىز بالىلاردىن خاتىرژەم بولىمىز، ئۇكام.

- ياشاڭ ئاكا، بالىلىرىڭىزنى ئوقۇتۇپ، ناھايىتى ئۇلۇغ ئىش قىپسىز. ئوقۇغانغا نېمە يەتسۇن؟

- ئوقۇغان ئادەم، ئۇ باشقا دۇنيا، ئوقۇمىغان ئادەم، ئۇ باشقا دۇنيا، - دەپ شاۋكەت ئاكا سىگارېتا تۇتاشتۇردى. - بىر- ئىككى قېتىم قېنىپ- قېنىپ شوراۋالغاندىن كېيىن، سۆزىنى داۋام قىلدى. - كىچىك ۋاقتىمدا مەنمۇ ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئەلا ئوقاتتىم. ئەلا ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن سىنىپنىڭ كلاسسكومى ئىدىم. غۇلژىدىن ئاتمىشىنچى ژىللاردىن كېيىن بۇ ياققا كۆچۈپ چىقتۇق. بىز ئۈچ ئوغۇل، تۆرت قىز، يەتتە بالا ئېدۇق. بالىلارنىڭ چوڭى مەن بولغانلىقتىن، ئاتا- ئانامغا يار- يۆلەكتە بولۇپ ئىشلەشكە توغرا كەلدى. ئوقالمىدىم. ۋەتەندىن ئايرىلىپ، بۇ تەۋەلەردە، بۇ تۇرمۇشقا يەتكۈچە ناھايىتى كۆپ قىينالدۇق، ئۇكام. تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقى بىلەن ئوقالمىغانلىغىمدىن، تىل بىلمەسلىكىمىزدىن «ئاللاھ بۇيرۇسا، بالىلىرىمنى ئوقۇتىمەن»دەپ، ئاللاھدىن چىن دىلىمدىن سورىغان ئېكەنمەن. كىچىكىدىن باشلاپ بالىلىرىمنىڭ ئوقۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدۈم. شۇنىڭ نەتىژىسىدە بالىلىرىم ئوقۇشقا، بىلىم ئېلىشقا دېگەن قىزىقىش، ئىنتىلىش بىلەن ئۆستى. مانا، ئۇنىڭ مېۋىسى!- دەپ ئۆز ھاياتىدىن، تۇرمۇشىدىن، ئارزۇلاپ ئۆستۈرۈۋاتقان پەرزەنتلىرىدىن رازىلىقىنى بىلدۈردى.

مەن شاۋكەت ئاكىغا، ئۇنىڭ ئاىلىسىگە، پەرزەنتلىرىگە ھەۋەسىم كەلدى.

شاۋكەت ئاكا ئوتى ئۆچۈپ قالغان سىگارېتىنى بۈگۈلۈكنىڭ چېتىدە تۇرغان كۈلدانغا ئاپىرىپ تاشلىدىدە، مېنىڭ ئالدىمغا كەلدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشى، مېنىڭ بۇ ئادەمگە بولغان ھۆرمىتىمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەندەك بولدى... لاپ قىلىپ ۋەتىنىم كۆز ئالدىمغا كەلدى. بىزنىڭ ئىلى تەۋەسىدە ياكى باشقا ژايلاردا بولسۇن، شاۋكەت ئاكا قۇراملىقلار، ئۇنىڭدىن ياشلار ھەتتا ئۇنىڭدىن كىچىكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چوڭ- كىچىك ئولتىرىش، سورۇنلاردا، تار ۋە كەڭ خانىلاردا سىگارېتا دېگىنىڭنى، يوغان قىلىپ گېزىت قەغىزىگە ئوراۋالىدىغان ماخوركا تاماكىلارنى بەس- بەس بىلەن چېكىشىدۇ. ئۆينىڭ ئىچى ئاچچىق ئىس، سېسىقچىلىققا تولۇپ كېتىدۇ. ئاشۇ سورۇن مېھمانلىرى تاماكا قالدۇقلىرىنى كۈلدانغا ئەمەس، لاي- پاتقاق، ئادەم ۋە ماللارنىڭ نىژىسلىرى چاپلىشىپ، قېتىپ قالغان ئۆتۈك، بەتىنكىلىرىنىڭ تاپىنىغىلا بېسىپ- سۈركەپ، ئوتنى ئۆچۈرۈدىدە، ئالدىغىلا، داستىخان ئۈستىگىلا تاشلاپ، قويۇشىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى باركى، ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ، كىگىز- گىلەملەرنى قايرىپ ئېچىپ، تامنىڭ تۈۋىگە- - يەرگە تۈكۈرۈپ، ئاشۇ تۈكۈرىگىگە تاماكا ئوتىنى سۈركەپ- ئۆچۈرۈپ، تاشلاپ، ھېچ نەرسە كۆرمىگەندەك، ھېچ نەرسە بولمىغاندەك، پاراڭنى دۆڭ سوقۇشۇپ ئولتىرىۋېرىشىدۇ. بۇنداق پاسكىنىچىلىق ئىشلارنى مەن كۆپ قېتىم كۆرگەنلىكىمدىن، «بۇ پاسكىنىچىلىق، بۇ مەدەنىيەتسىزلىك كىملەردىن ژۇققان، ياكى بىزنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىمىز شۇنداقمېدى؟»دەپ ئۆزۈمگە- ئۆزۈم سوال قوياتتىم. بىراق، ئېنىق ژاۋاپ تاپالماتتىم.

مانا، بۈگۈن بولسا، شاۋكەت ئاكىنىڭ تاماكا قالدۇغىنى شۇنچە كەڭ ھويلىدا تۇرۇپمۇ يەرگە تاشلىماي، ئۆزىدىن نەچچە قەدەم نېرىدا تۇرغان كۈلدانغا ئاپىرىپ تاشلىشى، بۇ، تازا- پاكىزلىقنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ بىر تۈرى ئىدى. مەدەنىيەت دېگەن ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىدىن، ئاىلىسىدىن باشلىنىشى كېرەك، دېگىنى شۇ دەپ ئويلىدىم.

- شاۋكەت ئاكا، قازاقىستاندا ئىنستىتۇت، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش ئۈچۈن ھەق تۆلەش كېرەكمۇ، قانداق؟- دەپ سورىدىم.

- ئىلگىرى ھەقسىز ئىدى، - دەپ سۆز باشلىدى شاۋكەت ئاكا. - سوۋېت ئىتتىپاقى بەربات بولۇپ، ئۇنىڭ مۇستەملىكىسىدىكى مەملىكەتلەر ئۆز مۇستەقىللىگىگە ئېگە بولغاندىن كېيىن، بارلىق ساھالاردا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار بىر دەۋر يۈز بەردى. باشقا ژۇمھۇرىيەتلەرگە ئوخشاش قازاقستاندىمۇ ئىقتىساد تاپچىللىغىدىن ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى ھەق تۆلەپ ئوقۇش سىستېمىسىغا كۆچۈشكە مەژبۇر بولدى. بىراق، شۇنىڭ ئۆزىدىمۇ بەش باھا بىلەن ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بالىلار ھەقسىز ئوقۇيدۇ. ھەتتا ستۇدېنتلارغا دۆلەت تەرىپىدىن ستىپېندىيا تۆلەيدۇ. بارلىق پەنلەردىن ئەلا ئوقۇغان ستۇدېنتلار ئوقۇشنى تاماملىغۇچە يامان ئەمەس ستىپېندىيا ئاقچىسىنى ئېلىپ تۇرىدۇ. ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا ياتاقخانىلار ھەقسىز بېرىلىدۇ. ئەمدى كوممېرسىيالىك دەپ قويىدىغان بۆلۈملەردە ئوقۇغانلار بولسا، ژىللىق ئوقۇش پۇلىنى تۆلىشى شەرت. ھەر ھالدا ئۇنچىلىكمۇ كۆپ ئەمەس.

مېنىڭ بالىلىرىمنىڭ ھەممىسى «بيۇدژېتنى» دەپ قويىدىغان بۆلۈملەرگە ئوقۇشقا چۈشكىنى ئۈچۈن بىر تىيىن ئاقچا تۆلىگىنى يوق. ئەكسىچە، بالىلىرىم بەش ژىل دۆلەتتىن ئاچقا ئېلىپ تۇرۇپ ئوقۇپ، ئوقۇشلىرىنى ئەلا باھالاردا تاماملىدى.

- قانداق ياخشى، - دېدىم مەن. - بىزنىڭ دۆلەتتە مۇنداق ئىشلار يوق. مىڭ ئەلا ئوقۇپ كېتىڭ، بەرىبىر. ژىللىق ئوقۇش پۇلىنى تۆلىمىسىڭىز، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىشىكى سىز ئۈچۈن يېپىق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ماڭا نېسىپ بولمىدى...

مەن شاۋكەت ئاكىغا ئۆزۈمنىڭ بىرىنچى سىنىپتىن تارتىپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغۇچە بارلىق پەنلەردىن بەش باھاغا ئوقۇغانلىقىمنى، ئالىي مەكتەپلەردە، چەت ئەللەردە ئوقۇش ئارزۇيۇمنىڭ ناھايىتى كۈچلۈكلۈكىنى، ئامما، ئاتام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدىن بۇ ئارزۇ- ئارمانلىرىمنىڭ كۇمپەي- كۇم بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم.

- شۇنداق دە، ئۇكام، - ئۇلۇغ- كىچىك نەپەس ئالدى شاۋكەت ئاكا. - بىزدە، قازاقىستاندا شۇنچە ئىمكانىيەت، شاراىتلار بار تۇرغۇلۇق، بەزى ئادەملەر، بولۇپمۇ، زاماننىڭ ئۆزگىرىشىگە باغلىق زامانغا ئوبدان ماسلاشقان، سودا- سېتىق، تىژارەتكە، پۇل تېپىشقا بېشىچىلا كىرىشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى بالىلىرىنى ئوقۇتۇشقا تامامەن كۆڭۈل بۆلمەي قويۇشۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى، كۆز قارىشىدا، بۈگۈنكى زاماندا ئوقۇغان ئادەملەرگە قارىغاندا ئاقچىسى كۆپ ئادەملەر بارلىق ژەھەتتىن ژۇقۇرىمىش. ھەر ئوقۇغان زىيالىيلار، ئالىملارغا قارىغاندا، ئاقچىسى كۆپ تىژارەتچىلەر ئابرۇيلۇق، ھۆرمەتلىكمىش. «كېكەچ بولسىمۇ، باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن»دېگىنىدەك، بۇ زامان ئوقۇغانلارنىڭ ئەمەس، پۇلدارلارنىڭ زامانى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇش ئەمەس، پۇل تېپىش كېرەك، چوڭ تىژارەت قىلىش كېرەكمىش؟!

ئاشۇنداق كۆز قاراشتىكى، پىكىردىكى ئادەملەرنىڭ تالىيىغا مەن؛ «قۇدۇقنىڭ ئاستىدىكى پاقا ژۇقۇرىغا قاراپ، «ئاسماننىڭ بارى شۇ، دۇنىيانىڭ بارى شۇ»دەيدېكەن. ئاغىنىلەر، بۇنىڭ ھەممىسى ئۆتكۈنچى دەۋر. دۇنياغا ئوچۇق كۆز بىلەن قارايلى... پۇلمۇ كېرەك، پۇل بىلەن بىللە ئوقۇشمۇ كېرەك. ئۆزۈڭلار ئويلاپ كۆرۈڭلار، باينىڭ ئارقىسىدىن خەلقىگە نېمە قالىدۇ؟ ھېچ نەرسە قالمايدۇ! ئوقۇغان ئالىمنىڭ ئارقىسىدىن نېمە قالىدۇ؟ ئۇنىڭ يازغانلىرى قالىدۇ!... شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇرادەرلەر، بالىلىرىڭلارنى ئوقۇتۇڭلار؟ بىزگە، ئۇيغۇرلارغا ھازىرچە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش، ئۇ، بالىلىرىمىزنى ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت! تاپقان شۇنچە پۇلۇڭنى پوكىنىڭغا بېسىپ ياتماي، ئۇنى تېخىمۇ كۆپەيتىمەن دەپ ئويلىماي، بالىلىرىڭلارنى چەت ئەللەرگە چىقىرىپ ئوقۇتۇڭلار؟ بالىلىرىڭلارنى بىلىملىك قىلىڭلار. ئۇلار تىل ئۆگەنسۇن. قانچە كۆپ تىل بىلسە، شۇنچە ياخشى. بىز، بالىلىرىمىزنى كېلەچەككە تەييارلىشىمىز كېرەك؟!»دېگەڭە ئوخشاش گەپلەرنى قىلسام، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئەخمەق، نادانلار «سەن ئوقۇتۇۋاتىسەنغۇ، بولدى، شۇ يەتمەمدۇ» دېگەڭە ئوخشاش سېسىق گەپلەرنى قىلىپ، ئوغامنى قاينىتىدۇ، ئۇكا.

- بىزنىڭ مۇشۇ كۈنلەرگە قېلىشىمىز، ئۆز ۋەتىنىمىزگە ئۆزىمىزنىڭ ئېگە، غوژا بولالماي قېلىشىمىز، قۇللارچە ياشىشىمىز يەنىلا شۇ بىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇمىغانلىغى، يېتەرلىك بىلىم- سەۋىيىگە ئېگە بولالمىغانلىغى، نادانلىقى، ساۋاتسىزلىقى، خۇراپات پاتقىغىغا پېتىپ، ئابدۇقادىر داموللام ئېيتقاندەك، غەپلەت ئۇيقۇسىدا ھامان ياتقانلىغىمىزدىن، دەپ ئويلايمەن، - دېدىم كۆڭلۈمدىكىنى ئوچۇق ئېيتىپ.

- ئىنتايىن توغرا ئېيتىسەن، ئۇكام، - دەپ مېنى قۇۋەتلىدى شاۋكەت ئاكا.

شۇ ئارىدا تۇداخۇن ئاكام بىلەن ھاشىم بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىشتى.

- ئىككىڭلار خېلى پاراڭلاشقاندەك كۆرۈنىسىلەرغۇ؟- دېدى تۇداخۇن ئاكام بىزگە كۈلۈمسىرەپ قاراپ.

- ھە، قەيسەر ئىككىمىز ياخشم پاراڭلىشىۋالدۇق، - دېدى شاۋكەت ئاكا. - بۇ ئۇكاڭ خېلى سەۋىيىلىك ژىگىت كۆرۈنىدۇ؟- مېنى ئىشارە قىلدى.

- ھە، بۇ ئوقۇيدىغان بالا ئىدى، ئامال يوق، ئوقالمىدى.

- ئوقۇيمەن دېگەن ئادەم ئۈچۈن ئەتە- كېچى بولمايدۇ.

- ئوقۇشقا ئىمكانىيەتمۇ يوق، شاراىتمۇ يوق ھازىرچە، - دېدىم ھەق گەپنى قىلىپ.

- ھە، ئوقۇشقىمۇ ئىمكانىيەت، شارائىت كېرەك، - مېنى قۇۋەتلىگەندەك بولدى شاۋكەت ئاكا.

- مەن ئىككىڭلارنى بىر- بىرسىڭلارغا تونۇشتۇرۇپ قوياي؟- تۇداخۇن ئاكام مېنى ھاشىم بىلەن تونۇشتۇردى.

- سەنمۇ غۇلژىلىق ئېكەنسەندە؟- سورىدىم ھاشىمدىن.

- ھە، غۇلژىلىق مەن.

- سېنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن. بىراق، باياتىن ئويلاپ زادىلا ئېسىمگە چۈشۈرەلمەيۋاتىمەن؟

- مەن سېنى كۆرۈپلا تونۇغان. سەن ئابلىمىت ئەپەندىمنىڭ ئوغلى قەيسەرغۇ؟

- شۇنداق. مەن سېنى ئېسىمغا ئالالمايۋاتىمەن؟

- بىز تۆپىچى مەھەللىسىدە تۇرغان.

- نېمە تىرىكچىلىك قىلاتتىڭ؟

- نېمە تىرىكچىلىك دەيسەن، قول ھارۋۇسى بىلەن كوچىمۇ- كوچا ژۈرۈپ، سەي- كۆكتات ساتاتتىم.

- ھە بولدى، ئەمدى ئېسىمغا كەلدىڭ. سەن ھېلىقى سەيچى ھاشىم ئەمەسمۇ؟

- دەل ئۆزى. ئاشۇ سەيچى ھاشىم مەن بولىمەن، - كۈلدى ئۇ.

- سېنى كۆرمىگىنىمگىمۇ خېلى بولۇپ كېتىپتۇ. ئۆزگىرىپ كېتىپسەن؟

- بۇ باشلارغا نېمىلەر كەلمىدى دەيسەن، ئۇكا؟!- ئۇ ماڭا مەنالىق تىكلەندى.

«مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن دەرد- ئەلەملەر سېنىڭ بېشىڭغا كەلمىگەندۇ؟»دېگەن سۆز چاقماق تېزلىكىدە كاللامدىن ئۆتتى.

شۇ ئارىدا چايخانىدىكى قازان بېشى تەرەپتىن ئۆي ئىگىسى ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى؛

- شاۋكەت، تاماق تەييار بولۇپ قالدى!

- قېنى مېھمانلار، تاماق تەييار بولۇپ قاپتۇ، مەرھەمەت!- شاۋكەت ئاكا بىزنى دەستىخانغا تەكلىپ قىلدى.

- ھاشىم، كېلىن كۆرۈنمەيدىغۇ؟- سورىدى تۇداخۇن ئاكام مەن تونۇيدىغان بۇ سەيچى ھاشىمدىن.

- بالىنىڭ سەل تاۋى بولماي، دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىۋېدى، ھېلى كېلىپ قالار، - دېدى.

«بۇنىڭ ئايالىمۇ بار، بالىسىمۇ بار ئېكەندە؟- دەپ ئويلىدىم. - مۇشۇ يەردە تۇرامدېكىنە؟ شاۋكەت ئاكىنىڭ ياكى ئايالىنىڭ تۇققىنىمېكىن؟».

- ھاشىم، ئىشلىرىڭنى قويۇپ تۇر، بىللە تاماق يەيلى؟- دېدى شاۋكەت ئاكا ئۇنىڭغا.

- ماقۇل، ئاكا. مەن ھازىر، - ئۇ باغ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى ۋە ھەيەل قىلماي، ئۈز- قوللىرىنى ژۇيۇپ، كىيىملىرىنى يۆتكەپ چىقتى.

بىز تۆرتىيلەن دەستىخاننى چۆرۈدەپ ئولتارغان ھالدا ئەژايىپ ئوخشىغان لەڭمەننى ئىشتەي بىلەن يېيىشتۇق. ئاندىن ئىككى- ئۈچ تۈرلۈك قورۇلغان سەيلەر كەلتۈرۈلدى.

- مانا ئەمدى غۇلژا پەدىسىدە ئەللىك- ئەللىكتىن ئىچكەچ، پاراڭلىشايلى؟- شاۋكەت ئاكا قەدەھلەرگە ھاراق قۇيۇشقا باشلىدى.

- ئىچمىسەكمۇ بولاتتى. بوپتۇ، قۇي ئاداش، ئىككىمىزنىڭ ئىچمىگىنىمىزگىمۇ خېلى بولۇپ قاپتۇ؟- تۇداخۇن ئاكام خۇش تەبەسسۇم بىلدۈردى.

- شاۋكەت ئاكا، ماڭا قۇيمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن بۇنداقتا يوق؟

- قەيسەرگە قۇيما، بۇ ئۇكام ئىچىشتىمۇ يوق، چېكىشتىمۇ يوق، - دېدى تۇداخۇن ئاكام.

- ناھايىتى ياخشى ئېكەن. ئىچمىگەن، چەكمىگەن ياخشى، - شاۋكەت ئاكا ماڭا كۈلۈمسىرەپ باقتى.

- بىز، تۇداخۇن ئاكىڭىز ئىككىمىز ئىچىشتىمۇ بار، چېكىشتىمۇ بار، - دېدى شاۋكەت ئاكا. - بىراق، كۈندە ئەمەس، مۇشۇنداق كۈنىدە. ئۇلۇغ ئۆمەر ھەيüيام ھاراق- شاراب توغرىلىق يازغان بىر شېىرىدا؛

مەي ئىچ، دانا - دانىشمەن بىلەن ئىچ،

ياكى گۈل يۈزلۈك بىر زىبا بىلەن ئىچ.

ئاز - ئاز ئىچ، گاھ - گاھ ئىچ،

ئەزمە - لەخۋا بولما، ھايا بىلەن ئىچ.

ئۆمەر ھەيüيام يازغىنىدەك، بىز، تۇداخۇن ئاكىڭىز ئىككىمىز ئاز - ئاز، گاھ - گاھ ئىچىپ قويىمىز، - دەپ قاقاخلاپ كۈلدى. ھەممىمىز ئۇنىڭ كۈلكىسىگە قوشۇلدۇق...

ھاشىم «ماڭا قۇيماڭ، مەن ئىچمەيمەن»دېگىنى يوق. ئۈچىيلەن ئىككى - ئۈچ قەدەھتىن ئىچىشتى. كەيپىياتى چاغ بولۇشتى. قىزىق پاراڭلار، چاقچاق كۈلكىلەر باشلىنىپ كەتتى. مەن ئۇلارنىڭ ھەر خىل ماۋزۇلاردىكى قىزىق گەپلىرىنى تىڭشاپ، كۈلكىلىرىگە قوشۇلۇپ، ئۇسۇلۇق سۇ ئىچىپ ئولتىرىۋەردىم.

بىر چاغدا تۇداخۇن ئاكام بىلەن شاۋكەت ئاكا ئۆزلىرىنىڭ پارىڭىغا چۈشۈپ كەتتى. مەن ھاشىمغا؛

- ھاشىم، ژۈرە، باغ ئىچىنى ئايلىنىپ چىقايلى؟- دېدىم.

مېنىڭ بۇ ئىلتىماسىم تۇداخۇن ئاكام بىلەن شاۋكەت ئاكىغا ياققان بولسا كېرەك، ئۇلار بىر- بىرسىنى قۇۋەتلىگەن ھالدا؛

- ھە، ھاشىم، قەيسەرگە باغنى كۆرسەت؟ ئىچمىگىنىدىن كېيىن زېرىكىپ قېلىۋاتىدۇ!...

ھاشىم ماڭا ھويلا- ئارامنى، باغ- ۋاراننى ئايلاندۇرۇپ كۆرسىتىپ چىقتى. شاۋكەت ئاكىنىڭ بۇ قوراسىدا، بېغىدا ھەممە نەرسە بار ئېكەن. نەچچە خىل سورتلۇق ئالما، نەشپۈت، ئۆرۈك، گلاس، ئانار، بېھى ھەتتە ئەنژۇرغىچە بولغان مېۋە- دەرەخلىرى شاخاراپ، ئۆسۈپ تۇرۇپتۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ياش كۆچەتلەر بولغانلىقتىن، ئايرىملىرى مېۋە بېرىشكە باشلاپتۇ. ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە، شاۋكەت ئاكىنىڭ باغۋەنچىلىككە ھەۋەسى بەك كۈچلۈك ئېكەن. گلاس، ئانار، بېھى، ئەنژۇر كۆچەتلىرىنى ئۆزبەكستاندىن مەخسۇس ئېلىپ كېلىپ، ئۆز قولى بىلەن ئولتارغۇزغان ئېكەن. مېۋە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىغا چىم ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋەتكەنلىكتىن، ھەممە ئەتراپ يېپ- يېشىل ئىدى. ھەدىمىزمۇ مەرھۇم ئانامغا ئوخشاش گۈلخۇمار ئېكەن. ھويلا ئىچىدىكى خىلمۇ- خىل، رەڭمۇ- رەڭ ئېچىلىپ كەتكەن گۈللەر ھەر قانداق ئادەمنى پاھ دېگۈزۈپ، ھەۋەسىنى كەلتۈرەتتى.

ھويلىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئىشىك- دېرىزىلىرىنى باغقا قارىتىپ سېلىنغان بىر نەچچە ئېغىزلىق ئۆيلەر بەك چىرايلىق ياسىلىپتۇ.

- مانا بۇ، مۇنچا!- دەپ ھاشىم مېنى چەتتىكى ئىشىكنى ئېچىپ، ئىچكىرىگە ئېلىپ كىردى. ئاغزىم ئېچىلىپلا قالدى.

- پاھ، پاھ، نېمە دېگەن ھەيۋەتلىك، چىرايلىق ياسالغان مۇنچا بۇ؟- دەيمەن چاققانغىنا بۇ ئۆي ئىچىدىكى كارامەتلەرنى كۆرگەچ، بۇنى ياسىغان ئۇستامنىڭ ھۈنىرىگە، ماھارەت- تاپقۇرلىغىغا قايىل بولدۇم.

ئاندىن ھاشىم ماڭا مونچىدىن سەل بېرى سېلىنغان ئىككى خانىلىق چاققانغىنا ئۆينى كۆرسەتتى.

- بۇ ئۆيدە بىز تۇرۇۋاتىمىز!

- ئايالىڭ بار ئوخشىمامدۇ؟

- ھە، ئايالىم، بىر بالام بار!

- بۇ كىشىلەر يېقىن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىڭلار بولسا كېرەك؟

- ياق، ھېچ كىمىمىز ئەمەس!

- ھېچ كىمىمىز ئەمەس؟- ئۇنىڭ ژاۋاۋىنى ئۆزىگە سوال قىلىپ قويدۇم.

- ھە، بۇلار بىزگە، مۇنداق ئېيتقاندا، ئۇرۇق- تۇغقانمۇ ئەمەس، تونۇش- بىلىشمۇ ئەمەس. بىراق، ھازىر ئۇرۇق- تۇغقان، بىر قوساقتىن چىققان قېرىنداشتىن ئارتۇق بولۇپ كەتتۇق. ئەژايىپ ياخشى ئادەملەر!... مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇۋاتقىنىمىزغا بەش- ئالتە ئاي بولۇپ قالدى. ئىژارە ھەققى دەپ بىر تىيىنمۇ ئالمايدۇ. ھەتتا كۈن ئارىلاپ دېگۈدەك تامقنىمۇ بىللە يەيمىز. قوچاقتەك ياساپ قويغان بۇ ئۆيلەردە بېكارغا ئولتىرىۋاتقىنىمىزنى ئاز دېگەندەك، ھازىر ئېيتقىنىمدەك، ئۆزلىرى نېمە يېسە، بىزگىمۇ شۇنى بېرىۋاتقىنىدىن ئادەم بەك خىژالەت بولۇپ قالىدېكەن قارا؟ شۇڭا ئايالىم ئىككىمىز قورۇنىڭ، باغ- ۋاراننىڭ، ئۆينىڭ ئۇ بۇ ئىشلىرىنى قىلىپ قويىمىز.

- ياخشى ئادەملەر ئېكەنلىگى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. - دېدىم مەن شاۋكەت ئاكىنىڭ ئىنتايىن كەمتەرىن، ئوچۇق- يورۇق، خۇش چاقچاق ئادەم ئېكەنلىگىنى، ئايالىنىڭ خۇش- خوي، مېھماندوستلىغىدىن رازى بولۇپ، بۇ ئادەملەرنى بىردىن ئۆزۈمگە يېقىن، ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئېيتىپ.

- بۇ كىشىلەر بىلەن قانداق تونۇشۇپ قالدىڭ؟- ھاشىمنىڭ سۆزلىرى مېنىڭدە تەسىرات، قىزىقىش پەيدا قىلغاچ، سورىدىم.

- تۇداخۇن ئاكام ئارقىلىق! تۇداخۇن ئاكامنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقلىرىنى مەن دېگەن ئادەم ھېچ كىمگە بۇ دەرىژىدە قىلالمىسا كېرەك، ھەم قىلالمايدۇ، دەپ ئويلايمەن؟ مەن تۇداخۇن ئاكامغا بىر ئۆمۈر قەرزدارمەن!...

- ھە، تۇداخۇن ئاكام ئەژايىپ ئىنسان، ياخشىلىق ئۈچۈنلا يارالغان ئىنسان! بۇنى مەن ئۆز كۆزىم بىلەن كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن، - دېدىم ھاشىمنىڭ سۆزلىرىنى قۇۋۋەتلەپ.

- بىللە ئىشلەۋاتقاندىن كېيىن كۆرۈۋاتىسەندە؟- دېدى ھاشىم. - تۇداخۇن ئاكام بىلەن شاۋكەت ئاكامنىڭ دوستلۇقىغا ھەيران قالىمەن. تۇداخۇن ئاكامنىڭ بىر ئېغىز سۆزى بىلەن، مانا ئۆزۈڭ كۆرۈۋاتىسەن، ژەننەتتەك قورا- ژاينىڭ ئىچىدە پادىشاھنىڭ بالىلىرىدەك ياشاۋاتىمىز.

- ياخشىنىڭ شاراپىتى دېگىنى مانا موشۇدە؟

- توپ- توغرا ئېيتتىڭ. موشۇنىڭ ھەممىسى تۇداخۇن ئاكامغا ئوخشاش ياخشىنىڭ شاراپىتى؟!- چەكسىز مىننەتدارلىقتىن ھاشىمنىڭ ئۈزلىرىدە تەبەسسۇم ئەكس ئەتتى.

- ۋەتەندىن بۇ ياقا يۇرتلارغا قاچان چىققان ئېدىڭ؟- ئۇنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى بىلگۈم كەلدى.

- ھە- ي- ي، ئۇكا، - دەپ ھاشىم ئۇلۇغ- كىچىك نەپەس ئالدى ۋە ئاندىن تاماكا تۇتاشتۇرۇپ، قېنىپ- قېنىپ شوراۋالغاندىن كېيىن، شۇنداق دېدى. - بۇ قارا بېشىمغا كەلگەن كۈنلەرنى يازسا، بىر كىتاب بولار دەپ ئويلايمەن... ھەممە بالا ئاشۇ فېۋرالü ۋاقىەسىدىن باشلاندى، - ھاشىم بىر نەچچە دەقىقە ژىم- ژىت بولۇپ قالدى. مەن ئۇنىڭ خىياللىرىنى بۆلمەس ئۈچۈن ئۈن قاتمىدىم. بىر چاغدا ئۇ سۆزىنى داۋام قىلدى. - ۋەتەندىن، كىندىك قېنىم تامغان گۈزەل شەھىرىمدىن، ئاتا- ئانا، قومى- قېرىنداش، دوستلاردىن ئايرىلىپ، ياقا يۇرتلاردا مۇساپىرچىلىقنىڭ، غېرىپلىقنىڭ، يوقسىزچىلىقنىڭ، بېچارىلىكنىڭ دەردىنى راسا تارتتىم. يالغۇز مەن ئەمەس، ماڭا ئوخشاش، دەپ قويىدېكەنغۇ، «ئانىسىنىڭ ئەمچىگىنى قاتتىق چىشلىگەن»لەر نۇرغۇن؟!

- دېمەك، بۇ ياقلارغا چىققىنىڭغا خېلى بولغان ئوخشايدۇدە؟

- ھە، ئىككى ژىلدىن ئاشتى، - دەپ ئېغىر خورسىندى ئۇ. - ئايالىمنىڭ چىققىنىغىمۇ بىر ژىلچە بولۇپ قالدى. يە ئامېرىكىغا، يە كانادىغا، يە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بىرسىگە كېتىۋېلىشنى كېچە- كۈندۈز ئاللاھدىن سوراپ تۇرۇۋاتىمىز...

تۇداخۇن ئاكامنىڭ بايا ئاغىنىسىدىن «ھاشىمنىڭ ئىشلىرى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟»دەپ سورىغىنىدا، «كۈتۈۋاتىدۇ. قاچان چىقىشى بەلگىسىز»دېگىنى مۇشۇ ئېكەندە، دەپ ئويلىدىم.

بۇ ھەقتە ھاشىمدىن ئېنىغىراق سوراپ، بىلمەكچى بولدىمۇ، بىردىن يالتايدىم. «تۇداخۇن ئاكامدىن سوراپ بىلىشىمگە بولىدىغۇ»دېگەن قارارغا كەلدىمدە، تۇداخۇن ئاكامنىڭ ئاخشام «ساڭا بۇ يەردە قېلىشقىمۇ بولمايدۇ. ژىراق چەت ئەللەرنىڭ بىرسىگە چىقىپ كېتىشىڭ كېرەك. شۇ چاغدا بىخەتەر ياشايسەن. ئۇنىڭ يولىنى تاپىمىز. بۇ ھاياتتا ئۆلۈمدىن باشقا نەرسىگە ئامال تېپىشقا بولىدۇ... ئەتە بۇ ئىش بويىچە بىر يەرگە بارىمىز»دەپ ئېيتقىنىغا قارىغاندا، ھاشىمنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىغىدىن ياخشى خەۋىرى بار ئېكەندە؟... ماڭا بىردىن ئوچۇق ئېيتمىغىنى بىلەن، بۇ ئىشنىڭ بېشىدا ئۆزى تۇرۇۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن؟ دېمەك، تۇداخۇن ئاكام ماڭا ئوخشاش قاچاقلارنىڭ قانداق يوللار بىلەن چەت ئەللەرگە چىقىپ كېتىشىنى ئوبدان بىلىدۇ؟... ئاللاھ، يولۇمنى ئوچۇق قىلغايسەن؟!...

شۇ ئارىدا بالا كۆتۈرگەن ياش ژۇگان ھويلىغا كىرىپ كەلدى. بۈگۈلۈكتە ئولتارغان تۇداخۇن ئاكام بىلەن تىنچلىق- ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن بىز تەرەپكە، يەنى ھويلىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئۆيگە قاراپ ماڭدى.

- ئۆيدىكىلەر كەپتۇ!- دېدى ھاشىم بالا كۆتۈرگەن ئۇ ئايالغا قاراپ.

- ئايالىڭمۇ؟

- ھە، ئايالىم شۇ بولىدۇ. بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىۋېدى، كەپتۇ.

مەن ھاشىمنىڭ ئايالى بىلەن سالاملىشىپ، بىز تىنچلىق سوراشتۇق.

- ئۆيگە كىرىڭ، مېھمان؟- دېدى ئۇ ئايال مۇنايىملىق بىلەن.

- رەھمەت.

چاققان كىيىڭەن، ئاق ئۈزلۈك، قوشما قاش، چىرايلىققىنا كەلگەن ئۇ ژۇگان بالىسىنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

- مەن ھازىر، - ھاشىم ئايالىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى.

مۇنچا ئۆيىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتاردىم. ھاشىمنىڭ «ھەممە بالا ئاشۇ فېۋرالü ۋاقىەسىدىن باشلاندى. ۋەتەندىن، ئاتا- ئانا، قېرىنداشلاردىن ئايرىلىپ، ياقا يۇرتلاردا مۇساپىرچىلىقنىڭ، يوقسىزچىلىقنىڭ دەردىنى راسا تارتتىم... »دېگەن سۆزلىرى دەررۇ خىيالىمغا كەلدى.

قول ھارۋۇسى بىلەن سەي- كۆكتات سېتىپ، ژېنىنى ئاران- ئاران بېقىپ ژۈرگەن، ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ تۈزۈك ئوقۇمىغان بۇ سەيچىنىڭ ۋەتەننى تەرك ئەتكىدەك بېشىغا نېمە سەۋدالار چۈشكەندۇ؟ فېۋرالü ۋاقىەسى دەيدۇ، فېۋرالü ۋاقىەسىدە بۇ سەيچى نېمە گۇناھ، ژىنايەت ئۆتكۈزگەندۇ؟ تۆرت ئېغىز سۆزى بىلەن تۆرت ئادەمنى ئۆزىگە قاراتقىدەك، قايىل قىلغىدەك بىلىمگە، سەۋىيىگە، ئىقتىدارغا ئېگە ئەمەس ئادەتتىكى بىر پۇقرانىڭ بىرسى بولغان بۇ ھاشىم سەيچىنىڭ ۋەتەننى تاشلاپ، چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشىگە نېمە سەۋەب؟... قانچە ئويلىماي، بۇ خىل سوئاللارغا ئېنىق ژاۋاپ تاپالماس ئىدىم.

ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپ، ھاشىم ئۆيدىن چىقتى. مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئولتاردى. تاماكا تۇتاشتۇردى.

- بالاڭنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ كەپتىمۇ؟- دەپ سورىدىم ئۇنىڭ بايا تۇداخۇن ئاكامغا ئايالىنىڭ بالىسىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقىنىنى ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنى سۆزگە تارتىپ.

- ھە، شۇنداق، - ئۇ سىگارېتىنى ئۇزاق شوراپ ئىچىگە تارتتى. - بالىمىز تۇغۇلۇشىدىن ئاغرىقچان بولۇپ تۇغۇلغان قارا. پات- پات دوختۇرغا كۆرسىتىپ، تەكشۈرتىپ تۇرىمىز. دورا- دەرمەكلەرنى بېرىشىدۇ. ئاللاھغا شۈكرى، ئىلگەركىلەرگە قارىغاندا خېلىلا ياخشى تۈزىلىۋاتىدۇ. ئاستا- ئاستا ساقىيىپ كېتەر، دەپ ئۈمىد قىلىمىز، - ئۇلۇغ- كىچىك نەپەس ئالدى ئۇ.

- ئاللاھ شىپالىق بەرگەي!- دېدىم. ئۇنىڭدىن باشقا نېمە سۆز قىلىشنى بىلمەس ئىدىم.

- ئاغرىقچان بولسىمۇ، ئاللاھ بىزگە ئوغۇل پەرزەنت بەرگەن ئېكەن. شۇنىڭغىمۇ شۈكرى دەپ تۇرۇۋاتىمىز، - ئېغىر خورسىندى.

- سۆزلىرىڭگە قارىغاندا، چەت ئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقان ئوخشايسىلەر؟- دەپ سورىغاچ، ھاشىمنىڭ بېشىغا نېمە كۈلپەتلەر چۈشكەنلىكىنى بىلگۈم كەلدى.

- ھە، ئاللاھ بۇيرۇسا كېتىمىز، - دېدى ھاشىم بىردىن روھلىنىپ. - كۈتۈۋاتىمىز. رۇخسەت قەغىزىمىزلا چىقسا، كېتىمىز. بىزگە ئوخشاشلاردىن بىر نەچچىسى كېتىشتى. گېرمانىياگە، گوللاندىياگە، بېلگىياگە، ھەتتا ئامېرىكا بىلەن كانادىغا كەتكەنلەرمۇ بار!...

ھاشىم مېنىڭ قىزىقىپ سوراشلىرىمدىن كېيىن، ۋەتەندىن ئايرىلىپ، سەرسان- سەرگاندانلىقتا ئۆتكەن كۈنلىرىنى، ئېغىر كەچۈرمىشلىرىنى تۆۋەندىكىچە ھېكايە قىلدى.

- مەن ساڭا بايا ئېيتقىنىمدەك، ھەممە بالايۇ- ئاپەت ئاشۇ فېۋرالü ۋاقىەسىدىن باشلاندى، - دەپ سۆز باشلىدى ھاشىم. - ئاشۇ كۈنى ئادەتتىكىدەك، ئۆز تىرىكچىلىكىم بىلەن سەي- كۆكتاتلارنى قول ھارۋۇسىغا سېلىپ، كوچىمۇ- كوچا ئايلىنىپ، سودا قىلىپ ژۈرەتتىم. بىر چاغدا قارىسام، قاياقتىن چىقتى بىلمەيمەن، توپ- توپ ياشلار «ئاللاھ بىر، ئاللاھ ھەق!»دەپ چاقىرىشىپ، چوڭ كوچا بىلەن مەيدان تەرەپكە كېتىۋاتىدۇ. مەنمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدىم. سىرتقا چىقىپ كېتىشنىڭ ھېچ ئىلاژى بولمىدى. ساقچىلار بىلەن پۇقراچە كىيىڭەن بىرلىرى سۈرەتلەرگە چۈشۈرۈۋاتىدۇ، سىنالغۇلارغا ئېلىۋاتىدۇ.

بىر چاغدا، قاياقتىن كەلدى بىلمەيمەن. ھەممە ياق ساقچىلار ۋە ھەربىيلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. ئەتراپنى قورشاۋالدى. ئۇلار ھە دېگەندە ئاسمانغا، ئاندىن توپقا قارىتىپ ئوق ئېتىشقا باشلىدى. توپىلاڭ باشلاندى. ھەربىيلەرنىڭ بېشىدا كاسكا، قوللىرىدا قالقان بىلەن رېزىنكە كالتەكلەر، چوتۇلار. ئۇر- سوق، قاچە- قاچ باشلىنىپ كەتتى. ئوت ئۆچۈرىدىغان ماشىنىلار توپقا قارىتىپ سۇ چېچىشقا باشلىدى. سۇ بولغاندا بوياق- كراسكا ئارىلاشتۇرۇلغان سۇ. ئۇ كۈنى ھاۋا رايى ناھايىتى سوغ ئىدى. ياشلارنىڭ كۆپى كوستيۇم ۋە دژىمپېرلارنىلا كىيىۋالغان. ئۈستى- بېشىدا قېلىن كىيىملىرىمۇ يوق. قاچە- قاچ باشلاندى. ھەربىيلەر كۆزدىن ياش ئاققۇزىدىغان بومبىلارنى توپقا قارىتىپ ئاتتى. ئېتىراپ قىيا- ژىيا، ۋارقىراش- ژاقىراش، بىر- بىرسىنى تىللىشىۋاتقان ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. ژىقىلىۋاتقان، تۇرۇپ قېچىۋاتقان، ئۈستى- بېشى قانغا بويالغان ياشلارنىڭ ئىچىدە قىزلارمۇ بار ئىدى. ھەربىيلەر بىلەن ساقچىلار ئۇلارنى قوغلاپ ژۈرۈپ توغرا كەلگەن ژايلىرىغا رېزىنكە كالتەكلەر، چوتۇلار بىلەن ئايىماي ئۇراتتى. ژىقىلىۋاتقانلارنى ژۈك ماشىنىلىرىغا ئوتۇن باسقاندەك تاشلاتتى. ئۇلارنى نەگە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ، ھېچ كىم بىلمەتتى.

مەن بىر ئامال قىلىپ توپنىڭ ئىچىدىن سىرتقا ئاران چىقىۋالدىم. نېمە ۋاقىە بولۇۋاتقىنىنىمۇ بىلمەيمەن. كېيىن بىلسەم، ئىلى ياشلىرى تىنچلىق نامايىشقا چىقىشقان ئېكەن.

ئۆيگە ئامان- ئېسەن بېرىۋالدىم. كەچكى تاماق ۋاقتىدا ئاتا- ئانامغا بۈگۈن شەھەردە، مەيداندا يۈز بەرگەن ۋاقىەنى بىرمۇ- بىر سۆزلەپ بەردىم. ئوق تېگىپ ئۆلگەن، ھەممە يېرى قىزىل قانغا بويىلىپ، يارىدار بولغان بالىلارنى ئۆز كۆزىم بىلەن كۆرگەنلىكىمنى، كېيىن ئۇر- سوق باشلانغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ياشلارنى ھەربىيلەرنىڭ ماشىنىلىرىغا ئوتۇن باسقاندەك بېسىپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىزلارنىڭمۇ بارلىقىنى، شەھەردە دەھشەتلىك ۋاقىەلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردىم. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۆي ئىچىدىكىلەر ناھايىتى قورقۇپ كېتىشتى.

ئارىدىن ئىككى- ئۈچ كۈن ئۆتۈپ، كەچتە ساقچى ماشىنىسى بىزنىڭ دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ توختىدىدە، قوراللىق ئۈچ- تۆرت ساقچى ئۆيىمىزگە باستۇرۇپ كىرىپ كەلدى. قولۇمغا كويزا سېلىپ، ئۇرۇپ- دۈشكەللەپ، ئاتا- ئانامنىڭ دات- پەرىيادىغىمۇ پەرۋا قىلماي ئېلىپ چىقىپ كېتىشتى، - ھاشىم سۆزدىن توختاپ، تاماكا تۇتاشتۇردى. كەينى- كەينىدىن ئۇزاق شورىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ- نەپرەت ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئۇلۇغ- كىچىك نەپەس ئالغان ھاشىم ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇردى. - شۇ يەردىنلا مېنى تۈرمىگە ئاپىرىپ سولاشتى. سوال- سوراق قىلىشتى. توپنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغىنىمدا، سۈرەتكە چۈشۈپ قالغان ئېكەنمەن. شۇ سۈرەت ئارقىلىق مېنى ئىزدەپ تېپىپتۇ. ماڭا ئوخشاشلار كۈرمىڭ. ئاشۇ باھانە بولدى-دە؛ «سەن ژەمىيەتتە قالايمىقانچىلىق چىقارغان بۇزۇق ئۇنسۇر، مىللىي بۆلگۈنچى، دىنىي ئەسەبىي»دېگەڭە ئوخشاش يالا- تۆھمەتلەر بىلەن راسا قىيناپ، ئازابلىدى. تۈرمىدىكى قىيناپ- ئازابلاشلارنى ئېيتسام، ئىشەنمەسلىگىڭ مۇمكىن؟ ئاللاھ خىتاينىڭ تۈرمىسىنى ھېچ كىمگە كۆرسەتمىسۇن. دەھشەتنىڭ ھەممىسى تۈرمىنىڭ ئىچىدە!...

شۇندا كاللامغا؛ «سەن ئېيتىۋاتقان ئۇ دەھشەتلەرنى مەنمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن، ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن. بۇ مېنىڭ ئۈچۈن ھەيران قالىدىغان، ئىشەنمەيدىغان ئىش ئەمەس!»دېگەڭە ئوخشاش سۆزلەر كەلدىدە، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى بۆلمەي، تىپ- تىنچ تىڭشاپ ئولتىرىۋەردىم. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

- مەن ئۇ نامايىشىڭنى بىلمەيمەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنىڭ بىرسىنىمۇ تونۇمايمەن. قالايمىقاندا ئاشۇ توپنىڭ ئىچىگە كىرىپ قاپتىمەن. مەن قول ھارۋۇسى بىلەن سەي- كۆكتات سېتىپ، ژېنىمىزنى ئاران بېقىپ ژۈرگەن بىر ئادەممەن. سىلەر ئېيتىۋاتقان ئادەملەرنىڭ بىرسىنىمۇ بىلمەيمەن. ئۇلار بىلەن ھېچ قانداق ئالاقە، مۇناسىۋېتىم يوق. ئاشۇ قالايمىقان توپىلاڭنىڭ ئىچىدىن ئاران چىقىپ كەتتىم. مەن ھېچ نەرسە بىلمەيمەن، - دېگەن سۆزلىرىمنىڭ بىرسىگىمۇ ئىشەڭىنى يوق.

كېيىن ئۇلار مېنى توك ئۈستۈلىگە ئولتارغۇزدى. تىماقلىرىمنىڭ ئارىسىغا يىڭنە تىقتى. «يالغان سۆز قىلىۋاتقان تىلىڭ مۇشۇمۇ»دەپ، تىللىرىمنى تىلىۋەتتى. مانا، شۇنىڭدىن قالغان يادنامە!- دەپ تىلىنى چىقىرىپ كۆرسەتتى.

ھەقىقەتەنمۇ، ئۇنىڭ تىلىنى تىلىۋەتكەنلىگى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. تىلىنىڭ ئۈستىدىكى قىزىل ژىپتەك سىزىقلار، ئۇ دەھشەتلىك كىيناشلاردىن بەلگۈ بېرىپ تۇراتتى.

- ئىشىنەمسەن، ئىشەنمەمسەن، ئىختىيار ئۆزەڭدە، - دەپ كۆزلىرىمگە تىك باقتى ھاشىم. - بىرىنچى قېتىم تۈرمىگە ئالغىنىدا، توپ- توغرا يەتتە كۈن سۇ تۈرمىسىدە تۇتۇپ، قىينىدى. فېۋرالü ئېيى دېگىنىڭ قىشنىڭ ئېيىغۇ. سوغدا، سۇ تۈرمىسىدە ئازابلاپ، كاردىن چىقىرىۋېتىشكە ئازلا قالدى. قاتتىق سوغ ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، بۆرەكلىرىمنى ئاز دېگەندەك، ئۆزۈممۇ ئېشىپ كەتتىم. ئۆپكەمگىمۇ قاتتىق سوغ ئۆتۈپ كەتكەن ئېكەن... ئۇ دوزاختا تالاي بالىلار ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ سۇ تۈرمىسىدە ئۆلگەنلىرىنى ئاشۇ يەردىكى ژاللاتلاردىن باشقا ھېچ كىم بىلمەيدۇ. ئاشۇ دەھشەتلەرنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن.

مېنىڭ ئېغىر ئەھۋالىمدىن خەۋەر تاپقان دادام قانداق يول تاپتى، بىلمەيمەن. مېنى تۈرمىدىن چىقىرىۋالدى. ئۆيگە چىققاندىن كېيىن سورىدىم. تونۇشلار ئارقىلىق تۈرمە باشلىقىغا خېلى نۇرغۇن ئاقچا بېرىپ، چىقىرىۋالغانلىغىنى ئېيتىپ، بۇ ھەقتە ھېچ كىمگە ئېغىز ئاچماسلىغىمنى ژېكىدى.

شۇنىڭ بىلەن نەچچە ئاي دوختۇرخانىدا ۋە ئۆيدە يېتىپ داۋالاندىم. خېلىلا ياخشى بولۇپ قالدىم.

- ئۆزۈمنىڭ ئەخمەق، نادانلىقىم بېشىمغا بالا بولدى، - دەپ ھاشىم ئېغىر خورسىنىپ، سۆزىنى ئاستا داۋام قىلدى. - ئۇ يەر، بۇ يەردە، چوڭ- كىچىك ئولتىرىش، سورۇنلاردا ھېچ بىر گۇناھسىز تۈرمىدە يېتىپ چىققانلىقىمنى، ئۇ يەردىكى چېكىدىن ئاشقان دەھشەتلىك قىيناپ- ئازابلاشلارنى دەپ سالغان ئېكەنمەن. ئۇ سۆزلەر تېخىمۇ كۆپتۈرۈلىپ، يېتىدىغان يېرىگە يېتىپتۇ. ئىچىمىزدىكى ساتقۇن، مۇناپىقلار يامان ئېكەندە، ئاشۇ گۇيلارنىڭ كاساپىتىدىن مېنى قايتىدىن تۈرمىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى. بۇ قېتىمقى سوال- سوراق ئىلگەركىسىدىنمۇ بەتتەر بولدى. ئۇلارنى ئويلىسام قورقۇپ، ھازىرمۇ ژۈرىگىم تىترەپ كېتىدۇ...

ئىككىنچى قېتىمدا تۈرمىدە خېلى ياتتىم. ئىلگەركى كېسىلىم يەنە قوزغالدى. بۇ قېتىم دادام يەنە نۇرغۇن ئاقچا بىلەن تۈرمىدىن چىقىرىۋالدى. ئەگەر دادام شۇنداق قىلمىغىنىدا، ئاللىقاچان ئۆلۈپ كېتكەن بولار ئىدىم. ئاتا- ئانام يەنە نۇرغۇن ئاقچا سەرپ قىلىپ دوختۇرلارغا داۋالاتتى. ئوغۇل بالا تۇرۇپ ئاتا- ئانامنى بېقىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ تاپقان- تەرگىنىنى مېنىڭ ئۈچۈن يوقىتىپ، ھەسرەت چېكىپ ژۈرگەنلىگى ماڭا تولىمۇ ئەلەم قىلدى. ئامال يوق، تېشىم پۈتۈن بولغىنى بىلەن ئىچىم تۈتۈن بولۇپ، ئاھ ئۇرۇپ ژۈردۈم.

ئوقەتنىڭ تايىنى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ژەمىيەتتە ئەنسىزچىلىك. «ئۇنى تۈرمىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىپتۇ، بۇنى تۇتۇپ كېتىپتۇ!» ھەممىلا ئادەملەرنىڭ ئاغزىدا شۇ سۆز. «ئىككى قېتىم قايتىلانغان ئىش ئۈچىنچى قېتىم يەنە قايتىلىنىشى مۈمكمن؟»دەپ ئويلىدىمدە، بىر كۈنى ئاتا- ئانامغا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كېتىپ، شۇ ياقلاردا ئوقەت قىلغاچ، بىر ئاز زامان كۆزدىن ژىراغىراق ژۈرەي، دەپ ئېيتتىم. ئۇلار بىردىن رازى بولۇشتى.

توغرا ئىش قىلدىممۇ، خاتا ئىش قىلدىممۇ، ئۇ تەرىپىنى بىلمەيمەن. مۇمكىن، ئاللاھتاالانىڭ پېشانەمگە يازغىنى شۇ بولسا كېرەك؟...

ئاتا- ئانام بىلەن خوشلىشىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەمەس، يېقىن بىر ئاغىنەمنى ئۇقاق تارتىپ، بۆرىتالاغا چىقىپ كەتتىم. ئۇ يەردە بىر ئاز زامان ژۈرۈپ، بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئىككىمىز بىر- بىرسىمىزنى ياقتۇرۇپ، سۆيۈپ قېلىشتۇق. ئاتا- ئانامغىمۇ خەۋەر قىلماي، ئۇ قىز بىلەن نېكاھلىشىۋالدىم.

شۇنىڭ بىلەن ئوقەت قىلىپ، ئاقچا تېپىش ئۈچۈن ئايالىمنى ئېلىپ ئىچكىرى ئۆلكىگە كەتتۇق. ئايالىم مۇشۇ ئوغلىمىزنى شۇ ياقتا تۇغدى... كېيىن شىنژاڭدىن، «فېۋرالü ۋاقىەسىگە قاتناشقانلارنى ھەممىلا ژايلاردا، ھەتتا ژۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىنمۇ بىرسىنى قالدۇرماي قولغا ئېلىش»بۇيرۇغى چۈشۈرۈلگەنلىكى توغرىلىق شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ياقا يۇرتلاردا تېنەپ- تەنتىرەپ ژۈرگەن ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلارنىڭ پۇشقۇقىمىزغا پىشت چۈشتى. «ئەمدى نېمە قىلىش كېرەك؟»دەپ ئويلىدىم. نېرى ئويلاپ، بېرى ئويلاپ، ئاخىرى ئوتتۇرا ئازىيا تەرەپلەرگە چىقىپ كېتىش قارارىغا كەلدىم.

ئايالىمنى، بالامنى ئېلىپ غۇلژىغا مۆكۈپ- قېچىپ دېگۈدەك، ساق- سالامەت يېتىپ كېلىۋالدۇق.

بۇ قېتىم يەنە توغرا ئىش قىلدىممۇ، خاتا ئىش قىلدىممۇ، ئۇ تەرىپىنى يەنە بىلمەيمەن. ئايالىمنى ئۆيگە ئاپارغىنىم، ئاتا- ئانام بىلەن تونۇشتۇرۇپ، «بۇ سىلەرنىڭ كېلىنىڭلار، بۇ سىلەرنىڭ نەۋرەڭلار!»دەپ، ئايالىم بىلەن ئوغلۇمنى ئۇلارغا كۆرسەتكىنىممۇ يوق. ئايالىمنى بالا بىلەن ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە- - بۆرىتالاغا يولغا سېلىۋەتتىم. ئۆزۈم ئاتا- ئانام بىلەن كۆرۈشۈش، خوشلىشىش ئۈچۈن ئۆيگە بارغىنىم يوق. سەن ئويلاپ قالما، مېنىڭ ژۈرىگىم ئۇنچىلىك تاش ئەمەس؟... ئاتا- ئانامنى بەك سېغىنغان ئىدىم. ئۆيگە باراي دەيمەن، بىراق بارالمايمەن. نېمىشقا دېسەڭ، ئۆيگە بارسام، ئارقامدىنلا ساقچىلار كېلىپ، قولۇمغا كويزا سېلىپ، تۈرمىگە ئېلىپ كېتىدىغاندەكلا قىلىپ تۇراتتى. كۆڭلۈم ئەنسىرەپ، بىر يامان ئىش بولىدىغاندەكلا ئىدى.

قانداق يول بىلەن چېگارىدىن ئۆتۈۋېلىش كېرەك؟ مۇشۇ ھەقتە ئويلاتتىم. بېشىم باش ئەمەس، قاپاق بولۇپ كەتتى. قولۇمدا پاسپورتىممۇ يوق. بىراق، يانچۇقتا بىر ئاز ئاقچا بار.

ئۆزۈمچە ئويلاپ تاپقان يولۇم، كەلگەن قارارىم؛مال توشۇۋاتقان كاماز ماشىنىلىرىنىڭ شوفېرلىرى بىلەن سۆزلىشىپ، يولىنى تاپساڭ، ئۇلارنىڭ سورىغان ئاقچىسىنى بەرسەڭ، بىر ئامالىنى قىلىپ سېنى ژۈكلەرنىڭ ئارىسىغا تىقىپ- مۆكتۈرۈپ، چېگارىدىن ئۆتكۈزۈپ كېتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىلگەن ئىدىم.

شۇڭا بىر نەچچە شوفېرلار بىلەن ئاستا سۆزلىشىپ باقتىم. سۆزلىشىمەنۇ، بىر تەرەپتىن قورقۇمەن. كىم بىلىدۇ دەيسەن، ھەر خىل ئادەملەر بار. ناتونۇشلار بۇ ياقتا تۇرسۇن، تونۇشلارغا ئىشىنىش تەس. ئادەملەر بىر- بىرسىنى پاقىرتىپ قويۇپ ساتىدىغان، مۇناپىقلىق قىلىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ كەتكەن ئىدى. ئەگەر مەن گەپلەشكەن شوفېرلاردىن بىرەرسى شۇ يەردىكى ھەربىي ياكى ساقچىلارنىڭ قۇلۇغىغا پىچىرلاپ قويىدىغان بولسا، ئىشىڭنىڭ تۈگۈگىنى شۇ دەۋەرگىن... شۇ تەرەپلىرىنى ئويلىسام، قورقۇشتىن بەزگەك ئادەمدەك تىترەپ كېتەتتىم. لېكىن، ئۆزۈمگە- ئۆزۈم ژۈرەكلىك بولۇشقا، ژۈرüئەتلىك بولۇشقا كۈچ، مەدەت بەرگەندەك بولىمەن. ئاللاھ ساقلايمەن دېسە، ئوتنىڭ ئىچىدە پاختىنى ساقلايدېكەن؟... ياراتقان ئېگەم، ئۆزۈڭ ساقلىغايسەن، يولۇمنى ئوچۇق قىلغايسەن؟ دەپ ئاللاھغا يېلىنىپ- يالۋۇراتتىم، ئاللاھدىن نىژاتلىق تىلەتتىم.

قورغاس چېگارىسىدىكى ئىچكىرىدىن كېلىدىغان ماللارنى چۈشۈرىدىغان، قايتىدىن بېسىپ، ئوتتۇرا ئازىيا تەرەپلەرگە ئەۋەتىدىغان ئامبارلار ئەتراپىنى ئايلىنىپ، ھەر بىر شوفېرغا مۆلتۈيۈپ قاراتتىم. بىراق، ماڭا قاراۋاتقان، نەزەر ئاغدۇرۇۋاتقان ھېچ كىم يوق ئىدى. مەن ئاشۇ ئامبارلار قورۇسىغا كىرىپ- چىقىپ، سىرتتىكى ماشىنىسىنىڭ ئەتراپىدا ژۈرۈشكەن شوفېرلارنىڭ ئالدىغا بېرىشقا، ئۇلار بىلەن ئوچۇق سۆزلىشىشكە ژۈرüئەت قىلالماي، بىر مۇساپىر، دىۋانە بېچارىدەك بوينۇمنى قىسىپ، مىڭ بىر ئوي- خىياللار بىلەن ژۈرەتتىم.

ئاللاھغا مېنىڭ ئاھۇ- زارىم يەتكەن بولۇشى مۇمكىن؟ بىر چاغدا بىرسى «قارا!»دېگەندەك قىلىپ قالدى دېمەمسەن. شۇنداق قارىسام، مۇشۇ تۇداخۇن ئاكام كېلىۋېتىپتۇ. مەن تۇداخۇن ئاكامنى توناتتىم. ناھايىتى يېقىن تونۇشلاردىن بولمىساقمۇ، ھەر ھالدا بىر- بىرسىمىزنى توناتتۇق.

ئالدىغا ژۈگۈرەپ باردىم. سالاملىشىپ، تىنچلىق- ئامانلىق سوراشتۇق. مەن ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە سارغىيىپ ژۈرگەنلىگىمنى ئوچۇق ئېيتتىم.

تۇداخۇن ئاكام مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن؛

- شۇنداق دېگىن؟- دەپ كۆزلىرىمگە ئۇزاق تىكلەندى، - بۇ ھەقتە بىرلىرى بىلەن سۆزلەشتىڭمۇ؟- سورىدى.

- تۈنۈگۈن بىر ئۇيغۇر، بىر خىتاي شوفېر بىلەن ئاستا سۆزلىشىپ كۆرگەن ئىدىم. ئۇلار ياق دېيىشتى. ماقۇل دەپ قالارمېكىن دەپ، ئارقىسىدىن خېلى ژۈرۈپ باقتىم. ھەر ئىككىسى تۈنۈگۈن كامازلىرىغا مال بېسىپ، ئۇ ياققا ئۆتۈپ كېتىشتى، - دېدىم.

- بۈگۈنچۇ؟- سورىدى تۇداخۇن ئاكام.

- بۈگۈن ھېچ كىم بىلەن سۆزلەشمىدىم. راستىنى ئېيتسام، سۆزلىشىشتىنمۇ قورقۇپ تۇرۇۋاتىمەن!

- سۆزلەشمىگىنىڭ ياخشى بوپتۇ، - دېدى تۇداخۇن ئاكام. - ئۇنداق بولسا، سەن ئەمدى بۇ ئەتراپتا ژۈرمە؟ ئەۋۇ ئاشخانىدا تاماق ئىچكەچ، شۇ ياقتا ژۈرۈپ تۇر. مەن ئۆزۈم سېنى تېپىۋالىمەن. مەن سۆزلىشىپ كۆرەي. بىر ئامالىنى تاپارمىز؟!- دېدى-دە كېتىپ قالدى.

مەن تۇداخۇن ئاكامنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قالغانلىقىمدىن شۇنچىلىك خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدىم. ئۇ كىشىنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن، مېنىدىكى روھى چۈشكۈنلۈك، بېچارىلىك بىردىن يوقىلىپ، بارغانسېرى بېسىپ كېلىۋاتقان غەم- ئەندىشە، قورقۇش- ۋاھىمە ئۈستۈمدىن سىرىلىپ چۈشۈپ كەتكەندەك ، يېپ- يېنىك بولۇپ قالدىم. ئاللاھغا مىڭلارچە شۈكۈر كەلتۈردىم.

- ئېھ، ياراتقان ئېگەم، ئەمدى مۇشۇ يەردىن تىنچ- ئامان ئۆتۈپ كېتىۋالساملا بولاتتى؟ يولۇمنى ئوچۇق قىلغايسەن؟!»- دەپ، ئاللاھدىن توختىماي نىژاتلىق تىلىدىم...

ھېكايىسى شۇ يەرگە كەلگەندە ھاشىم ئۇنچۇقماي تۇرۇپ قالدى. شۇندا ئۇ بىردىن چىڭقىلىپ قاتتىق- قاتتىق يۆتۈلۈپ كەتتى.

- ھە- ئە- ئەي، ئۇكا، ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، تۇداخۇن ئاكامنىڭ ئارقىسىدا چېگارىدىن بۇ ياققا ساق- سالامەت ئۆتۈۋالدىم، قارا، - دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. - تۇداخۇن ئاكام بىر خىتاي شوفېرى بىلەن سۆزلىشىپ، شۇنىڭ كامازىغا بېسىلغان ماللارنىڭ ئىچىگە مېنى تىقىپ- مۆكتۈرۈپ، چېگارىدىن بۇ ياققا ئۆتكۈزۈۋەتتى. شوفېرنىڭ دېگەن ئاقچىسىنى بەردىم. ئاقچىنى ئالغىنىغا ئۇ رازى، چېگارىدىن ئامان- ئېسەن ئۆتۈۋالغىنىمغا مەن خۇشال بولدۇم...

شۇنىڭدىن كېيىن ھاشىم ئۆزىنىڭ ھە دېگەندە قىرغىزىستاننىڭ بىشكېك شەھىرىدە بەش- ئالتە ئاي تارتقان ئازابلىق ئېغىر كۈنلىرىنى سۆزلىدى.

- بىشكېكنىڭ توكۇلتاش دېگەن مەھەللىسىدە دادامنىڭ بىر نەۋرە تۇغقانى بار ئىدى. ئۇ ئاكىمىز بىر قېتىم ئايالى بىلەن، بىر قېتىم ئوغۇل، قىزىنى ئېلىپ غۇلژىغا، بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، مېھمان بولۇپ ئويناپ كېتىشكەن ئىدى. شۇلارنى ئۇقاق تارتىپ، چېگارىدىن ئۆتۈپلا توغرا بىشكېككە كەتتىم. ئۇلارنىڭ ئۆيىنى قىينالمايلا ئاسان تېپىۋالدىم. مېنى خۇش- خويلۇق بىلەن قارىشى ئېلىشتى. مەن بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى بىرمۇ- بىر سۆزلەپ بەردىم.

ئۇ ئاكىمىزنىڭ مەن قۇراملىق ئوغلى مېنىڭ چېگارىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن قاچاق ئېكەنلىگىمنى ئاڭلىغىنىدىن كېيىن؛

- دېگەن بىلەن بىشكېككە تىنچ- ئامان يېتىپ كېلىۋاپسەن. ھازىرچە كوچىغا چىقىشىڭغا بولمايدۇ. ساقچىلار تۇتۇۋالسا، ئىش چاتاق. قولۇڭدا ھېچ قانداق ھۆژژىتىڭ يوق ئېكەن؟ ئەگەر سېنىڭ خىتاي گراژدانى ئېكەنلىگىڭنى، چېگارىدىن يوشۇرۇن ھالدا قېچىپ ئۆتكەنلىكىڭنى بىلىپ قېلىشسا، شۇ زامان تۈرمىگە ئاپىرىپ سولايدۇ. كېيىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىۋېتىشى مۇمكىن!... ئۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. - دېگەن سوغ گەپنى قىلدى.

بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتىم. ئەمدى نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت، يول- يورۇق، ياردەم سورىدىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بىرسىگە چىقىپ كېتىشكە بىرلا يول بار ئېكەن. ئۇ بولسىمۇ، ژا پاسپورت ياسىتىپ ئېلىپ، شۇ ئارقىلىق قىرغىزستاندان چەت ئەللەرنىڭ بىرسىگە چىقىپ كېتىشكە بولىدېكەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئاز ئاقچا كېرەك، دېدى. مەن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئوقەت قىلىپ، مىڭ بىر ماشاقەتلەر بىلەن تاپقان ئاقچىنىڭ بىر قىسمىنى ئايالىمغا قالدۇرۇپ، قالغىنىنى بۇ ياققا ئېلىپ چىققانلىقىمنى، ھازىر يېنىمدا بەش مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بار ئېكەنلىگىنى، كېرەك دېسە، مۇشۇ ئاقچىنىڭ ھەممىسىنى بولسىمۇ بېرىپ، ژىراق چەت ئەللەرنىڭ بىرسىگە ساق- سالامەت چىقىپلا كەتسەم رازى ئېكەنلىگىمنى ئېيتتىم.

- مەخسىتىڭنى چۈشەندىم. مەن سۈرۈشتۈرۈپ، مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ژۈرگەنلەرنى ئىزدەپ تاپاي. سەن ھازىرچە كوچىغا چىقما؟- دېدى تۇغقاننىڭ ئۇ بالىسى.

بىر كۈنى ئۇ مېنى سالاپەتلىك بىر كىشى بىلەن تونۇشتۇردى. ئۇيغۇر، قىرغىز، ئۆزبېك ئارىلىشىپ كەتكەن ئۇ كىشى ئىلگىرى قانۇن ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ، ئىككى- ئۈچ ژىل ئىلگىرى پېنسىياگە چىققان ئېكەن. تونۇش- بىلىشلىرى ئارقىلىق مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغان ئوخشايدۇ.

- بۇ ئىشقا كەم دېگەندە ئالتە مىڭ دوللار كېرەك. بار ئاقچاڭ بەش مىڭ ئېكەن. مەيلى، مەن ئۇ كىشىگە سېنىڭ ئەھۋالىڭنى ئېيتاي، ئازراق يېنىكچىلىك قىل، بار ئاقچىسى شۇ ئېكەن، ياردەم قىلايلى، دەپ سوراي. مېنىڭچە ياق دېمەس؟- دېدى ئۇ كىشى. - ساڭا ژا پاسپورت ياسايمىز. ئاشۇ پاسپورت بىلەن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بىرسىگە كېتەلەيسەن. بىزنىڭ ئىشىمىز، سېنىڭ بارلىق ھۆژژەتلىرىڭنى توغىرلاپ، سېنى سامولېتقا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇچرىۋېتىش. ئۇ ياققا بېرىۋالغاندىن كېيىن، قانداق قىلىشىڭ كېرەكلىكى ھەققىدە كېيىن دەيمەن. سەن بىرىنچى ئەمەس، ساڭا ئوخشاش نەچچىسىنى مۇشۇنداق يول بىلەن چىقىرىۋەتتۇق!...

مەن ھە دېگەندە نېمە دېيىشىمنى بىلمەي، تۇغقاننىڭ ئوغلىغا قارىدىم.

- ئەمدى ئۆزۈڭ بىل. مەن مۇشۇنداق قىل ياكى قىلما، دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن. ئاڭلىشىمچە، بۇنىڭدىن باشقا يول يوق ئوخشايدۇ؟ بۇ كىشى ئېيتقاندەك، مۇشۇنداق يوللار بىلەن ياۋروپا ئەللىرىگە ساق- سالامەت چىقىپ كەتكەن نەچچە بالىلارنى بىلىمەن، - دېدى ئۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن مەن ماقۇل بولدۇم.

- ئۇنداق بولسا، كېلىشتۇق، - دېدى ئۇ كىشى. - ئۈچ كۈندىن كېيىن ساات ئون ئىككىدە پالانچى ژايغا كېلىسەن؟ پاسپورتقا سۈرىتىڭ كېرەك؟ سۈرەتكە چۈشىسەن. ئاقچىنىڭ يېرىمىنى ئېلىپ كەل؟- دېدى ۋە تۇغقاننىڭ ئوغلىغا. - بۇ تۇغقانىڭنى ئۆزۈڭ ئېلىپ بار؟- دەپ كېتىپ قالدى.

مەن تۇغقاننىڭ ئوغلىدىن؛

- بۇ ئىشەشلىك ئادەمدۇ؟ ئۇنى ئىلگىرىدىن توناتتىڭمۇ؟- دەپ سورىدىم.

- ياق، بۇرۇن بىلمەتتىم، تونۇماتتىم. تونۇشلار ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈپ تاپتىم. ئۆزۈڭ كۆردۈڭ، ئۆزۈڭ سۆزلەشتىڭ. ئەمدى ئۆزۈڭ بىل؟- دېدى.

- چىراي شەكلىگە، گەپ- سۆزلىرىگە قارىغاندا، يامان ئادەم ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ. ئۆزى مۇسۇلمان تۇرغۇلۇق، بىر مۇسۇلمان مۇساپىرنى ئالدىماس؟- دېگەن گەپنى قىلدىم.

- مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن. تونۇشلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، بۇ كىشىنىڭ ژۇقۇرىدىكى تونۇشى مىقتا ئوخشايدۇ. مۇشۇنداق يوللار بىلەن ۋەتەندىن قېچىپ چىققان بىر نەچچىسىنى چەت دۆلەتلەرگە چىقىرىۋېتىپتۇ. - ئۇ مېنى خاتىرژەم قىلغاندەك بولدى .

شۇنىڭ بىلەن ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ، تۇغقاننىڭ ئوغلى مېنى ئۇ بېگانە كىشى ئېيتقان ژايغا، دېگەن ۋاقىتتا ئېلىپ باردى. ئۇ كىشى كەلدى. ئۇلار مېنى سۈرەتكە چۈشۈرىشتى. ۋەدە بويىچە ئىككى يېرىم مىڭ دوللارنى قولما- قول بەردىم. ئۇ كىشى ئاقچىنى ساناپ ئېلىۋېتىپ؛

- سەن ئەمدى خاتىرژەم ژۈرىۋەر. مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئۆيگە تېلېفون قىلىمەن. قالغان ئاقچىنى مەن ئېيتقان ۋاقىتتا ئېلىپ كېلىسەن؟ بوپتۇ، مەن كەتتىم. ئۇ كىشىگە سۈرىتىڭ بىلەن ئىسىم- فامىلىياڭ، تۇغۇلغان يېشىڭ يېزىلغان قەغەز بىلەن بۇ ئاقچىنى ئاپىرىپ بېرىشىم كېرەك؟- دېدى-دە، كېتىپ قالدى.

شۇنىڭ بىلەن ئارىدىن ئۈچ ھەپتە ئۆتۈپ، ئۇ كىشى تېلېفون قىلدى. ئەتە ساات تۆرتتە شۇ ئىلگەركى ژايغا قالغان ئىككى يېرىم مىڭ دوللارنى ئېلىپ كېلىشىمىزنى ئېيتتى.

تۇغقاننىڭ ئوغلى ئىككىمىز دېگەن ۋاقىتتا باردۇق. ئۇ كىشى ئاقچىنى ساناپ ئېلىۋېتىپ؛

- ئىشلارنىڭ ھەممىسى ژايىدا بولۇۋاتىدۇ. سەن خاتىرژەم بول. بىز سېنى چوقۇم چەت ئەلگە چىقىرىۋېتىمىز. سەن ھازىر بەرىبىر بوش ژۈرىۋاتىسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن، ساڭا پاسپورت ياساۋاتقان ئۇ كىشىنىڭ شەھەرنىڭ سىرتىدا سېلىۋاتقان ئۆي قۇرۇلۇشىغا بىر ئاز ياردەم بېرىشىڭ كېرەك؟ سەۋەب، ئالتە مىڭلىق ئىشنى ساڭا بەش مىڭغا ماقۇل دېدى. - دېگەن گەپنى قىلدى.


داۋامىنى بۇ بەتتىن ئوقۇڭ---



Hosted by uCoz